سىياسىي ساۋاتلار
تەييارلىغۇچى: مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا دۆلەت شەكىللىرى دۆلەتلەر قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن چوڭ جەھەتتىن «يەككە» دۆلەت ۋە «بىرىكمە» دۆلەت دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئا. يەككە دۆلەت يەككە دۆلەت: دۆلەتنىڭ زېمىن، خەلق ۋە ئىگىدارلىق… قاتارلىق ئۇنسۇرلىرى (تەركىپلىرى)؛ شۇنداقلا قانۇن چىقىرىش (پارلامېنت)، ئىجرا قىلىش (ھۆكۈمەت) ۋە سوتلاش (ئەدلىيە)… قاتارلىق ئورگانلىرى نوقتىسىدىن يەككىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان دۆلەت شەكلىدۇر. ئۇنداقتا، يەككە دۆلەتنى «دۆلەتنىڭ ئۇنسۇرلىرى ۋە ئورگانلىرىدا يەككىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە» دەپ تۇنۇساق بولىدۇ. […]