Category: Uncategorized

2020-يىل 28-نويابىر

سىياسىي ساھەدە ئامماپەرەسلىك

ئويچان   بىر سىياسەتچى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە ئوتتەك ھېسسىياتنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما يىتەرلىك ئەمەس. چۈنكى خىلۋەتتە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بىر زاھىدنىڭ ياكى تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەن بىر راھىبنىڭ ئېتىقادى ۋە ھېسسىياتى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە تېخىمۇ چىن. بىر سىياسەتچىدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى جەمئىيەتتىكى چېچىلغان كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئالدىغا نۇقۇل ئېتىقاد ۋە ھېسسىياتنى كۆتۈرۈپ […]

2020-يىل 11-نويابىر

سىياسىي پائالىيەتلەردە ئوبراز قۇرۇلۇشى

ئويچان   يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى مايدىن بۇيان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە زۇلۇم-سىتەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى ۋە يۇقۇرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى. ۋەتەنگە قايتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ۋە خىتاينىڭ چىدىغۇسىز بېسىملىرىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى تۇنۇپ يەتكەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، زالىم خىتايغا قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. بۇ كۆرەشلەر […]

2020-يىل 27-ئۆكتەبىر

پارىژدىكى قاتىللىق ۋە بىزدىكى تەنتەكلىك

– مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پارىژدىكى قاتىللىق ۋەقەسىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش   ئويچان   ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە. – ئۇيغۇر خەلق ماقالى   فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر مۇسۇلمان چىچەن ياشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن بىر فرانسوز ئوقۇتقۇچىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ فرانسىيەدە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى ئەمەس. ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك دە-تالاش بولىدۇ. […]