2020-يىل 27-ئۆكتەبىر

پارىژدىكى قاتىللىق ۋە بىزدىكى تەنتەكلىك

– مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پارىژدىكى قاتىللىق ۋەقەسىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش   ئويچان   ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە. – ئۇيغۇر خەلق ماقالى   فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر مۇسۇلمان چىچەن ياشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن بىر فرانسوز ئوقۇتقۇچىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ فرانسىيەدە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى ئەمەس. ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك دە-تالاش بولىدۇ. […]

2020-يىل 23-دېكابىر

ئاددىيلىق، ئىلمىيلىك ۋە خاسلىق

(ئۆز ئىسمىمدىن تۇغۇلغان ئويلار) ئويچان   ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار. _ ئۇيغۇر خەلق ماقالى   ئىسمىمنى مەھەللىمىزدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاقساقىلىمىز قۇيۇپتىكەن. ئۇ كىشىنى باشقىلار تۇرۇپ «ئابلەت قارىم» دېسە؛ تۇرۇپ «ئابلەق قارىم» دەيتتى. زادى «ئابلەت»مۇ ياكى «ئابلەق»مۇ بىلمەيتتۇق. مەن بۇ قارىمنىڭ نەۋرە تالىپى ئىدىم. قارىمنىڭ قولىدا قارىم بولغان بىر قارىمدا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەن ۋە بىر قانچە پارە قۇرئان يادلىغان. شۇنداقتىمۇ، بۇ بۇۋا ئۇستازىمدىن ئاز-تۇلا تەلىم ئېلىپ […]

2020-يىل 23-دېكابىر

بىر مۇھەببەت ھېكايىسى

ئويچان   2016-يىلى مەن ۋەتەندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئەڭ كىچىك ئۇكام پەيلاسوپلاردەك گەپ قىلىدىغان، ئۈندىدارىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى چىقىرىدىغان بولۇپ قالغانتى. كېيىن بىلسەم ئۇنى «پەيلاسوپ» قىلغان مۇھەببەت ئىكەن. ھېكايە مۇنداق باشلىنىپتۇ. ئۇكامنىڭ بىر ئادىشى قوشنا مەھەللىدىن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. بىراق، كۆڭلىنى ئىزھار قىلالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇكام «توختا مەن دېيىشىپ بىرەي» دەپ، ئۇ قىزنىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىپتۇ. تېلېفوننى بىر قىز ئاپتۇ. – ۋەي، […]

2020-يىل 23-دېكابىر

ئىشىقنىڭ سىرى

ئىلاۋە: تۈركىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ تۈركچە ئۆگېنىۋاتقىنىمغىمۇ ئىككى ئايدەك بولۇپ قالغانىدى. بۈگۈنكى دەرسىمدە تىلى شۇنداق تاتلىق، مەزمۇنىمۇ خېلىلا تەسىرلىك بىر ئىشق ھېكايىسىنى ئۇقۇپ قالدىم. تۇرۇپ كاللامدا بۇ ھىكايىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىستىكى پەيدا بولۇپ قالدى. بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا باشلىدىم. 3-4 سائەت ئۆتمەيلا، بۇ تۈركچە ئىشق ھېكايىسى ئۇيغۇرچە مۇھەببەت ھېكايىسىغا ئايلاندى. قارىسام بىر ئوبدانلا ھېكايە. شۇڭا تورداشلارنىمۇ بەھرىمەن بولۇپ قالسۇن دەپ ئويلۇدۇم…   ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئويچان   […]

2020-يىل 23-دېكابىر

ئىسلام ۋە باراۋەرلىك

ئاپتورى : مۇھەممەد يۇنۇس (尤努思.穆罕默德) تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا   «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز-ئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق  قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر. (13 :49) […]

2020-يىل 23-دېكابىر

ئىسلام ۋە كىشىلىك ھۇقۇق

ئاپتورى : مۇھەممەد يۇنۇس (尤努思.穆罕默德) تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا   «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار» («قۇرئان كەرىم»، 4-سۈرە، 1-ئايەت).   1400 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ ھەقىقەت نۇرى پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ […]

2020-يىل 23-دېكابىر

ئىسلام ۋە دېمۇكراتىيە

ئويچان   بۈگۈنكى دۇنيادا دېمۇكراتىيەدىن ياخشى سىياسىي تۈزۈم يوق. گەرچە دېمۇكراتىيەدە بەزى يىتەرسىزلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، دېمۇكراتىيە يەنىلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سىياسىي تۈزۈم ھېساپلىنىدۇ. ئىسلامغا كەلسەك، ئىسلامدا مەخسۇس بەلگىلەنگەن سىياسىي تۈزۈم يوق. پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ئىسلامنىڭ ئىلغار جۇمھۇرىيەتچىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلى مۇكەممەل بىر سىستېمىغا ئايلانماي تۇرۇپ، مۇئاۋىيە تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. خەلىپىلىك ھەقىقىي مەنىدە ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن تۈگىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق خەلىپىلەر […]