2020-يىل 23-دېكابىر

ئىسلام ۋە كىشىلىك ھۇقۇق

By Oychan

ئاپتورى : مۇھەممەد يۇنۇس (尤努思.穆罕默德)

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا

 

«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار» («قۇرئان كەرىم»، 4-سۈرە، 1-ئايەت).

 

1400 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ ھەقىقەت نۇرى پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭلىرىنى يۇرۇتۇپ كەلدى، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئېنىق ئايرىلدى. ئەمما، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بىز يەنىلا ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىسلام ئۈچۈن نىدا قىلماقتىمىز. چۈنكى، بۈگۈنكى دۇنيادىكى  مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر ئەمەلىيەتتە بىر خىل«غەيرىي ئىنسانىي» تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئۇرۇش، قالايمىقانچىلىق، ئاچارچىلىق، نامراتلىق، كېسەللىك، قالاقلىق، نادانلىق، رەزىللىك، مۇستەبىتلىك، قۇللۇق… قاتارلىقلار خۇددى يۇقۇملۇق كىسەلگە ئوخشاش يەر شارىغا يامراپ، ئادەم ئۆزىنى ئادەمگە  ئايلاندۇرالمىدى. ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى بۇ خىل مەنتىقىسىزلىك، نەزەرىيەسىزلىك ۋە ئەقىلسىزلىك ھالىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنى ئازابلىق ئويلارغا سېلىپ، سۇغۇققانلىق بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قۇيۇق مەنىۋىي تۇمانلىرى ۋە ئەڭ چوڭ سىياسىي ئالدامچىلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ سىياسىيسىنىڭ ئازابلىق ھازىرى ۋە زۇلمەتلىك رېئاللىقىنى كۆرۈپ يىتىپ، « ئىنسان» مەسىلىسىنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.

  1. كىشىلىك ھۇقۇق ھەققىدىكى ئۇمۇمىي قاراش

ئالىملار بىردەك «ئەڭ دەسلەپكى» كىشىلىك ھۇقۇق ئۇقۇمى 14­-16ـ ئەسىردىكى ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشى دەۋرىدە بىخ سۈرگەن، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، كىشىلىك ھۇقۇق نەزەرىيەسى 17-18- ئەسىرلەردىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن (تەبىئىي ھۇقۇق، پۇقرالىق ھۇقۇقى، سىياسى ھۇقۇق)؛ شۇنداقلا 20- ئەسىردىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى- كەينىدە پىشىپ يىتىلىشكە باشلىغان (سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ھۇقۇقلار)؛ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90- يىللىرى يەنىمۇ بىرقەدەر ئىلگىرلىگەن (ئىتىپاقلىق، تېنىچلىق، تەرەققىيات قاتارلىق ھۇقۇقلار). ئۇلارنىڭ بۇ تەھلىللىرى غەرب ۋە ئادەتتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق تەرەققىيات تارىخىغا ماس كېلىشى ئېھتىمال. ئەمما، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇق تەرەققىيات تارىخىغا مۇتلەق ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، يەر شارى مىقياسىدىن قارىغاندا، غەيرىي ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇق ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى يېقىنقى بىرنەچچە ئەسىرلىك ئىش. ھەتتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ يېڭى مۇستەملىكچىلىك كۆرۈلدى. بۈگۈن يەنە يېڭى زومىگەرلىك باش كۆتۈرۈپ، كىشىلىك ھۇقۇق مىسلىسىز زور بۇزغۇنچىلىق، زور دەپسەندە قىلىش ۋە زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى؛ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئېغىر ئار-نۇمۇس، زور چىكىنىش، قاتتىق قالايمىقانچىلىق ۋە چوڭ  مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتتى.

1) كىشىلىك ھۇقۇق ئۇقۇمى ھەققىدە

يېقىنقى نەچچە ئەسىر مابەينىدە، ئامېرىكا- ياۋرۇپادىن باشلاپ، كىشىلەر «كىشىلىك ھۇقۇق» مەسىلىسىنى گۇيا يىپيېڭى نەرسىدەك، بەس- بەستە مۇھاكىمە قىلىشتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلە ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ بولغانىدى. بۇنىڭدىن 1400 نەچچە يىل بۇرۇن (يەنى مىلادىيە 632- يىلى)، مۇكەممەل، مۇنتىزم ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇق سىستېمىسى مەيدانغا كىلىپ، «قۇرئان كەرىم» ۋە«ھەدىس شەرىف»تە تەپسىلىي ۋە ئېنىق بايان قىلىنغان. بۇ بىر ئاسان گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان ھەقىقەت بولۇپ، ئازىراقلا دىينىي ۋە تارىخىي ساۋادى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى بىلىدۇ. ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە ئىنسانىيەتكە ئېنىق قىلىپ شۇنى ئۇقتۇرىدۇ: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر.» (13 :49). ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد  ئەلەيھىسالام مەشھۇر ۋىدالىشىش ھەجىدىكى نۇتۇقىدا ئېنىق شۇنى كۆرسىتىدۇ: «ئاللاھنى تۇنۇش ۋە ئىبادەت قىلىش جەھەتتە، ئەرەبلەر غەيرىي ئەرەبلەردىن، غەيرىي ئەرەبلەر  ئەرەبلەردىن؛ ئاق تەنلىكلەر قارا تەنلىكلەردىن، قارا تەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار، مال- مۈلۈكۈڭلار، شۇنداقلا ئىززەت ئابرويىڭلار مۇقەددەس دەخلى تەرۇزسىزدۇر».

ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بۈگۈن ئۆزلىرىنى ئەڭ  مەدەنىي ۋە تەرەققىي، دەپ ئاتىۋالغان مەنپەئەتپەرەس دۆلەتلەر تېخى يۈز نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا، دۆلەت ئىچىدىكى نۇمۇسسىز قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى. يېقىنقى بىر ئەسىرگىچىلىك غەربلىكلەر ھەر قايسى قىتئەلەردىكى مۇستەملىكىلىرىدە ۋەھشىي، نۇمۇسسىز ئىرقىي كەمسىتىش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، ئىرقىي يۇقۇتۇش، ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىرقىي ئاسمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى بەس-بەستە يولغا قۇيۇشتى. ھەتتا بۈگۈنمۇ، رەزىل ئىرقىي كەمسىتىش  قارىشى ئامېرىكا-ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى-كونا مۇستەملىكىلىرىدىن ئۈزۈل-كىسىل تاراپ كەتكىنى يوق. ئەكىسچە، دەل مۇشۇ «مەدەنىيەتلىكلەر» تۇساتتىن يەرشارى ئىنسانلىرىنىڭ ئىچكى ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قەدىر-قىممىتىنى «ئالدى بىلەن» بايقاپ قالدى. ھەمدە «كىشىلىك ھۇقۇق»نى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارلىشىشنىڭ سىياسىي كوزورى ۋە سەلتەنەتلىك «خەلقئارا قىسىمنىڭ پاسپورتى»غا ئايلاندۇرۇۋالدى؛ شۇنداقلا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى تۇسۇپ، مەنپەئەتىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقان ئاجىز دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھۇقۇقنى باھانە قىلىپ زومىگەرلەرچە قارلاش، تەلۋىلەرچە قاقتى-سوقتى قىلىش ۋە نۇمۇسسىزلارچە قامچىلاشقا ئۇرۇندى.

كىشىلىك ھۇقۇق دېمەك، بىزنىڭ «ئادەم» بولۇش  سۈپىتىمىز بىلەن ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئاساسىي ھۇقۇقىمىز، دېمەكتۇر. گەرچە دۇنيادىكى مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى بىردەك بولمىسىمۇ، ئەمما، «ئىنسان» ئۇقۇمىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىغا نىسبەتەن، ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇملۈق تۈپ ئۆلچەمنى تېپىش تەس ئەمەس. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھۇقۇق ياراتقۇچى ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان ماھىيەت ۋە تەبىئەت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى ۋە مۇقىم مەناسى بىلەن قىممىتىنىڭ تارىختا مەۋجۇت بولغان ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملىىشىپ كەلگەن تۈرلۈك جەمئىيەت، سىياسەت، ئىقتىساد، ھەزارەت، قانۇن، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ئەھۋاللار  ۋە ئاتالمىش مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرلەش مۇساپىسى دېگەنلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. ئوخشىمىغان جەمئىيەت، دۆلەت، مىللەت، ئىرق، سىنىپ، نەسەب، رەڭ، تىل، مائارىپ، بايلىق، ياش، جىنىس ياكى دەۋرلەردە ئوخشىمىغان كىشىلىك ھۇقۇق ئۆلچىمى مەۋجۇت، دەپ قاراشنىڭ ئاساسى يوق. ئۇنداق بولمايدىكەن، چېكىدىن ئاشقان نىسبىيچىلىك سەۋەبىدىن، كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ھازىرقى نۇسخىسىنىڭ تۇراقسىزلىقى ھەتتا ئۈنۈمسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى چۇقۇم.

ناۋادا بەزىلەر مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ بىزنى بىرقىسىم كىشىلىك ھۇقۇقىمىزدىن مەھرۇم قىلىشقا باھانە ئىزدەۋاتقان؛ ياكى بولمىسا نۆۋەتتىكى ئۇسال كىشىلىك ھۇقۇق ۋەزىيىتىنى پەردازلاۋاتقان بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن.

كىشىلىك ھۇقۇق ـ بىر ئادەمنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھۇقۇقى، دەپ قارايدىغان يەنە بىرخىل قاراشمۇ بار. ئەلۋەتتە، جەمئىيەت بولمايدىكەن كىشىلىك ھۇقۇقنى ئەكىس ئەتتۈرگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما، شۇنىمۇ كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، جەمئىيەت بولسىلا چۇقۇم تېخىمۇ كۆپ كشىلىك ھۇقۇقنىڭ بۇلۇشى ناتايىن. بەلكى  مۇتلەق كۆپ ھاللاردا، دەل جەمئىيەتتە ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن كىشىلىك ھۇقۇق ھەل قىلىش تەس ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان.

خۇددى ئەركىنلىك ئالدى بىلەن ھەرىكەت ئەركىنلىكى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەمەس، بەلكى ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە تاللاش ئەركىنلىكىنى بىلدۈرگىنىدەك، كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنى «ئادەم» بولۇش لاياقەتىدۇر، ھەرگىزمۇ رىئالىي گۇمانىتارلىق، شەكىل، تەبىئىي ۋە فىزولوگىيىلىك مۇھىت ئەمەس.

ياراتقۇچى ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان تۇغما ھۇقۇقلار بىر خىل كامالىي پەزىلەتنىڭ گەۋدىلىنىشى بولغاچقا، كىشىلىك ھۇقۇق ئەزەلدىن تۇلۇق تەدبىقلاشقا ئېرىشەلىگىنى يوق، بەلكى ئالدىن كۆرۇپ يەتكىلى بولىدىغان كەلگۈسىدىمۇ تۇلۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ. بىر جەھەتتىن، ئىنساندىكى تۇغما كەمتۈكلۈك كىشىلەرنى بۇ خىل كامالەت چىگراسىغا مەڭگۈ ھەقىقىي رەۋىشتە يېقىنلاشقىلى قويمايدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ئاللاھ ئۆزىنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن ئەقىدە تېخى يەرشارىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئىنسانلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىدى. نەتىجىدە، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇساپىسىگە دەخلى قىلدى. قىسقىسى، ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق ئۈچۈن كۆرەش قىلىش تارىخى پەقەت ئۇلارنىڭ توختاۋسىز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۈزلۈكسىز ياتلىشىشنى يىڭىپ، ئادىمىيلىشىشكە قاراپ مېڭىش جەريانى؛ شۇنداقلا بارغانسېرى ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تۇنۇپ، ياراتقۇچىنىڭ مېھرى- شەپقىتىنى ھېس قىلىپ، ياراتقۇچىغا ئىشىنىش جەريانى.

ئۆتمۈش دەۋرلەردە ياراتقۇچىنى ئىنكار قىلغان ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ كىشىلىك  ھۇقۇقنى ئىنكار قىلغان ئاشۇ دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر جەمئىيەت ۋە جەمئىيەتتىكى شەخىسلەرگە ۋەھشىلەرچە زۇلۇم ۋە زىياكەشلىك قىلىپ، جېنىنىڭ بارىچە ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئادەمگە ئايلاندۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.

نەتىجىدە، شۇ جايلاردىكى خەلق «غەيرىي ئىنسانىي» تۇرمۇش كەچۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەلۇم  مەنىدىن ئېيتقاندا، كىشىلىك ھۇقۇق شەخسىي ھۇقۇق بولسىمۇ، ئەمما، كىشىلىك ھۇقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جەمئىيەت، دۆلەت، ھۆكۈمەت مەسىلىسىنى؛ قانۇن، ئەخلاق، تۈزۈم، قائىدە، ئادەت مەسىلىسىنى، مەدەنىيەت، قىممەت ۋە ئېتىقاد سىستېمىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

2) كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ خارەكتېرى ھەققىدە

(1) كىشىلىك ھۇقۇق بىر خىل تەبىئىي ھۇقۇقتۇر. ئۇمۇمەن، غەرب دانىشمەنلىرىنىڭ قارىشىچە: كىشىلىك ھۇقۇق پەرۋەردىگاردىن كەلگەن نىئمەت، شۇنداقلا بىرخىل ئەزەلىي، تۇغما ھۇقۇقتۇر. شۇڭلاشقا، ئۇنى خۇدا ياراتقان ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىگىچە سۈرۈشتۈرۈپ ئاپىرىش كېرەك. خۇددى «ئىنسان» نىڭ ئۆز مەنىسىنى ئىسپاتلىشىنىڭ ھاجىتى بولمىغىنىدەك، كىشىلىك ھۇقۇقنىڭمۇ ئۆزىنى ئىسپاتلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. تېخى بۇلا ئەمەس، ئادەم كۈچى شۇنداقلا كەڭ تەبىئەتمۇ كىشىلىك ھۇقۇقنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشكە قادىر ئەمەس. كىشىلىك ھۇقۇق ئۆزىدە بار، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان مۇقەددەسلىكى  بىلەن زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمە، بۇيۇنتۇرۇق ۋە قاشا-تاملىرىدىن ھالقىپ كەتكەن. كىشىلىك ھۇقۇقنى يالغۈز پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا، پەقەت ئۇلا تارتىۋالالايدۇ. دۇنياۋىي ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلىرىنىڭ بۇ خىل ھۇقۇقنى بىرىش سالاھىيىتىمۇ ۋە بۇ خىل ھۇقۇقتىن مەھرۇم قىلىش ئىمتىيازىمۇ يوق. خۇداسىز (ئاتېئىزىمچى)غا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، پەقەت ئۇ، ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىنى ئېتىراپ قىلسىلا، كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ تۇغۇلۇش بىلەن تەڭ كەلگەنلىكىنى ۋە ئوبيېكتىپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ. شەكىل ۋە ئۇقۇم نوقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئىككى خىل قاراشنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش.

(2) كىشىلىك ھۇقۇق بىرخىل ماھىيەتلىك ھۇقۇقتۇر. كۆرستىش كېرەككى، كىشىلىك ھۇقۇق ئۇقۇمى «ئادەم» ئۇقۇمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ قارىشىچە: ياراتقۇچى كىشىلىك ھۇقۇقنى ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن، شۇڭا كىشىلىك ھۇقۇق بىرخىل تۇغۇلۇشتىنلا مەۋجۇت، ئىچكى، مۇقىم، تەبىئىي ھۇقۇقتۇر. بارلىق ھۇقۇقلار روھلۇق ئەركىن شەكىلدىكى تەقدىرگە يىلتىز تارتىپ، مۇتلەق قىممەت ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىغان يۈكسەك پەللىگە يەتكەن. كىشىلىك ھۇقۇق ئىنساننىڭ تەقدىرى ۋە روھىدا مەۋجۇت بولغاچقىلا، ئىنسان ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى ھەقىقىي ئادەمگە ئايلاندۇرالايدۇ. دەل بۇ خىل ماھىيەتلىك ھۇقۇق مەۋجۇت بولغاچقىلا، ئادەتتىكى ساۋاتلار بۇيىچە پەرقلىنىدىغان بارلىق سىرتقى شەخسىي نوقسانلار ئەمدى ھېچقانداق ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. بىر خىل ماھىيەتلىك ھۇقۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇددى ئادەم بولۇش سالاھىيىتى ھەرقانداق ئەھۋالدا يۇقۇتۇۋېتىلمىگىنىگە ئوخشاش، كىشىلىك ھۇقۇقمۇ شەخىسنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلمەيدۇ، ھەمدە سىرتقى كۈچنىڭ تاجاۋۇزى بىلەن يۇقاپ كەتمەيدۇ. كىشىلىك ھۇقۇقنى يا تاشلىۋەتكىلى، يا تارتىۋالغىلى بولمايدۇ، قەيەردە كىشىلىك ھۇقۇق نىسبەتەن مۇكەممەل ئەمەلىيلىشىدىكەن، شۇ يەردە ھەقىقىي ئادەملەر بولىدۇ؛ قەيەردە كىشىلىك ھۇقۇق بولمايدىكەن  ياكى ناھايىتى ئاز بولىدىكەن، شۇ يەردە كىشىلەر غەيرىي ئىنساندەك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ياكى ئۇ يەردە ئەسلا ئىنسان بولمايدۇ.

دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كىشىلىك ھۇقۇق كونكېرت  شەخىسنىڭ سوبيېكتىپ خاھىشى ۋە ھۆكمىگە تەڭ ئەمەس، ئىستىبدات جەمئىيەتتە ئۇزاق مۇددەت تۇرمۇش  كەچۈرگەن  كىشىلەر زۇلۇم-ستەمگە ئۇچراۋېرىش  نەتىجىسىدە، بىلىپ تۇرۇپ بىر خىل ئەخلاقىي جەھەتتە چىرىك، روھىي جەھەتتە قۇل، ۋىجدانىي جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە خورلاش خاھىشىغا ئىگە كېسەل شەخسلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇكىشىلەر ماھىيەتتە ئەركىن  بولمىسىمۇ، ئۆزىنى ئەركىن، دەپ  ئويلايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئۇلار ئېچىنىشلىق قۇللار ۋە ئېغىر دەرىجىدە ياتلاشقان كىشىلەردۇر. شۇڭلاشقا، ھەقىقىي ئېچىنىشلىقى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ كەم بولۇشى ئەمەس، بەلكى شەخىسنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقنى تۇنۇشىنىڭ كەم بولۇشى ۋە قۇللۇق ھالىتىنى ئېتىراپ قىلىشى، ھەتتا مەدھىيلىشىدۇر؛ ھەقىقىي تېراگىدىيە دەپ ئويغىنىشتىن قوزغالغان تۈگىمەس ئازابنى ئەمەس، ئەكىسچە ياتلىشىشتىن كىلىپ چىققان بىھۇشلۇقنى دېگۈلۈك.

(3) كىشىلىك ھۇقۇق بىرخىل خۇسۇسىي ھۇقۇقتۇر. كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ بىر خىل ئىجتىمائىي ھۇقۇق ئەمەس، بەلكى خۇسۇسىي ھۇقۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ خاراكتېرى بەلگىلىگەن. غەرب ئاقىللىرىنىڭ قارىشىچە، مۇتلەق مەنىدىكى ئەڭ ئالىي تەبىئىي ھۇقۇق باشقىلارنىڭ ئۆزى-ئۆزىگە پايدىلىق، دەپ قارىغان ھەممىنى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش دېمەكتۇر. كۆرىۋاتقىنىمىزدەك، ئارىمىزدىكى ھەر بىر شەخىس شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئادەمگە ئايلاندۇرالايدۇ. جەمىئيەتكە كىرىش-كىرمەسلىك زۆرۈر شەرت ئەمەس، گەرچە بىز تا ئۆلگىچە كىشىلەردىن ئايرىلىپ، يالغۇز ياشاپ، تەركىي دۇنيا بولۇپ كەتسەكمۇ، بۇ بىزنىڭ ئادەم بولۇشىمىزغا دەخلى قىلمايدۇ، چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ھەقىقىي ئادەمگە ئايلاندۇرۇشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئىجتىمائىي ئادەمگە، سىياسىي  ئادەمگە، ئىقتىسادىي ئادەمگە ۋە باشقا بىر نېمە ئادەمگە ئايلاندۇرۇشىمىزنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي ئادەم بولۇشنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىدىن دېرەك بىرىشى ناتايىن. ھەقىقەتتە، جەمىئيەت ھەم كىشىلىك ھۇقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ھەم كىشىلىك ھۇقۇققا چېقىلىپ، نابۇت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسانىيەتنىڭ جەمىئيەتكە كىرىشتىكى مەقسىدى ئۆزىنىڭ شارائىتىنى بورۇنقىدىنمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىش ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىنى بۇرۇنقىدىنمۇ كېمەيتىۋېتىش تېخىمۇ ئەمەس؛ دەل ئەكىسچە، بىر ئادىل تەرتىپ ئورنىتىپ، ئۇنىڭ سايىسىدا ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە شۇنىڭغا تايىنىپ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھۆرلۇك ۋە بەخىتنى ئىزدەش ئۈچۈندۇر.

ئەمەلىي ھەرىكەتتىن قارىغاندا، كىشىلىك ھۇقۇق بەزى ھاللاردا بىرخىل كوللىكتىپنىڭ ياكى توپنىڭ ھۇقۇقى بولۇپ ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ماھىيىتى بىلەن زىت ئەمەس، سەۋەب: ئالدى بىلەن  بارلىق جامائەت ۋە توپنىڭ ھۇقۇقى شەخىسنىڭ ھۇقۇقىنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن  قالسا ئالاھىدە  ئەھۋالدا، پەقەت  كوللىكتىپنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدىغاندىلا، ئاندىن ئەسلىدىكى شەخىسنىڭ ھۇقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بۇلىدۇ؛ يەنە كىلىپ، كوللىكتىپنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش، ئاشۇ كوللىكتىپ شارائىتتىلا ئەكس ئىتەلەيدىغان شەخىسنىڭ ھۇقۇقىنى كېڭەيتىشى ۋە تەرەققىىي قىلدۇرۇشى مۇمكىن. جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتى پەقەت شەخىسنىڭ ئەخلاق، قانۇن مۇناسىۋىتىدىكى تەرتىپلىك بىرىكىشى خالاس. ئۇمۇمەن، كوللىكتىپنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدى شەخىسنىڭ ھۇقۇقۇقىنى قوغداشتىن  ئىبارەت.

(4) كىشىلىك ھۇقۇق بىر خىل ئۇمۇمىي ھۇقۇقتۇر. كىشىلىك ھۇقۇق ئىنسانىيەت پەقەت ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئېرىشىشكە تېگىشلىك، ھەممە ئادەم باپ-باراۋەر بەھرىمەن بولىدىغان ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇد ھۇقۇقتۇر، بۇ خىل ئۇمۇمىيلىق شۇ يەردىكى، ئنسانىيەت بىر كۈنلا مەۋجۇد بولىدىكەن، كىشىلىك ھۇقۇق زامان ۋە ماكاننىڭ ھەر قانداق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، يەنى كىشىلىك ھۇقۇق كىشىلەرنىڭ قانداق دۆلەت، جەمئىيەت، مىللەت، ئىرق، توپ، ھەزارەت، مەدەنىيەت ۋە دەۋردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر بىر شەخىس باراۋەر، ئۇمۇميۈزلۈك بەھرىمەن بولىدىغان ئورتاق ھۇقۇقتۇر. ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئەخلاقنىڭ كۆپ خىللىقى كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئۇمۇمىيلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ، خۇددى ئۇلار ئىنسانلىقنىڭ ئۇمۇمىيلىقىنى ئىنكار قىلمىغىنىغا ئوخشاش.

(5) كىشىلىك ھۇقۇق بىرخىل ئەخلاقىي ھۇقۇقتۇر. شەك يوقكى، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت يوق ئىلگىرىكى دەۋرلەردىمۇ كىشىلىك ھۇقۇق بار ئىدى. كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، دۆلىتى، ھۆكۈمىتى ۋە ئىنسانىي قانۇندىن ئىلگىرىلا مەۋجۇتلۇقى، كېيىنكى كونكېرت مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئەخلاق پىرىنسىپى ئەمەس، بەلكى بىرخىل ئەزەلىيلىك ۋە ئۇمۇمىيلىققا يىلتىز تارتقان ئەخلاقىي پرىنسىپ ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ماھىيىتىدىن بەلگىلەنگەن. بۇ خىل مۇقەددەس ئەخلاق پرىنسىپى دۇنياۋىيلىقتىن  كەلگەن ئورتاق ئەخلاق مىزانى، سۈنئىي قانۇن، ياكى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆزى ئۆلىدىغان ئۆرپ –ئادەت ئەمەس؛ ئەكسىچە،  ئۇ دۇنياۋىي قانۇن، تۈزۈم، ئەخلاق ۋە ئۆرپ-ئادەتنىڭ تەبىئىي ئاساسىنى سالدى ۋە بۇلارنى ئاساسلىق، نۇپۇزلۇق ھەم سىستېمىلىق، ئۆلگىلىك ئۆلچەم بىلەن تەمىنلىدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، كىشىلىك ھۇقۇق (HUMAN RIGHTS) پۇقرالىق ھۇقۇقىCIVIL)                        (RIGHTSدىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان، ھەم پۇقرالىق ھۇقۇقىنىڭ مۇقەددەس ئاساسى ۋە ئەخلاقىي مىزانىنى تۇرغۇزغان.

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئىلاھىي قانۇن ساماۋىي ئەخلاقتىن، ساماۋىي ئەخلاق دۇنياۋىي ئەخلاقتىن، دۇنياۋىي  ئەخلاق ئىنسانىي قانۇندىن ئاۋال پەيدا بولغان  ھەم  مەۋجۇت ئىدى. ئىسلامنىڭ ئىلاھىي قانۇنى ئەخلاقلاشقان، مۇقەددەس ئەخلاقمۇ قانۇنلاشقان، ھەمدە ئۇلار بىرلىشىپ دۇنياۋىي قانۇن ۋە دۇنياۋىي ئەخلاقنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى ۋە مۇقەددەس ئولىنى سالغان. بۇ خىل مەنىدىن ئېيتقاندا، كىشىلىك  ھۇقۇق پەقەت بىرخىل ئەخلاقىي ھۇقۇق بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل ئىلاھىي قانۇنىي ھۇقۇقتۇر، كۆرسىتىش كېرەككى، دۇنياۋىي جەمئىيەتتە ئىلاھىي قانۇنغا ئۇيغۇن ئىنسانىي قانۇن ۋە ئەخلاقلا كىشىلىك ھۇقۇققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئىلاھىي قانۇنغا خىلاپ ئىنسانىي قانۇن ۋە ئەخلاققا كەلسەك، ئاشۇ رەزىل قانۇن ۋە بۇزۇق ئەخلاقنىڭ ئۆزىمۇ ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئادىمىيلىككە زىت ئىپلاس نەرسە بولۇپ، كىشىلىك ھۇقۇقنى قوغداشقا يارىمايدۇ؛ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىي ساھەسىنى يۈكسەلدۈرىمەن دېيىشى، ئەلۋەتتە، قۇرۇق گەپ.

(6) كىشىلىك ھۇقۇق بىرخىل ئەڭ تۈۋەن ئەخلاق ئۆلچىمىدىكى ھۇقۇقتۇر. شۈبھىسىزكى، ناۋادا كىشىلىك ھۇقۇق بىر خىل غايىۋىي ۋە ئەڭ يۈكسەك ئەخلاق ئۆلچىمىدىكى ھۇقۇق بولغان بولسا، ئۇ چاغدا، مەدەنىيەت، ئەخلاق، ۋە ماددىي سەۋىيەنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە كۆپ خىللىقى كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ تۈپكى ئۆلچىمى ۋە ئورتاقلىقىنى يۇقۇتۇپ، ئۇنى بىر خىل تۇتقىلى، ئۆلچىىگىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، نەتىجىدە،  بۇ ئۇقۇم ئىچكى مەناسى ۋە سىرتقى مۇقۇملۇقى، بەقارارلىقىنى يۇقاتقان بۇلاتتى. شۇنداقتىمۇ ئەڭ تۈۋەن ئۆلچەم جەھەتتىن، زور تالاش-تارتىش ۋە ئەيىبلەشتىن خالىي بولمىقى تەس. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئەڭ تۈۋەن ئەخلاق ئۆلچىمى ھەر قانداق بىر دۇنياۋىي تارماق مەدەنىىيەت قىممەت سىستېمىسىدىن كەلمەستىن، ئەكىسچە، ئورتاق ۋە مەڭگۈلۈك ئىلاھىي قانۇننىڭ مۇقەددەس ئۆلچىمىدىن كەلگەن. بىر دۇنياۋىي مەدەنىيەت سىرتقى زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچىمىنى باشقىلارغا تاڭالىسىىمۇ، بۇ خىل ھەقىقەت  ئۇنى مۇقەددەس ئۇمۇمىي ئۆلچەم بىلەن ھەرقانداق باغلىنىشقا ئىگە بولغىلى قويمايدۇ.

گەرچە مۇقەددەس ئەخلاق ئۆلچىمى ھەمىشە دۇنياۋىي ھەزارەت ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىىللىقى تۈپەيلى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىسىمۇ ياكى تۇنجۇقۇپ قالسىىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا بارلىق جەمئىيەت، دۆلەت ۋە دەۋرگە ماس كىلىدۇ، شۇنداقلا ھەزارەت، مەدەنىيەت، قىممەت قاراشلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئوخشىماسلىق دەرىجىسىگە قارىتا  ئەخلاق چىگرىسى سىزىپ بەردى. مۇبادا بىر خىل دۇنياۋىي مەدەنىيەت ئۆلچىمى مۇقەددەس ئەڭ تۈۋەن ئۆلچەمدىكى ھۇقۇققا چېقىلىش ياكى ئۆزگەرتىشكە يول قويسا، ئۇنداقتا، شەكسىزكى، بۇنداق دۇنياۋىي ئۆلچەمدە ئەخلاق ۋە ئادالەت جەھەتتىن زور نوقسان ساقلانغان بولۇشى مۇقەررەر. مۇشۇنداق بولمىغاندىمۇ، مۇقەددەس ئەڭ تۈۋەن ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك ماس كىلىشچانلىقى ئاساسىي ھۇقۇقلاردىن سىرت، كېڭەيگەن ھۇقۇقلارنى ئۇمۇميۈزلۈك ئېتىراپ، ھۆرمەت ۋە قوغداشقا نائىل قىلىدۇ. كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ سىياسىي جەھەتتە پۇقرالىق ھۇقۇقى ۋە سىياسىي ھۇقۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇقەددس ئولىنى سېلىشى، ھەمدە مۇشۇ سەۋەبتىن سىياسىي ھۇقۇقنىڭ قانۇنلۇق چىگراسى ۋە ئاخىرقى چېكىگە ئايلىنىشى ئۇنىڭ ماھىيىتىدىن كەلگەن.

  1. ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكى

دەرۋەقە، « كىشىلىك ھۇقۇق» دېگەن بۇ ئاتالغۇ يېقىنقى زامان غەرب كاپىتالىزىم مەدەنىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، «تۇغما ھۇقۇق» ياكى« تەبىئىي ھۇقۇق» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشىدىن مەيدانغا كەلگەن. دېمەك، «كىشىلىك ھۇقۇق» بىزنىڭ كىشى (ئادەم،ئىنسان) بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تەبىئىي سالاھىتىگە تايىنىپ ئىگە بولغان ئەخلاقىي ھۇقۇقتۇر. ئاللىقاچان كۆرسىتپ ئۆتكىنىمىزدەك، «كىشىلىك ھۇقۇق»نىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى توغرۇلۇق، بۇندىن 1400 نەچچە يىل بۇرۇن، «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»تە ئىنتايىن ئۇچۇق بايانلار بىرىلگەن. شۇڭلاشقا،«كىشىلىك ھۇقۇق»نى غەربلىكلەرنىڭ پاتېنتى، مۇسۇلمانلارنىڭ «كىشىلىك ھۇقۇق»نى مۇھاكىمە قىلىشى خەقلەرنىڭ سەنىمىگە دەسسىگەنلىك، ئەجنەبىيلەرگە چۇقۇنغانلىق، دەپ قارىماسلىق ھەم «كىشىلىك ھۇقۇق» ئاتالغۇسى بىلەن ئپادىلەش ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ساپلىقىغا ئازدۇر-كۆپتۇر زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپمۇ ئەنسىرەپ كەتمەسلىك كېرەك. «كىشىلىك ھۇقۇق» پەقەت ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇد بولغان، ئەمما تېخىچە ئاتالغۇسى قېلىپلىشىپ بولالمىغان مۇقەددەس ئىدىيەگە قۇيۇلغان قۇلايلىق نام خالاس.

تۈۋەندىكى بايانلاردىن بىز كىشىلىك ھۇقۇقنى چوڭ جەھەتتىن، «ئەسلىيەت تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇق» ۋە «تەرەققىيات تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇق»، دەپ ئىككىگە ئايرىساق بولىدۇ. ئەسلىيەت تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇق دېگىنىمىز، ئۇمۇمەن كەم بولسا ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ قىسىم ياكى ئاساسلىق ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇغما ھۇقۇقنى كۆرسىتىدۇ. تەرەققىيات تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇق گەرچە كەم بولسىمۇ، ئۇدۇل ئادەمنى ئادەم بۇلۇشتىن توسمايدۇ؛ ئەمما ئادەمنى ئەسلىيەت تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇققا چېقىلىدىغان سىرتقى كۈچكە قارىتا ئۈنۈملۈك مۇداپىئە سېپىلىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىجتىمائىي ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. مۇبادا ئەسلىيەت تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇقنى بەدەننىڭ يۈرىكى دېسەك، ئۇنداقتا، تەرەققىيات تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇق بەدەننىڭ ئىمونت سىستېمىسى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى خىل ھۇقۇق ئوتتۇرىسىدا ئېنىق ھاڭ يوق. گەرچە ئەسلىيەت تىىپىدىكى كىشىىلىك ھۇقۇقنىڭ يادرولۇق مەنىسى «يۈرەك» ئەڭ تۈۋەن ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئەڭ تۈۋەن ياشاش ئۆلچىمى بىلەن چەكلەنسىمۇ، ئەمما كەڭ مەنىسى (پۈتۈن بەدەن) بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان سىرتقى كېڭىيىش جەھەتتىن، ئەڭ تۈۋەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ كەتكەن قىسمەن مۇقەررەرلىكى تەرەققىيات تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇق (ئىمونت» سىستېمىسى بىلەن چەمبەر-چاس باغلانغان. مەزكۇر ماقالىدە، ئون خىل ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇق مىىسال قىلىنىپ سۆزلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ياشاش ھۇقۇقى، مۈلۈك ھۇقۇقى، ئابروي ھۇقۇقى، ئەركىنلىك ھۇقۇقى، باراۋەرلىك ھۇقۇقى ئەسلىيەت تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇققا؛ نىكاھ ھۇقۇقى، بىلىىش ھۇقۇقى، ئەمگەك ھۇقۇقى، سىياسىي ھۇقۇقى، ئىتتىپاقلىق، تېنىچلىق ۋە تەرەققىيات ھۇقۇقى قاتارلىقلار تەرەققىيات تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇققا مەنسۇپ.

ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى دېگەن، مېنىڭ قارىشىمچە، ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن قانۇن بۇيىچە بەھرىمەن بولۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساسىي سالاھىيەت ھېسابلىنىدىغان تەبىئىي كىشىلىك قەدىر-قىممەت ۋە ئەخلاقىي ھۇقۇقتۇر. ئىسلامنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق قارىشى ئاللاھ ئىنساننى يارىتىشتىن بۇرۇن مەۋجۇت ئىدى، ئاللاھ ئىنساننى يارىتىش ئەسناسىدا ئەمىلىيلىشىشكە باشلاپ، رىئال كىشىلىك ھۇقۇققا ئايلاندى. ئىنسانىيەت زېمىندىكى خەلىپىلىك (ۋاكالىتەن باشقۇرۇش) ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە يۈرگۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ قىيامىتى يىتىپ كەلگەندە ئاخىرلىشىدۇ.

ئالدى بىلەن، ئادەمنى ئاللاھ ياراتقان، ئادەم يارىتىلغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئىززەت-ئابرويى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتى بار بولغان. كىشىلىك ھۇقۇق ئىنساننىڭ ماھىيىتى ئىچىگە جايلاشقان. «ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: ‹مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن، ئۇنى  مەن  راۋۇرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تۇلۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار›» (72-71 :38). ئۇنىڭدىن قالسا، ئادەم ئاللاھ كۆرسەتكەن زېمىننىڭ خەلىپىسى (ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىسى)، ئۇ ئاللاھنىڭ قانۇنى بۇيىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى شەرت، ئۇنىڭ ھەم كىشىلىك ھۇقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ھەم مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. «ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: ‹مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئۇرۇنباسار) يارىتىمەن› دېدى» (30 :2). ئەڭ ئاخىرىدا، زېمىننىڭ خەلىپىلىكىنى ئۈتەۋاتقان مەزگىلدە ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئەڭ ئاخىرقى سوتنى قۇبۇل قىلىشى مۇقەررەر. «سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى-يامان) ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تۇلۇق  كۆرىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى  ياخشى ئەمەلى كېمەيتىلىپ، يامان ئەمەلى كۆپەيتىلمەيدۇ)» (281 :2).

1. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بىۋاستە ئاتا قىلغان، ھەر قانداق شەخىس، كوللىكتىپ، پارتىيە، سىنىپ، ھۆكۈمەت ياكى دۆلەت ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىنىشقا مۇھتاج بولمايدىغان، ئاللىقاچان تەبىئىي مەۋجۇت بولغان ھۇقۇق، ھەرگىزمۇ ھەر قانداق شەخىس، كوللىكتىپ، پارتىيە، سىنىپ، ھۆكۈمەت ياكى دۆلەت قانۇنلۇق ھالدا تارتىۋالسا ياكى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدىغان ھۇقۇق ئەمەس. پەقەت ئاللاھلا بىرىش ياكى تارتىۋېلىش ھۇقۇقىغا ئىگە. دۇنياۋىي ھۆكۈمەتلەر ۋە ئىنسانىي قانۇنلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقنى بىرىش سالاھىيىتىمۇ ۋە تارتىۋېلىش ھۇقۇقىمۇ يوق. ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى پەقەت ئاددى ھالدا سىرتقى سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ھەرىكەت شەكلىدە ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى دىينىي ئىتىقادى، ئېتىكا ئەخلاقى، سىياسىي روھى ۋە پەلسەپىۋىي قارىشىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

«تۇغۇلۇش بىلەن تەڭ كەلگەن» دېيىش بىر خىل تۇتامى يوق، مۈجمەل قاراشتۇر. «تەبىئىي ھۇقۇق» ۋە ئادەتتىكى«كىشىلىك ھۇقۇق» نەزەرىيەسىنىڭ تۇتۇق ئىلاھىيەتچىلىك نەزەرىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ كۆپلىگەن يازغۇچىلار خىيال قىلغان، ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشقا تولغان ئاتالمىش «تەبىئىي ھالەت»تىن ياكى ھايۋان سۈپىتىدىكى ئاتالمىش «تەبىئەت ئادىمى» نىڭ تەبىئىي ئىقتىدارىدىن ۋە ياكى باشقا مەلۇم ئالاھىدىلىكتىن كەلگەن بولماستىن، ئەكىسچە ئاللاھ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھۇقۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلىك  ھۇقۇق ھەرگىزمۇ كىشىلەر مەلۇم دۇنياۋىي نۇپۇزغا مۇتلەق بويسۇنۇش ياكى مەلۇم دۇنياۋىي قانۇن-تۈزۈمگە مۇتلەق رىئايە قىلىش ياكى مەلۇم دۇنياۋىي سىياسىي تەرتىپكە مۇتلەق ئەمەل قىلىش بەدىلىگە ئېرىشىدىغان دۇنياۋىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىلتىپاتى ئەمەس.

2. ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى سۈنئىي، كىيىنكى، ئىجتىمائىي ھۇقۇق بولماستىن، بەلكى بىر خىل تەبىئىي، ئەزەلىي، خۇسۇسىي ھۇقۇقتۇر. ئۇ پۇقرالىق سالاھىيەتتىن ئەمەس، كىشىلىك قەدىر-قىممەتتىن دېرەك بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە پۇقرالىق ھۇقۇقىنىڭ تەبىئىي ئاساسىنى تۇرغۇزدى. ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقىنىڭ ئادەمنىڭ ئىچكى ئىززەت-ئابرويى ۋە قەدىر-قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئادەمگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ تۈپكى ئالامىتى. مەيلى بىرەر دۆلەت ياكى جەمئىيەت ئېتىراپ قىلسۇن-قىلمىسۇن، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى ھامان مەۋجۇت. ئەمما، پەقەت دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندىلا، ئاندىن رېئالىي ھۇقۇققا، ئەمەلىي ھۇقۇققا ۋە ھازىرقى ھۇقۇققا ئايلىنىپ، تاشقى دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

3. ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى پەقەت ئادەم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئادەمنىڭ ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىشىنىڭ بەكرەك ئالدىنقى شەرتى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، كىشىلىك ھۇقۇق كېلىش مەنبەسى، ئۇسۇلى، شەكلى ۋە مەقسىدى جەھەتتىن، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان بىرخىل مۇقەددەس ھۇقۇققا ئايلاندى.

ئالدى بىلەن، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى خاراكتېر جەھەتتە خۇدانىڭ ئىلتىپاتى ۋە بۇيرۇقى دائىرسىگە مەنسۇپ، ئۇ پەقەتلا خۇدانىڭ باشقا ئىلتىپاتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، باشقا بۇيرۇقلىرىنى ئىجىرا قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن مەۋجۇت بولغان خۇدانىڭ ئاساسىي ئىلتىپاتى ۋە بۇيرۇقىدۇر. ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى بولمايدىكەن ئادەم بولۇشنىڭ تۈپ لاياقىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ ئىجتىمائىي سىياسىي ھۇقۇقتىن ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بەختىنى تېپىشتىن ئالدىراپ سۆز ئېچىش تېخىمۇ قۇرۇق گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ تۈپ  مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى دەل ئۇنىڭ  مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تۇلۇق، قانۇنلۇق بەھرىمەن بولۇپ، خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجىرا  قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا خۇدانىڭ رازىلىقى  ۋە ئىككى دۇنيالىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلغانلىقىدا.

ئۇنىڭدىن قالسا، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقىنىڭ شەكلى «ئادەم» بولۇپ، تارىختىكى ۋە ھازىرقى مۇسۇلمانلار جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئاللاھ ياراتقان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى، ئاللاھ بىكىتكەن كەڭ زېمىننىڭ خەلىپىسى. بۇ «ئادەم» نە باشتۇڭ قۇلدار ئەمەس، نە كىشىلىك قەدىر-قىممەت ۋە ئىززەت-ئابرويىنى يۇقاتقان قۇل ئەمەس، شۇنداقلا مەلۇم كۈچ، ماددا ياكى ئاڭ، تۇنۇش تەرىپىدىن ياتلاشتۇرۇلغان نەرسىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، نۇرمال ئادەم، مۇكەممەل ئادەم ۋە ئاددىي مەنىدىكى ئادەم.

يەنە كىلىپ، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇمۇميۈزلۈك مۇناسىب كىلىدىغان، ھەممە ئادەم ئورتاق، باراۋەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھۇقۇق، ھەرگىزمۇ ئىنسانلار ئىچىدىكى مەلۇم شەخس ياكى ئالاھىدە توپ يالغۇز ئىگىلىۋالسا بولىدىغان ئالاھىدە ھۇقۇق ئەمەس. پەقەت بىر ئادەم مۇسۇلمان بولغاندىلا، ئاندىن مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك، ساپ ئادەمگە ئايلىنىپ، كىشىلىك ھۇقۇقنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ، پۇختا ئىگەللەپ، تۇلۇق بەھرىمەن بولايدۇ. كىشىلىك ھۇقۇق بىر خىل باراۋەر، ئۇمۇمىي ۋە ئەخلاقىي ھۇقۇق بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت چىگراسى، دەۋرى يوق، ھەر قانداق ئىنسان تۈزگەن قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە جاكارلىشىغا مۇھتاج ئەمەس.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقىنى ئاساسلىق كۈتۈرۈپ تۇرىدىغان ئورۇن شەخىس، ئەكىسچە توپ، كوللىكتىپ، گوروھ، قاتلام، سىنىپ، جەمئىيەت ياكى دۆلەت ئەمەس. ئاساسىي، ئەسلىي كىشىلىك ھۇقۇقنى پارچىلىغىلى، تاشلىۋەتكىلى، ئىش قوشقىلى، ئۆتۈنۈپ بەرگىلى ۋە ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ؛ يۆتكىۋەتكىلى، ئالماشتۇرغىلى، زىيان يەتكۈزگىلى، ئىناۋەتسىز قىلغىلىمۇ بولمايدۇ؛ ئەمەلدىن قالدۇرغىلى، تارتىۋالغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، شەخس مەقسەد، جەمئىيەت ۋاستە؛ شەخىس رىئالىي، جەمئىيەت خىيالىي. شەرىئەت نۇقتئىينەزەرىدىن قارىغاندا، كوللىكتىپ ئىبادەتكە يەككە ئىبادەتكە قارىغاندا ھەسسىلەپ كۆپ ساۋاب بىرىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، يىغىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ  پەقەت شەخىس بىلەنلا ھەقىقىي تۈردە ئالاقە قىلىدۇ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا، بىر ئادەمنىڭ روھى مۇتلەق يىگانىدۇر، گەرچە ئۇنىڭ ئەتىراپىدا يېقىن دوسلىرى بولسىمۇ ياكى ھەر قانداق كۈلەمدىكى زېمىن-بايلىققا ئىگە بولسىمۇ ۋە ياكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، نەۋرە- چەۋرىلىك بولۇپ كەتسىمۇ، بۇ خىل ماھىيەتتىكى يىگانىلىك ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مۇبادا بىز ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بۇ مەسىلىنى ئاڭلىق تۇنۇپ يىتەلمىسەك، ئۇنداقتا بىر ئادەمنىڭ ھايات-ماماتلىق پەيىتلىرىدە، بۇ خىل يىگانىلىق روشەن ئىپادىلىنىدۇ، خامۇش، گالۋاڭ ئىنسانمۇ قايتا بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايدۇ. ھۇقۇق جەھەتتە، شەخىس تۇغما ئەقلىي ۋە ئەركىن ئىرادىسى سەۋەبلىك ئۆز قىلمىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تۇلۇق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، باشقىلار نە ئۇنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىشىپ بىرەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭ ساۋابىدىن بەھرىمەن بولۇشۇپ بىرەلمەيدۇ. ئەمما، شۈبھىسىزكى، شەكىل جەھەتتىن شەخىسنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈن، ئىسلام كوللېكتىپنىىڭ ھۇقۇقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئاكتىپ قوغدايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، شەخسنىڭ ھۇقۇقى ۋە كوللېكتىپنىڭ ھۇقۇقىنىڭ ماس تەڭپۇڭلۇق ۋە دىئالىكتىك بىرلىككە يىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

4. ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇق ھەم بىرخىل ئەخلاقىي ھۇقۇق ھەم بىرخىل ئىلاھىي قانۇنىي ھۇقۇقتۇر. كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ئىسلام قانۇنىنىڭ خاراكتېرىدىن بەلگىلەنگەن. چۈنكى ئىسلام قانۇنى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى بىرلىشىپ كەتكەن. دۇنياۋىي سوت ئۇچۇق ئەل-ئارا ۋە جىنايىي ئىشلار تالاش-تارتىشىنى قۇبۇل قىلىپ ھەل قىلغان بىلەن، ئىلاھىي قانۇن بارلىق پىسخىك، ئىدىيىۋىي، روھىي، غەرەزىي، ۋىجدانىي، ۋە ئەمەلىي ياخشى-يامان قىلمىشلارغا ئادىل، ئۇمۇميۈزلۈك، توغرا مۇكاپات-جازا بىرىدۇ. بۇ خىل ئەخلاقىي ھۇقۇق ۋە ئىلاھىي قانۇنىي ھۇقۇق بىرلىشىپ دۇنياۋىي قانۇن- تۈزۈمنىڭ مۇقەددەس ئولىنى سالدى، ھەرگىزمۇ ئەكىسچە ئەمەس. ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇق ئاللاھنىڭ باشقا نىئمەتلىرى ۋە بۇيرۇقلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ ھەممىسىى«قۇرئان كەرىم»ۋە«ھەدىس شەرىف»تىن كەلگەن. ئۇنىڭ مەزمۇن شەكلى ۋە ئەمەلىيلىشىش تەرتىپى بىردەك قانۇنلۇق  ئوتتۇرىغا چىققان، شۇڭا ئۇ ئۆزى خالىغاننى قىلىش ئەمەس، شۇنداقلا ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇشمۇ ئەمەس.

5. ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇق پاسسىپ كىشىلىك ھۇقۇق بولماستىن، بەلكى بىر خىل ئاكتىپ كىشىلىك ھۇقۇقتۇر. بۇ ئالدى بىلەن، ئۇنىڭ ئەڭ باشتا كىشىلىك ھۇقۇقنى ئەخلاق شەكلى بىلەن ئەمەس، قانۇن شەكلى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، قانۇننىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ھۆكۈمەتنى ئارقا تىرەك قىلىدىغانلىقىدا؛ ئۇندىن قالسا، ئۇنىڭ پەقەت «تۈرلۈك سىرتقى تاجاۋۇزدىن خالىي» پاسسىپ كىشىلىك ھۇقۇق بولماستىن، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھۇقۇق بولغانلىقىدا؛ يەنە كىلىپ، ئۇنىڭ قانۇن جەھەتتە ۋازكەچكىلى بولمايدىغان، ۋازكېچىش قانۇنغا خىلاپ، جازاغا لايىق قىلمىش ھېسابلىنىدىغان ھۇقۇق بولغانلىقىدا؛ ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ جامائەت ئىچىدە ئۆز-ئارا نەسىھەت قىلىش، ئۆز-ئارا ئىلھام بىرىش ۋە ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدىغان ھۇقۇق بولغانلىقى ۋە جامائەت بىلەن قىلغان ياخشى ئەمەلگە ھەسسىلەپ ساۋاب بىرىلىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.

كۆرۈش كېرەككى، ئىسلامچە كىشىلىك ھۇقۇق بىر خىل ھۇقۇق بولماستىن،  بەلكى ھەقتۇر. ئۇ پەقەت ئادەمنىڭ خۇدا ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى تەكىتلەيدۇ. ئېيتقىنىمدەك، بۇ بىر خاراكتېرى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مۇناسىۋەت، تېخىمۇ مۇھىمى ئالدىنقىسى كىيىنكىسىنىڭ قانۇنىي ئاساسىىنى سالدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلامىي كىشىلىىك ھۇقۇق ئادەمنىڭ خۇدا ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ئىچىدىن سۇزۇلۇپ چىققان، ئاللاھ ئىنسانىيەتكە تاپشۇرغان مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئادا قىلىدىغان بىر خىل ھۇقۇق ياكى ۋاستىدۇر، بۇ خىل ھۇقۇق ۋە ۋاستە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەلگىلىگەن.

گەرچە ئىسلام ئاندا-ساندا ئادەمنىڭ ئااللاھ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنىلا ئەمەس، ئادەمنىڭ ئاللاھ ئۈستىدىكى ھەققىنى تىلغا ئېلىپ قويسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ھەق ماھىيەتتە «ئىلتىپات» داائىرسىگە مەنسۇپ، ھەرگىزمۇ ئادەم خۇدادىن مەلۇم ئىىشنى قىلىپ بىرىشنى ياكى مەلۇم ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھسسالام مۇنداق ئېيتىدۇ: «ئاللاھنىڭ ئىنسان ئۈستىدىكى ھەققى: ئاللاھقا تەقۋادار بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكتۇر؛ ئىنساننىڭ ئاللاھ ئۈستىدىكى ھەققى بولسا: شېرىك كەلتۈرمىگەن ئىنساننى جازالىماسلىقتۇر». «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن: «ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ ۋاپادار ئەھەدى يوق)، قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر» (111 :9).

يىگانە ئۇلۇغ ئاللاھ ئالەمدىكى بارچە شەيئىدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھرى-شەپقىتى سەۋەبلىك ئىنسانىيەت بىلەن ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇۋېلىش  كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ خىل مۇقەددەس كېلىشىمدە (ماھىيەتتە بۇ خىل كېلىشىم ئادەتتىكى مەنىدىكى كېلىشىم ئەمەس) ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئززەت- ئابرويىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى سەۋەبىدىن مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلىدۇ. باراۋەر سودىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئىچىدىكى بىر تەرەپ بولغانلىقتىن ئەمەس،  ئاللاھنىڭ مېھرى-شەپقىتى تۈپەيلى ھۇقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. يەنى بۇ باراۋەر سودىدىكى ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىمزالىغان توختام ياكى كېلىشىم ئەمەس. چۈنكى بۇ يەردە باراۋەر سودىدىكى ئىككى تەرەپ مەۋجۇت ئەمەس، ئەسلى مەنىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇستەقىل سەمىمىي ئىرادىسىدىن كەلگەن، ئالدىنقىسى  بىلدۈرىدىغان «ۋەدە ئېلىش»، كىيىنكىسى بىلدۈرىدىغان «ۋەدە بىرىش»مۇ يوق، بۇ يەردىكى «ۋەدە ئېلىش» ۋە «ۋەدە بىرىش» ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى، «ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشىغا جازا بىرىش بولسا، ئاللاھنىڭ تەشەببۇسكار قانۇنىي بەلگىلىمىسى.

ئاللاھ ئىلگىرى جەننەتتە جىنايەت سادىر قىلىپ، كۆرسەتمە بۇيىچە، ئەپۇ قىلىشقا ئېرىشكەن ئادەم ئەر-ئايالغا مۇنداق دېگەنىدى: «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر) كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ. كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» (39-38 :2). بۇنىڭدىن قارىغاندا،  ئادەم بىلەن ئادەم مۇناسىۋىتىدە، شەخىسنىڭ ھۇقۇق ۋە  مەجبۇرىيىتى ئىككى تەرەپ ئادىل ۋە باراۋەر ھالدا ئىمزالىغان بىرخىل كېلىشىم، توختام ياكى شەرتنامىنىڭ مەھسۇلى، ئەكىسچە، ئادەم بىلەن خۇدانىڭ مۇناسىۋىتىدە، ئادەمنىڭ ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى مەلۇم كېلىشىم، توختام ياكى شەرتنامىدىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى خۇدانىڭ ئىلتىپاتى ۋە بەلگىلىشىدىن كەلگەن. ئەمما، كۆرۈپ يىتىش كېرەككى، دۇنياۋىي كېلىشىم، توختام ياكى شەرتنامىلەرنىڭ  ئىمزالىنىشى چۇقۇم ئىلاھىي قانۇننىڭ تۈپ پرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى كېرەك؛ بولمايدىكەن قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز، ھەمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، بىكار قىلىشقا تېگىشلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل ياشاش جەريانى ئاللاھقا ئىشىنىپ، بويسۇنۇپ ئىبادەت قىلىش جەريانى بولۇشى كېرەك. مۇسۇلمان دېمەك، ئاللاھقا ئىشەنگەن، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ئادەم، دېمەكتۇر. «خۇدا بىلەن ئادەم» نىڭ مۇناسىۋەت رامكىسى ئىچىدە، ئاللاھ ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقىنى مۇسۇلمانلارغا جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانلارغا بىرىش بىلەن بىرگە، ئوخشاشلا ئۇلارغا مۇناسىب مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يۈكلىدى؛ ئىنسانىيەتمۇ پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا بۇ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ بىر خىل قانۇن جەھەتتىكى نىسبىي مۇناسىۋەتتۇر.

6. ئىسلام شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، بىر خىل ئەخلاقىي ھۇقۇق سۈپىتىدىكى كىشىلىك ھۇقۇق پۇقرالىق ھۇقۇقنى بىكىتىشنى مۇقەددەس پىرىنسىپ بىلەن تەمىنلىدى، بەلكى پۈتكۈل سىياسىي ھۇقۇق ۋە پۇقرالىق ھۇقۇقنىڭ ئولىنى سالدى، بارلىق دۇنياۋىي قانۇنلار ئىلاھىي قانۇندىن كەلگەنلىكى، ھەمدە تۇغما كىشىلىك ھۇقۇقنى ئۈنۈملۇك قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ئادالەتكە ئۇيغۇن كىلىدۇ، ئىلاھقا بىئەدەپلىك قىلىدىغان، ھەددىدىن ئېشىپ  ئىلاھىي ھۇقۇققا شىلتىڭ ئاتىدىغان، ئىىلاھىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنسانىي ھۇقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان بۇزۇق قانۇن، ئىپلاس تۈزۈملەر مەيلى خەلقنىڭ  قوللىشىدىن ئۆتسۇن-ئۆتمىسۇن، ئۆزىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خەلق نادان، جاھىل، خۇراپىي، ئازغۇن، مەدەنىيەت چۆلىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن، ھەمدە مۇستەبىتلەر تەرىپىدىن  ئۇزاق مۇددەت ئالدانغان، نادان قالدۇرۇلغان، قۇللۇق روھى سىڭدۈرۋېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنىڭ دائىرىلەر چىقارغان ئىلاھىي ئىرادە ۋە ئىلاھىي قانۇنغا خىلاپ، خەلق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سىياسەتكە «ئۆزى خالاپ قۇشۇلۇش»تىن ساقلانمىقى تەس، بۇنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ.

كىشىلىك ھۇقۇق تۇغما  ۋە ئىنساننىڭ ماھىيىتىگە جايلاشقان ھۇقۇقتۇر. مەيلى دېموكراتىيە ياكى دېكتاتورا بولسۇن، مەيلى شەخىس قوللىسۇن ياكى سىرتقى كۈچ مەجبۇرلىسۇن، بۇ خىل ھۇقۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتەلمەيدۇ ياكى يۇقۇتۇۋېتەلمەيدۇ. كىشىلىك ھۇقۇق ياراتقۇچىنىڭ مۇتلەق ئىلمى ۋە مەڭگۈلۈك ئادالىتىدىن كەلگەن، شۇنداقلا شەخىسنىڭ ئىتىقاد شەكلى بىلەن ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەقسەتكە خىزمەت قىلىدۇ. كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئاساسى بۇلغان «ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش» پرىنسىپى پەقەت ئىمان-ئەخلاق جەھەتتە ئەكىس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئىلاھىي  قانۇن ۋە ئىلاھىي قانۇندىن كەلگەن ئىنسانىي قانۇن جەھەتتىمۇ ئەكىس ئېتىدۇ. كىشىلىك ھۇقۇقنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ھەققانىيلىقى، يوللۇقلۇقى، قانۇنلۇقلۇقى دۇنيالىق ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ قانۇنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە تەستىقلىشىغا باغلىق ئەمەس؛ دەل بۇنىڭ ئەكىسچە، يەككە-يىگانە، ھەممىدىن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىرادىسى، ئەزەلىي ھەقىقىتىگە، شۇنداقلا مۇقەددەس ھۇقۇقنىڭ ئەخلاقىي تەلىپىگە باغلىق.

7. ئىسلام ئىمان، ئەخلاق ۋە قانۇن شەكلى بىلەن دۇنياۋىي ھۇقۇق ئۈچۈن قانۇنلۇق چىگرا سىزىپ بەردى، ھەمدە بارلىق دۇنياۋىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ئولىنى قىسمەن تۇرغۇزدى، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى پەقەت ئىتىقاد بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاق، قانۇن، تۈزۈم شەكلى بىلەن دۇنياۋىي ھۇقۇقنىڭ قانۇنلۇق چىگىراسىنى توختاتتى، ھەم بۇنىڭدىن مۇقەددەس ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىنىڭ  مۇھىم مەنبەسىنى شەكىللەندۈردى. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، مۇقەددەس ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇقلۇقى ئالدى بىلەن ئاللاھقا بولغا ئىشىىنىش ۋە چۇقۇنۇشتىن كىلىپ، كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى ئويلاشقان، كىشىلىك ھۇقۇقنى قوغداشمۇ بۇ خىل ئىشىنىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دۇنياۋىي ھۆكۈمەتلەر باشتىن-ئاخىر مۇقەددەس قانۇن-تۈزۈم ھالىتىدە تۇرۇشى، ھەمدە مەلۇم مەنىدىن كىشىلىك ھۇقۇقنى قوغدايدىغان قۇرالغا ئايلىنىشى كېرەك. چۈنكى كىشىلىك ھۇقۇقنى قوغداشنىڭ تۈپ، ئەسلىي مەقسىتى كىشىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ،ياخشى ئەمەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە  ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ قۇرالى ھېسابلىنىدىغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتى تۈپتىن مۇقەددەس مەقسەتكە مۇلازىمەت قىلىشى لازىم، يامانلىق قىلىشقا كەلسەك، ئەلۋەتتە بۇ روشەن ھالدا كىشىلىك ھۇقۇق دائىرسىگە كىرمەيدۇ.

ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاممىۋىي باشقۇرۇش ۋە تەرتىپنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، شەخىس ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىدىن كەلگەن قىسمەن خەلىپىلىك  ھۇقۇقىنى جەمئىيەتكە ئۆتكۈزۈپ بىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يۈرگۈزۈشىىگە ھاۋالە قىلىدۇ. مەقسەت: كىشىىلىك ھۇقۇقنى قوغداش، شۇنداقلا ئاخىرىدا، ئۆزىنى ئىززەت-ئابرويلۇق ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش، ھەرگىزمۇ ئەكىسى ئەمەس. بۇ خىل ئۆتۈنۈپ بىرىش ۋە ھاۋالە قىلىش چارىسى شۇنىڭ ئۈچۈن يوللۇق ۋە زۆرۈر دەپ قارىلىدۇكى، چۈنكى ئۇ كىشىلىك ھۇقۇقنى قوغداش جەھەتتە  ھەر بىر شەخىىسنىڭ يەككە ئۆزىنى قوغداش چارىسىدىن تېخىمۇ ئۆنۈملۈك. كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ مۇقەددەس چېقىلغىلى بولماسلىقى پەقەت ئۇنىڭ كىلىش مەنبەسى جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ شەكلى ۋە مەقسىتى جەھەتتىن تېخىمۇ ئوبدان ئىپادىلىنىدۇ. كۆرسىتىش كېرەككى، ئىسلامنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ۋە قانۇنچىلىق ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزىنى «ئىلاھىي ھاكىمىيەت»، دەپ ئاتىۋېلىپ، ئىلاھنىڭ زېمىندىكى «ۋەكىلى» سالاھىيىتى بىلەن دۇنياۋىي مۇستەبىتلىكنى يولغا قويىدىغان سىىياسىي تۈزۈم، ھۆكۈمەت ۋە سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلىك ھۇقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان، قانۇنسىز، رەزىل ھۆكۈمرانلىقتۇر.

بۇ خىل ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىر خىرىستىيان دىينى جەمئىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىنى، شەرق مۇستەبىتچىلىكىنى ۋە ھازىرقى زامان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىسلام تەشەببۇس قىلغان سىياسىي كۆز قاراش ۋە قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈمى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق.

بىر تەرەپتىن، مۇبادا بەزىلەر بىر دۆلەت ئاللاھ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھۇقۇق ۋە ئۇلۇغلۇقنى ئاللاھقا بەرمەي، ئىلاھىي ھۇقۇق ئارقىلىق ئىنسانىي ھۇقۇقنى قېلىپلاشتۇرماي، ئىنسان تەبىئىىتىنى تىزگىنلەپ، دۇنياۋىي ھۇقۇققا چەك قويمايمۇ، پەقەت ئىنسانىي قانۇن ۋە دۇنياۋىي ئەخلاق ئارقىلىق چاكىنا ھۇقۇقنى چەكلەپ، كىشىلىك ھۇقۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى، شۇنداقلا ھەر بىر شەخىسكە ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەممە نەرسىنى بەرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىسا، ئۇنداقتا، بۇ خىل قاراش ئۆز-ئۈزىدىن زىددىيەتلىكتۇر. چۈنكى ئىمان ۋە ئىلاھىي قانۇن قارىشى كەمچىل بىر زالىم ھۆكۈمەت ئوخشاشلا شەخىسنىڭ ياتلىشىدىغانلىقى ۋە مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، مۇبادا بارلىق مۇستەبىت تۈزۈم ئىلاھىي قانۇن ۋە ئەخلاق جەھەتتە قانۇنسىز، شۇنداقلا كىشىلىك ھۇقۇققا چېقىلىپ، ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئادەم قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق دېيىلسە، ئۇنداقتا، دېموكراتىيە نىقابى ئاستىدىكى جەمئىيەت مۇستەبىتلىكى، كۆپ سانلىقنىڭ زۇراۋانلىقى ۋە ئىنسان تۈزگەن بۇزۇق قانۇننىڭ كىشىلىك ھۇقۇقنى دەپسەندە قىلىشى پەردازلانمىغان مۇستەبىت، ھاكىم مۇتلەقلىقنىڭ ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بارىدىغان دەپسەندە قىلىش قىلمىشىدىن تېخىمۇ قانۇنلۇق، مۇناسىب، شەپقەتلىك ۋە مەدەنىي ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە مەڭگۈلۈك ئىلاھىي قانۇندىن كەلگەن تۇغما كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ مۇقەددەس چېقىلغىلى بولماسلىق ۋە ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولماسلىق تەبىئىتى ئۇنى ھەر قانداق شەكىل، خاراكتېردىكى دۇنياۋىي مۇستەبىت تۈزۈم ۋە زوراۋان ھاكىمىيەت بىلەن تېنىچلىقتا بىللە تۇرغۇزمايدۇ.

8. ئىسلامچىل كىشىلىك ھۇقۇق بىرخىل ئەركىنلىكنى يىتەكچى قىلغان، شەخىس بىلەن كوللىكتىپنىڭ ماس تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان جەمئىيەت ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا پايدىلىق. ئىسلام كوللىكتىپنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى تەكىتلەپ، شەخىسنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىگە سەل قارايدۇ، ھەتتا ئىنكار قىلىدۇ، دەيدىغان بىر خىل بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام شەخىسنىڭ ھۇقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ تۇرۇپ، شەخس مەنپەئەتى بىلەن كوللىكتىپ مەنپەئەتى، شەخسىي ئەركىنلىك بىلەن جامائەت تەرتىپى ئوتتۇرىسىدا ماس تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىىسلام شەخىسنىڭ ھۇقۇقىنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى مەيلى ئۆلۈم كەلگەندە ياكى قىيامەت سوتى بولغاندا بولسۇن، ھەربىر ئادەمنىڭ روھى يالغۇزدۇر. «قۇرئان كەرىم» شەخىسنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە جىنايى جاۋابكارلىقى پرىنسىپىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن: «ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس» (164 :6). ئەمما، ئىسلامنىڭ ماھىيەت جەھەتتىكى شەخسىي ھۇقۇق-مەنپەئەتنى تەكىتلىشى چېكىدىن ئاشقان شەخىسىيەتچىلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ئەكىسچە، ئىسلام شەخىسنىڭ ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ شۇنداقلا بىر خىل شەخسىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھۇقۇقنى ئاساس قىلغان، ئۆز ئارا ياردەمدە بولىدىغان، كۆيۈمچان، ئەپۇچان ۋە مەسئۇلىيەتچان  جەمئىيەت قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

مۇبادا ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى تامامەن مەنپەئەتنىڭ مەقسىتىگە، جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەنپەئەتنىڭ خاھىشىغا، جامائەتنىڭ ئۇيۇشۇشى ئەمەلىي كۈچنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا باغلىق بولسا، ئۇنداقتا، كىشىلىك ھۇقۇق ۋە ھەققانىيەت توغرىسىدىكى ھەر قانداق تەشەببۇس ساراڭلارچە جۆيلۈش، قارغۇلارچە سۆزلەش بولۇپ قالىدۇ. ئىسلام شەخىس بىلەن جەمئىيەت، ئۆزچىللىك بىلەن خەقچىللىق، ھۇقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈپ، يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ كېسىشىش نوقتقسى ۋە تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىدا ئادىل، ئىناق، مۇۋاپىق تەرتىپ ئورنىتىش ئارقىلىق شەخىسنىڭ بەختى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يىتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.

ئىسلام باراۋەرلىك كۆز قارىشىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، دۆلەت، سىنىپ، مىللەت، ئىرق، جىنىس جەھەتلەردىكى پەرىقتىن كىلىپ چىققان بارلىق تەڭسىزلىكلەرگە قارشى تۇرۇپ، ھەممە ئادەم ئەركىن، باراۋەر بولۇش پرىنسىپىنى بارچە ھۇقۇق-مەنپەئەتنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇشنى، شۇنداقلا ئۇنى  ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

9. ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى ئاللاھ بىلەن ئىنسان، جەمئىيەت بىلەن دۆلەت، جەمئىيەت بىلەن ھۆكۈمەت، شەخىس بىلەن جەمئىيەت، شەخىس بىلەن شەخىس ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى ھەل قىلىدىغان قانۇنلۇق ئاساس، چىگرا سىزغۇچ، قانۇنىي مىزاندۇر.

بىر خىل بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، ئۇ ئىسلام پەقەت مەجبۇرىيەتنىلا تەكىتلەپ، ھۇقۇقنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، دەيدۇ. بۇ خىل قاراشنىڭ خاتالىقى شۇ يەردىكى، ئۇ خاراكتېرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مۇناسىۋەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئىنسان بىلەن ئىلاھنىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتە بارچە ھۇقۇق ئاللاھقا مەنسۇپ، ئىنساننىڭ پەقەت ئاللاھقا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار؛ ئەمما، ئىنسان بىلەن ئىنساننىىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتە ئاللاھ باراۋەر ھالدا ئىنسانىيەت ئىچىدىكى ھەر بىر شەخىسكە تۇلۇق ھۇقۇق ۋە ئەركىنلىك بەردى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر-بىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىسلام كىشىلىق ھۇقۇقى شەخىسلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، جەمئىيەت، دۆلەت، ھۆكۈمەت، شۇنداقلا بارلىق دۇنياۋىي ھۇقۇق ئۈچۈن مۇقەددس چەتنىگىلى بولمايدىغان ئەخلاقىي چىگرا بىكىتتى. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى ئىىنسانىي قانۇن ۋە ھەرخىل-ھەرقىسما دۇنياۋىي ئەخلاقتىن ئەمەس، ئىلاھىي قانۇندىن كەلگەن، ئاللاھقا تېگىشلىك ئىمان ۋە ئىبادەتنى بىرىش بىلەن شەخىسكە تېگىشلىك ھۇقۇق ۋە ئەركىنلىك بىرىش بولسا بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى. چۈنكى شەك-شۈبھىسىزكى، بارچە ھۇقۇق ۋە  ئىبادەتنى ئاللاھقا قايتۇرغاندىلا، ئاندىن بارلىق «ئادەم ئادەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش» نىڭ، بارلىق دۇنياۋىي مۇستەبىتلىك ۋە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قانۇنلۇقلىقى، يوللۇقلىقىنى ۋە ھەققانىيلىقىنى تۈپتىن ئىنكار قىلغىلى، ئىنسانىيەتنى ئوخشاش تۈردىكىلەرنىڭ ئېزىشى، خورلىشىدىن، ھەمدە دۇنياۋىي ھۇقۇق سىستېمىسىنىڭ ياتلاشتۇرۇشىدىن قۇتقۇزۇپ چىققىلى ، بولۇشقا تېگىشلىك ئىنسانىي خىسلەت،  ئىنسانىي ئىززەت، ئىنسانىي ئابروي ۋە ھۆرمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

10. ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇق دۇنيا–ئاخىرەتتىن ئىبارەت ئىككى دۇنيالىق بەخىت-سائادەتنى كۆزلەيدىغان، مەدەنىيەتلىك، ئىلغار تۇرمۇش شەكلىنىڭ مۇقەددەس ئەخلاقىي ئاساسىنى تۇرغۇزدى. مۇقەددەس تۇغما كىشىلىك ھۇقۇق ئۆزىنىڭ ئەزەلىي قانۇنىيلىقى ۋە ئەقلىيلىكى بىلەن ئىنسانلارغا مۇشۇنداق بىر خىل ئەڭ ئالىي ھەققانىيەت پرىنسىپىغا ئۇيغۇن، ئېسىل، مەدەنىي ۋە ئەخلاقلىق تۇرمۇش شەكلىنى كۆرسەتتى. ھەممە ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشتىنلا ئەركىن-باراۋەر ھالدا بەخىت ئىزدەش تەبىئىي ھۇقۇقى بار. ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇش ئادالەت، دېموكراتىيە، مېھرى-شەپقەت قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلىشى كېرەك.

دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى غەرب كىشىلىك ھۇقۇق نەزەرىيەسى «… نىڭ زىيانكەشلىكىدىن خالىي ئەركىنلىك»تىن ئىبارەت پاسسىپ  شەكىل بىلەن ئىپادىلەندى، ئەكىسچە «… ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن» ئىبارەت ئاكتىپ شەكىل بىلەن ئىپادىلەنمىدى. بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى پەقەت «… ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش»تىن ئىبارەت ئاكتىپ شەكىل بىلەن ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە تېخى، شەرىئەت ئاشۇ تۈپ كىشىلىك ھۇقۇقنى يۈرگۈزمەسلىك قىلمىشىغا قارىتا جازا بىرىشىنى بەلگىلىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىىسلامچە كىشىلىك ھۇقۇق قارىشى، پەقەت بىرخىل«تەۋھىدچىل» كىشىلىك  ھۇقۇق قارىشى بولماستىن، بەلكى يەنە، مۇشۇ سەۋەپتىن بىرخىل ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، ئەمەلىيەتچىل كىشىلىك ھۇقۇق قارشىدۇر. ئۇ پەقەت دۇنيالىق رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە مۇقەددەس ئەخلاقىي غايىگە ئىگە.

ئىسلام ھەم بۇددا دىينىدەك تەركىي دۇنياچىلىققا ھەم ھۇزۇرىزمدەك دۇنياپەرەسلىككە قارشى تۇرغانلىقتىن، ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇق قارىشى كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ساماۋىي مەقسىتى ــ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ دۇنيالىق ئەھمىيىتى ــ قانۇنلۇق يول بىلەن ئاللاھنىڭ رىزىقى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ سائادىتىنى ئىزدەشنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ خىل نوقتىئىينەزەر ئىسلامنىڭ دۇنيا بىلەن ئاخىرەتكە تەڭ كۆڭۈل بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن زىچ باغلانغان. شەخىسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەقسىتى  ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش،  ئەمما شەخىس ھەرگىزمۇ قىلچە مەناسى يوق ۋاستە، قۇرال، ماشىنا ئەمەس؛ ھەقىقەتتە،  يىگانە، تەڭداشسىز ئاللاھنىڭمۇ بۇنىڭدەك ۋاستە، قۇرال، ماشىنىغا ھاجىتى يوق. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن سىرت، شەخىس بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيالىق مۇناسىۋەتتە، ھەقىقىىي شەخىس ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت، مەۋھۇم جەمئىيەت ۋاقىتلىق ۋاستىدۇر، جەمئىيەت بىلەن ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا شەخىس ئىچكى قىممەتكە ئىگە مەنالىق مەۋجۇتلۇقتۇر.

دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتكە كەلسەك، ئۇلار پەقەت مۇقەددەس نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، شەكىللىك، تۈزۈملەشكەن ۋاستىدۇر. دۆلەتنىڭ ئالىي نىشانى خۇداغا بىئەدەپلىك قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىبادەت قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق ۋەزىپىسى كىشىلىك ھۇقۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى كاپالەتلىك قىلىشتۇر. مۇقەددەس چېقىلغىلى بولمايدىغان كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ مەقسىتى بولسا، دەل ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىشىنىپ، ئىبادەت قىلىىشتىن ئىبارەت تۈپ ئەركىنلىك بىلەن تەمىنلەپ، ئىززەتلىك، ئىىنسانىي تۇرمۇشىقا ئىگە قىلىشتۇر. بىردىنبىر  لوگىكىغا ئۇيغۇن ئالدىنقى شەرت شۇكى: بارلىق ھۇقۇقنى ئوخشاش تۈردىكى مەلۇم شەخىس ياكى كىشىلەرگە ئەمەس، ئاللاھقىلا تاپشۇرۇش كېرەك. گەرچە ئاشۇ شەخىس ياكى كىشىلەر «ئەۋلىيا»سۈپەت كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ. ھەممىگە ئايانكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر-ئەلچىلىرىمۇ ئەزەلدىن ئۆزلىرىنى زېمىىننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھۇقۇقىغا ئىگە دېگەن ئەمەس، ئەكىسچە «تەۋھىد»كە مۇتلەق رىئايە قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىبادەت قىلغان، ھەمدە ھەر قاچان ئىلاھىي قانۇن بىلەن ئاللاھنىڭ مۇتلەق نۇپۇزىنى قوغدىغان.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئىسلامنىڭ ئىلغار تۇرمۇش شەكلىگە سەپەرۋەر قىلىشتىكى مەقسىدى، ھەرگىزمۇ چەكلىك بۇ دۇنيا ھاياتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ، ئۇزۇن سەپەردە تاغ-داۋانلاردىن ئاشقىلى ئۇزۇق- تۈلۈك تەييارلاش ئۈچۈندۇر؛ دۇنيا بىلەن  ئاخىرەت ئوتتۇرىسىدا، ئىسلام گەرچە ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادا ئاتا قىلغان رىزىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرسىمۇ، ئەمما، ئۇ كىشىلەرگە يەنىلا ئاخىرەتنى تاللاش كېرەكلىكىنى  قايتا-قايتا ئەسكەرتىدۇ.

  1. ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئاساسلىق مۇھىم نوقتىلىرى

ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇقەددەس قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تۈپ پرىنسىپىدىن كەلگەن، ئىنتايىن مول، چوڭقۇر مەناغا ئىگە بولغاچقا، بىز ئسلام ئەقىدىسى كىشىلىك ھۇقۇق جەھەتتىن ئەكس ئەتتۈرىدىغان بارچە تەلەپنى قاندۇرۇپ بۇلالمايمىز، پەقەت ئەڭ مۇھىم تەرەپلەرنى مىسال ئېلىپ سۆز لەيمىز، قالغان مەزمۇنلارنى مۇشۇنىڭغا تەققاسلاپ  بىلىۋېلىشقا بولىدۇ،

بىرىنچى، ھاياتلىق ھۇقۇقى. ئىپتىدائىي ھاياتلىق ھۇقۇقى كىشىلىك ھۇقۇق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاللاھ ياراتقان ھەر بىر جانلىقنىڭ  تۇنجى يارالمىش ھۇقۇقىدۇر. چۈنكى ناۋادا ھايات ۋە ياشاش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، باشقا بارلىق ھۇقۇقلاردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھايات ئاللاھنىڭ ھەر بىر ئىنسانغا بەرگەن سوۋغىسى. ئاددى مەنىدە، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئاشۇ نامەلۇم  مۇددەت ئىچىدە، ھەر بىر ئىنسان ئاللاھ ئاتا قىلغان ھاياتلىق، ئەركىنلىك ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت مۇقەددس، دەخلى-تەرۇززسىز ھۇقۇق-مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، جىنايەتكە جازا بېرىشكە ئوخشىغان شەرىئەت بەلگىلىگەن ئلاھىدە ئەھۋللاردىن سىرت، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق ھۇقۇقى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشى لازىم. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار» (17:33). ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمۇ ئىلگىرى بىزنى «ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار»، دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى، ئۇ «ۋىدالىشىش ھەجىدىكى نۇتۇقى»دا مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار، مال-مۈلۈكۈڭلار ۋە ئىززەت- ئابرويىڭلار مۇقەددس، دەخلى-تەرۇزسزدۇر».

ھاياتلىق ھۇقۇقى تەبىئىي ھۇقۇق ۋە تۇغما ھۇقۇققا مەنسۇپ، ھەر بىر ئادەم باراۋەر ئىگە بولىدىغان ياكى باراۋەر ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ھۇقۇقتۇر. ئۇ ئەزەلىي ساپ ئەقلىي پرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان، بارلىق تەجرىبىۋى قانۇن-نىزامدىن مۇستەقىل ئۆرە تۇرىدىغان، ھەر بىر كىشىگە تەبىئىي مەنسۇپ بولىدىغان ھۇقۇقتۇر. تەبىئىي ھۇقۇق ھۆكۈمەت، دۆلەت، سۈنئىي قانۇن ۋە جەمئىيەتتىن بۇرۇن بار بولغان، تارتىۋالغىلى ھەم چېقىلغىلى بولمايدىغان ھۇقۇقتۇر. بۇنىڭغا قارىغاندا، پۇقرالىق ھۇقۇقى دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ قانۇنى بەلگىلەپ، پۇقرالارغا بەرگەن ھۇقۇقتۇر؛ شۇڭىلاشقىمۇ دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە  ئۇنىڭ قانۇنى چەكلىيەلەيدۇ، مەھرۇم قىلالايدۇ، ياكى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ. گەرچە پۇقرالىق ھۇقۇقى ئادالەت جەھەتتىن تەبىئىي ھۇقۇقنى مەنبە قىلسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئاساسەن دۇنيالىق قانۇن چىقارغۇچىنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن، شۇنداقلا تەجرىبىۋى قانۇن-تۈزۈمنى ئاساس قىلغان. كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇشتىكى يادرولۇق مەقسىدى ۋە كۆڭلىنى ئويلاشقاندا، جامائەت تەشكىلاتى ۋە تۈزۈمنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ھېسابلىنىدىغان جەمئىيەت، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۇغما ھۇقۇق بىلەن پۇقرالىق ھۇقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. ھەر قانداق شەخس، گوروھ، ئىدارە، تەشكىلات، پارتىيە، ھۆكۈمەت ياكى دۆلەت بۇ ھۇقۇقتىن قانۇنسىز ھالدا مەھرۇم قىلسا بولمايدۇ.

تەرەققىيات خاراكتېرىدىكى ھاياتلىق ھۇقۇقى جىسمانىي زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش، ئرقىي  يۇقۇتۇشنى مەنئىي قىلىش، ناھەق قىرغىن قىلىشنى چەكلەش ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى شەرت. ھەتتا ئۇرۇش ھالەتلىرىدىمۇ، ئىسلام شەرىئىتى ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئچىگە ئالغان ئۇرۇشقا قاتناشمىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشنى قەتئىي مەنئىي قىلىدۇ. ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، يارىدارلار، كېسەللەر، ئەسىرلەر، ھەتتا ئۆلۈكلارمۇ ئاساسىي كۆيۈنۈش ۋە ئالىيجاناپ مۇئامىلىگە ئېرىشىشى كېرەك. شەرىئەت ئوخشاشلا مۇسۇلمان بولمىغان پۇقرالارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاللاھنڭ نامى بىلەن، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، جىھاد قىلىڭلاركى، زىنھار دۇنياغا بىرىلمەڭلار، زىنھار كېلىشىمنى بۇزماڭلار، زىنھار ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، قىيناپ ئازابلىماڭلار»، «بىگۇناھ قېرىلارنى، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى قالايمىقان ئۆلتۈرمەڭلار». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىر زىممىي (ئاسراندى پۇقرا)نى ناھەق ئۆلتۈرىدىكەن. ئۇ جەننەتنىڭ ھىدىنى مەڭگۈ پۇرىيالمايدۇ».

ئۇمۇمەن، دەل-دەرەخلەرنى قالايمىقان كېسىش، ئورمانلارنى بۇزۇش، زىرائەتلەرنى چەيلەش، ئۆسۈملۈكلەرنى نابۇت قىلىش؛ ئۇلاغ، ھايۋانلارنى يارىلاندۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، زىيانكەشلىك قىلىش ياكى قىيناش مەنئىي قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ساغلاملىقى ۋە تەرەققىياتىغا خەۋپ يىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بارلىق يوللۇق ئىنسانىي ۋە تەبىئىي مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشمۇ ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ.

كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىسلام دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسلامدىكى ھاياتلىق ھۇقۇقى تېخىمۇ ئالاھىدە ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھايات ۋاقىتلىق ھەم مەۋھۇم. گەرچە ئاللاھ ئاتا قىلغان بارلىق نازۇ-نىئمەتتىن قانۇنلۇق بەھرىمەن بولۇشقا بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاخىرەت تېخىمۇ ماھىيەتلىك، ۋە ئەبەدىيلىك قىممەتكە ئىگە. شۇڭلاشقا بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھايات ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخىرقى مەقسەد ۋە مەنزىل ئەمەس، بەلكى بىر خىل ۋاستە ۋە جەرياندۇر؛ ھاياتتىنمۇ مۇھىم، ھاياتتىنمۇ ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان قىممەت بار. ئەمەلىيەتتە، بىر ئادەم ياشاپ پەقەت ئاڭلىق، ئاڭسىز ياكى مەجبۇرىي جىنايەت ئۆتكۈزسە، ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئۆزى بىر خىل مەسئۇلىيەت، بىر خىل ئارتۇقچە يۈك، زىيانلىق ھەتتا خەتەرلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈشۈنۈش تەس بولغىنى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دۇنيادا، ھايۋانات، قۇرت-قوڭغۇز ۋە تىرىك مۇردىلارغا ئوخشاش ئىپلاس، قالاق، چۈشكۈن، ئازغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ-يۇ، ئۇلار يەنە نېمىشقا ھەممىلا يەردىن قېرىماي ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيدىغاندۇ؟!.

يېقىنقى زامان غەرب ئاقارتقۇچى مۇتەپەككۇرلىرى ئىنساننىڭ  ياشاش ھۇقۇقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى، ھەتتا ھاياتلىق ھۇقۇقىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قويدى. ئۇلارنىڭ پىكىرىچە، ھاياتنىڭ ئۆزى بىر ئادەمنىڭ مەقسىدى ۋە مەنزىلى، دېمەكتۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە: ھەر قانداق نەق پايدا-مەنئەپەت بىزنىڭ ھاياتلىق، ئەركىنلىكتىن ۋاز كېچىپ ئۇچرىغان غايەت زور زىيىنىمىزنى تولدۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر قانداق بەدەل بىلەن ھاياتلىق ۋە ئە ركىنلىكتىن ۋاز كېچىش ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئەقىلگە خىلاپ جىنايى قىلمىشتۇر.  ئەركىنلىكتىن ۋاز كەچسەك، چۇقۇمكى ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرۈۋېتىمىز؛ ھاياتتىن ۋاز كەچسەك، چۇقۇمكى قايتا مەۋجۇت بولمايمىز. مۇبادا ھاياتلىق، ئەركىنلىكنىڭ نىشانى ۋە ئەھمىيىتى مەسىلىسى ھەل قىلىنماي، ياشاش ئۈچۈنلا ياشاش بولسا، ئۇنداقتا ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى قەيەردە ئەكس ئېتىدۇ؟ بۇ خىل ئۇسال ئەھۋال ئاستىدا، كۆپلىگەن قۇرت-قوڭغۇزلار، ئۇچار-قۇشلارغىمۇ يەتمەيدىغان پەسكەش ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشى تامامەن مۇمكىن. بۇ ئىنسانلار ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە ئەخلەتكە ئوخشاش، ئىنسانلار ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يەر شارىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدۇ. ئەمەلىيەتتە، يەر شارى ئەمدى ئېغىر يۈك كۆتۈرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى نۇمۇستىن ئازابلىنىپ تولغىنىپ كەتتى. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر ماللىرىڭلار ۋە جانلىرىڭلار بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» (41 :9).

ئىككىنچى، مال-مۈلۈك ھۇقۇقى. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، بارچە مۈلۈك ئاللاھقا مەنسۇپ، ھەممە مال-دۇنيا ئاللاھتىن كەلگەن؛ شەخس قانۇنلۇق شەكىل بىلەن مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشى، ھەمدە مال-مۈلۈك ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك؛ شۇنداقلا قانۇنلۇق ھالدا ئىشلەپ چىقىرىش، ئالماشتۇرۇش، تەقسىىملەش، سودا ۋە ئېستىمال قاتارلىق ئقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام قانۇنى پەقەت يۇقۇرقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغان قانۇنلۇق خۇسۇسىي مۈلۈك ھۇقۇقىنىلا قوغدايدۇ؛ قانداقلىكى مال-مۈلۈك ھۇقۇقى بولسىلا، ئۇنى پەرقسىز ھالدا قوغداۋەرمەيدۇ. ئىسلام قانۇنسىز  ئىگىلەش، يېغىش، تەقسىملەش ۋە ئېستىمال قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ؛ مونوپوللۇق، ئالدامچىلىق، بۇلاڭچىلىق، جازانىخورلۇق… قاتارلىق قانۇنسىز ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، مال-مۈلۈكنى پارە بىرىش، پارە ئېلىش، ئادەم ئۆلتۇرۇش، بۇلاش، قىمار ئويناش، پالچىلىق، ئوغۈرلۇق، پاھىشىۋازلىق، زەھەر چىكىش، زەھەر سېتىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئۆزىگە، ئۆزگىگە ياكى جامائەتنىڭ قانۇنلۇق  ھۇقۇق مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان بارلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە سەرپ قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار» (188 :2). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاممىنىڭ  ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىگە چېقىلمىغان كىشىلا ھەقىقىي مۇئمىندۇر».

ئىسلام پەقەت مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇش شەكلى ۋە ئىشلىتىش نىىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، بەلكى مال-مۈلۈكنى مەقسەد ۋە مەنزىل  ئەمەس،  ئەكىسچە بىرخىل ۋاستە ۋە يول، دەپ قارايدۇ. مۈلۈك تەقسىماتى جەھەتتە، ئىسلام قارا-قۇيۇق خۇسۇسىي مۈلۈكنىڭ مۇقەددەس چېقىلغىلى بولمايدىغان مۇتلەقلىقىنى تەكىتلىمەستىن، ئىنسان تەبئىتىدىكى ناچار خاھىش ۋە بارلىق دۇنياۋىي ئقتىسادىي تەقسىمات قۇرۇلمىسىدىكى يىتەرسىزلىكنى پىششىق ئىگىلەيدۇ؛ چەكتىن ئاشقان ئىىككى قۇتۇپلىشىپ كېتىشتىىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قانۇن بايلارنىڭ مال-مۈلۈكىدە نامراتلارنىڭ ھەققى بارلىقىنى بىكىتكەن. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكىدە سائىللار ۋە يوقسۇللارنىڭ ھەققى بار» (19 :51).. ئەلۋەتتە،  بۇ خىل ھۇقۇق نامراتلار، ھۇرۇنلار، ھەمدە پۈتۈن ياكى قىسمەن ئەمگەك ئىقتىدارىنى يۇقاتقانلار بايلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى خالىغانچە ئالسا بولىدۇ، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ؛ ئوخشاشلا، قانۇنلۇق ھالدا بايلارنى ئۆلتۈرۈپ نامراتلارنى قۇتقۇزۇش، بايلارنى بۇلاپ نامراتلارنى يۆلەش، تالان-تاراج قىلىش ياكى ئىشلىمەي پەيزىنى سۈرۈشكە بولىدۇ، دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىىسلام قانۇنى بەلگىلىگەن مۈلۈك  تەقسىماتىدا قوللىنىلىدىغان شەكىل ۋە ئۇسۇللار، جۈملىدىن زاكات، خىراج، سەدىقە، مىراس، ۋە ھەدىيە قاتارلىق شەكىللەرنىڭ ھەممىسىدە مۇۋاپىق ئۆلچەم، نىسبەت، چەك ۋە  مىقدار بار بولۇپ، بىرىنچىدىن، مال-مۈلۈكنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىشقا پايدىلىق؛ ئىككىنچىدىن، ئالغۇچىنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ئابرويىنىڭ  زىيانغا  ئۇچرىشىدىن ساقلايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، نۇرمال ئىشلەپ چىقىرىش پائالىيىتىگە، بەرگۇچى شەخىس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.  ئىسلامنىڭ قارىشىچە: ماال-دۇنيا پەقەت  ۋاقىتلىق، چەكلىك قىممەتكە ئىگە، مال-دۇنيانى شەخسىيەتسىز سەرپ قىلغاندىلا، شەخىس ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېگىشلىك كەچۈرۈم، ۋە ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ خىل كەچۈرۈم ۋە ساۋاب مال-دۇنيانىڭ ئۆزىدىكى زىيانغا سېلىىشتۇرغاندا، غايەت زور پايدا ھېسابلىنىدۇ.  پايدا-مەنپەئەتنى چىقىش قىلغاندىمۇ، كىشىلىك تۇرمۇش تىجارىتىدە كىرىم بىلەن چىقىمنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھېسابقا ئۇستا كىشىلەرمۇ شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئىجىرا قىلىدۇ.

غەربتىكى ئويغاق مۇتەپەككۇرلار ھەمىشە خۇسۇسىي مۈلۈك ھۇقۇقىنى مۇقەددەس چېقىلغىلى بولمايدىغان ھۇقۇق، دەپ قارايدۇ؛ ھەتتا ھاياتلىق ھۇقۇقى، ئەركىنلىك ھۇقۇقى بىلەن بىر قاتارغا قۇيىدۇ؛ ماھىيەتتە، خۇسۇسىي مۈلۈك ھۇقۇقىنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ھەمدە مال-مۈلۈكنىڭ ئۆزىنى مەقسەد ۋە مەنزىلگە ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ. ئۇلار خۇسۇسىي مۈلۈك ھۇقۇقىنى قوغداشنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم مەقسىدى ھەتتا يۈكسەك غايىسى، دەپ قاراش ئارقىلىق مۈلۈكدارلارنىڭ چەكلىمىسىز قاقتى-سوقتى قىلىش، بېسىمدارلىق، مونوپوللۇق ۋە توپلاش قىلمىشلىرىنى ئاقلىماقچى بولىدۇ؛ شۇنداقلا بۇنى سىياسەت، ئىقتىساد، قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىكى قوللاش ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىقتىسادىي تۈزۈلمە جەھەتتە، ئىسلام ھەم قىلچە چەكلىمىىسىز «خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىكى»گە قارشى تۇرىدۇ؛ ھەم ھۆكۈمەت ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋالىدىغان «ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى مەمۇرىي پىلانلىق ئىگىلىك»كە قارشى تۇرىدۇ، ئىسلام بىر خىل مۆتىدىل، چەكلىك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بىلەن قانۇن-تۈزۈملەشكەن بازار ئىگىلىكىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئەركىنلىك، پاراۋانلىق، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت پرىنسىپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان؛ بازار، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى رولىنى مۇۋاپىق ئايرىيدىغان، بىرىكمە شەكىللىك ئىقتىسادىي ئىگىلىكنىى تەشەببۇس قىلىدۇ. دۆلەت بىلەن شەخىس مۇناسىۋىتى جەھەتتە، ئاممىۋىي مەنپەئەتنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا دەرھال تۇلۇقلىما بىرىش  ئېھتىماللىقى بولمىسىلا، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شەخىسنىىڭ قانۇنلۇق مۈلۈك ئىگىلىك ھۇقۇقىنى ئاساسسىز، خالىغانچە ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش، ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىشگە يول قۇيۇلمايدۇ. كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، «مۈلۈك ھۇقۇقى» دېگىنىمىز ماددىي مۈلۈك ھۇقۇقى ۋە مەنىۋىي مۈلۈك ھۇقۇقىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەخس ياكى توپ ئىلىم-پەن،  ئەدەبىيات-سەنئەت، پەن-تېخنىكا، ھەتتا ئىدىيە بايلىقىغا قارىتا ئىگىلىك ھۇقۇق، پاتېنت ھۇقۇقىدىن، ھەمدە  بۇنىڭدىن كېلىدىغان تۈرلۈك قانۇنلۇۇق كىرىمدىن تەبىئىي بەھرىمەن بولىدۇ،

ئۈچىنچى، نام-ئابروي ھۇقۇقى. رېئال  تۇرمۇشتا شەخىسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نام-ئابروي خۇددى مال-مۈلۈككە ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە؛ بەلكى مال-مۈلۈك ھۇقۇقى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، نام-ئابروي ھۇقۇقىدىن پەقەت  ھايات ۋاقتىدىلا ئەمەس، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، ھەققانىي سەۋەبسىز دۆلەت ۋە جەمئىيەت ھەرقانداق باھانە بىلەن شەخىسنىڭ نام ئابروي ھۇقۇقىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقى ھەم تارتىۋالماسلىقى كىرەك.  شۈبھىسىزكى،  دۆلەت ۋە جەمئىيەت شەخىسنىڭ ئىززەتلىك ياشاش ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇ ئىھتىىياجلىق  تۈپ ماددىي ۋە مەنىۋىي تەلەپلەرنى قاندۇرغان بولسا، بۇنىڭ شەخىسنىڭ نام-ئابروي ھۇقۇقىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا غايەت زور ياردىمى تەگكەن بۇلار ئىدى.  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنىدى: «بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتى، يۈز-ئابرويى، مال-دۇنياسىغا چېقىلىشى مۇتلەق ھارامدۇر». «قۇرئان كەرىم »دە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنى يامان لەقەملەر بىلەن چاقىرماڭلار» (11 :49). يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئى مۇئمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۇئمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟» (12 :49). «مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار، (شۇ) بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ» (58 :33).

نام-ئابروي ھۇقۇقى شەخىسنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم ئېلىشى كىرەك. گەرچە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپلىگەن سىرلىرى قانۇن تۇرغۇزۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئاشكارلانغان  بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇمەن قانۇن سۈپىتىدە، ئۇ بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ئىززەت-ئابروينى تۆكۈش ئادەم ئۆلتۈرگەنگە باراۋەر»؛ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمراننىڭ خەلقنىڭ مەخپىيىتىنى ئاختۇرۇشى خەلققە زىيان كەشلىك قىلغانلىق، دېمەكتۇر».

ئىسلام شەرىئىتىگە ئاساسلانغاندا، شەخىسنىڭ مەخپىيەتلىك ھۇقۇقى بولسا ئىلاھىي قانۇننىڭ قوغدىشىغا كىرىدىغان، ھەر قانداق شەخس ياكى كوللېكتىپنىڭ ئاشكارلىشى، بورمىلىشىى، ۋە چېقىلىشىغا يول قۇيۇلمايدىغان تەبىئىي ھۇقۇقتۇر؛ ھەممە ئادەمنىڭ باشقا ھەر قانداق ئادەم يۇشۇرۇن، قانۇنسىز تىڭ-تىڭلاشقا، ماراشقا، كۆزىتىشكە، تارقىتىشقا، ئويدۇرۇشقا بولمايدىغان خۇسۇسىي ئىشلار، ئائىلە، نىكاھ، ياش، بەدەن، كۆڭۈل، تۇرالغۇ، مۈلۈك ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت… قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇچۇر-ئەھۋاللىرى بولىدۇ. خۇسۇسىي تۇرالغۇلارغا ئەدلىيە ياكى بىر دەرىجە يۇقۇرى جەمئىيەت ئامانلىقى ئېھتىياجى تۇغۇلماستىن، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا، بىردەك تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدۇ. ئۆي ئىگىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ھەرقانداق قانۇنسىز شەكىل بىلەن خۇسۇسىي تۇرالغۇلارغا كىرىشگە بولمايدۇ؛ خۇسۇسىي تۇرالغۇلارنى بۇزۇش، چېقىش، كۆچۈرۈش، مۇسادىرە قىلىش ياكى ئۆي ئىگىسىنى قوغلاپ چىقىرىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. «ئى مۇئمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، ۋەز-نەسىھەت ئېلىشىڭلار (يەنى بۇ گۈزەل ئەدەب-ئەخلاققا ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن، بۇ (يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش، ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا، سىلەرگە ئىجازەت بىرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە «قايتىڭلار» دېيىلسە، قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شەخسىي تۇرالغۇ بولمىغان (يەنى دوكان-سارايلارغا ئوخشاش) ئۆيلەرگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارلىغانلىرىڭلارنىمۇ ۋە يۇشۇرغانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ» (29-27 :24).

ئەمما، شۈبھىسىزكى، شەخسىي مەخپىيەتلىك ھۇقۇقىنى جىنايەتنى يۇشۇرۇش، قانات ئاستىغا ئېلىش، مەخپىي شىرىكلىشىپ سادىر قىلىش قىلمىشلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. شەرىئەت «گۇناھسىزلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ۋە «يامان گۇماننى چەكلەش» پرىنسىپىنى يولغا قۇيۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايەت بايقىلىپ، پاكىت تۇرغۇزۇلغان ھامان قىلچە ئاياپ تۇرماستىن قاتتىق جازالايدۇ.

كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، نام-ئابروي ھۇقۇقى شەخىسنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، مىللەت، ئىرق، دىين، دۆلەت ۋە ياكى تەشكىلات، جەمئىيەتكە چېتىلىدۇ. ئەمما كېيىنكىسى بىر بولسا مەسئۇل دائىرىلەردىكى يېتەرلىك سەزگۈرلۈكنىڭ كەملىكى؛ يەنە بىر بولسا دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قۇبۇل قىلماسلىقى، ھەمدە بۇ خىلدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تېخى قۇرۇلمىغانلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن بىر چەتكە تاشلىنىپ قالدى.

تۆتىنجى، ئەركىنلىك ھۇقۇقى. ئەمەلىيەتتە، ھەممىگە ئايان سەۋەب ــ يەنى ئەركىنلىك قارىشى ھەققىدىكى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئىختىلاپ ۋە بىر-بىرىگە باقمايدىغان ئىزاھاتلار تۈپەيلىدىن، ئىنسانىيەت پەلسەپە تارىخىدا ئەزەلدىن «ئەركىنلىك» دېگەن بۇ ئۇقۇمدەك ئاسان تالاش-تارتىش ۋە خاتا چۈشۇنۈۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىىقىرىدىغان بىر نەرسە يوق؛ تا بۈگۈنگىچە تېخى بىرلىككە كەلگەن، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان «ئەركىنلىك ھۇقۇقى» شەكىللەنمىدى؛ ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغان كەلگۈسىدىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلىشى تەس. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، ئەركىنلىك ھۇقۇقىنىڭ موللىقى ۋە كۆپ خىللقى ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇمۇميۈزلۈك، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.

ئىسلام ئەڭ مۇھىم ئەركىنلىك ھۇقۇقى دەل دىينىي ئىتىقاد، قەلب ۋە ئىدىيە-پىكىر ئەركىنلىكى، دەپ تۇنۇيدۇ. چۈنكى ئەقىل-ئىدراك ۋە ئىمان-ئىتىقادنى چىقىرىۋەتكەندە، بىز ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەت بىلەن ھايۋانات ئوتتۇرىسىدا زادى قانچىلىك ماھىيەتلىك پەرق بارلىقىنى كۆرەلمەيمىز. ئىتىقاد ئەركىنلىكى ئىنساننىڭ تۇغما ماھىيىىتىگە ئۇرۇنلاشقان بولۇپ، ئىتقادنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سىرتقى ھەرىكەت شەكلى بولسا، ئىنساندىكى ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتنىڭ سىرتلىشىشى ۋە تەبىئىي كېڭىيىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇبادا ئادەملەرنىڭ سىرتقى ھەرىكىتى دۇنياۋىي قانۇننىڭ تىزگىنلەش ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ماھىيىتىدە مەۋجۇد  بولغان ئىتىقاد ئەركىنلىكى بۇ خىل تىزگىن ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، گەرچە سىرتقى ھەرىكەتكە قۇيۇلغان چەكلىمە بىىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش شەكلىنىڭ مۇكەممەللىكىگە زىيان  يەتكۈزسىمۇ، ئەمما شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقى تۈپەيلى خۇدانىڭ دەرگاھىدا ئېرىشىدىغان تېگىشلىك مۇكەممەل ئەجىر-ساۋابىغا قىلچە دەخلى يەتكۈزەلمەيدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ماھىيىتى ۋە روھىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى ۋە كىشىلىك ئىززىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەرىكەت ھۇقۇقىغا ئىگە، ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆز-ئۈزىگە ئىگە بىر ئادەمگە؛ مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىش كېرەك بولغان، ئۈستىگە ئلالايدىغان ھەم ئالسا بولىدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنالايدۇ. خۇداغا ئىشىنىدىغان ۋە خۇداغا نىسبەتەن مۈجمەل ھېسىياتتا بولىدىغان كۆپلىگەن قانۇنشۇناسلار ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇكى، شەخىسنىڭ ئەركىنلىك  ھۇقۇقى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىن بۇرۇن مەۋجۇد ئىدى، ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا كۆرسىتىش ۋە ئېتىراپ قىلىشىقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن قانۇنىيلىققا ۋە ئىمتىيازغا ئېرىشكەن ئەمەس؛ ھەمدە ئاساسىي قانۇن، قانۇننىڭ سەل قارىشى ياكى ئىنكار قىلىشى تۈپەيلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ. كىشىلىك ھۇقۇق پۈتۈلگەن ۋە پۈتۈلمىگەن دۇنياۋىي ئاساسىي قانۇن، ۋە قانۇندا بەلگىلەشكە ئېرىشكەنلىكتىن تۈپ ھۇقۇققا ئايلانغان بولماستىىن، بەلكى كىشىلىك ھۇقۇق تۈپ ھۇقۇق بولغانلقى ئۈچۈنلا، دۇنياۋىي ئاساسىي  قانۇن ۋە قانۇندا بەلگىلەشكە ئېرىشكەن. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن: «دىيندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى ئاللاھتىن باشقا بارچە مەبۇد)نى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ» (256 :2).

مۇبادا بىز پەقەت ئىچكى ئىتىقاد، قەلب، ئىدىيە ئەركىنلىكى بىلەنلا قانائەت قىلساق،  ئۇنداقتا بىز يەنىلا بىر مۇكەممەل مەنىدىكى ئادەمگە ئايلىنالمايمىز؛ پەقەت بىز ئىچكى ئىتىقادنى تاشقى ھەرىكەت ۋە تۇرمۇش شەكلىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن مېھرىبان، ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ مەرھەمىتىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولغان بولىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئىنساننىڭ جىسمانىي ھۆرلۈك ھۇقۇقى، بىخەتەرلىك ھۇقۇقى، سۆز قىلىش ھۇقۇقى ھەقىقەتەنمۇ بىر دېموكراتىك دۆلەت ۋە ئەركىن جەمئىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھۇقۇق، شۇنداقلا شۇ جەمئىيەت ياكى دۆلەت قۇرۇلۇشتا تايىنىدىغان قانۇنىي ئاساستۇر. زامانىۋىي ئىجتىمائىي-سىياسىي تۇرمۇشتا بۇ خىل ئەركىنلىك پۇقرالىق ھۇقۇقى ھەمدە كۆپلىگەن ئاساسىي قانۇنلۇق ۋە قانۇنلۇق ھۇقۇق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن: بەدەن، تۇرالغۇ، سەپەر، گەپ-سۆز، نەشىر، خەۋەر، ئىجاد قىلىش،ئالاقە، يېغىلىش، ئۇيۇشۇش، سايلاش، سايلىنىش،  ساياھەت، نامايىش، سۈكۈت قىلىش، ئىلتىماس قىلىش، ئىش تاشلاش… قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي، سىياسىي ھۇقۇقلار.

پاسسىپ مەنىدە، ئىنساننىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھۇقۇقى يەنە ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ئەركىن، ھەر قانداق ئادەمنىڭ باشقىلارنى قۇل قىلىش، خورلاش، زۇلۇم قىلىش، ئىزىش ھۇقۇقى يوق، بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئىنسانىيەت ئىلاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇشى ھەمدە ئىلاھىي قانۇن بەلگىلىگەن ئىجتىمائىي-سىياسىي تۇرمۇش تەرتىپى ۋە  رامكىسى ئىچىدە ھايات كەچۆرۈشى كېرەك. بىر پۇقرانىڭ يوللۇق سەۋەبسىز ئۆتكۈزگەن جىنايىتى قانۇنلۇق ئەدلىيە تەرتىپى بۇيىچە سوتتا  ئىسپاتلانماي تۇرۇپ، شەخىسنى قولغا ئېلىشقا، قاماپ قۇيۇشقا، تۇتۇپ تۇرۇشقا، ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قۇيۇشقا، پالاشقا ياكى جازالاشقا بولمايدۇ. ئوخشاشلا تەن، كۆڭۈل ياكى روھ جەھەتتىكى خورلاش، ئازابلاش ياكى ھەر قانداق شەكىلدىكى زىيانكەشلىك قىلىشقا بولمايدۇ. كۆرۈۋېلىش ئاسانكى، ئىسلام ھەر قانداق شەكىل ياكى ھەرقاندا مەقسەتتىكى ئادەم تۇتقۇن قىلىشنى ئېنىق چەكلىگەن. زۆرۈر ھەم ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ يەنە دۇنياۋىي ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ سىرتىدىكى تۈرلۈك  ھۇقۇق بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن: قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش، زولۇق ھەرىكەت ۋە ئىنقىلاب قىلىش ھۇقۇقى دېگەندەك. كۆرۈش كېرەككى، سۆز قىلىش ھۇقۇقى ئىرادە ئەركىنلىكى بىلەن پىكىر مۇستەقىللىقىنى تۈپ ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، يىتەرلىك ئىرادە ئەركىنلىكى بولمايدىكەن ھەقىقىي ئىپادىلەشمۇ بولمايدۇ. ئىسلام شەرىئىتىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلەر ئەقىدە پرىنسىپىدىن يۈز ئۆرۈمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە. ئەمما،  بۇ  مۇقەددەس ئەقىدىنى كۆزگە ئىلماي، شەخسنىڭ ئىنسانىي ئابرويىنى دەپسەندە قىلىش، ئىلاھىي قانۇن-بەلگىلىمە، ئەخلاق ۋە قانۇن-نىزاملارنى بۇزۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى چىرىتىش ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئەركىنلىكنى سۈيئېستىمال قىلىش، ئەركىنلىكنى چەيلەپ-يەنجەش، ئەركىنلىكتىن ۋازكېچىش، ھەمدە ھەققانىي، يوللۇق كېسىم قائىدىسىنى بۇزۇش «ئەركىنلىكى» ماھىيەتتە ھەقىقىي ئەركىنلىك ئەمەس؛ ئەكىسچە، شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كامىىللىقىىنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈنمۇ، كوللىېكتىپ ۋە توپنىڭ ئەركىنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە قوغداش كېرەك. مۇشۇ سەۋەبتىن، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھۇقۇقى شەخىس كىشىلىك ھۇقۇقىنىڭ تەبىئىي تەرەققىياتى بولدى. بارلىق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىك، زومىگەرلىك، جاھانگىرلىك ماھىيەتتە ئىپلاس قۇللۇق، زۇلۇم، ئىزىش، تارتىۋېلىش، بۇلاش، ئوغۇرلۇق، قاتىللىق، ئوت قۇيۇش كەبى جىنايى قىلمىشلارغا مەنسۇپ. ئۇلار پەقەت ئامما بىلەن شەخىسنىڭ ھۇقۇق مەنپەئەتىگە تەھدىت  ۋە  زىيان سېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئىلاھىي خۇسۇسىيەتنى كۆزگە ئىلماي، ئىلاھقا بىئەدەپلىك قىلدى، ئىلاھىي قانۇنغا ھەيۋە قىلىپ، ئىنسانىي تەبىئەت ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەتنى دەپسەندە قىلدى. شۇڭا كەسكىن بىكار قىلىنىشى، ئۈزۈل-كېسىل يۇقۇتۇلۇشى كېرەك، ھەمدە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ زۇلۇمدىن، زىيانكەشلىكتىن، ئىزىلىشتىن ۋە قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش، ئىگىلىك ھۇقۇقنىڭ مۇستەقىللىقىنى، زېمىننىڭ پۈتۈنلۈكىنى ۋە مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىننى ئىدارە قىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى بايلىق ۋە مال-مۈلۈكلەرنى ئېچىش، كونترول قىلىش، پايدىلىنىش تەبىئىي ھۇقۇقى بار. بۇنىڭغا ئالاقىدار ھەممە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىزىلگەن، مەھرۇم قىلىنغان، قۇل قىلىنغان خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە بەختكە ئېرىشىشىنى قوللاش تەبىئىي مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. مۇبادا بىر ئادەم، بىر مىللەتنىڭ زوراۋان سىياسەت، زوراۋان ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار تۇرۇپ، ئەكسچە، ئۆز تىپىدىكىلەر ئۇچرىغان، ئىلاھىي قانۇن ۋە ئىنسانىي تەبىئەتكە خىلاپ خورلۇق، زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكلەرگە پەرۋا قىلماي، كۆرسىمۇ-كۆرمەسكە، ئاڭلىسىمۇ-ئاڭلىماسقا سېلىپ، سەۋر قىلىش ھەتتا قۇبۇل قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولسا، ئۇنداقتا، ئۇ ياكى ئۇلار ئادەم دەپ ئاتاشقا مۇناسىب كەلمەيدۇ. خۇددى ئەركىنلىكنى سۈيئېستىمال قىلىش بىر خىل ھاماقەتلىك بولغىنىدەك، ئەركىنلىىكتىن ۋاز كېچىشمۇ بىر خىل ئەقىلسىزلىقتۇر، ئاخىرىدا ئۆز قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تارتىدىغان، ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغان گەپ. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مونداق دېگەن: «زالىم پادىشاھ ۋە زالىم ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدا ئادالەتنى ياقىلاپ ھەق سۆزنى يۇشۇرماي ئۇدۇل قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ جىھادتۇر».

بەشىنچى، باراۋەرلىك ھۇقۇقى. 1400 يىل بۇرۇنلا، ئىسلام ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش پرىنسىپىنى ئۇتتۇرىغا قويغان. بۇ باراۋەرلىك پەقەت ئەخلاقىي جەھەتتىكى تەلەپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، قانۇنىي جەھەتتكى ئېتىراپتۇر؛ پەقەت بىر خىل ئىچكى ئېتىقاد ۋە قىممەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، بىر خىل سىرتقى ھەرىكەت ۋە ئەمەلىيەتتۇر. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ھەممە ئىنسان ئادەمنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بىردەك ئورتاق بىر جەمەت سېستىمىسىغا مەنسۇپ. شۇ سەۋەبتىن، ھەممە ئادەم قانداشلىق جەھەتتە تۇغۇلۇشتىنلا باراۋەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قانداشلىق مۇناسىۋەتتىن ھالقىغان ئېتىقادمۇ شەخسكە ئىلاھ ۋە ئىلاھىي قانۇن ئالدىدىكى مۇكەممەل باراۋەرلىكنى ئاتا قىلغان. شەخىسنى بىردىنبىر ماھىيەتلىك پەرققە ئىگە قىلالايدىغان پەقەت بىرلا ئامىل بار، ئۇ بولسا ــ ئاللاھقا بولغان تەقۋالىق دەرىجىسى. تارىخىتىن بۇيان، بۇ تۇنجى قېتىم مىللەت، ئىرق، دىين، رەڭ، تىل، تۇغۇلۇش، كىلىپ چىقىش، مەرتىۋە، ئۇرۇن، سىنىپ، نەسەب، جىنس، ياش، كەسىپ، نىكاھ، مۈلۈك، مائارىپ، كىرىم، مۇناسىۋەت، دۆلەت تەۋەلىكى، يۇرت، سىياسىي قاراش، سىياسىي مەزھەب… قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار ئوخشىماسلىقىدىن كىلىپ چىقققان ھەر تۈرلۈك كەمسىتىش ۋە پەرقلىق مۇئامىلىنى چۆرىۋەتتى. ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئىسلام دىينى ئىتىقاد ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، شۇڭا دىينىي ئىتىقاد  پەرقىگە ئاساسلانغان كەمسىتىش ھەقىقىي مۇسۇلمان جەمئىىيىتىدە ئوخشاشلا مەۋجۇد بولمايدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز-ئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق  قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر. (13 :49)

ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ۋىدالىشىش ھەجىدىكى نۇتۇقى»دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئاللاھنى تۇنۇپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش جەھەتتە، ئەرەبلەر غەيرىي ئەرەپلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، غەيرىي ئەرەبلەرمۇ ئەرەبلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، ئاق تەنلىكلەر قارا تەنلىكلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، قارا تەنلىكلەرمۇ ئاق تەنلىكلەردىن ئۈستۈن ئەمەس».

ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش پرىنسىپى ئۇلارنىڭ سىرتقى ئالاھىدىلىكى ۋە تەبىئىي خاسلىقى مەسلەن: بوي-بەستى، قەددى-قامىتى، چىراي-تۇرقى، رەڭگى- رويى، كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ئىچكى ئالاھىدىلىكى مەسلەن: مىجەزى، خارەكتېرى، خۇيى، زىھنى قاتارلىقلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەنلىك بولسا، ھەر بىر شەخىسنىڭ بىرخىل تۇغۇلۇش بىلەن تەڭ كەلگەن، ھەر قانداق سېلىشتۇرما باھانى قۇبۇل قىلمايدىغان ئىچكى قەدىر-قىممەت ۋە ئىنسانىي ئابرويىنى؛ يەككە مەنىدىكى تۈپ ھۇقۇق، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنىڭ بىردەكلىكى ۋە ئىجتىمائىي رىقابەتتىكى پۇرسەت باراۋەرلىكى، تەقسىماتتىكى نىسبەت باراۋەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر شەخىس تەن، روھ، قەلب، كىشىلىك ئابروي جەھەتتە ھۆرمەتلىنىش ھۇقۇقىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈكى، ئەركىنلىكى، دىينى، شان-شەرىپى قاتارلىقلار بىردەك ئەخلاقىي جەھەتتە ئېتىراپ قىلىنىشى، قانۇنىي جەھەتتە باراۋەر قوغدىلىشى كېرەك. گەرچە تەبىئەت ئادىمى بىلەن جەمئىيەت ئادىمى ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا تۈرلۈك-تۈمەن پەرقلەر ۋە باراۋەرسىزلىكلەر بولسىمۇ، ئەمما ھەر قانداق ئادەم قىلچە مۇستەسناسىز، يۈزدە-يۈز ھالدا، باشقىلار بىلەن ئوخشاش ئىچكى ئىززەت-ئابروي ۋە قەدىر-قىممەتكە ئىگە. گەرچە دەۋرلەردىن قالغان، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئامىللار كونكېرت شەخىسنىڭ ئەمەلىي ئىجتىمائىي، سىياسىي ئورنىغا مۇقەررەر تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ھەر بىر شەخس قانداق ئائىلە، قانداق جايدا تۇغۇلۇشتىن قەتئىينەزەر ، تۇغۇلغان ھامان مۇقەررەر ھالدا ھەرقانداق ئادەم بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كىشىلىك ھۇقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىسلامنىڭ نوقتىئىينەزەرى بۇيىچە. باراۋەرلىك ھەر قانداق ئالدىنقى شەرتكە مۇھتاج ئەمەس، ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلۇشتىنلا باراۋەر يارىتىلغان، كېيىن ئىجتىمائىي سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باراۋەرسىز بولۇپ قالغان؛ تەبىئىي ئادالەت ۋە ئىپتىدائىي ھەققانىيەت كۈچلۈكلەرنىڭ ھۇقۇقى، مەنپەئەتى ۋە ئىمتىيازى بولۇپ ئىپادىلەنسە، ئەمما، قانۇنىي ئادالەت زور بىر تۈركۈم ئاجىزلارنىڭ ئۆزىنى  قوغداش ئۈچۈن تىكلىگەن  دالدىسىدۇر. ئەمما، شەك-شۈبھىسىىزكى، قانۇننىڭ ئۆزى ئالدى بىلەن ئادىل بولۇشى، شۇنداقلا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارغا باراۋەر ۋە قىلچە پەرقسىز ھالدا تەدبىقلىنىشى شەرت، مۇبادا قانۇننىڭ ئۆزى رەزىل ۋە شەخسىيەتچى بولسا، ئۇنداقتا سوتچى ئادىل، لىللا ھۆكۈم قىلغان تەقدىردىمۇ قىلچە ئەھمىيىتى يوق؛ ئۇ پەقەتلا ئېمىتماي-تېمىتماي قانۇننىڭ شەخسىيەتچىللىكىنى ئىپادىلەيدۇ خالاس. قەدىمقى يۇنانلىقلارنىڭ باراۋەرلىك ھۇقۇقىنىڭ پەقەت قانۇن دائىرسىدىلا ئەھمىيىتى بار بولۇپ، باراۋەرلىك خۇسۇسىي سىياسىي تۇرمۇش ساھەسىدە ئەمەس، پەقەتلا پۇقرالاردا ئىپادىلىنىدۇ. شەھەر دۆلىتىنىڭ كاپالەت باراۋەرلىكى تۇغۇلۇش ھالىتىدىن ئەمەس. كىشىلەرنىڭ پۇقرالىق ھۇقۇقىدىن كىلىپ چىققان، ئەمما، شەھەر دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پۇقرالار پەقەت ئىنتايىن كىچىك دائىردىلا چەكلىنىدۇ. سولۈن ئىسلاھاتىدىن گۈللەنگەن پرىكلى دەۋرىگىچە، دېموكراتىك سىياسىينى ئۇمۇملاشتۇرغان ئافىنا شەھەر دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى 40-60 مىڭ ئادەم بولۇپ، شەھەر دۆلەتلىرى ئۇمۇمىي نۇپۇسىنىڭ 7/1 (يەتتىدىن بىرىنى) ئىگىلەيتتى. ئىنسانىي قانۇن پەقەت ئىلاھىي قانۇن تۇرغۇزغان پرىنسىپ ئۈستىگە ھەقىقىي يۇسۇندا قۇرۇلغاندىلا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم بابباراۋەر بولغاندىلا، ئاندىن ئۈنۈملۇك ھالدا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەم باراۋەر ھالدا قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشى ھەم باراۋەر ھالدا قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى بولۇپ ئىپادىلىنەلەيدۇ. ھەر بىر ئادەم قانۇنغا داۋا قىلىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ھەر بىر ئادەمگە ئادىل سوت ئېچىلىپ، جىنايىتى بارلىقى ئىسپاتلىنىشتىن بۇرۇن، گۇناھسىز دەپ ھۆكۇم قىلىش پرىنسىپى ۋە ئۆز-ئۆزىنى ئاقلاش ھۇقۇقى تەدبىقلىنىدۇ؛ ھەر بىر ئادەم ئەڭ ئاخىردا پەقەت يەككە مەنىدە قانۇنىي مەسئۇلىيىەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ (جۇڭگونىڭ قەدىمكى چېتىپ جازالاش قانۇنى بۇ پرىىنسىپقا خىلاپلىق قىلغان).

تاكى يېقىنقى 200-300 يىلغا كەلگەندىلا، ئاندىن غەربتىكى مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇرلار باراۋەرلىك ھۇقۇقىنى ئۇچۇق بايان قىلدى، ئامېرىكىلىق دانىشمەنلەر مۇنداق جاكارلىغانىدى: بىز بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم، دەپ قارايمىز، ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشىدىن بابباراۋەر. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ دەرگاھىدىن مەلۇم ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدىغان ھۇقۇقلار بېرىلگەن، ئۇلار ياشاش ھۇقۇقى، ئەركىنلىك ھۇقۇقى ۋە بەخت ئىزدەش ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىرقىي كەمسىتىش مەۋجۇد بولۇپ، قارا تەنلىكلەر ۋە رەڭلىك ئىرقلار ھەمىشە پەرقلىق ۋە ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچراپ كەلدى، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى بەزىدە ئوخشىمىغان ئىرقلارغا قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ سابىق مۇستەملىكىسى جەنۇبىي ئافرىقا سېسىق نامى پۇركەتكەن، ئاشكارە قانۇن تۇرغۇزۇش شەكلى بىلەن نۇمۇسسىزلارچە ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى ئېتىراپ قىلغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ، ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق مىللەتلەر دەرىجە تۈزۈمى، يەرلىك ئاھالىلەر تۇرغان جاي، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي قۇرۇتۇش قاتارلىق ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئەقلىگە زىت تۈزۈم ياكى سىياسەتلەرنى يولغا قويغان.

ئىسلامىي كىشىلىك ھۇقۇق دۆلەت، ھۆكۈمەت، جەمئىيەتتىن ھەر قانداق باھانە بىلەن قەستەن مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرمەسلىكنى، ئىرقىي كەمسىتىشكە قۇتراتماسلىقنى ۋە ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. تارىختىن قارىغاندا، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە جىنايەتكار ھۆكۈمىتى، موللاق ئاتاي دەپ قالغان چىرىك ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر دائىم قەستەن مىللىي نىزا پەيدا قىلىش، ئىرقىي تۇقۇنۇش قوزغاش،  دىينىي ماجرا تۇغدۇرۇش ئارقىلىق دىققەت- ئېتبارنى بۇراپ، سىياسىي ۋەزىيەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى كونترول قىلىدۇ. بۈگۈن، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك رايۇن، دۆلەت ۋە ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىم جايلارنى كونترول قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ھاردىم-تالدىم دېمەي، ياخشى نىيەتلىك ياراشتۇرغۇچى، ئادىل كىسىم قىلغۇچى، ۋە بىتەرەپ مۇھاپىزەت قىلغۇچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، پەقەت نۇمۇسسىزلارچە ئارىنى بۇزىدىغان سىياسىي چارىلەر ۋە ئۆزىگە تارتىپ، پارچىلايدىغان دىپلۇماتىك ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىدۇ خالاس. كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ  نۇمۇسسىز كۆز بۇيامچىلىقىنى ئېچىپ تاشلىغاندا، يا  مىللىي مەۋجۇتلۇق، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ھەققانىيلىق دەستىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؛ يا ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز، مەسۇم، گۇناھسىز ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.

ئالتىنچى، نىكاھلىنىش ھۇقۇقى. ئىسلام شەرىئىتى نىكاھ-ئائىلە مەسىلىسگە يۈكسەك ۋە كەڭ دائىرلىك كۆڭۈل بۆلىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاراڭلاردىكى بۇيتاق ئەر-ئاياللارنى ۋە ياخشى قۇل-چۆرىلىرىڭلارنى ئۆيلەپ قۇيۇڭلار» (32 ؛24). «قۇرئان كەرىم»دە يەنە زور مىقداردا نىكاھ-ئائىلە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بار، ئۇلار پەقەت ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھ، مال-مۈلۈك، مائارىپ، كىشىلىك ئىززەت جەھەتتىكى ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىگە چېتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، جەمئىيەت، ئۇرۇق-تۇققان، يېتىم-يېسىر، ھەتتا قۇلۇم -قوشنا، مۇساپىر قاتارلىقلار جەھەتتىكى ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە چېتىلىدۇ. كەڭ مەنىدىكى نىكاھ ھۇقۇقى توي قىلىش ھۇقۇقى، ئاجرىشىش ئەركىنلىكى، ئەر-خوتۇن باراۋەرلىكى، قانۇنلۇق ساغلام ئائىلە تۇرمۇشى، ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، بالىلارغا كۆيۈنۈش، ئۇرۇق-تۇققانچىلىقنى ساقلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئېلىشى كېرەك. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ ھۇقۇقلار تەرەققىيات تىپىدىكى كىشىلىك ھۇقۇققا مەنسۇپ، چۈنكى نۇرمال لوگىكىلىك يەكۈنگە ئاساسلانغاندا، توي قىلمىغان تەقدىردىمۇ، بىر ئادەمنىڭ ئادەم  بولۇشغا دەخلى يەتمەيدۇ؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز يەنە توي قىلمىغان، بويتاق، ياكى نىكاھتىن ئاجراشقان ئاشۇ ئەركىن كىشىلەرنى «ئادەم ئەمەس» دېيەلمەيمىز. ئەمما، مۇبادا بىر ئادەمنىڭ نىكاھلىنىش ھۇقۇقى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنسا، ئۇنداقتا شەكسىز بۇ خىل مەھرۇملۇق ئۇنىڭ ئۆزىنى بىر«ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەم»گە ياكى«مۇكەممەل مەنىدىكى ئادەم» گە ئايلاندۇرۇشىغا دەخلى قىلىدۇ. ئەلبەتتە، بۇ ھەرگىز ئاددىيلا قىلىپ «جىنسىيەت» ھەل قىلغۇچ ئامىل، دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئەھۋال ئاستىدا، خۇداغا ئىشەنمەيدىغان، شۇ سەۋەبتىن ئىلاھىي قانۇن، ۋە ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئاشۇ كىشىلەر توي قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، توي قىلغانلار بىلەن ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، گەرچە شۇنداق بولغاندىمۇ، ئىسلامنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە، ئۇ تېخى قانۇنىي ھالدا ئەخلاق ۋە قانۇن مەنىسىدىكى نىكاھلىنىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولغىنى يوق، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قارىشىچە، پەقەت قانۇنىي يول ئارقىلىقلا شەخىسنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

شەك-شۈبھىسىزكى، ئەر-ئايال پۈتۈنلەي باراۋەر ھالدىكى نىكاھلىنىشقا دائىر ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە ئىگە، بەلكى ئىتقاد چەكلىىمسىدىن سىرت، بۇخىل ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەت مىللەت، ئىرق، رەڭ، كىلىپ چىقىش، دۆلەت تەۋەلىكى قاتارلىقلارنىڭ تۇسۇقىدىن ھالقىپ كەتكەن، جىسمانىي ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت جەھەتتە، ئەر-ئايال پۈتۈنلەي باراۋەر؛ ئائىلە تۇرمۇشى جەھەتتە، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپكە بابباراۋەر ھالدا مۇناسىب ھۇقۇق، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تەقسىم قىلىنغان؛ شۇنداقلا ئەر تەرەپ يەككە ھالدا ئائىلىنىڭ تەمىناتى ۋە پاراۋانلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك؛ تۆرەلمە، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقى تۇلۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك؛ ئاتا-ئانىلار پەرزەتلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىشى، ھەمدە پەرزەتلىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە كۆتۈشىگە ئېرىشىشى لازىم؛ ھەتتا، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭمۇ بىر جەمەتتىن بولغانلىقى ئۈچۈن مۇئەييەن قانۇنىي ھۇقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتى بار؛ قانۇنىي ئىقتىدارىنى يۇقاتقان كىشىگە، ئۇنىڭ ھامىيسى ئىگىدارچىلىق قىلىشى لازىم.

يەتتىنچى، بىلىم ئېلىش ھۇقۇقى. 1400 نەچچە يىل بۇرۇنلا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېنىق قىلىپ: «بىلىم ئېلىش ھەر بىر ئەر-ئايالغا پەرىز»، دەپ كۆرسەتكەن. «قۇرئان كەرىم»دە ئەقلىي تەپەككۇرغا ھەتتا بىلىم ئىزدەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار. بىر تەرەپتىن، مەيلى ئىلاھىي قانۇن بولسۇن ياكى ئىلاھىي قانۇندىن كەلگەن ئىنسانىي قانۇن بۇلسۇن، ھەممىسى شەخىسنىڭ بىلىم تەلەپ قىلىشىنى پەقەت بىر تۈرلۈك ھۇقۇق دەپ ئېتىراپ قىلىپلا  قالماستىن، بەلكى بىر خىل بۇرچ، دەپ تۇنۇيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مائارىپ بىلەن تەمىنلەش جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت شەخىسنىڭ تەلىم ئېلىش شەكلى ۋە ۋاستىسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، شۇنداقلا شەخىس ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مائارىپنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ھەممە ئادەمنىڭ ئۇمۇمىي، خۇسۇسىي ، دۆلەت ئىچى،  دۆلەت سىرتىدىكى ھەر تۈرلۈك مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ جۈملىدىن: ئائىلە، مەكتەپ، مەسجىد، كۈتۈبخانا، تەتقىقات ئاپپاراتى، مەسلىھەت ئاپپاراتى، مەدەنىي پائالىيەت ئورنى ۋە ئاممىۋىي تاراتقۇلار تەمىنلىگەن ھەر تۈرلۈك دىينىي ۋە دۇنياۋىي مائارىپنى قۇبۇل قىلىش ھۇقۇقى بار، شەخىسنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپ، پەن-تەتقىقات پائالىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئىجادچانلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈش ھۇقۇقى بار. پەقەت بارلىق تەلىم-تەربىيە شەكلى ۋە مەقسىدى ئىسلامنىڭ « تەۋھىد»كە دائىر مۇقەددەس پرىنسىپلىرىغا زىت كەلمەيدىغانلا بولسا، ئىسلام كىشىلەرنى پىكىر قىلىشقا ماھىر، ئىزدىنىشكە دادىل بولۇشقا چاقىرىدۇ، ئەقلىي پىكىر پائالىيىتى ئەركىنلىكىگە يول قۇيىدۇ. ئەلۋەتتە باشقا ھەر قانداق مائارىپقا ئۇخشاش، ئىسلام مائارىپى بارلىق شەخىسنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا ۋە بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە تەرەققىياتىغا زىيانلىق «مائارىپ» پائالىيەتلىرىنى مەسلەن: شەھۋانىيلىق، پەسكەشلىك، خۇراپات، رەزىللىك… قاتارلىقلارنى قاتتىق يەكلەيدۇ ۋە چەكلەيدۇ.

سەككىزىنچى، ئەمگەك ھۇقۇقى. ئىسلام شەرىئىتىدە، شەخس تايىنىپ تېرىكچىلىك قىلىدىغان مال-مۈلۈك ھۇقۇقى ۋە بىلىم ئېلىش ھۇقۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمگەك ھۇقۇقى بىر تۈرلۈك ھۇقۇق بولۇپ ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە، بىر تۈرلۈك مەجبۇرىيەت سانىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ناماز ئۇقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن بىكار بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار» (11 :62). بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «قۇرئان كەرىم»دە يەنە كۆپ ئۇرۇندا قانچىلىغان پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنىڭ ئەمگەك ۋە خىزمەت ئەھۋالى، ھەمدە يېزا ئىگىلىك، سانائەت، سودا-سېتىق ۋە ياسىمىچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون خىل قانۇنلۇق كەسىپلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئىچىڭلاردىكى كىم بولسا بولسۇن، ئارغامچىسىنى ئېلىپ، بىر دۆۋە ئۇتۇننى يۈدۈپ ئەكىلىپ ساتسا، شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئابرويىنى قوغداپ قالسا، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن، كىشىلەردىن تىلەپ، سەدىقىگە ئېرىشىش ياكى رەت قىلىشقا يۇلۇقۇشتىن ياخشى ئەمەسمۇ؟». ئەمەلىيەتتە، ئىىسلام پەقەت ئەمگەك قىلىشقا ئىلھاملاندۇۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئېنىق قىلىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ سەۋەبسىز ئىشتىن توختىشىنى ھارام، دەپ بەلگىلىدى.

ئالدى بىلەن، دۆلەت قانۇن جەھەتتە ئېنىق قىلىپ دۇرۇس، قانۇنلۇق خىزمەت، ھۆنەر، كەسىپلەرنى بەلگىلىشى؛ قانۇنسىز خىزمەت، ھۆنەر، كەسىپلەرنى چەكلىشى كېرەك؛ ئاندىن قالسا، دۆلەت بىر خىل ئادىل رىقابەتتىكى ئادەم ئىشلىتىش، ھۆنەرۋەن ئىشلىتىش ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تاللاش مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىپ ۋە قوغداپ ئەمگەك ئىقتىدارى بار كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ۋە خىزمەت ھۇقۇقىغا ۋە ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشىگە كاپالەت قىلىشى لازىم؛ شۇنداقلا بارچە شەكىل، ئۇسلۇب ۋە خارەكتېردىكى كەمسىتىش ۋە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنى چەكلىشى؛ بولۇپمۇ مىللىي، ئىرقىي، دىينىي ۋە جىنسىىي كەمسىتىشلەرنى چەكلىشى، ھەمدە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئەڭ مۇناسىب، جەمئىيەتكە ئەڭ پايدىلىق كەسىپ، خىزمەت ئورنىنى تاللاش ھۇقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بولۇشقا كېپىللىك قىلىشى كېرەك؛ يەنە كىلىپ، دۆلەت ئۇنىڭدا ياشايدىغان  يەككە ئەزالار ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشى، ھەم ئەمگەكچى ۋە خىزمەتچىلەرنى بىخەتەرلىك ھۇقۇقى، ئىجتىمائىي كاپالەت ھۇقۇقى ۋە ئەمگەك پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن قىلىشى، ھەر قانداق شەكىل، ئۇسلۇب ۋە خاراكتېردىكى ئېزىش، ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە ياكى زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى چەكلىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىش ھەققى جىدىلى ۋە ئەمگەك ماجراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ۋە ئادىل ئەمگەك كېسىم ئورگىنى قۇرۇشى شەرت، ئەڭ ئاخىردا، شەرىئەتكە ئاساسەن، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ھەم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا سالماسلىق ھەم خىزمەت ئىقتىدارى بار كىشىلەرنى ئىشسىز قالدۇرماسلىق ياكى تىلەمچىلىك قاتارلىق شەخىسنىڭ ئابرويى ۋە ئىززىتىگە زىيان سالىدىغان ئىپلاس قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندۇرماسلىق لازىم؛ ھەم بىر قىسىم كىشىلەرنى ئىشلىمەي چىشلەيدىغان، ئولتۇرۇپ ھۇزۇر-ھالاۋەت سۈرىدىغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى بولسا كۈنبۇيى ئىشلەپ ئارام ئالالمايدىغان قىلىپ قويماسلىق كېرەك. ئەمگەك ھۇقۇقىنىڭ ئۆزى دەم ئېلىش ھۇقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، ھەم يۇشۇرۇن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن دېرەك بىرىدۇ. چۈنكى مۇبادا زۆزۈر دەم ئېلىش ئەركىنلىكى بولمىسا، ئەمگەككە مەجبۇرلىنىش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇقەررەر. خۇددى ئىتىقاد ئەركىنلىكى ئىشىنىش ۋە ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، ئىشىنىشكە مەجبۇرلاش ھەقىقىي مەنىدىكى ئىتقاد ئەركىنلىكى ۋە ئىتقاد ھۇقۇقى بولمىغانىكەن، ئۇنداقتا، ئەمگەككە زورلاشمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئەمگەك ئەركىنلىكى ۋە ئەمگەك ھۇقۇقى ئەمەس، بارچە مەجبۇرىي ئەركىنلىك، مەجبۇرىي بەخت ھەقىقىي مەنىدىكى ئەركىنلىك ۋە بەخت ئەمەس.

توققۇزىنچى، سىياسىيغا قاتنىشىش ھۇقۇقى. سىياسىيغا قاتنىشىش ھۇقۇقى ئەسلىي ئەمەس، بەلكى بىر تۈرلۈك تەرەققىي قىلغان كىشىلىك ھۇقۇققا مەنسۇپ. مۇنداقلا ئېيتقاندا، بىر ئادەم سىياسىيغا قاتناشمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بىر ھەقىقىي ئادەم بولۇشىغا دەخلى قىلمايدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە، دۇنياۋىي جەمئىيەتتە دائىم دېگۈدە شۇنچىلىك چىرىك، ئىپلاس، ئىقتىدارسىز، زۇراۋان ھۆكۈمەتلەر قىلچە ئەيمەنمەستىن زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلىپ، جېنىنىڭ بارىچە ئادەمنى ھەقىقى ئادەمگە ئايلانغىلى قويمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بىز ئەمدى سىياسىيغا قاتنىشىش ھۇقۇقىنى بىر تۈرلۈك زۆرۈر، كەم بولسا بولمايدىغان كىشىلىك ھۇقۇق قاتارىغا تىزمىساق بولمايدۇ. بۇ ھۇقۇققا ئاساسەن، ھەممە ئەدەمنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا دۆلەتنىڭ ئىشلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلىرى ۋە ئاممىۋىي باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ھۇقۇقى بار؛ قانۇن-بەلگىلىمە بۇيىچە، مۇۋاپىق ھالدا ئۇمۇمنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ھۇقۇقى بار؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىزمەت ھۇقۇقى بىر خىل قانۇنىي ۋە مۇقەددەس ھاۋالە ۋە مەسئۇلىيەت، بۇ سەۋەبتىن بارلىق خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، خىزمەت ھۇقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىزمەت ھۇقۇقىنى سۈيئېستىمال قىلىش قىلمىشلىرى چەكلىنىدۇ.

ئىسلام ئەركىن دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈلمىنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈلمىگە قارشى تۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ئۇلارنىڭ ئىشلىرى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىنىدۇ» (38 :42). ئىسلامنىڭ «ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن تۇسۇش»قا دائىر مۇقەددەس پرىنسىپى بۇيىچە، سىياسىي ساھەدە مەنتىقىگە ئۇيغۇن ھۇقۇقلار پەقەت يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسىي رامكا ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇقۇقلار مەسلەن: سىياسىيغا قاتنىشىش ھۇقۇقى، سىياسىينى كېڭېشىش ھۇقۇقى، سايلام ھۇقۇقى، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھۇقۇقى، ئىجاد ھۇقۇقى، ئىنكار قىلىش ھۇقۇقى، قايتا قاراپ  چىقىش  ھۇقۇقى… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئوخشاشلا يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسىي رامكىدىن تېشىپ چىقىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ھۇقۇقلار مەسلەن: قوزغىلاڭ، تۇپىلاڭ، ئىنقىلاب، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش… ھۇقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، دېموكراتىك كېڭېشىش، دېموكراتىك سايلام ۋە سىياسىيغا قاتنىشىش، سىياسىينى مۇزاكىرە قىلىش ھۇقۇقىنى 1400 يىل بۇرۇنلا، ئىسلام شەرىئىتى رەسمىي ھالدا ئېتىراپ قىلغان ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكەن. ھەر بىر قانۇنلۇق ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى پارلامېنتتا ئاۋازغا قۇيۇش ئارقىلىق بولمىسۇن، ياكى پۇقرالار بىلەت تاشلىشى ئارقىلىق بولسۇن، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلىشتا ئەل رايىنى ئېلىش قانۇنىي مەجبۇرىيىتى بار. پەقەت كىشىلەر پىكىر، سۆز ۋە بايان ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولغان چاغدىلا، ئاندىن كېڭشىش (shura) نىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. مۇبادا بۇ خىل ئەركىنلىك تۈرلۈك بېسىم ياكى چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىكەن، خەلق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە مۇئەييەن شەكىلدە پىكىر قىلىش ۋە سۆز قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن، ئۇنداقتا «كېڭىشش» (shura) ياكى «كېلىشىش» ( consultation)نىڭ قىلچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ.

ئىسلام ئەزەلدىن شەخسىيەتچىللىك، ئاقىل بولۇپ ئۆزىنى ئاياش، ھەتتا تەركىي دۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىين ئەمەس؛ ئۇ بىر خىل ئاكتىپ كىشىلىك ھايات پوزىتسىيىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شەخىس يالغۇز ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە  باشقىلارغا، جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلىشى، ھەققانىيەتنى ياقىلىشى كېرەك. پەقەت «ياخشىلىققا بۇيرۇپ»لا قالماستىن، يەنە «يامانلىقتىن تۇسۇشى» لازىم، ناۋادا بىر مۇسۇلمان گۇناھ ۋە ناھەقچىلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالسا، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاڭلىماسقا سالسا، ھەتتا بىپەرۋالىق قىلسا، ئۇ ھالدا، ئۇ گۇناھكار بولىدۇ ۋە خۇدانىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئىسلامنىڭ باشتىن –ئاخىر كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىشى، شۇنداقلا ئاسانلا دەھرىي ئەيىبلەش ھەتتا  ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى؛ بولۇپمۇ بىز ياشاۋاتقان دەۋر ۋە جەمئىيەت رەزىللىك، قەبىھلىك ۋە ئادالەتسىزلىككە تولغاندا تېخىمۇ شۇنداق. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيلىدۇ: «(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن تۇسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر»  (110 :3). ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەنىدى: «كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن  توسمايدىغان  كىشى  مۇسۇلمان ئەمەس». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: « مۇسۇلمانلارنىڭ  چوڭ ئىشلىرىغا  كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كىشى مۇسۇلمان  ئەمەس». ناۋادا ھەققانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى رەزىل كۈچلەرنىڭ تەلۋىلەرچە ھۇجۇم قىلىشى، بۆھتان  چاپلىشى ھەتتا  قۇراللىق تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرىسا،  ئۇلۇغ ئىسلام  چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىدۇ  ۋە قىلچە ئىككىلەنمەستىن قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. بۈگۈن  بۇ دۇنيا دەل رەزىللىك ۋە گۇناھقا تولدى. «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن تۇسۇش» ھۇقۇقى ئىسلامغا خاس  بولغان ئاكتىپ كىشىلىك ھۇۇقۇقتۇر. پۈتۈن دۇنيا مىقياسى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدىن قارىغاندا،  پەقەت ئىسلاملا  تۇنجى بولۇپ مۇشۇنداق ئاكتىپ مەنا ۋە قۇرۇشچانلىققا باي كىشىلىك ھۇقۇق ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇقۇمغا ئاساسەن، ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ ھەققانىيەت پرىنسىپىنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشىلىق روھىنى  ئەۋج ئالدۇرىدىغان، بارچە خاتا، جىنايىي، رەزىل ۋە ناھەق ھالدىكى شەخىس، كوللېكتىپ، ئورگان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىلمىشلىرىنى تۇسىدىغان تەبىئىي ھۇقۇقى بار. پەقەت بىر جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئاڭلىق ھالدا ئىسلام قانۇنى ۋە ئەخلاقىنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن تۇسۇش» پرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن چاغدىلا ، ئاندىن بۇ جەمئىيەت ئۈمىد ۋە ھەققانىيەتكە تولغان بولىدۇ،

كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىمكى، «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن تۇسۇش» ھۇقۇقى پەقەت جەمئىيەتتىكى شەخىس بىلەن شەخىس ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەدبىقلىنىپلا قالماستىن،  بەلكى جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكىمۇ ئوخشاشلا  تەدبىقلىنىدۇ. ئىسلام  تارىخىدا، ئەڭ دەسلەپكى سايلانغان تۆت خەلىپە ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتورۇش نۇتۇقىدا بىردەك ئۇچۇق ھالدا، خەلقتىن  ئاللاھنىڭ قانۇنى بۇيىچە ئۆزلىرىنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىشىنى ۋە تۈزۈتۈپ قۇيۇشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلامنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى بىر خىل ئاكتىپ ئەركىنلىك بولۇپ، بۇ خىل ئەركىنلىك ئىلاھىي قانۇندىن  كېلىپ چىققان ئىچكى ئەخلاق ۋە سىرتقى قانۇننىڭ ئۇمۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن بىر خىل رىئالىي، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ۋە دېئالىكتىك ئەركىنلىككە ئايلىنىدۇ.

غەرب مەدەنىيىتىدىكى ئەركىنلىك ھۇقۇقى، ئەمەلىيەتتە، بىر خىل پاسسىپ، ئۆزچىل، ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي دەيدىغان، ئۆزئارا ئارىلاشمايدىغان، ھەتتا سۇغۇق ھېسىياتسىز ئەركىنلىك ھۇقۇقىدۇر. بۇ خىل ئەركىنلىك ھۇقۇقى بىر خىل زەئىپ گۈزەل ئارزۇدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؛ ئەمما، دائىم ئۇنچىلىك زەئىپ بولمىغان قەبىھ ئارزۇ  تەرىپىدىن ئاسانلا نابۇت بولۇپ كېتىدۇ. سۇغۇققان غەرب ئاقىللىرىنىڭ قارىشىچە، ھۇقۇق، زامانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت كۈچ جەھەتتە تەڭ كىشىلەر ئۇتتۇرىسىدىكى ئىش،  كۈچلۈكلەر خالىغىنىنى قىلسا بولىدۇ؛ ئاجىزلار پەقەت چىدىغىلى بولمايدىغان، ئەمما چىدىمايمۇ بولمايدىغان ئاشۇ ئازابلارغا چىدايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاخىردا، ھەقىقىي ئادالەت بولمىسا، ھەقىقىي ھۇقۇقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ھۇقۇقنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىشىدىن بىرلەشكەن ئامما بولمىسا، ھەقىقىي پۇقرالارنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئاھ ئۇرىدۇ.

مۇبادا «ياخشىلىققا بۇيرۇش» پەقەتلا بىر خىل تېنىچلىق ۋە ئادەتتىكى قانۇنلۇق ھالەت ئىچىدىلا يۈز بېرىدىغان ئىجتىمائىي ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش قىلمىشى دېيىلسە، ئۇنداقتا، «يامانلىقتىن تۇسۇش» ھەمىشە نۇرمال ئادەتتىكى قانۇن رامكىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ۋە بۆسۈپ ئۆتكەن تۈزۈش ۋە تۈزۈتۈش مىخانىزىمىدۇر. گەرچە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ئامالسىزلىقتىن ئادەتتىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ سېلىش بولسىمۇ، ئەمما، ئىلاھىي قانۇننىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇ بىر خىل ھەققانىي، قانۇنلۇق ۋە تەبىئىي ھۇقۇقتۇر. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ھۇقۇقى ئوخشاشلا ئاللاھ مۇسۇلمانلار ۋە بارلىق ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان مۇقەددەس دەخلى-تەرۇزسىز ھۇقۇق بولۇپ، ھەر قانداق شەخىس، گوروھ، پارتىيە، ئورگان، ھۆكۈمەت ۋە ياكى دۆلەت بىرەلمەيدۇ ياكى تارتىۋالالمايدۇ. ئاللاھنىڭ قانۇنى يەككە-يىگانە، تەڭداشسىز ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئەندىزىسى ئىچىدە، دۇنيالىق ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلدى ۋە قۇرۇپ چىقتى؛ بۇ سەۋەبتىن، دۇنيالىق ھۆكۈمەت ئۇمۇمەن ئاللاھنىڭ قانۇنى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، خەلقنىڭ چەكلەش، قارشى تۇرۇش ياكى ئاغدۇرۇۋېتىش ھەمدە قانۇن بۇيىچە قايتىدىن قۇرۇش جەھەتتە تۇلۇق ھۇقۇقى بار. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىينى يولغا قۇيولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار» (193 :2). «زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر» (191 :2).

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى گەرچە پۇقرالارنى ئۆز-ئارا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراشتىن قوغدىسىمۇ، ئەمما پۇقرالارنى  دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىكە ئۇچراشتىن ساقلاشقا سەل قارىدى. ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەرىكەت سىستېمىسى ئىچىدە، ئاللاھنىڭ قانۇنى پەقەت بىر خىل تۈزۈم رامكىسى ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسى سۈپىتىدە سىرتقىيلىشىپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل قىممەت ۋە پىسخىك ئىچكى كونترول مىخانىزىمى سۈپىتىدە ئىچكىيلىشىپ پەلسەپە، ئىتىقاد ۋە ئەخلاق يۈكسەكلىكى ۋە چوڭقۇرلىقى جەھەتتىن، ھەم ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنى چەكلەيدۇ، ھەم ھۈكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارنى قېلىپلاشتۇرىدۇ؛ ھۆكۈمەت بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ. بۇ خىل ئىچكى ئىمان ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى چەكلەش، بىر تەرەپتىن، ھەركەت سوبىيېكتىنىڭ ئۆزىنىڭ جىسمىنى  ۋە روھىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك جەننەتكە ئېرىشىش ئۈمىدىدە ئۆز-ئۆزىنى  ئاۋايلىشىدىن كەلگەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەزكۇر ھەرىكەت  سۇبىيېكىتىنىڭ ھەممىگە قادىر ئاللاھقا بولغان تەقۋالىقىدىن كەلگەن. مۇبادا بۇ خىل ئىچكى چەكلەش  مىخانىزىمى بولمىسا، يالغۇز سىرتقى ھۇقۇق كۈچى، قانۇن ۋە قۇرال كۈچى ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇبىيەت بىلەن  تاماملىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەم مۇستەبىتلىكنى چەكلىيەلمەيدۇ، ھەم ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىنىڭ كېلىپ چىىقىشىدىن ساقلىنالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇبادا سىرتقى چەكلىمە بولمىىسا، ئىچكى چەكلىمىمۇ ناھايىتى ياخشى ھالدا ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى مۇمكىن. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئىمان، قەلب، ئەخلاق قاتارلىق ئىچكى چەكلەش مىخانىزىمى بىلەن ھۇقۇق، تۈزۈم، قانۇن قاتارلىق سىرتقى چەكلەش مىخانىزىمى جانلىق بىرلەشكەندىلا، ئاندىن ياخشى دېموكراتىك تۈزۈلمە ئورناتقىلى، ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ،

غەيرىي ئىسلامىي  جەمئىيەت سىستېمىسىدا، ئۈنۈملىك ئىچكى چەكلەش مىخانىزىمى كەم بولغانلىقتىن، بولۇپمۇ بىر خىل كىشىلەر تەڭداشسىز، دەپ قارايدىغان دىينىي ئىتىقاد قانۇنى كەم بولغانلىقتىن، يالغۇز سىرتقى چەكلەش مىخانىزىمى بىر تەرەپلىمە ھالدا ھۇقۇققا چەكلىمە قۇيىدۇ ۋە دېموكراتىك سىياسىي سىستېمىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدۇ. مەسىلەن: غەرب  سىياسىيىسىدا دائىم كۆرىلىدىغان «ھۇقۇق بۆلۈشۈش ۋە تەڭپۇڭلۇق  ھاسىل قىلىش» (separation of powers with check and balance)، ھەر قىسما سۈنئىي ئاساسىىي قانۇن، قانۇن ۋە تۈزۈلمىلەر، بىر-بىرىنى ئالدايدىغان، بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدىغا سىياسىي پارتىيەلەر تۈزۈمى، سوبيېكتىپ پەرەزگە تولغان، كىشى قەلبىنى قايمۇقتۇرىدىغان ۋە ھەر دائىم ئاز سانلىقلارغا مەيلى يوق كىشىلەر باشقۇرىدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان ئاممىۋىي جامائەت پىكىرى…قاتارلىقلار ئاقىۋەت سىياسىي چىرىكلىك ۋە ئىستىبداتلىقنى يېلتىزىدىن يۇقۇتالمايدۇ ۋە ئالدىنى ئالالمايدۇ.

تېخىمۇ قالاق جەمئىيەتلەرگە كەلسەك، ھۆكۈمەت ئاللىقاچان تۇلۇق ھالدا بىر خىل چىرىكلەشكەن گوروھ ۋە بىيۇرۇكرات نۇپۇز قاتلىمىغا ئايلىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. مۇبادا خەلق ئاللاھنىڭ قانۇنى بۇيىچە، ئۆرۈپ قايتا قۇرماي، پەقەت بۇ چىرىكلەشكەن گوروھ ۋە نۇپۇز قاتلىمى تەرىپىدىن ئۆز-ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز-ئۆزىنى ياخشىلاش ۋە ئۆز-ئۆزىنى قايتا تەكشۈرۈش ھەتتا ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىشلار ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنداقتا، ھۇقۇق چەكلەش سىستېمىسى ۋە ھۇقۇق كاپالەت سىستېمىسى ئاخىرقى ھىسابتا ھالاكەت بىلەن تاماملىنىدۇ.

كىشىلىك ھۇقۇق بىلەن پۇقرالىق ھۇقۇقى كېلىش مەنبە ئوخشىمىغانلىقتىن خاراكتېرى تامامەن پەرقلىق ئىككى خىل ھۇقۇققا ئايلانغان؛ كىشىلىك ھۇقۇق ئاللاھ تەرىپىدىن مۇسۇلمانلار ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارغا بېرىلگەن تەبىئىي ھۇقۇقتۇر. دۇنيالىق ھۆكۈمەتلەر ۋە ئىنسانىي قانۇنلارنىڭ ئىجازەت بېرىدىغىنى پەقەتلا پۇقرالىق ھۇقۇقى خالاس. گەرچە پۇقرالىق ھۇقۇقىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان جەمئىيەت، ئوخشىمىغان ھەزارەت ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتتە ئوخشىمىغان ئىزاھات، چۈشەنچە ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى بار بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما، كىشىلىك ھۇقۇق باشتىن-ئاخىر مۇقىم، ئۆزگەرمەس؛ شۇنداقلا پۇقرالىق ھۇقۇقنىڭ تەبىئىي ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. مەيلى پۇقرالىق ھۇقۇق كىشىلىك ھۇقۇقنى ئەكىس ئەتتۈرسۇن ئەتتۈرمىسۇن ۋە قانچىلىك دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرسۇن- ئەتتۈرمىسۇن،ماھىيەتتە، كىشىلىك ھۇقۇققا ماھىيەتلىك تەسىر قىلالمايدۇ؛ كىشىلىك ھۇقۇق يەنىلا ھەم باشتىن-ئاخىر پۇقرالىق ھۇقۇقى تايىنىدىغان ئەزەلىي ئاساس ۋە ئەخلاقىي مەنبە،  قانۇن -بەلگىلىمىلەرنى سىنايدىغان ئەزەلىي پرىنسىپتۇر. ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئۆزى جەمئىيەت ئەزالىرىغا بەرگەن ھەر قاندا بىر تۈرلۈك پۇقرالىق ھۇقۇقىنى تارتىۋالالىشى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرالىشى مۇمكىن؛ ئەمما، تۇغۇلما كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ مۇقەددەس ئولىنى زىنھار تەۋرىتەلمەيدۇ ياكى چېقىلالمايدۇ؛ مۇشۇنداق بولۇپلا قالماستىن، كىشىلىك ھۇقۇق يەنە دۇنيالىق ھۆكۈمەت، ئىنسانىي قانۇن، بەلگىلىمە، تۈزۈملەر ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكىى ھەرىكەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە دۇرۇسلۇقىىنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھەر قانداق شەخىس، گوروھ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت سادىر قىلغان بارلىق كىشىلىك ھۇقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى قىلچە مۇستەسناسىز ھالدا ئىلاھىي قانۇن، ئەقىل ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپ جىنايىي ھەرىكەت ۋە ناھەق قىلمىش، دەپ قارىلىشى كېرەك؛ قەتئىي چەكلىنىشى ۋە قايتۇرما زەربە بېرىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەتنى باشقا بارلىق دۇنيالىق تەشكىلاتلارغا ئۇخشاش، خەلق ئاللاھنىڭ قانۇنى بۇيىچە تەشكىللىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنغاندىن سىرت، خەلقنىڭ تۈپتىن ھەر قانداق دۇنيالىق ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتقا شەرتسىز بويسۇنىدىغان مەنىۋىي مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسى يوق. مۇبادا قارىماققا خەلق بەزىدە ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق ھۆكۈمەتكە سادىق بولغان ھەم  بويسۇنغاندەك كۆرۈنگەن بولسا، ئۇ پەقەتلا ھۆكۈمەتنىڭ شۇ چاغدا ئاللاھنىڭ قانۇنى بۇيىچە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئەكىسچە قىلىپ ئېيتقاندا، خۇددى بىر ۋاپادار ئۇغۇلنىڭ ئاتىنىڭ ئىلاھىي قانۇنغا زىت بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلماسلىقى دۇرۇس، بەلكى شەرت بولغىنىدەك، كىم بىلسۇن، مۇبادا بىر ھۆكۈمەت خەلققە زورلۇق-زۇمبۇرلۇق قىلىپ، خەلقنى مۇقەددەس ئىتىقاد ۋە ئىلاھىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا بۇيرىسا، ئۇ ھالدا، ئۇ چۇقۇم بولۇشقا تېگىشلىك قانۇنىيلىقى ۋە نۇپۇزىنى  يۇقۇتۇپ، بىر خىل جىنايىي ئورگانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بۇ چاغدا ئۇنى ئاغدۇرۇش بولسۇن ياكى ئۇنى يۇقۇتۇش بولسۇن، ھەممىسى ئىلاھىي قانۇننىڭ ئاساسىي پرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، پەقەت بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يۈرۈشۈشى تايانغان پرىنسىپ ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن كەلگەن چاغدىلا، ئۇ ھەقىقىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بولىدۇ،  ئۇنداق بولمايدىكەن، قانۇنسىز ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بۇيىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر» (47 :5). بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقى ئاللاھنىڭ قانۇنى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ھۇقۇقى ئاللاھ مۇسۇلمانلار ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان مۇقەدددەس ھۇقۇق بولۇپ، ھاياتلىق ھۇقۇقى، مال-مۈلۈك ھۇقۇقى، ئىتىقاد ھۇقۇقى، ئەركىنلىك ھۇقۇقى، باراۋەرلىك ھۇقۇقى ۋە بىخەتەرلىك ھۇقۇقىنىڭ زۆرۈر تۇلۇقلىمىسى، تاكى ئىككى ئەسىر ئالدىدىلا، غەربلىكلەر ئاندىن تەنتەنە بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: بۇ ھۇقۇقلار ئەركىنلىك، ئىگىدارلىق، بىخەتەرلىك ۋە  زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلقئارا سىياسىي ساھەدە، «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن تۇسۇش» ھۇقۇقى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك- ئىتىپاقلىقى ۋە زومىگەرلىككە كۈچلۈك قارشى تۇرۇش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. «ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر» (39 :22). «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يىڭەلمەيدۇ» (160 :3). ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: «زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىندىشىغا ياردەم بەرگۇچى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ؛ قول قۇۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرغۇچى، زۆرۈز تېپىلغاندا ئاللاھنىڭ تاشلىۋېتىشكە  ئۇچرايدۇ». يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ ياشاپ، ئۇلارنىڭ جاپاسىغا چىدىغۇچى مۇئمىن، ئاممىدىن ئايرىلىپ، ئالىيجاناپ، غەمسىز ياشىغان مۇئمىندىن ئەۋزەل». بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئىسلامنىڭ ساداقەت، ۋاپادارلىق، مېھرىبانلىق، ئادالەت، سەۋرچانلىق قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇقۇملىرى قىلچە مۇستەسناسىز ھالدا، «تەۋھىد»نى پرىنسىپال ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ؛ ئەكىسچە، ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە ساداقەت، ئەخمىقانە ۋاپادارلىق، ساختا مېھرىبانلىق، ساختا ئادالەت ۋە قورقۇنچاقلىقنى چەكسىز تەشەببۇس قىلمايدۇ.

ئونىنچى، ئىتتىپاقلىق، تېنىچلىق ۋە تەرەققىيات ھۇقۇقى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىق ھۇقۇقى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ھەتتا بۈگۈن كىشىلەرنى تېخىمۇ جەلىپ قىلماقتا. بىر قىسىم خەلقئارالىق مەسىلىلەر مەسىلەن: ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئورتاق ۋارىسلىق قىلىش، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، ئىنسانىيەتنىڭ تېنىچلىقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ۋە كۈنسېرى تەخىرسىزلىشىشى ياكى ئۆتكۈرلىشىشى خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا سىياسىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە بىردەك ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىلدى؛ ئىتتىپاقلىق ھۇقۇقى ئاللىقاچان بىر تۈرلۈك مۇھىم كىشىلىك ھۇقۇق سۈپىتىدە تۈرلۈك« كىشىلىك ھۇقۇق خىتابنامىلىرى»گە كىرگۈزۈلدى، ھەتتا« ئىتتىپاقلىق قانۇنى» ئۇقۇمىنى ئۇتتۇرغا چىقاردى

ئىسلامنىڭ مېھرىبانلىق روھى مۇسۇلمانلار ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىق ھۇقۇقى تايىندىغان ئاساستۇر، بۇ خىل روھنىڭ ماددىي ئالدىنقى شەرتى جاھان ئەھلىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى؛ مەنىۋىي ئالدىنقى شەرتى بولسا، ئىسلامنىڭ ئۇمۇمى مېھرىبانلىق قارىشىدۇر. پەقەت ئىككىسىنى زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۇزاق مۇددەتلىك ئىتتىپاقلىق، تېنىچلىق ۋە تەرتىپنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىتتىپاقلىق ھۇقۇقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى دۆلەت ئىچىدە يېغىلىش، ئۇيۇشۇش، تەشكىللىنىش ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئەركىنلىكى ھۇقۇقى ۋە باشقا بارلىق ئىتتىپاقلىق روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەركىنلىك ھۇقۇقى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ؛ خەلقئارادا بولسا، مۇسۇلمانلار ئارا مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش، مۇرەسسەلىشىش ۋە يارىشىش، دۆلەت پەرقىنىڭ يۇقۇلۇشى ۋە دۆلەت چىگراسىنىڭ يۇقۇلۇشى، ھەمدە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان، بىتەرەپ ياكى دوستانە غەيرىي مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭىلاشقا، بۇنىڭ ھەممىسى يەككە-يىگانە، ھەممىدىن ئۇلۇغ ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىق، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان كەڭ قۇرساقلىق ۋە ياخشى نىيەتلىك رىقابەتچىلەرگە توغرىلانغان مۇرەسسەچىلىككە مۇھتاج بۇلىدۇ. مۇبادا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدا باشتىن-ئاخىر تېنىچلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئەمەلگە ئاشمىسا، ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە ئاللاھقا بولغان تەقۋالىقى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە مۇھتاج، بەلكى، ئۇلارنىڭ مىللەتچىلىك ۋە دەھرىيلىك خاھىشى تاكى تەلتۈكۈس يۇقالغۇچە سۇسلاشتۇرۇشقا مۇھتاج، دېيىشكە بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىينىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار، (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىيندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار)، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نىئمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نىئمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى، سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ» (103 :3).

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، تېنىچلىق ھۇقۇقى كۈندىن-كۈنگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، بىرىنچى ئەۋلاد كىشىلىك ھۇقۇق (پۇقرالىق ھۇقۇقى، سىياسى ھۇقۇق) ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد كىشىلىك ھۇقۇق( ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھۇقۇقلار) دىن كىيىن، تېنىچلىق ۋە تەرەققىيات ھۇقۇقى  قاتارلىقلار ئۇچىنچى ئەۋلاد كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى تەشكىل قىلدى. «ئىسلام» دېمەك « تېنىچلىق» دېمەكتۇر، شۇ سەۋەبتىن تېنىچلىق ھۇقۇقى پۈتكۈل ئىسلام كىشىلىك ھۇقۇقى ئىچىدە خېلىلا مۇھىم ئۇرۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، پەقەت تېنىچلىق ئەقىدىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قەلب ئېتىزىغا يىلتىز تارتىپ، بىخ سۈرگەندىلا، ھەقىقىي ۋە سىجىل تېنىچلىقتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. كۆرسىتىش كېرەككى، بىز دەۋاتقان «تېنىچلىق» ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئولى ئۈستىگە قۇرۇلغان تېنىچلىقنى كۆرسىتىدۇ؛ ھەرگىزمۇ رەزىللىك ۋە قۇللۇق ئولى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاتالمىش«تېنىچلىق»نى ئەمەس. شۈبھىسىزكى، مۇبادا ئىنسانىيەت ھەقىقىي ئادالەتنى بەرپا قىلالمىسا، مەڭگۈ ھەقىقىي تېنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ؛ مۇبادا ھەقىقىي تېنىچلىق بولمىسا، ھەقىقىي تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ. ئاشۇ ئادالەتسىز، ناھەق، ئىنسابسىز ئاتالمىش «تېنىچلىق»، ئىرقچى، مۇستەملىكىچى، زومىگەر ۋە مۇستەبىت « تېنىچلىق» پەقەتلا ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ خالاس. بۇ سەۋەبتىن، ئىنسانىيەت ئۇزاق مۇددەتلىك، ھەقىقىي تېنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقچىلىك ھادىسىسنى يۇقۇتۇشى، تېنىچلىق ۋە تەرتىپنى ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئول تېشى ئۈستىگە قۇرۇشى كېرەك. مېنىڭ قارىشىمچە، ھەققانىيلىقى يوق «تەرتىپ» تىن تەرتىپسىزلىك ياخشى، ئادىللىقى يوق «تېنىچلىق»تىن تېنىچسىزلىق ياخشى. ناۋادا بەزىلەر بۈگۈنكى ئىسلام كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، دەپ قارىسا، ئۇنداقتا، زۇراۋانلىق، زومىگەرلىك، رەزىللىك، جىنايەت پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان بۈگۈنكى كۈندە، «تەۋھىد» روھى ۋە«ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن تۇسۇش» پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ئۇلۇغ ئىسلاملا قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىنسانىيەتكە باشلامچى بولۇپ، ئادالەتنى ھەقىقىي ياقىلاپ، ئادىل تەرتىپ ۋە ھەققانىي تېنىچلىقنى  ئىشقا ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. پەقەت مۇشۇنداق بولغاچقىلا، ئۇ باشقا ھەر قانداق ھەزارەت، مەدەنىيەتتىن تېخىمۇ ئۇلۇغ، ئىلغار ۋە شەرەپلىك كۆرىنىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق بولغاچقىلا، ئىنسانىيەتتە ئۈمىد بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن»(61 :8). «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئىسلام (تىنچلىق) دىينىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار» (208 :2).

يېقىنقى زامان غەرب دانىشمەنلىرى تېنىچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپلەپ ئوتتۇرغا قويدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە: بىخەتەرلىك مەنپەئەتى بارچە مەنپەئەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئاچقۇچلۇق مەنپەئەت بولۇپ، بارچە مەنپەئەتلەرنىڭ ئۇمۇمىي قىممىتىنىڭ كاپالىتى، ئەكسىچە، ۋاقىتلىق ھۇقۇق- مەنپەئەت ھىيلىسى ئەمەس، مۇبادا ھەر قانداق نەرسىنى، ھەر قانداق ئادەم پەقەت تاساددىبىي بىزدىن كۈچلۈك بولۇپلا قالسا، خالىغانچە بىزدىن تارتىۋالالايدىغان بولسا، ئۇنداقتا، پەقەت بارغا قانائەت قىلىشلا بىزگە نىسبەتەن رېئالىي قىممەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ خىل بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش تەسەۋۋۇرىمۇ داۋاملىق كارغا كەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار قۇرالنىڭ خاراكتېرىگە قارىتا، بۈگۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بەكرەك ئويغاق، بەكرەك چوڭقۇر تۇنۇشقا ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مەدەنىي ھەق-ھۇقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، بولمايدىكەن، مۇبادا پەقەت قۇرال كۈچى بىلەنلا كىشلەرنى توپلىغىلى بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا ئەقىل- پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ھېچقانداق رېئال ئەھمىيىتى بولمىغان بۇلاتتى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدىن باشلاپ، تەرەققىيات ھۇقۇقى مەسىلىسى تەدرىجىي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بولۇپمۇ« يەر شارىلىشىش» مۇساپىسىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، تەرەققىيات ھۇقۇقى مەسىلىسى يېڭى نوقتىئىينەزەر ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر مەناغا ئىگە بولدى، بەلكى تەرەققىيات ھۇقۇقى چېتىلىدىغان ساھەمۇ ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە جەمئىيەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، قانۇن، ئىكىلوگىيە، مۇھىت قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئەمما، ھازىرغىچە تەرەققىيات ھۇقۇقى مەسىلىسى يەنىلا ياخشىراق ھەل قىلىنىشقا ئىرىشەلىگىنى يوق. چۈنكى ئۇ دىين، ئەقىدە، ئېتىكا-ئەخلاق قاتارلىق چوڭقۇرراق قاتلاملىق مەسىلىلەرگە ناھايىتى ئاز چېتىلىدۇ، پەقەتلا يۈزەكى ھەل قىلىنىپ، تۈپتىن ھەل قىلىنمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەرەققىيات ھۇقۇقى بىر تۈرلۈك ئۇنۋېرسال كىشىلىك ھۇقۇق بولۇپ، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشتىنلا ئەركىن باراۋەر ئىكەنلىكىدىن، ھەممەيلەننىڭ بەخت ئىزدەش تەبىئىي ھۇقۇقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەخىسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەرەققىيات ھۇقۇقى پاكىزە، ساغلام مۇھىتتا ياشاش، جىنايەت ۋە ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ چىرىتىشكە ئۇچرىماسلىقى، ھەمدە، شەخىسىي تەرەققىيات، ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خارەكتېر يىتىلدۈرۈش، ئىجادىي كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ پائال ھەم تۇلۇق ئىلھاملاندۇرۇشىغا ئېرىشىش ھۇقۇقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، مىللەت ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتا ئېيتقاندا، ھايات، مال-مۈلۈك، ئىتقاد، شان-شەرەپ، ئەقىل-پاراسەت، ئەمگەك، نىكاھ، مائارىپ، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، دېموكراتىيە، مېھرى-شەپقەت، ئىنساپ، ئادالەت، ھەققانىيەت، تەرتىپ، ئىتتىپاقلىق، تېنىچلىق قاتارلىق كۆپ خىل قىممەت قاراش ۋە ھەق-ھۇقۇقنى تەلەپ قىلىدۇ. تەرەققىي قىلماقچى بولساق ئالدى بىلەن، تېرىكچىلىك قىلىشىمىز شەرت، تېرىكچىلىك قىلماقچى بولساق ئەركىنلىك بولۇشى كېرەك. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئېيتقىنكى، ‹ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟›» (32 :7).  يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن (يەنى تىجارەت قىلىشىڭلار، بېلىق تۇتۇشۇڭلار، دېڭىز ئاستىدىن ئۈن-مەرۋايىتلارنى سۈزۈۋېلىشىڭلار ئۈچۈن)، ۋە (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالىي) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىينى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار» (13-12 :45)).

كۆپلىگەن دانالار ئاللىقاچان كۆرۈپ يەتكىنىدەك، ئۆتمۈشتە ئۇشتۇمتۇت ئوتتۇرىغا چىققان نۇرغۇنلىغان دەھرىي ھۆكۈمەتلەر دەرۋەقە قول تىقىپ ئارلىشىپ، قىلچە تەپ تارتماستىن ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئادەمگە ئايلاندۇرۇشىغا يول قويمىغانلىقىدىن، شۇڭىلاشقا، بىز ئالدى بىلەن ئېھتىياتچان ھالدا نېمىنىڭ ھەقىقىي ئادالەت ۋە نېمىنىڭ ھەقىقىي بەخىت ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ باقمىساق بولمايدۇ. بىزنىڭ ھەققانىيەت قارشىمىز ۋە بەخىت قارشىمىز بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان-قازانمىغانلىقىمىزنى ۋە قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئىسلامنىڭ مۇۋەپپەقىيەت چۈشەنچىسى چوڭقۇر، دېئالېكتىك ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. «بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئۇيۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇ-زىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل-مال ۋە پەرزەنت كۆپەيتىپ ئۈستۈنلۈك تالىشىشتىن ئىبارەتتۇر، مىسالى ۋاقىتلىق يامغۇردۇركى، ئۇ مايسىلارنى زوق بىلەن ئۆستۈرىدۇ، دېھقان كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، ئارقىدىن مايسىلار قۇرۇپ قالىدۇ، سەن ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ خازان بولىدۇ. ئاخىرەتتە (كاپىرلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشىلار ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار، (ئۇ) جەننەت ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر» (21-20 :57).

 

مەنبە:

مۇھەممەد يۇنۇس (尤努思.穆罕默德) تەرىپىدىن يېزىلىپ، شىياڭگاڭ تۇلپار (天马) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئىسلام سىياسەتچىلىكى» (伊斯兰政治学) ناملىق كىتاب. بۇ ئەسەر مەزكۇر كىتابنىڭ 7- بابى بولۇپ، ئەسلىي نامى: «يەتتىنچى باب: كىشىلىك ھۇقۇق توغرىسىدا» (第七章:论人权)  ئىدى. ئايرىم ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىسلام ۋە كىشىلىك ھۇقۇق» دەپ ئۆزگەرتىلدى.

 

ئەسكەرتىش:

مەزكۇر تەرجىمە «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى» تور بىكىتىدە ئېلان قىلىنغان.