2020-يىل 23-دېكابىر

بىر مۇھەببەت ھېكايىسى

By Oychan

ئويچان

 

2016-يىلى مەن ۋەتەندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئەڭ كىچىك ئۇكام پەيلاسوپلاردەك گەپ قىلىدىغان، ئۈندىدارىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى چىقىرىدىغان بولۇپ قالغانتى. كېيىن بىلسەم ئۇنى «پەيلاسوپ» قىلغان مۇھەببەت ئىكەن.

ھېكايە مۇنداق باشلىنىپتۇ. ئۇكامنىڭ بىر ئادىشى قوشنا مەھەللىدىن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. بىراق، كۆڭلىنى ئىزھار قىلالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇكام «توختا مەن دېيىشىپ بىرەي» دەپ، ئۇ قىزنىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىپتۇ. تېلېفوننى بىر قىز ئاپتۇ.

– ۋەي، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

– ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز كىمۇ؟

– مەن قوشنا كەنتتىن بىر بالا، سىز تونۇمايسىز.

– ھە، نېمە ئىشتى؟

– شۇ، قوشنىڭىزنىڭ قىزى xx كە دەيدىغان گەپ باتتى.

– ئەمىسە، كېچىكىپ قاپسىز، كىلەر ھەپتە ئۇنىڭ تويىنى ئوينىغىلى كىرىڭ.

– ئەمىسە، سىزنىڭ تويىڭىزنى قاچان ئوينايمىز؟

– ھە؟…

شۇنداق قىلىپ، ئۇكام بۇ قىز بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، پاراڭلىشىپ يۈرۈپ ئۇلار بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى «چىن، پاك» مۇھەببەت دەپ ئويلايدىكەن. شۇڭا بىر بىرىدىن جىسمىنى يىراق، كۆڭلىنى يېقىن تۇتۇپ، بىر مەزگىل «يۈرۈپتۇ».

ئۇكام يامان، ئەمما ئەخلاقلىق، كېلىشكەن بالا ئىدى. ئائىلىمىزنىڭ ئەركىسى ئىدى. (بىزنىڭ ئائىلىدىغۇ، ئانام بىلەن دادامدىن باشقا ھەممىمىز ئەركە ئىدۇق).

بىر كۈنى ئۇكامنىڭ بىر ئادىشى «مەتتوختىكا، رۇزىمەمەتنىڭ ئىشىنى بى ھەل قىپ قويسىڭىز ۋومامتا، سىزنىڭ خېلى يۈزىڭىز ۋوغانكىن» دەپ قالدى. نېمە ئىشكىن دېسەم، مۇشۇ ئىشكەن. ئەسلىدە، ئۇكام ئۆزىگە تازا ئىشىنىپ كېتىپ، ئۆز ئىشىمنى ئۆزۈم ھەل قىلىمەن دەپ قىزنىڭ ھاممىسغا بولغان ئىشلارنى دېگەن ئىكەن. قىزنىڭ ھاممىسى قىزنىڭ ئاتا ئانىسىغا دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئاچچىقى كەپ قاپتۇ. نەتىجىدە، قىزىنى «خەقنىڭ ئوغلى بىلەن گەپلىشىپ يۈرۈپسەن» دەپ تازا ئۇرۇپتۇ.

ئۇكامغا «بۇنداق قىلساڭ خەق خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ. نېمىشقا، باشتا بىزگە دېمەيسەن» دېسەم، «شۇ، سىلەرگە، ھەممە ئىشلارنى تەل قىلىۋېتىپ دەي دېگەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنى بىر دەم گەپكە سالدىم.

– ئۇ قىز قانداقراق قىز؟

– بەك ياخشى، شۇنداق ئەخلاقلىق، قۇرئاننى يادلاپ بولغان.

– چىرايلىقمۇ؟

– بەك چىرايلىق…

– رەسىمى بولسا، ئەكىلە كۆرۈپ باقاي.

ئۇكام تېلېفونىنى ئېچىپ قىزنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتتى. قارىسام ماڭا بەك چىرايلىق كۆرۈنمىدى.

– ئۇنچىۋالا چىرايلىقمۇ ئەمەسكەنغۇ؟

– ئاكا، سەن ئۇنىڭغا ئۆزەڭنىڭ كۆزى بىلەن قاراۋاتىسەن. ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن مېنىڭ كۆزۈم بىلەن قارىشىڭ كېرەك…

ئۇكام ماڭا بىر ھازا تاھىر بىلەن زۆھرەنىڭ ھېكايىسىنى ئەسلەتتى. بۇ ھېكايىنى بورۇن مەن ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇكامغا «چاتاق يوق، سەن خاتىرجەم بول، پەقەت قىز بەل قۇيۇۋەتمىسىلا، كېلىننى ئۆيگە ئەكىلىمىز» دېدىم.

شۇنىڭدىن كېيىن، قىزنىڭ ئۆيىگە ئالدى بىلەن ئاچامنى ئەۋەتتۇق، بولمىدى. كېيىن، دادام بىلەن ئانام كىردى، بولمىدى. قارىم ئاداشلىرىمنى كىرگۈزدۈم، يەنە بولمىدى. قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر «ئويلىنىپ باقايلى، تۇققانلارنىڭ ئوغلىغا بېرىدىغان بولغان» دەپ تۇرۇۋالدى. كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى…

ئۇكامغا بىر نەچچە قېتىم چاقچاق قىلىپ، «يا ئۇ قىزنى بىر ئېلىپ قاچامدۇق؟» دەپ قويسام، «ئاكا، ئۇغۇل بالا دېگەن ياخشى كۆرگەن قىزنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى رەسۋا قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. مەن ئۇنى نىكاھ بىلەن ئېلىپ چىقىمەن. دادىسى ئۆز قۇلى بىلەن ماڭا تاپشۇرىدۇ» دېگەنتى. مەنمۇ، خاتىرجەم بولۇپ، «ئۇنداق بولسا، ئىشنى قانۇن بويىچە ھەل قىلايلى، سەن ئۇ قىزنى چىڭ تۇت، ئاتا-ئانسى بەرىبىر توي خېتى ئالماي بىر كىمگە بىرەلمەيدۇ. توي خېتى ئالغىلى بارغاندا، مەن خالىمايمەن دېسە، توي خېتى بەرمەيدۇ. سەۋر قىلساڭ، ئۇ قىز ھامىنى بىزنىڭ كېلىن بولىدۇ…» دېگەنتىم.

ئۇزۇن ئۆتمەي، پاسپورتۇم چىقىپ، مەن چەتئەلگە ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم. كۆڭلۈمدە بۇ ئاشىق- مەشۇقلارنى ۋىسالىغا يەتكۈزۈش ئىستىكى يەنە بىر قېتىم قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەتە ئۈرۈمچىگە ماڭىمەن دېگەن كۈنىسى كەچتە، قىزنىڭ ئۆيىگە ئۆزۈم باردىم. قىزنىڭ دادىسى ئىشتىن كەلمەپتىكەن. مېنى قىزنىڭ ئانىسى كۈتۈۋالدى. داستىخانغا ئولتۇرۇپ، دۇئايى-سالامدىن كېيىن، كېلىش مۇددىئايىمنى ئېيتتىم:

«مەن ئەتە چەتئەلگە ئوقۇشقا ماڭماقچى ئىدىم. شۇڭا سىلەر بىلەن خوشلىشىش ۋە بالىلارنىڭ ئىشىنى يۈز تۇرانە بىر دېيىشىپ بېقىش ئۈچۈن كىردىم. مەنمۇ دىندا ئوقۇۋاتىمەن. بالىلارنىڭ بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى گۇناھ ئەمەس، ئۇ دېگەن ئىنسان تەبىئىتى. شۇڭا، بىز چوڭلارنىڭ ئىشى، ئۇلارغا نېمە دەپ گەپلەشتىڭ دەپ توۋلاش ئەمەس، بەلكى چىرايلىق تويىنى قىلىپ، بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قۇيۇش. سىلەمۇ ياش ۋاقتىڭلاردا ئالغۇڭلار بارنى ئالالماي، تەگكۈڭلا بارغا تېگەلمەي قالغان بولىشىڭلار مۇمكىن. بىز ئۇكىمىزغا ھامان خوتۇن ئېلىپ بېرىمىز، سىلەرمۇ قىزىڭلارنى ھامان ئەرگە بېرىسىلە. بىراق، بىزمۇ زورلاپ ئالغۇسى يوقنى ئېلىپ بەرسەك، سىلەرمۇ زورلاپ تەگكۈسى يوققا بەرسەڭلا، ئۇزۇنغا قالماي، بىرى خوتۇنسىز، يەنە بىرى ئەرسىز قالىدۇ. ئۇكام، ئەسلىدە، ئەخلاقلىق بالا ئىدى، سىلىگە خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويۇپتۇ…»

قىزنىڭ ئانىسى بىر مۇنچە ھېكايە سۆزلەپ ئاخىرىدا، ئېرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ، جاۋاب بېرىدىغان بولۇپ، مېنىمۇ قۇرۇق قول يولغا سالدى. بىراق، بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ ئالدىدا ئاكىلىق بۇرچۇمنى ئازراق بولسىمۇ ئادا قىلغاندەك بولدۇم…

مەن ئەتىسى چەتئەلگە ماڭدىم. چەتئەلگە چىقىپ بىر يىلغىچە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ بىر جۈپنىڭ كۆڭلىنى پەقەتلا چۈشەنمىدى. ئۇكام 2017 – يىلى 3- ئايلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگىرغا تۇتۇپ كېتىلدى. ئاڭلىسام، كېلىن ھازىرغىچە ئائىلىسىدە ئۇكامنىڭ ئېلىپ كېتىشىنى ساقلاۋېتىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھازىر قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن، شۇ بىر جۈپلەرنى مۇرادىغا يەتكۈزەلمىگىنىمگە ئۆكۈنىمەن. كاشكى، ئۇكام لاگىردىن ئامان-ئېسەن چىقسا، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇشۇلسا، شۇلارنىڭ نىكاھىنى ئۆزۈم ئوقۇسام…

مەن ئادەتتە شاھرۇكخاننىڭ فىلىملىرىنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم. ئۇ ئاداش كۆزۈمگە بىر خىل غىتمەكتەك كۆرۈنەتتى. (مەن ئېغىر-بېسىق، سۆرەلمە بولغاندىن شۇنداق تۇيۇلغاندۇ بەلكىم). بىر كۈنى ئۇكامنىڭ تېلېفونىدا شاھرۇكخاننىڭ «كېلىن يۆتكەش» (ئەسلىسى: dilwale dulhania le jayenge، يەنى ئەزىمەت كېلىننى ئالىدۇ) دېگەن كىنوسىنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. قىزىقىپ كۆرۈپ باقسام، كىنونىڭ ھېكايىسى ئۇكامنىڭ ھېكايىسى بىلەن ئوخشاپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، «ھە، سەن تاز ئەسلىدە شاھرۇكخاندىن ئۆگېنىپتىكەنسەن-دە» دەپ ئويلىغانتىم. بەلكىم، ئۇكام شاھرۇكخاندىن ئۆگەنمىگەندۇ. ئەكسىچە، شاھرۇكخان ئۇكامغا ئوخشاش تالاي ئاشىق- مەشۇقلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەندۇ.

بۈگۈن يۇتىيۇب ئارىلاۋېتىپ، شاھرۇكخاننىڭ شۇ فىلىمىنىڭ ناخشىسى ئۇچراپ قالدى. بۇ ناخشا ئۇكامنى ۋە ئۇنىڭ ھېكايىسىنى قايتا ئېسىمگە سالدى…

 

2019-يىلى، 13- نۇيابىر، ئىستانبۇل