مەن كىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بلوگىمغا خوش كەپسىز!!!

ئىسمىم مەمەتتوختى، فامىلەم ئاتاۋۇللا، تەخەللۇسۇم ئويچان. مەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ناھىيىسىدىن. ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتىمەن. بۇ يىل (2020) سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ماگىستېرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشتىم. نۆۋەتتە بۇ ساھەدە داۋاملىق يۇقىرىلاپ دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

مەن كېچىكىمدىن يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە تۈرلۈك ژانىرلاردا ئەسەر يېزىپ كەلدىم. بىر چاغلاردا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ھەۋەس قىلىپ شىئېر، ھېكايە يېزىپ يۈرەتتىم. مانا ئەمدى ئىلمىي تەتقىقاتقا بىرىلىپ ماقالە، كىتاب يېزىپ يۈرۈۋاتىمەن.

گەرچە ھېسسىي تەپەككۇر بىلەن بىر مەزگىل ھەپلىشىپ باققان بولساممۇ، بىراق، تەپەككۇرۇمنىڭ بارا-بارا ئەقلىيلىشىشى نەتىجىسىدە، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئۇزاقلىشىپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىم ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ ھاسىلاتلىرى بولمىش مۇھاكىمە خارەكتېرلىك يېزىقچىلىققا مەركەزلەشتى.

ۋەتەندە يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز نامىمدا ژۇرناللاردا؛ يەنە بىر قىسمىنى نامسىز ياكى تەخەللۇس بىلەن تور مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلغان ئىدىم. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن (2016) يازغان ماقالە-يازمىلىرىمنى (ئىلمىي ماقالىلەردىن سېرت) بولسا «ئويچان» تەخەللۇسى بىلەن ئاساسلىقى  فېيسبۇكتا ئېلان قىلىپ كەلدىم.

«تاما-تاما كۆل بولار» دېگەندەك يىللاردىن بۇيان تىمسىقلاپ يۈرۈپ يازغانلىرىم بۈگۈنلەرگە كەلگەندە ئالقانغا چىققۇدەك بوپ قاپتۇ. شۇ سەۋەبتىن، تور دۇنياسىدا چېچىلىپ، كومپىيۇتېرىمدا بېسىلىپ ياتقان تەپەككۇر مىۋىلىرىمنى ئىزدىگەنلەر ئاسان تاپالايدىغان بىر يەرگە قويۇپ قوياي دېدىم.