2020-يىل 23-دېكابىر

ئىسلام ۋە باراۋەرلىك

By Oychan

ئاپتورى : مۇھەممەد يۇنۇس (尤努思.穆罕默德)

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا

 

«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز-ئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق  قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر. (13 :49)

 

دۇنيادا پەقەت ئادەم ئەلەيھىسسالاملا بار ۋاقىتتا «باراۋەرلىك» مەسىلىسى مەۋجۇد ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ مەسىلە ئىسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كەلدى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىلەن تەڭ قېرىدى، باراۋەرلىك تېخى بىر غايە پېتى تۇرغان ۋاقىتتا باراۋەرسىزلىك ئاللىقاچان رېئاللىقققا ئايلانغانىدى. ئەگەر بىز بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت  تارىخىنى ئەركىنلىك ۋە  باراۋەرلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىش تارىخى، دەپ ئېتىراپ قىلساق، ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە قارىتا زىيادە ئۈمىدۋار ھەم زىيادە ئۈمىدسىز بولۇپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك، دېگەن قارىشىمىز يوللۇق بولىدۇ. بىر جەھەتتىن، بىز دائىم كۆرۈۋاتىمىزكى، قاراڭغۇلۇق ئىچىگە چاپلاشقان ئىنسان تەبىئىتى ھامان ئاكتىپلىق بىلەن نۇر ئىزدەيدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، مۇبادا بىز ئاشۇ ئىنسانىيەتنىڭ بەختسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش جىنايەتچىنى ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەك ئىنسان تەبىئىتىنىڭ رەزىللىكىنى بايقىماي قالمايمىز.

ئۆتمۈشتىكى چوڭ ئىشلار ئىسپاتلىدىكى، دۆلەت، ھۆكۈمەت، ھۇقۇق، قانۇن قاتارلىق دۇنياۋىي نەرسىلەر قارىماققا ئىنسانىيەتكە بەخت، باراۋەرلىك ئېلىپ كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئادەمنى ئادەم قىلالمايلا قالماستىن باراۋەرسىزلىكنى كۈچەيتىۋەتتى، ناۋادا بىز مۇشۇلار مەۋجۇد بولمىغان بولسا مەۋجۇت بولمايدىغان بالا-قازانى يەنە مۇشۇلار ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولساق، ئۇنداقتا، بۇنىڭ تەشنالىقنى زەھەر بىلەن قايتۇرغاندىن، ئوت ئۆچۈرىمەن دەپ ياغ چاچقاندىن نېمە پەرقى؟ ھەرخىل ئالامەتلەر كۆرسەتتىكى، باراۋەرسىزلىك ئاللىقاچان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بىر خىل جاھىل، ساقايماس كىسىلىگە ئايلاندى، شۇنداقلا ئۇزاقتىن بۇيان، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى بىر خىل كىسەل ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە قالدۇرۇپ كەلدى.

ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەت باراۋەرسىزلىك مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىنسان ئۆزىدىن ئىزدەپ ئاۋارە بولماي، ئىنسان ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىن سىرت، ئىنسان زاتىدىن ئۈستۈن، شۇنداقلا ئىنسان خارەكتېرلىك رەزىللىكتىن ھالقىغان بىر جايدىن كۈچ-قۇدرەت ئىزدىشى لازىم. شۈبھىسىزكى، بۇ دۇنيادا ئىنسان بارچە مەۋجۇداتنىڭ روھى، ئىنسانىيەت بارچە مەۋجۇداتنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ، بىراق، بارچە مەۋجۇدات ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ، شۇڭلاشقا، بارچە مەۋجۇداتنى ياراتقان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەتنى ياراتقان يەككە-يىگانە، ھەممىدىن ئۇلۇغ، ھەممە يەردە مەۋجۇد، ھەممىگە قادىر ئىلاھ ـــ ئاللاھلا ئىنسانىيەتنى باراۋەرسىزلىكنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ چىقالايدۇ، مانا بۇ لوگىكا ۋە ئەقىلگە تامامەن ئۇيغۇن چىقىرىلغان خۇلاسە.

  1. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدىكى باراۋەرسىزلىك

بىز 21- ئەسىرگە قەدەم قويغىنىمىزدا، ئىنسانىيەت دېگۈدەك بىر يىپيىڭى ئىراغا كىردى. ياۋرۇپالىشىش، غەربلىشىش، زامانىۋىيلىشىش، دەھرىيلىشىش ئاللىبۇرۇن كونا مۇقامغا ئايلاندى، بىراق، مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، تۈرلۈك ئەنئەنىۋىي قىممەت قاراشلار تەلتۈكۈس گۇمران بولدى، ئەمما، يىڭى قىممەت قاراشلار ۋاقتىدا بارلىققا كېلىپ، قورقۇنۇشلۇق قىممەت قاراش بوشلۇقى(ۋاكۇئومى)نى تولدۇرالمىدى. مەناسىزلىق، تاپسىزلىق، بىشەملىك، ئەنسىزلىك، بىئاراملىق  ۋە تېتىقسىزلىققا ئەگىشىپ ئازابلىق ئۆز-ئۆزىدىن ياتلىشىش ۋە روھىي جەھەتتە كۇمپەيكۇم بولۇش مەيدانغا كەلدى. كىشىلەر بىر خىل ئۈمىدسىز سۇغۇق مۇئامىلە ۋە ئەقىلسىز قۇتراش ئىچىدە باشپاناھسىز، چۈشكۈن، نىشانسىز ھالدا تېڭىرقاپ، مۇقۇمسىزلىق، شەكلى ئۆزگىرىش ۋە كىسەل ھالەتنى يىڭىدىغان بىر يولنى قەيەردىن تېپىشنى بىلمەيۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدىكى باراۋەرسىزلىك يىراق كونا دەۋردىن كەلگەن ھەمدە يىڭى دەۋردىكى قالايمىقانچىلىق ۋە تەرتىپسىزلىك ئىچىدە ئۇزۇقلۇق، ھاياتى كۈچ، ھاۋا ۋە ياشاش بوشلۇقى تاپتى.

كېلىپ چىقىشتىكى باراۋەرسىزلىك بىر خىل كونا باراۋەرسىزلىك بولۇپ، ھازىرمۇ يەنىلا كۈچكە ئىگە. بىر ئادەمنىڭ نەسەبى، مىللىتى، ئىرقى، تۇغۇلغان جايى، ئائىلىسىنىڭ مەرتىۋىسى ۋە جەمەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى مەڭگۈ تاللىغىلى بولمايدۇ ھەمدە ئەزەلىي پۈتۈۋېتىلگەن. ئېسىل ئائىلىدىن كېلىپ چىقىش گەرچە ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ھۇقۇق ۋە كۈچتىن دېرەك بەرمەستىن، بەلكى، پەقەت كېلىپ چىقىش ئىمتىياز بېغىشلايدىغان جەمئىيەتتىلا شۇنداق بولسىمۇ، ئەمما، سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، پەس ئائىلىدىن كېلىپ چىقىش تۇلا چاغ ۋە تۇلا يەردە ھاقارەت كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بىر قىسىم پاكىتلار كۆرسەتتىكى، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە، ئېسىل نەسەب ۋە كېلىپ چىقىش تېخىچە ئىمتىيازغا ئېرىشىشنىڭ كېرەكلىك مەنبەسى ۋە قانۇنىيلىق ئىزدەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى بولۇشتىن قالغىنى يوق ــــ ھېچبولمىغاندا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ئەنئەنىسى ساقلىنىپ قالغان جەمئىيەتلەردە شۇنداق بولىدۇ. شۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلەر باركى، دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا بەئەينى باشقىچە بىر ئۇلۇغ ئەربابلارنىڭ ئۆزى، خۇددى دۆلەت ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانى، خەلق پادىدىكى چارۋا-مېلى. شۈبھىسىزكى، كېلىپ چىقىشتىكى باراۋەرسىزلىك قىسمەن ھالدا پۇرسەتنىڭ تەكشىسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رىقابەتچىلەرنىڭ باشتىلا ئوخشاش بىر يۈگرەش سىزىقى ئۈستىدە تۇرۇشىغا ئىمكان بەرمىدى.

ئەر-ئايال باراۋەرسىزلىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەردە ئۆزلىرىنى زامانىۋىي ھېسابلايدىغان جەمئىيەتلەردىن بەكرەك ئېغىر بولۇشى ناتايىن، چۈنكى، قەبىلە تۇرمۇشى بەزىدە باراۋەرلىككە تېخىمۇ مايىل بولۇشى مۇمكىن. ئەكسىچە، مەدەنىي جەمئىيەتتە جىنسىي باراۋەرسىزلىك تېخىمۇ  ئېغىر بولىدۇ، شۇنداقلا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئەھۋال ئاستىدا، ئايال دائىم پەس ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ئەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەرنى ئەزىزلەپ، ئاياللارنى خار كۆرۈش ئاساسلىقى «مەدەنىي دەۋر»نىڭ مەھسۇلى، ھەرگىزمۇ قالاق دەۋرنىڭ پاتېنىتى ئەمەس.

مال-مۈلۈكنىڭ باراۋەرسىزلىكى ناھايىتى ئېنىق. بىر ئادىل رىقابەتلىشىدىغان جەمئىيەتتە، مال-مۈلۈكنىڭ باراۋەرسىزلىكى بەلكىم  شەخسنىڭ تېرىشچانلىقىنىڭ بىر  خىل مۇناسىپ جاۋابى، بىردىنبىر تۇلۇقلاشقا تېگىشلىكى بايلىق تەقسىماتىدىكى ھەددىدىن زىيادە ئىككى قۇتۇپلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەمبەغەللەرگە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن ياردەم قىلىش بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى نامراتلارنى پەيدا قىلىدىغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مىخانىزىمىنى ئېچىپ تاشلىغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، مەسىلەن: ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئادالەتسىزلىكى، ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ نامۇۋاپىقلىقى، تەقسىمات تۈزۈمىنىڭ ناھەقلىقى، شەخس كېلىپ چىقىشىنىڭ باراۋەرسىزلىكى. نۇقۇل ھۇرۇنلۇقتىن كېلىپ چىقققان نامراتلىق شەخسنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە روھىي، جىسمانىي مېيىپلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نامراتلىقتەك كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىيالمايدۇ. زور مىقداردىكى تەتقىقاتلار كۆرسەتتىكى، ھازىرقى زامان دېموكراتىك جەمئىيىتىدىمۇ مال-مۈلۈكنىڭ باراۋەرسىزلىكى يەنىلا سىياسىي باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر مۇھىم ئامىل ئىكەن.

شەخسنىڭ تەربىيە ئېلىشىنىڭ باراۋەرسىزلىكى دۆلەتنىڭ پۈتۈن خەلق ئارىسىدا باشلانغۇچ مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇشى بىلەن ھەل بولۇپ كەتكىنى يوق، چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رىقابەت كۈچى ۋە ئىستىقبالىنى ئاساسلىقى ئالىي مائارىپ بەلگۈلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەھۋال ئاستىدا، نامرات رايۇنلاردىكى ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەبلەرگە بارالماي، پەقەت مۇئەييەن سەۋىيەدە تۇرۇپ قېلىشى ئۇلار تۇغۇلۇشتىن خېلى بۇرۇنلا تۇراقلىشىپ بولغان شۇ يەرلەرنىڭ مائارىپ شارائىتىغا باغلىق، بەلكى، مۇھىمى ئاتا-ئانىسىنىڭ كېرىمى ۋە ئەجدادىنىڭ مىراسى(ئەگەر بولسا)غا باغلىق، شەخسنىڭ زېھنى ۋە تالانتىغا ئەمەس. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، باراۋەرسىزلىك ھەرگىزمۇ يەككە-يەككە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسە ئەمەس، بەلكى، ھالقىلىرى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ  كەتكەن بىر يۈرۈش زەنجىردۇر، بۇ زەنجىر زامان ۋە ماكان جەھەتتە  سۇزۇلۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ھامان شەخسنى ئالدىن لاھىيلەپ قۇيۇلغان ئۇرۇنغا  كىرگۈزىدۇ  ــــ ناۋادا تاسادىبىيلىق يۈز بېرىپ قالمىسىلا.

گەرچە پەن  تەتقىقات ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئورتاق بىر تۈر توپىدىن كەلگەنلىكىنى، ئوخشىمىغان ئىرىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى ئاساسلىقى  ئېرسىيەت ۋە سىرتقى مۇھىتقا باغلىقلىقى ھەمدە ئەزەلىي ئېسىل-پەسلىك، يۇقۇرى-تۈۋەنلىك مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، ئەمما، رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا، «مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار» ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش، يەنىلا ئىرقىي(مىللىي) كەمسىتىش، ئىرقىي(مىللىي) ئېزىش، ئىرقىي(مىللىي) ئايرىمىچىلىق ھەتتا ئىرقىي(مىللىي) قۇرۇتۇشتىن لەززەتلىنىدۇ، ھەقىقەتتە، ئۇلار مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئىرقىي باراۋەرسىزلىككە قارىغاندا، مىللىي باراۋەرسىزلىك تېخىمۇ كۆپ مەنبە ۋە ئاساسقا ئىگە؛ چۈنكى ئىرقىي پەرق تاشقى رەڭدىن ئايرىلىدۇ، ئەمما مىللىي پەرق تۇلىمۇ  مۇرەككەپ. ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ پەرقى پەقەت ئەقىدە، پىسخىكا، تىل، يېزىق، مەدەنىيەت ۋە تارىخ جەھەتلەردە ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئىقتىساد، يەر، سەنئەت، يىمەك-ئىچمەك، خۇي-مىجەز، تۇرمۇش شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەكىس ئېتىدۇ، ھەتتا ئىرقىي ۋە ئېتنىك پەرق بىلەن كېسىشىپمۇ قالىدۇ. گەرچە مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرق كۆپرەك مەنىۋىي مەدەنىيەت ئامىللىرىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرسىزلىكى ئاساسلىقى نۇپۇس سانى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي ئورنى قاتارلىق ماددىي ئامىللارغا باغلىق.

دىيننىڭ باراۋەرسىزلىكى پەقەت ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، سەرخىل شەخسلەرنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، دۇنيالىق ھۇقۇق-كۈچ مەركىزىگە يېقىنلىق مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمما، ئۇنىڭ ھەقىقەتكە يېقىنلىق مۇساپىسى بىلەن ئېنىق باغلىنىشلىققا ئىگە ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق دىيننى تاللاپ بىر پۈتۈن ئىدىئولۇگىيە ياكى مەنپەئەتلىك تۇلۇقلىما قىلىدۇ. مۇبادا ھۆكۈمرانلار مۇناسىپ دىيننى تاپالمىسا، ئۇلار چۇقۇم دىينغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل سىياسىي ئەقىدە، سىياسىي ئەپسانە ياكى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى، بەزىدە تېخى يېرىم ئىلاھلاشتۇرۇلغان سىياسىي شەخس ۋە شەخسكە چۇقۇنۇشنى ئۇمۇملاشتۇرىدىغان كېسەل ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىدىئولۇگىيە دىينلىشىش ۋە ئەقىدەلىشىشكە قانچە مايىل بولغانسېرى  شۇنچە قاتتىق چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ ھەمدە بىر خىل يىلتىزىدىن يۇقۇتۇش تەس بولغان «كېسەل ئوچىقى»غا ئايلىنىدۇ.

گەرچە ھەر خىل ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكلەر شەكىل جەھەتتە رەڭگارەڭ بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلار ماھىيەت جەھەتتە بىر قىسىم ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە  ئىگە.

بىرىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك ئىنساننىڭ پەس تەبىئەتلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئىككىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك بىر خىل كېسەل ۋە غەيرىي نۇرمال ئىجتىمائىي ھادىسە.

ئۈچىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك مۇئەييەن تەبىئىي پەرق ۋە تەبىئىي باراۋەرسىزلىكنى ئاساس قىلىدۇ.

تۆتىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك شەخسنىڭ بايلىققا ئېرىشىش ئاساسى، ئىقتىدارى، ئۈنۈمى ۋە سېلىنمىسى بىلەن ئالاقىدار.

بەشىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك مەلۇم ھەزارەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى باھالاش سىستېمىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئالتىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل تۈزۈملىشىش  ۋە قانۇنلىشىشقا مايىللىق خاھىشى بار.

يەتتىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك بىر خىل جۇغلىنىشچانلىق ۋە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، زەنجىرسىمان ئېنكاس جەريانىدا ماتېماتىكىدىكى گېئومىتېرىيلىك قاتار ياكى ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى كۆپەيتكۈچىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.

سەككىزىنجى، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك مۇئەييەن سىياسىي كۈچنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئەتراپقا تارقىلىدۇ ۋە رادىئاتسىيە قۇيۇپ بېرىدۇ.

توققۇزىنجى، ئادەتتە، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك پەقەت بىر ئەۋلاد كىشىلەردە توختاپ قالماستىن، بەلكى يەنە ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى مۇمكىن ، بۇ خىل ئۆتۈشۈش تۇلاراق يۇقۇردىن تۈۋەنگە قاراپ بولىدۇ، بەزىدە تۈۋەندىن يۇقۇرغا قاراپ ئۆتۈشۈش يۈز بېرىپمۇ قالىدۇ

ئونىنجى، زور ئىجتىمائىي بورۇلۇش، ئىجتىمائىي ھەركەت ياكى سىنىپى ئىنقىلاب يۈز بەرمىسىلا، بىر جەمئىيەتنىڭ باراۋەرسىزلىكى نىسبەتەن مۇقىم بىر سەۋىيەدە تۇرىدۇ.

بىر ھاكىممۇتلەق جەمئىيەتتە، زالىم پادىشاھتىن باشقا، ھەممە ئادەم باراۋەر، چۈنكى ھەممە ئادەم نۆلگە تەڭ؛ ئوخشاشلا، بىر ئەركىنلىك يامرىغان جەمئىيەتتىمۇ، ھەممە ئادەم باراۋەر، چۈنكى ھەممە ئادەم ھەممىگە تەڭ. ئۇمۇمەن، ئىككى خىل چەكتىن ئاشقان ھالەتتە، ھەممە ئادەم ئادەم ئەمەس ـــــ خارلىق ۋە ھاكاۋۇرلۇق ھەر قاچان ئادەمنىڭ ئەقلى ۋە تەبىئىتىنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەقىقىي باراۋەرلىك ھەرگىزمۇ ياتلىشىشتىن كەلمەيدۇ.

قۇللۇق مەدەنىيىتى كەڭ ئۇمۇملاشقان جەمئىيەتتە، ئۇزاق مۇددەت ئېزىلىش ۋە قۇل قىلىشقا ئۇچرىغانلىق ھەمدە بىكىتىلگەن تۇرمۇش شەكلىگە كۆنۈپ قالغانلىق، مۇقىم ھەركەت قېلىپىغا چۈشۈپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، بىر شەخس، بىر توپ، بىر مىللەت ياكى بىر ئىرق قۇللۇق ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، ھۆرلۈككە ئېرىشكەن ھامان قىلىدىغىنى باشقىلارنى قۇل قىلىش، ھەرگىزمۇ ئادەملەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئەمەس. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئادەملەر تۇغۇلۇشتىنلا مۇشۇنداق بىر خىل ياشاش شەكلىگە ئادەتلىنىپ كەتكەن ــــ باشقىلارنى قۇل قىلماسلىق، قۇل بولۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەركىنلىك ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان جەمئىيەتتە، ھەممە ئادەم ئۆزىنى خۇدا چاغلايدۇ، «مەدەنىيەتلىك ئادەم» ھېسابلايدۇ، ھەممە ئادەم يەنە قانۇنغا بويسۇنۇشى كېرەك، ھالبۇكى قانۇن ھۇقۇق ۋە كۈچ قاتلىمىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى؛ نەتىجىدە، ئاقكۆڭۈل « مەدەنىيەتلىكلەر» ئاخىردا ئوخشاش تۈردىكىلەر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىپ، ھاماقەت «مەدەنىيەتلىكلەر»گە ئايلىنىپ قالىدۇ.

كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىر كۈن مەۋجۇد بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكنى تۈپتىن يۇقۇتۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئىنسانىيەتنى پەرىشتە ياكى باشقا مۇكەممەل، كەم-كۆتىسىز بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك، ئۇ دېگەن خىيالپەرەسلەرنىڭ ئىشى. بىز ئەڭ ياخشىسى ئىنسان تەبىئىتىگە قارىتا بىر خىل ئەمەلىيەتچىل ئىستىل قوللۇنۇپ، رېئالىزىمچە پوزىتسىيە تۇتقىنىمىز ياخشى ــــ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكنى ئازايتىش، ھەرگىزمۇ ئۇنى يۇقۇتۇشنى خام خىيال قىلىش ئەمەس. ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، زورلۇق كۈچ بىلەن ئىنقىلاب قىلىش، ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇش، بايلارنى بولاپ نامراتلارنى يۆلەش، ئۇتۇپىيە تەجرىبىسى، پىلانلىق ئىگىلىك، چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋىي ھەركەت، دۇنيا ئۇرۇشى ھەتتاكى يەر شارىلاشتۇرۇش ھەركىتى قاتارلىقلار باراۋەرسىزلىكنى يۇقۇتالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە، باراۋەرسىزلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى، مەلۇم مەنىدىن، كۆپ قىسىم ئىنسانىيەت تارىخىنى كومېدىيە، ئەخمىقانىلىق ھەتتا جىنايەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەتتە كەم بولۇۋاتقىنى بايلىق، ساغلاملىق ياكى ۋاقىت ئەمەس، بەلكى بىر خىل ھەقىقىي ئۇلۇغ ئېتىقاد. بۇ دۇنيادا، پەقەت ئېتىقادنىڭ كۈچىلا چەكسىز. پەقەت ئېتىقادنىڭ كۈچىگە تايانغاندىلا ئىنسان تەبىئىتىنى ئەڭ زور چەكتە ئەلالاشتۇرغىلى، باراۋەرسىزلىكنى يۇقاتقىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە، قانۇن بىلەن تۈزۈم پەقەتلا بىر خىل تاشقى شەكىل ۋە بېقىندى ماددىي ۋاستە.

شۈبھىسىزكى، ئەڭ زور دەرىجىدە مۇكەممەللەشكەن باراۋەرلىككە ئىگە جەمئىيەت دەل ئېتىقاد، تەرتىپ ۋە مۇقەددەس ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىينىڭ كامىل بىرىكىشى ئىچىدە مەيدانغا كېلىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، پەقەت ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشىلا ئادەم  ئىنقىلابى، پەقەت ئادەم ئىنقىلابىلا ھەقىقىي ئىنقىلابتۇر. مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېتىقاد ئىنقىلابىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى، ھۇقۇق كۈچى، قانۇنى، ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيىتى، سىياسىيسى ئەمدى ئاددىي مەنىدىكى دۇنيالىق ھۆكۈمرانلىق ۋاستىسى ئەمەس، بەلكى، مۇقەددەس  «تەۋھىد» بۇرچىنى ئادا قىلىدىغان مۇكەممەل سېستىمىنىڭ تەركىۋىي قىسمى بولىدۇ. بۇ سېستىمىمۇ ئەمدى بىر خىل  ئاددىي شەكىللەشكەن تاشقى قۇرۇلما ئەمەس، بەلكى، يىگانە، تەڭداشسىز ئاللاھقا بولغان ئىمان ۋە تەقۋالىق ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ھەمدە ئەخلاق، قانۇن، تۈزۈم  ۋە قېلىپنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان بىر يۈرۈش ئىلغار تۇرمۇش شەكلى بولىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش شەكلى ئىچىدە، مۇقەددەس ئىمان قەلبلەرگە تۇلۇپ، ئىپلاسلىق، بىر-بىرىگە ئورا كولاش، پايدىخورلۇق، چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىش ۋە تۈرلۈك-تۈمەن رادىكال دۇنياپەرەسلىك(سكوليارىزم) نىڭ نوقسانلىرىنى تۈپتىن يۇقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، پاسسىپ بىكىنىۋېلىش، دۇنيادىن كۆڭلى سوۋۇپ كېتىش، ئۈمىدسىزلىنىش، رىئاللىقتىن قېچىش ۋە تۈرلۈك-تۈمەن رادىكال تەركىدۇنياچىلىق پوزىتسىيەسىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتتى؛ شۇنىڭ بىلەن، بىر خىل ھەم ئادىمىيلىككە تولغان، ھەم ئادىمىيلىكنى يىتەكلەپ، يۈكسەلدۈرىدىغان مۇقەددەس سېستىما ئىچىدە، ئىنسان ئالىيجاناب ئىنسانغا، سەمىمى ئىنسانغا، ساپ ئىنسانغا ۋە ھەقىقىي ئىنسانغا ئايلاندى؛ شۇنىڭ بىلەن، يېڭى ئىنسان، يېڭى جەمئىيەت، يېڭى دۆلەت، يېڭى ھۆكۈمەت ۋە يېڭى سىياسىي شەخسنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇلۇشىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى ئىچىدە يېڭى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

  1. ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك ھەققىدىكى پرىنسىپلىرى

ھەقىقەتەن، باراۋەرلىكنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، شەكلى خىلمۇ-خىل، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشى بېسىقمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن، بۇ ئۇقۇم ناھايىتى قالايمىقان قېلىۋېتىلگەن. ئەمما، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك ھەققىدىكى پرىنسىپى روشەن ھەم باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، «باراۋەرلىك» «ئوخشاشلىق»قا تەڭ ئەمەس، «بىردەكلىك»كىمۇ تەڭ ئەمەس، بەلكى، «ئادىللىق» ۋە «ھەققانىيلىق»قا تەڭ.

بىرىنجى، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك قارىشى «تەۋھىد» پرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئىسلام بارچە ھۇقۇقنى ئاللاھقا قايتۇرۇش ئارقىلىق بىر خىل ئىلاھنى مەركەز قىلغان باراۋەرچىلىك(ئېگالىتارىئانىزم) سېستىمىسىنى بەرپا قىلدى، شۇنداقلا، ئۇنى ئىلاھىي قانۇن شەكلى بىلەن مۇقىملاشتۇردى. ئىلاھنىڭ ھىمايىسى ۋە ئىلاھىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇشى، چەكلەپ تۇرۇشى ئاستىدا، ئىمان ، ئەخلاق، قانۇن، تۈزۈم ۋە ۋىجداننى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەڭ ئاخىردا جەمئىيەتنى «ئاللاھ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» بولۇشقا يەتكۈزدى. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئىنسان تەبىئىتىدە ياخشىلىقنىڭ ئېلمىنتى كەم بولمىسىمۇ، ئەمما، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشتىن-ئاخىر يىتەرلىك ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش ئىقتىدارى كەمچىل. بۇ سەۋەبتىن، ئىنساننى مەركەز قىلىدىغان ياكى ئىنسانىي قانۇننى مەركەز قىلىدىغان باراۋەرچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ئېغىر باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇقەررەر. پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، پەقەت بىر خىل يەككە-يىگانە، تەڭداشسىز ئىلاھنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى ــــ ھەمدە بۇ خىل ھامىيلىق مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بورمىلىۋېتىلمەيدۇ ۋە سۈيئېستىمال قىلىنمايدۇ ـــــ باراۋەرلىكلا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ پەسكەشلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان باراۋەرسىزلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن يۇقۇتالايدۇ. « ئىنسان ۋە جىننى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم» (56 :51)

ئىككىنجى، رىقابەت مىخانىزىمى جەھەتتە، ئىسلام نەتىجە تەكشىلىكىنى ئەمەس، بەلكى، پۇرسەت تەكشىلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەقىدە جەھەتتىكى نوقتىئىنەزەر شۇكى، بۇ دۇنيادا، ھەر بىر ئادەم باراۋەر ھالدا ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش ئەركىنلىكى ۋە پورسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەمما، ھەر بىر ئادەمنىڭ نەتىجىسى ئىخلاس دەرىجىسى ۋە ياخشى ئەمەلىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ، ھەمدە ھەر قايسىسى ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىكىگە ئېرىشىدۇ. «دىينغا زورلاش يوقتۇر، چۈنكى ھەق بىلەن باتىل ئېنىق ئايرىلدى، كىم شەيتانغا ئىشەنمەي، ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، مۇستەھكەم، سۇنماس تۇتقۇنى تۇتقان بولىدۇ» (256 :2)

ئۇمۇمەن ئېيتقاندا، باراۋەرلىك دېمەك پۇرسەت جەھەتتە، ئىككى ياكى كۆپرەك ئادەم ياكى شەيئىنىڭ مەلۇم ياكى بارلىق شارائىتلاردا ئوخشاش ياكى يېقىن ھالەتتە تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك ئۇقۇمى بۇ خىل پۇرسەت تەكشىلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نەتىجىنىڭ ئادىللىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر ئادەمدە تۇلۇق ھەم ئەركىن ھالدا ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى يىتىلدۈرۈپ، ھەر جەھەتتىن ئۇمۇمىي يۈزلۈك تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغان باراۋەر پۇرسەت بولۇشى كېرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ يىتىشكە تېگىشلىك ھەم يىتەلەيدىغان تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يىتىشىگە يول قويمايدىغان بىر جەمئىيەتتە ھەم ئادىمىيلىككە  ھەم ئېتىقادقا زىتلىق بار؛ بەزىلەرنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يىتىشىگە يول قۇيۇپ، يەنە بەزىلەرنى بۇنىڭدىن تۇسۇدىغان بىر جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەر بولمايلا قالماستىن، بەلكى، ئادالەتسىزدۇر. مەسىلە ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ  دۇنيادا بىر خىل  ئوخشاش قىممەتتىكى كىشىلىك تۇرمۇش كەچۈرەلىشى ھەمدە ئاخىرەتتە ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالىشىغا كېپىللىك قىلىشتا ئەمەس، بەلكى، ھەر بىر ئادەمنى بىر خىل ھەقىقىي باراۋەر رىقابەتلىشىش پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات شارائىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، بىر خىل ھەققانىي ئىجتىمائىي تەرتىپ، باراۋەر رىقابەتىشىش قائىدىسى  ۋە ئادىل كېسىم مىخانىزىمى ئورنىتىشتا.

پۇرسەت تەكشىلىكىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئادىل پرىنسىپنى ئەكس ئەتتۈرىشى كېرەك ھەم شەرت. ئۇ مەلۇم كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق، يوللۇق ئىرسىيەت ئەۋزەللىكى ياكى پايدىسىز شارائىتىنى ۋەيرانچىلىق خارەكتېرىدە يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر تەرەپلىمە ۋە ئۆلۈك ھالدا ئوخشاش يۈگرەش سېزىقى ئۈستىدە تۇرغۇزماسلىقى كېرەك؛ ھەم ئاللىقاچان  ئوخشاش بىر يۈگرەش سېزىقى ئۈستىدە تۇرۇپ بولغان مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قول-پۇتىنى بىر-بىرىگە چېتىپ قويماسلىقى كېرەك. باشلىنىشى بىلەنلا، قىلچە پرىنسىپسىز ھالدا، بەزىلەرگە ياردەم قىلىپ، يەنە بەزىلەرگە تۇسقۇنلۇق قىلىدىغان، شۇنداقلا تالانتلىقلارنى زورمۇزور كالتە پەملەر ھەتتا دەلدۈشلەر سەۋىيىسىگە تارتىپ چۈشۈرىدىغان بۇنداق رىقابەت قائىدىسى خاسلىقنى ۋەيران قىلغانلىقى، تالانتنى باسقانلىقى، شەخسنىڭ ئەركىن تەرەققىياتىنى بوغقانلىقى ھەم خەلقنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى تۇنجۇقتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، ئادالەتسىز ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىشى بىلەن تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ ئەكسىيەتچىل كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇقەررەر.

كۆرسىتىش كېرەككى، باراۋەرلىك مەسىلىسىدە، پۇرسەت، ۋاستە، ئۈنۈمدارلىق ۋە نەتىجە ئوتتۇرسىدا بەزىدە تۇقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش تەس. پۇرسەت، ۋاستە، ئۈنۈمدارلىقنىڭ باراۋەرلىكى نەتىجىنىڭ باراۋەرلىكىگە دەخلى قىلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە بولغاندا، كىيىنكىسى ھەم ئالدىنقىسىغا دەخلى قىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل تۇقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئېپى باراۋەرچىلىك ۋە تەڭچىلىكنىڭ تېنىگە ئادىللىقنىڭ قېنى ۋە روھىنى ئوكۇل قىلىپ ئورۇشتا.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەقىلىي ئەركىنلىكى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ۋە بۇ سەۋەبلىك يۇشۇرۇن كۈچى يار بەرگەن ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يىتىشىگە يول قويمايدىغان بىر ئىجتىمائىي، سىياسىي تەرتىپ مۇستەبىت بولغىنىدەك، بەزىلەرنىڭ تېگىشلىك سەۋىيەگە يىتىشىگە يول قۇيۇپ، يەنە بەزىلەرنى بۇنىڭدىن تۇسۇدىغان ئىجتىمائىي سىياسىي تەرتىپ ئادالەتسىزدۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئىنسان تەبىئىتىنىڭ نۇرمال ئەقلىي يەكۈنىگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئىلاھىي قانۇننىڭ تەبىئىي تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلدى.

خۇددى ئىختىيارىي ھالدا مەلۇم رىقابەتچىلەرگە ئەۋزەللىك ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغان رىقابەت قائىدىسى ئادالەتسىز بولغىنىدەك، بارلىق رىقابەتچىلەرنى زورمۇزور پۈتۈنلەي ئوخشاش ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرۈشمۇ، ئوخشاش ھەتتا بەكرەك ئادالەتسىزلىكتۇر.

ئۈچىنجى، تەقسىمات مىخانىزىمى جەھەتتە، ئىسلام مىقدار  باراۋەرلىكىنى ئەمەس، نىسبەت باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەقىدە جەھەتتىكى نوقتىئىنەزەر شۇكى، ئاللاھ ھەر بىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئىچكى غەرىزى ۋە سىرتقى ھەركىتىگە ئاساسەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نەتىجىسىگە قارىتا  مۇناسىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ.

روشەنكى، دۇنيادا ئىككى خىل باراۋەرلىك مەۋجۇد، بىر خىلى مىقدار ۋە سان باراۋەرلىكى، يەنى ھەر بىر ئادەم ئېرىشكەن ئۈلۈش باشقىلارنىڭ ئېرىشكىنى بىلەن ئوخشاش بولۇش، ھەممە ئادەم پەرقسىز ھالدا پۈتۈنلەي ئوخشاش ئۈلۈشتىكى نەرسىگە ئېرىشىش؛ يەنە بىر خىلى نىسبەت ۋە تاناسىب باراۋەرلىكى، يەنى ئوخشىمىغان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسى ۋە قىممىتىنىڭ چوڭ-كېچىكلىكىگە ئاساسەن مۇناسىب نىسبەتتىكى ئۈلۈشكە ئېرىشىش. نىسبەت بۇيىچە تەقسىم قىلىشنىڭ نەتىجىسى بولسا نىسبىي مىقدار تەكشىلىكى ۋە مۇتلەق مىقدار پەرقىدۇر. مۇبادا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئادىللىقى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئالماشتۇرۇش ئوبىكتىنىڭ قىممىتىنىڭ باراۋەرلىكىدە ياكى ئوخشاشلىقىدا دېيىلسە، ئۇنداقتا، تەقسىماتنىڭ ئادىللىقى دەل شارائىتى ئوخشاش كىشىلەرگە ئوخشاش ئۈلۈش بېرىش، ئوخشاش تەرەپلەرگە ئوخشاش ئۈلۈش بېرىشتە ياكى شارائىتى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۈلۈش بېرىشتە ــــــ ھەر بىر ئادەمگە ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئۈلۈشنى بېرىشتە ــــــ ھەر بىرى ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىككە ئېرىشىش (GIVE EVERYONE HIS DUE)تە.

بۇ جەھەتتە، ئىسلامنىڭ قىلىدىغىنى پەقەتلا تەقسىماتتىكى زىيادە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئاشۇ ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ نامرات ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەن كەمبەغەللەرگە، تىرىكچىلىك مەنبەسى يوق ئانا-بالىلارغا، ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، تۇل، ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرگە ۋە سۈنئىي تۈزۈلمە، سىياسەت، مىخانىزمنىڭ تەقسىماتتىكى ئادالەتسىزلىكى، تەبىئىي ۋە ئىنسانىي ئاپەتلەر، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى غەيرەتكە كېلەلمەيدىغان كىشىلەرگە ۋە ئاجىزلار توپىغا قارىتا، قانۇندا بەلگۈلەنگەن ۋە باشقا مۇۋاپىق ئۇسۇل-چارىلەر ئارقىلىق ۋاقتىدا زۆرۈر ياردەم ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. ئاشۇ ھۇرۇنلار، تەييار تاپلار، بىكار تەلەتلەر، نۇمۇسسىزلار ۋە قىمارۋازلىق، پالچىلىق، ئالدامچىلىق، ئوغۇرلۇق ۋە بولاڭچىلىققا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەر بولسا قىلچە ھېسداشلىق قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ، ئەكسىچە، قاتتىق باشقۇرۇپ تەربىيىلىنىشى ياكى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك.

مۇبادا بىز ھەر بىر ئادەمگە باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلساقمۇ، ئاقىۋەت ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي ئېرىشكىنى بىردەك بولماسلىقى مۇقەررەر؛ مۇبادا بىز نەتىجە جەھەتتە ھەر بىر  ئادەمنى مۇتلەق تەكشى ئورۇن ۋە سەۋىيەگە قويۇشقا ئورۇنساق، ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھەر بىر ئادەمگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، باراۋەرلىك «تەكشىلىك»كە تەڭ ئەمەس، باراۋەرچىلىكمۇ تەكشىچىلىك(تەڭ تەقسىماتچىلىق)كە تەڭ ئەمەس. ئىسلامنىڭ تەقسىمات ئادالىتى پەقەت جەريان ئادىللىقىغا ئېتىبار بېرىپلا قالماستىن، بەلكى، نەتىجە ئادىللىقىغا ئېتىبار بېرىشتۇر، ھەرگىزمۇ تەڭ تەقسىماتچىلىق قىلىش ئەمەس.

ئوبىكتىپ نوقتىدىن ئېيتقاندا، تەڭ تەقسىماتچىلىق ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا مۇتلەق خاتامۇ ئەمەس ــــــ ئۇ پەقەت مۇناسىپ دائىرىدە چەكلىنىدۇ، خالاس. تەڭ تەقسىماتچىلىقنىڭ ئۆزىنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتمەسلىك ھەم ئۇمۇملاشتۇرۋەتمەسلىك لازىم، يەنە تەڭ تەقسىماتچىلىقنىڭ قۇسۇرىنىمۇ مۇتلەقلەشتۈرۋەتمەسلىك ۋە ئۇمۇملاشتۇرۋەتمەسلىك لازىم. باراۋەرلىك مەسىلىسىدە، «شارائىتى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۈلۈش بېرىش»، «ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلەرگە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۈلۈش بېرىش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىردەك بولۇش ۋە تەكشى بولۇش مۇۋاپىق، ئادىل بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەكشىلىك بەزىدە باراۋەرلىكنىڭ بىر خىل ئالاھىدە ئەھۋالى. شۈبھىسىزكى، مۇتلەق تەڭ تەقسىماتچىلىق ھەرقانداق شارائىت ۋە پەيتكە باقمايدىغان نەتىجە بىردەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، ھەقىقىي باراۋەرلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ئۇقۇملىرى ئىچىدىن مەڭگۈلۈككە ئۈزۈل-كىسىل چىقىرۋېتىلىشى كېرەك.

كۆرسىتىش كېرەككى، بىز باراۋەرلىك ياكى باراۋەرسىزلىك ئەھۋالى ۋە شارائىتىنى مۇزاكىرە قىلغىنىمىزدا، كونكېرت مۇھىتتا بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە مۇناسىۋەتسىز ئامىللارنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك بەلكى شەرت، پەقەت ئاشۇ ماھىيەت جەھەتتىن ئالاقىدار ئامىللارلا مۇزاكىرە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. مىسالەن، سىياسىيغا قاتنىشىش ۋە سايلام مەسىلىسىدە، شەخسنىڭ پەزىلىتى، ئىقتىدارى ۋە تۆھپىسى قاتارلىقلار ئالاقىدار ئامىللار، ئەمما ئۇنىڭ نەسەبى، كېلىپ چىقىشى ۋە بايلىقى قاتارلىقلار بولسا مۇناسىۋەتسىز ئامىللاردۇر. «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش- ئەمەللىرىگە قاراپ بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە تۇلۇق ئەجىر بېرىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ.» (19 :46)

ئۇمۇمەن، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي بايلىقلارغا قارىتا تەقسىمات ئېلىپ بارغاندا، مۇنداق بىر ئادىل پرىنسىپنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك: ئالاقىدار تەرەپلىرى ئوخشاش بارلىق كىشىلەرگە ئورتاق مۇئامىلە قىلىش شەرت، ئالاقىدار تەرەپلىرى ئوخشىمايدىغان بارلىق كىشىلەرگە ئورتاق مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك. بەلكى، پەرق دەرىجىسى بىر خىل نىسبەتتىكى باپباراۋەرلىك ۋە ئادىللىقنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. ئىسلام ھەم مۇتلەق تەڭ تەقسىماتچىلىققا ھەم چېكىدىن ئاشقان ئىككى قۇتۇبلىشىشقا قارشى  تۇرىدۇ.

تۆتىنجى، ئۇمۇمىي يۈزلۈك ۋە مەڭگۈلۈك پرىنسىپ. ئىسلام تەشەببۇس قىلغان باراۋەرلىك پرىنسىپى بارچە شەخس، توپ، مىللەت، ئىرق، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر قايسى تارماق مەدەنىيەتلەر ۋە تارىخىي دەۋرلەرگە ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ  بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ قىسقىغىنا بۇ دۇنياغىمۇ، مەڭگۈلۈك ئۇ دۇنياغىمۇ ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىككى دۇنيا ئوتتۇرسىدا مۇناسىپ ماسلىق، دەرىجىدىن تاشقىرى پاراللېل مۇناسىۋەت ۋە مەلۇم تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىدى. ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپى پەقەت بىر خىل تېنىچ ھالەتتىكى ئۆلچەش ۋاستىسى ۋە مىزانى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، كىشىلەردىن باراۋەرلىك مەسىلىسىگە ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئىدىيە جەھەتتىكى باراۋەرلىك سىستېمىسىنى ئورناتقاندىن كېيىن، ئاكتىپ قول سېلىپ، ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق رېئاللىقتىكى باراۋەرسىزلىكنى ئۆزگەرتىشنى، باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبەنى يۇقۇتۇشنى ۋە باراۋەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمما رېئال تۇرمۇشتا باراۋەرلىككە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق خارەكتېرىگە ئىگە ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام بارچە شەكىل ۋە خارەكتېردىكى سىنىپىي زۇلۇم، مىللىي زىيانكەشلىك ۋە جىنسىي كەمسىتىش، مۇستەبىتلىك، ئىرقچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرىدۇ. «ئى ئىنسانلار! سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن قۇرقۇڭلار، ئۇ سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتتى، ئۇنىڭ جۈپتىنى ئۇنىڭ جىنسىدىن ياراتتى ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللارنى ياراتتى، سىلەر ئاللاھ ـــ دائىم نامىنى تىلغا ئېلىپ بىر-بىرىڭلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغان خۇدا ــــ دىن قورقۇڭلار.» (1 :4)

بەشىنجى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان پرىنسىپ. گەرچە ئىسلام ھەم دۇنياغا كېرىش خاھىشىغا ھەم دۇنيادىن چىقىش خاھىشىغا ئىگە، شۇنداقلا ئىككىسىنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋېتىنى ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئۇمۇمىي جەھەتتىن دۇنياغا بوش، ئاخىرەتكە چىڭ تۇرىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندا، بۇدۇنيادىكى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئەمەس، بۇدۇنيادىكى ھۇزۇر-ھالاۋەت پەقەتلا ۋاقىتلىق ۋە خىيالىي ھۇزۇر-ھالاۋەت، ئاللاھقا قىلىنغان تەقۋالىقتىن سىرت، بۇدۇنيا ھاياتى ئەسلا ماھىيەتلىك مەڭگۈلۈك قىممەت ۋە چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. شەخسكە قارىتىلغان مەلۇم ئورۇنلاشتۇرۇشلار يەنىلا سىناق خارەكتېرىگە ئىگە ــــــ  ئىچىگە يۇشۇرۇنغان چوڭقۇر مەنا بولسا چوڭقۇر ئويلىنىش، چۈشۈنۈش ۋە ئىشتىن كېيىنكى سەگەكلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت ئاخىرەت ھاياتىلا ماھىيەتلىك، ئاداققى، زور ۋە مەڭگۈلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر. ئاللاھ ھەم ھەممىدىن خەۋەردار، ھەممىگە قادىر، مۇتلەق ئادىل ۋە مۇكاپات-جازاسى ئىنتايىن ئېنىق بولغانلىقتىن ھەم مېھرىبان ۋە ئەپۇچان بولغانلىقتىن، «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش» چوڭ گۇناھى كەچۈرگۈسىز بولغاندىن سىرت، ئاللاھ خالىسا، قالغان گۇناھلار يا شەخسنىڭ چىن كۆڭلىدىن تەۋبە قىلىشى ۋە ئۈزۈلدۈرمەي ياخشى ئەمەل قىلىشى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئۆچۈرۈلىدۇ، يا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر بىر ئادەم توغرا نىسبەت بۇيىچە، ئەڭ ئاخىردا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، قىلچە ئۇۋال قىلىشقا ئۇچرىمايدۇ. «قىيامەت كۈنىدە، بىز ئادىل تارازا ئورنىتىمىز، ھەر قانداق ئادەم ئازراقمۇ ئۇۋالغا ئۇچرىمايدۇ، ئۇنىڭ ئەمەلى قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى مۇكاپاتلايمىز، بىز يىتەرلىك ھېساب ئالغۇچىمىز.» (47 :21)

ئالتىنجى، پائال ھەركەتچان پرىنسىپ.   گەرچە ئاللاھ ئاخىرەتتە بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلارغا قارىتا ئۇمۇمىي ھېساب-كىتاب ئېلىپ بارىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام دۇنيا-ئاخىرەت ئىككى دۇنيالىق ئىنساپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىيندۇر. ئۇنىڭ بۇددا دىينى ۋە خرىستىئان دىينى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇيەردىكى، ئۇ بۇ دۇنيادىكى باراۋەرسىزلىك ۋە ناھەقچىلىككە قارىتا، كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشى، ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇشى، بىپەرۋالىق قىلىشى ياكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىشى ھەتتا پاسسىپ ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۆلۈمنىڭ كېلىشى ۋە ئاخىرەت سورىقىنىڭ يىتىپ كېلىشىنى كۆتۈشى ياكى بىر تەرەپلىمە، مىتافزىك ھالدا پەقەتلا مەخپى دۇئا ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تاپشۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى، زور مەسئۇلىيەت ۋە ئېغىر بۇرچ بىلەن ئەمەلىي تەدبىر قوللۇنۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بۇدۇنيادىكى بارچە ناھەقچىلىك ۋە گۇناھ-مەئسىيەتنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بولمىسا، ئۇلار شەخسنىڭ تاقىتى ياكى قانۇندىكى «ئادا قىلماسلىق» بۇيىچە، مۇناسىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈش، جازالاپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇچرايدۇ. چۈنكى، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئىسلام «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن تۇسۇش»نى تەشەببۇس قىلىدىغان، شۇنداقلا شەخسنىڭ بۇدۇنيادىكى ئىبادىتى ۋە كۆرسەتكەن خىزمىتى بىلەن ئۇدۇنيادىكى ئاقىۋىتىنى زىچ باغلايدىغان دىيندۇر. ئاللاھ «قۇرئان»دا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر جاھان ئەھلى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ئىلغار ئۈممەت سىلەر، سىلەر ياخشىلىققا بويرۇپ، يامانلىقتىن تۇسۇسىلەر، ئاللاھقا چىن ئىشىنىسىلەر.» (110 :3) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنىدى: « كىمكى بىر يامانلىقنى كۆرسە، ئۇنى تۈزەتسۇن.» ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: « ئاراڭلاردىن كىمكى بىرەر يامانلىقنى كۆرۈپ قالسا، ئۇنى قۇلى بىلەن توسسۇن؛ مۇبادا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن توسسۇن؛ مۇبادا يەنە قادىر بولالمىسا، دىلى بىلەن ئۆچ كۆررسۇن، دىلدا ئۆچ كۆرۈش ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزىدۇر.»

  1. ئىسلام باراۋەرلىكىنىڭ مەزمۇنى

ئىسلامنىڭ نوقتىئىنەزەرى بۇيىچە، باراۋەرلىك ھەم بىر خىل ئەقىدە، كۆزقاراش، پرىنسىپ ۋە غايە، ھەم بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈم ۋە تۇرمۇش شەكلى.

(1) ھەممە ئادەمنىڭ ماھىيىتى باراۋەر. ئىسلامنىڭ نوقتىئىنەزىرى بۇيىچە، ئىنساننىڭ شەخس ۋە توپ ئارىسىدىكى پەرقى قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، مۇنداق بىر پاكىتنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، يەنى ھەممە ئادەم يەككە-يىگانە، ھەممىدىن ئۇلۇغ، ھەممە يەردە بار،  ھەممىدىن خەۋەردار، ھەممىگە قادىر، مەڭگۈ يۇقالماس ئاللاھنىڭ مەخلۇقى.  بۇ خىل ئورتاق سالاھىيەت شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، فزىئولوگىيە، پىسخولوگىيە ۋە روھىيەت جەھەتتە، ھەممە ئادەم ئورتاق قۇرۇلما ۋە فونكىسىيەگە ئىگە، شۇنداقلا ھەممىسى تەن روھنىڭ بىرىكمىسى؛ ئەمەلىي مەۋجۇدلۇق جەھەتتە، ھەممە ئادەم زامان ۋە ماكاننىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇشى كېرەك؛ شەخسىي قىسمەت جەھەتتە، ھەممە ئادەم ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە بويسۇنۇشى كېرەك؛ ھەممە ئادەم ئاللاھنىڭ ئادىل سوتىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.  «ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: ‹مەن چۇقۇم لايدىن ئادەم يارىتىمەن، مەن ئۇنى يارىتىپ، ئۇنىڭ تېنىگە روھنى پۈۋلىگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار.›» (72-71 :38) «مەن ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، ياراتتىم.» 56 :51)

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ ئىنسانىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئالەمنىڭ ئىگىسى، ئىنسانىيەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقى ۋە قۇلى. ئاللاھنىڭ ئالدىدا، ھەر بىر ئىنسان مەيلى ئۇ قانداق تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ماھىيەتتە ھەممىسى باراۋەر. بۇ خىل باراۋەرلىك نۇرغۇنلىغان ئادەتتىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن پەرقلىنىدىغان سىرتقى ئالاھىدىلىكلەر مەسىلەن: تەن، رەڭ، تىل، جىنس، چىراي، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسنىڭ نەسەبى، بايلىقى، نام-ئاتىقى، تەربىيىسى، نىكاھى، كەسپى، ۋەزىپىسى، مەرتىۋىسى قاتارلىقلار بىلەنمۇ مۇقەررەر باغلىنىشى يوق. ھەر بىر ئادەمگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئورتاق خارەكتېر ۋە ماھىيەت بېرىلگەن، ئۇ ئادەم بىلەن ئىلاھ، ئادەم بىلەن ئادەم مۇناسىۋىتىدە، باشقا ھەر قانداق كىشى بىلەن ئوخشاش ھۇقۇقدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئوخشاش مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ھايات-مامات شەخسكە نىسبەتەن چوڭ سىناقتۇر. خۇددى ئۆلۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولغىنىدەك، قايتا تېرىلىش ئالدىدىمۇ ھەممە ئادەم باراۋەردۇر. «قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سېناش ئۈچۈن، ئۇ ئۆلۈم ۋە ھاياتلىقنى ياراتتى.» (2 :67) «بىز ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز.» (156 :2) «قىيامەت كۈنىدە، بىز ئادىل تارازا ئورنىتىمىز،ھېچكىمگە قىلچىلىك ئۇۋال قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ ئەمەلى قىچىنىڭ دانىسىچىلىك بولغان تەقدىردىمۇ، بىز ئۇنى مۇكاپاتلايمىز، بىز ھېساب ئېلىشقا يىتەرلىكمىز. (47 :21)

ھەر بىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ئەمەلى ۋە ياخشىلىقى ئوبىكتىپ جەھەتتە پەرقلىق بولغاچقا، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپى بۇيىچە، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى مۇناسىپ ھالدا ئوخشىماسلىقى مۇقەررەر. ناۋادا ئەمگەك ئوخشاش ئەمەس، ئەمما، نەتىجە ئوخشاش بولسا، ئۇ روشەنكى ئادالەتسىزلىكتۇر. مانا بۇ پۇرسەت تەكشىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك نەتىجە ئادىللىقى. «ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن يامان ئىش قىلغۇچىلار دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇكاپات-جازا بېرىش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس.» (132 :6)

(2) ھەممە ئادەمنىڭ نەسەبى باراۋەر. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەت نەسەب جەھەتتە ئورتاق، ئۇلار ئورتاق بىر ئادەم ئاتىغا ئىگە، شۇنداقلا ھەممىسى ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھاۋانىڭ ئەۋلادى. ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشتا باراۋەر، ئۆلۈشتە باراۋەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، قايتا تېرىلىشتە باراۋەر، سوتلىنىشتا باراۋەر. «ئى ئىنسانلار! سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن ياراتتى، ئۇنىڭ جۈپتىنى ئۇنىڭ جىسىدىن قىلىپ ياراتتى، ھەمدە ئۇ  ئىككىسىدىن كۆپلىگەن ئەر-ئاياللارنى ياراتتى.» (1 :4) ھەر قانداق ئادەم، مەيلى قەيەردە تۇغۇلۇشى، قايسى دۆلەتتە تۇرۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەم قايسى مىللەت، ئېرقۋە دىينغا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەممىسى ئادەم ئەۋلادى. مۇشۇ مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئادەمدىن ئېسىلرەك ياكى پەسرەك نەسەب ۋە كېلىپ چىقىشقا ئىگە ئەمەس، ھەممە ئادەم ئورتاق مەنبە ۋە باراۋەر نەسەبكە ئىگە.

(3) ئىنسانىي قەدر-قىممەت ۋە ئىززەت-ئابروي بارراۋەرلىكى. بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس قەدر-قىممىتى ۋە ئىززەت-ئابرويىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر بىر ئادەم باشقا كىشىلەر بىلەن بابباراۋەردۇر. مەيلى ئۇ قايسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىقمىسۇن، قانداق ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىسۇن، نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىسۇن، قايسى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالمىسۇن، يەنە مەيلى ئۇ ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ياش بولسۇن ياكى ياشانغان بولسۇن، ساغلام بولسۇن ياكى مېيىپ بولسۇن، ھەتتا مەيلى ئۇ قانۇنغا رىئايە قىلسۇن ياكى خىلاپلىق قىلسۇن، ئەركىن بولسۇن ياكى مەھبۇس بولسۇن، ئۇنىڭ ئىچكى قەدر-قىممىتى ۋە ئىزەت-ئابرويى بىردەك مۇنۇ سىرتقى شارائىت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ چەكلىمىسى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ياراتقۇچىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، ئىنسان ماھىيىتى، تەبىئىتى ۋە روھىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ ئالاھىدىلىكلەر بىر خىل تەبىئىي مۇقىم ھالەت ۋە تەبىئىي باراۋەر قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق سېلىشتۇرما باھانى سىغدۇرمايدۇ، ھەم ھەرقانداق سۈنئىي ئۆزگەرتىش ۋە ئۆزگىرىشنى سىغدۇرمايدۇ. «ئى مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىكى ئەرلەر بىر بىرىنى مازاق قىلىشمىسۇن، مازاق قىلىنغۇچى بەلكىم مازاق قىلغۇچىدىن ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن، ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ بىر-بىرىنى مازاق قىلىشمىسۇن، مازاق قىلىنغۇچى بەلكىم مازاق قىلغۇچىدىن ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن، سىلەر ئۆز-ئارا بۆھتان قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار.» (11 :49) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار، مال-مۈلكىڭلار ۋە ئابرويىڭلار مۇقەددەس دەخلى تەرۇزسىزدۇر.» ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك ھۇقۇق ۋە پۇقرالىق ھۇقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بارلىق ئەڭ تۈۋەن ئۆلچىمى ۋە ھەممە قۇبۇل قىلىدىغان قىممىتى دەل بۇ خىل ئۇمۇميۈزلۈك ئەخلاقىي ھۆكۈم ۋە ئېتىكىلىق ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. شۇنداقلا مۇشۇنىڭغا تايىنىپ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ زامان-ماكان ئارىلىقى ۋە ھەزارەت، مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ.

(4) تۇغما ئەقىل ۋە ئېتىقاد پۇرسىتى باراۋەرلىكى. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر ئادەم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئوخشاش ئىلتىپات يەنى تۇغما ئەقىل ۋە پىكرىي ھۆكۈم ئىقتىدارىغا ئېرىشكەن؛ بۇ سەۋەبتىن، ساراڭ، ئەقلى ئاجىز ۋە سەبىيلەردىن سىرت، ھەممە ئادەم باراۋەر ھالدا تۈپ ئېتىقاد شارائىتى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شەخسنىڭ چىن تەۋبىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىدىكى قەلب دىئالوگى بولسا پۈتۈنلەي ئىختىيارىي، ۋاستىسىز بولۇپ، ھەرقانداق ۋاستىچىگە مۇھتاج ئەمەس ۋە ھەرقانداق دۇنيالىق مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ خىل باراۋەرلىك ھەممە ئادەم ئورتاق ئىگە بولىدىغان قەلب ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. «ئەجىبا ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ۋە شۇئارقىلىق چۈشۈنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ (46 :22) «ئەجىبا بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى لەۋ ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا رۇشەن ئىككى يول كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ (10-8 :90) « ھەقىقەت پەرۋەردىگارىڭلاردىن كېلىدۇ، كىم ئىمان ئېيتىشنى خالىسا، ئىمان ئېيتسۇن، كىم ئىمان ئېيتىشنى خالىمىسا، ئىمان ئېيتمىسۇن.» (29 :18)

نەق مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئاللاھ ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ھەر بىر مىللەتكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئېنىق ھالدا ئۇلارغا توغرا ئەقىدىگە دائىر ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى، ھەمدە ھەممە ئادەمنى باراۋەر ھالدا ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن قىلىپلا قالماستىن، يەنە، باراۋەر ھالدا ئېتىقاد پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ھەر كىم ئۆز قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تۇلۇق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. «ھەر كىم گۇناھ قىلىدىكەن، ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئۇ سىلەر تالاش-تارتىش قېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.» (164 :6)

كۆرسىتىش كېرەككى، ئەڭ ئاخىرقى ئەلچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەندىن كېيىن، ئادەتتىكى مۇئمىنلەر بۇيرۇققا بىنائەن دىينىي دەۋەت قىلىش مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى، تاكى زامان ئاخىرغىچىلىك. شۇڭلاشقا، شۇندىن باشلاپ، ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرچى قىيىن، ئۇزاق ۋە جاپالىق بولۇپ، تۇلۇق چىدامچانلىققا مۇھتاج، ھەمدە ئەڭ ئاخىردا يەنە سېنىلىشى كېرەك. خۇددى سۈنزى ئېيتقاندەك: «تالىپ ئىرادىلىك بولمىسا بولمايدۇ، ۋەزىپە ئېغىر يول يىراق، مېھرىبانلىقنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلىدۇ، ئېغىر ئەمەسمىكەن؟ ئۆلگەندە تۈگەيدۇ، يىراق ئەمەسمىكەن؟» ( «مۇھاكىمە ۋە بايان. تەي بو »)

(5) مىللەت ۋە ئىرق باراۋەرلىكى. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئۆزى ياراتقان بارچە مەخلۇقاتىغا جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئادىل، ئىنساپلىق ۋە مېھرىباندۇر، ئۇ ھەرقانداق بىر شەخس، ئېرق، مىللەت ياكى دەۋرگە يان باسمايدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، بارلىق مىللەتلەر، ئىرقلار باپباراۋەر، بارچە مىللىي زۇلۇم، ئىرقىي كەمسىتىش نادانلىق، قالاقلىقنىڭ ئىپادىسى شۇنداقلا بۇ تۈپەيلىدىن، ئىنسان تەبىئىتى، ئادىمىيلىك ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانىغا خىلاپلىق قىلدى. «ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» (30-سۈرە‹رۇم›، 22-ئايەت) «ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى(يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىيندا قىلاتتى). لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار، ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق، قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.» (5-سۈرە‹مائىدە›، 48-ئايەت)

بۇ خىل ئەھۋال كۆرسەتتىكى، بىر ئادەم مەيلى قانداق مىللەت، قانداق ئىرقتا تۇغۇلمىسۇن، ماھىيەتلىك پەرق مەۋجۇد ئەمەس؛ ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ شەخسنى پەقەت ئېتىقاد تاللىشى ۋە تەقۋالىق دەرىجىسى بۇيىچە پەرقلەندۈرىدۇ. ئاللاھ «قۇرئان»دا ئېنىق ئۇقتۇرىدۇكى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، «ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن  ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ).» (49-سۈرە‹ھۇجۇرات›،13-ئايەت)

بىر مىڭ تۆت يۈز نەچچە يىل بۇرۇن، ھېجىرىيە 10-يىلى 12-ئاي، يەنى مىلادىيە 632-يىلى 3-ئايدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەجدە، مەككە شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىن 25 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەرافات تېغىنىڭ ئولانا جىلغىسىدا، تۈگە ئۈستىدە تۇرۇپ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن مەشھۇر «ۋىدالىشىش ھەجى نۇتۇقى»نى سۆزلىدى. ھازىر قارىساق، نۇتۇقنىڭ مەزمۇنى ھەرگىزمۇ ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولغان تارىخ ئەمەس، بەلكى، يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي تەرەققىياتىنىڭ نىشانى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار بىردۇر، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان، ئەرەبلەر غەيرىي ئەرەبلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، غەيرىي ئەرەبلەرمۇ ئەرەبلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، قىزىل تەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، ئاق تەنلىكلەرمۇ قىزىل تەنلىكلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھقا بولغان تەقۋالىق بىلەنلا پەرقلىنىسىلەر.»

ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ۋە ئىگىدارلىق قىلغان بارچە مىللەت ۋە ئىرققا ئادىل ۋە مېھرىباندۇر، شۇنداقلا بۇ دۇنيانى ھەممە ئادەمگە نىسبەتەن سىناق قىلدى. «ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، ۋە لېكىن ئاللاھ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش)نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش)نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. (35-سۈرە‹فاتىر›، 45-ئايەت)

ئەمما، رېئال سىياسىي تۇرمۇشتا، مىللىي ۋە ئىرقىي باراۋەرسىزلىك يەنىلا چوڭ مىللەت ۋە ئەۋزەل توپنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئۇرۇنلىرىنى مونوپۇل قىلىۋالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. گەرچە دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنىغا سياسىي كەمسىتىشكە ئالاقىدار ماددىلارنى ئاشكارا كىرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئاساسى قانۇن ۋە سىياسىي تۈزۈم ھەر قايسى مىللەت ۋە ئىرقلارنىڭ باراۋەر ھالدا رىقابەتكە قاتنىشىشىنى تەرغىب قىلسىمۇ، لېكىن، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا، بىر خىل شەكىلسىز ئەمما ئىنتايىن كۈچلۈك، جاھىل مىللىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي ئاداۋەت يامراپ، كۆپ سانلىقنىڭ مۇتلەق ئەۋزەللىكى ئارقىلىق سىياسىي تاللاش مىخانىزىمىنى تىزگىنلەپ، دۆلەت خىزمىتىنىڭ تەقسىملىنىشىنى چوڭ مىللەت، چوڭ ئىرققا بېرىلگەن ئىمتىياز ۋە كىچىك مىللەت ، كىچىك ئىرققا قىلىنغان ئىلتىپاتقا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىلتىپات دائىرىسىگە كىرىدىغان دۆلەت خىزمىتى ئادەتتە دۆلەتنىڭ سىياسىي سېستىمىسىدا ئانچە مۇھىم بولمىغان ئورۇندا تۇرىدۇ، تېخى بەزىدە بولسا تامامەن بىر خىل زىننەت بۇيۇمى ۋە سىياسىي تەڭپۇڭلۇق ۋاستىسى  بولىدۇ. ئوخشاشلا، خۇداسىزلىق(ئاتېئىزم) دۆلىتىدە، دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرى خۇداسىزلار(ئاتېئىزمچىلار) ياكى ساختا خۇداسىزلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ پۇقرالارغا دىينغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى بېرىشى تامامەن بىر خىل كەمسىتىش قۇرالىغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى مۇبادا سىز دىينغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز ھەم مۇشۇ تۈپەيلى خۇداغا ئىشىنىشنى تاللىسىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ سىزنىڭ ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلغىنىڭىزغا تەڭ. چۈنكى دىينغا ئىشەنگۈچىلەرگە تەقسىم قىلىنىدىغان خىزمەت بار-يوقى بىر قىسىم بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان زىننەت بۇيۇمى ۋە سەرەمجان، خالاس. بۇ خىل «ئەركىنلىك» خۇددى ياقىدىكى ئادەم ۋە قۇل بولۇشنى تاللاش ئەركىنلىكى، كوچىلاردا سەرگەردان بولۇش ئەركىنلىكى، كۆۋرۈك ئاستىدا يېتىپ-قۇپۇش ئەركىنلىكى، شۇنداقلا تىلەمچىلىك قىلىش ۋە ناچار تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئوخشايدۇ. بەلكىم ساختا خۇداسىزلار ھۇقۇق مەركىزىگە كىرەلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئېغىر بەدەل تۆلىشى كېرەك. بۇ خىل بەدەل دەل قەلبنىڭ ئەگرىلىكى، ئەقىلنىڭ ئاختىلىقى، پىسخىكىنىڭ نۇرمالسىزلىقى، روھىي بېسىم ۋە جىسمانىي قامال. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل يىراققا پالاشتىنمۇ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكتۇر.

(6) قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر. ئىلاھىي قانۇن ئالدىدا، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى  بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئىبادەت قىلىش مۇققەددەس بۇرچى بار، شۇنداقلا بۇ سەۋەبتىن، باراۋەر ھالدا قانۇندا بەلگۈلەنگەن بارلىق ھۇقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىسلام مۇقەددەس قانۇن ئىدارىگەرچىلىكى ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىينى تەشەببۇس قىلىپ، ھەقىقىي قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋە «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالدى بىلەن قانۇننىڭ مۇقەددەس نۇپۇزىنى تۇرغۇزۇش شەرت، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەدلىيە تەرتىپى ۋە قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ ئۆزى ئادىل، شەخسىيەتسىز بولغاندىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمى،  قانۇننىڭ ئەمەلى گەۋدىسىنى مۇكەممەللىككە يۈزلەندۈرۈش شۇنداقلا بىر خىل سۈرلۈك، سالماق، بىتەرەپ ئورۇندا تۇتۇش كېرەك. «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»نىڭ ماھىيەتلىك مەنىسى بولسا ھەر بىر شەخسنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقى ۋە پۇقرالىق ھۇقۇقى قانۇننىڭ باراۋەر قوغدىشىغا ئېرىشەلىشىدۇر. كىشىلىك ھۇقۇق ۋە پۇقرالىق ھۇقۇقنىڭ ئۇقۇمى ۋە دائىرىسى بولسا باشقا بىر مەسىلە.

ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، سىنىپ تۇرغۇزغان قانۇن، ئىمتىيازلىق بىيۇروكرات قاتلام تۇرغۇزغان قانۇن، يەنى مەنپەئەتدار گوروھ تۇرغۇزغان قانۇن، پارلامېنت تۇرغۇزغان قانۇن، سىياسىي پارتىيە تۇرغۇزغان قانۇن، شەخس تۇرغۇزغان قانۇن ھەتتا پۇقرالار ئاۋاز بېرىپ تۇرغۇزغان قانۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى كۆز قارىشىغا ئېسىلىۋېلىشتىن، قانۇن تۇرغۇزۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىجراسىنى كۆزىتىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا مەلۇم مەنپەئەت يۈزلىنىشى ۋە قىممەت يۈنىلىشىنى تاللاپ قۇيۇشتىن ساقلانمىقى تەس، ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇننىڭ مۇكەممەللىكى، ئادىللىقى، ئىززەت-ئابرويى ۋە نۇپۇزىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.  پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، قانۇننىڭ ھەقىقىي ئابرويى ئەزەلدىن ھۇقۇق كۈچى، زورلۇق كۈچ ۋە تەشكىللەش تېخنىكىلىق ۋاستىلىرىغا تايىنىپ تۇرغۇزۇلغان ئەمەس، داھىيلارنىڭ سېھرىي كۈچى، پاك ئەمەلدارلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە خەلقنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا تايىنىپ ساقلانغانمۇ ئەمەس. پەقەت ئىچكى ئېتىقادنىڭ كۈچىگە تايىنىپ،  قانۇننى مۇقەددەس ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئېتىقادنى قانۇنلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئېتىقادلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئىلاھىي قانۇننىڭ نۇپۇزىنى ھەقىقىي تۇرغۇزغىلىى، مۇقەددەس ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىققىلى، ئەڭ ئاخىردا، «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»تىن ئىبارەت قانۇن ئىدارە قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرقانداق بىر دۆلەت، مۇبادا قانۇننى مۇقەددەس ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرەلمىسە، ھەقىقىي قانۇن ئىدارىگەرچىلىكىنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. دىيندىن خالى قانۇننى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئادەتتە پەقەتلا ھۆكۈمرانلىق قۇرالى، يا ھۆكۈمراننى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمەيدۇ، يا ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمەيدۇ، تۇلا ھالدا پەقەتلا ھۇقۇقسىز، كۈچسىز ئاشۇ كىشىلەرنىلا چەكلەيدۇ، بۇنداق «قانۇن-تۈزۈم» مەڭگۈ ھەقىقىي قانۇن ئىدارىگەرچىلىكىگە ئايلىنالمايدۇ. زوراۋانلىق، سىياسىي تاكتىكا، جامائەت پىكرى، دەۋر ۋە رەزىل سۈيقەستلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ھەم يۇشۇرۇشقا ئامالسىز. ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي تارىخى كۆرسەتتىكى، دىيندىن خالى قانۇن ۋە ئىمتىياز سىياسىيسى ئۆزئارا تۇقۇنۇشمايلا قالماستىن، بەلكى بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدۇ، ئۆزئارا سەۋەب-نەتىجىلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق  بولغانىكەن، ئۇنداقتا، دىيندىن خالى قانۇن-تۈزۈمدىن «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»نى ئىزدىمەكچى بولۇش پەقەتلا ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىگەنلىك، كۆتەك تۈۋىدە تۇشقان كۈتكەنلىك ۋە ساراڭلارچە جۆيلىگەنلىك، خالاس.

كۆرۈپ يىتىش كېرەككى، مۇقەددەس ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت نىشانىغا ھەقىقىي رەۋىشتە يىتىش ئۈچۈن، ئالدىن بىلەن نەزەرىيە جەھەتتىن ساپ ئېتىقادلاشقان بىر جەمئىيەت ئەمەلى گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىش زۆرۈر. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيىتى «قانۇن-تۈزۈم»، «پاك سىياسەت» ۋە «كىشىلىك ھۇقۇق»نىڭ ئاددى بىرىكىشىگە تەڭ ئەمەس، بەلكى شەخسىي ئېتىقاد، شەخسىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي ئىناۋەتتىن تارتىپ، قانۇننىڭ ئەمەلى گەۋدىسى، تۈزۈمنىڭ رامكىسى، ئەدلىيەنىڭ تەرتىپىگىچە، يەنە سىياسىي مۇقىملىق، ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلىشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، دېموكراتىيە مىخانىزىمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىستېما خارەكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۈبھىسىزكى، دىينىي ئېتىقادنىڭ سىياسەت ۋە قانۇن جەھەتتە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا بولغان تەقۋالىق دەرىجىسى ۋە ئاساسىي ئېقىم ئېتىقادنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدىكى ئۇمۇملىشىش نىسبىتىگە باغلىق.

ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئىنساننىڭ ماھىيىتى سەۋەبىدىن، ئاللاھ ئەۋەتكەن بىر قاتار پەيغەمبەرۋە ئەلچىلەر ئاللاھنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتى ۋە غەمخورلۇقى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئىنسان تەبىئىتىدىكى كونا ئىللەتلەرنى يەڭگەندىن سىرت، ئادەتتىكى مۇئمىنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەم يۈز پىرسەنتلىك چىنلىقنى كۈتمەسلىك كېرەك، ھەم يۈز پىرسەنتلىك ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەتنى كۈتمەسلىك كېرەك. خۇددى دېموكراتىيەگە ئوخشاش، ئاساسىي  قانۇنلۇق سىياسەتمۇ مەڭگۈ پەقەتلا بىر دەرىجە مەسىلىسى، مىقدارلاشتۇرغىلى بولىدىغان ئاداققى نىشان ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، «قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش»مۇ پەقەتلا بىر دەرىجە مەسىلىسى، مەڭگۈ چېكىگە يەتمەيدۇ.

(7) ئىقتىساد باراۋەرلىكى. ئىسلامنىڭ ئىقتىسادىي باراۋەرلىكى پەقەت «ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە تېگىشلىكىگە ئېرىشىش»تىن ئىبارەت ئادىل تەقسىمات پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل مۆتىدىل، كۆيۈمچان مۇرەسسە يولىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىر جەھەتتىن، ئىسلام چەكلىك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، ئەركىن بازار ۋە ئادىل  رىقابەتنىڭ يوللۇقلۇقى ۋە قانۇنىيلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئەمگىكى، ئەقىل-پاراسىتى، ئادىللىقى ۋە سەمىمىلىكىگە تايىنىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ھەم مۇتلەق تەڭ تەقسىماتچىلىق، «داش قازان تامىقى»، ھۇرۇنلۇق ئىدىيسى، ئىشلىمەي چىشلەشكە قارشى تۇرىدۇ، ھەم ھاياسىزلىق، راھىبلىق، دەرۋىشلىك ۋە زاھىدلارچە تۇرمۇش شەكلىگە قارشى تۇرىدۇ. «ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنى ئىزدىسەڭلار، سىلەرگە گۇناھ يوقتۇر.» (198 :2) «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلار ۋە ئېسىل تائاملاردىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئۇلارنى كىم تۇسۇيالايدۇ؟» (32 :7) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەيدۇ: «ئەڭ ياخشى تۇرمۇش، ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ كەچۈرگەن تۇرمۇش.»

يەنە بىر  جەھەتتىن،  ئىسلام بارچە بايلىق كېلىش مەنبەسى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاللاھنىڭ، مال-دۇنيا بىلەن بالا-چاقا كىشىلىك ھاياتقا نىسبەتەن پەقەتلا بىرخىل خىيالىي زىبۇ-زىننەت ۋە ئىمتىھان، دەپ قارايدۇ. بايلىق ماھىيەتتە پەقەتلا ۋاستە، غايە ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇدۇنيادىكى كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىدىگە قارىتا ھېچقانداق چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. شۇڭلاشقا ئىسلام شەھۋەتپەرەسلىك، چېكىدىن ئاشقان راھەتپەرەسلىك، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، بازار مونوپوللۇقى، بېسىمدارلىق، ھەددىدىن زىيادە ئىسراپچىلىق ۋە ئىنساپسىزلىققا قارشى تۇرىدۇ. «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىسى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر.» (7 :63) «ئاياللار، ئۇغۇللار، ئالتۇن-كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار دۇنيا تېرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك).» (14 :3)

ئىسلامنىڭ مۇرەسسە يولى پەقەت  ئېستىمال كۆز قارىشىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، تەقسىمات كۆز قارىشىدا ئىپادىلەنگىنىگە ئوخشاش، ئىسلامنىڭ ئىقتىسادىي باراۋەرلىكى پەقەت ئادىل رىقابەتتە ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئادىل تەقسىماتتا ئەكس ئېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام مۇتلەق، چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە قارشى تۇرىدۇ، ئىقتىسادىي ئەركىنلىكتىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا، بايلىق ئۈچۈن ئىنساپسىزلىق قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، تۇلۇقلىما ۋە ياردەمچى خارەكتېرلىق تەدبىر ھېسابلىنىدىغان مۇۋاپىق ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىك ۋە پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ تەركىبى ئارقىلىق خۇسۇسىي ئىگىلىكنى تەڭشەشنى، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى، تەقسىملىنىشى ۋە ئېستىمال قىلىنىشىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى، باي-نامراتلىق پەرقى، ئىككى قۇتۇپلىشىش ۋە سىنىپىي قارمۇ-قارشىلىقنى تۇسۇشنى، ھەم بۇنىڭغا تايىنىپ ئىنسان تەبىئىتىدىكى رەزىللىكنىڭ قىپيالىڭاچ، ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق، ھەددىدىن زىيادە ۋە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغىدەك دەرىجىدە ئاشكارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام گەرچە نۇقۇل ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادقا زىيادە ئارلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرسىمۇ، ئەمما، مۇسۇلمانلار دۆلىتىدە قەدىمدىن تارتىپلا ئورتاق ۋە ئاممىۋىي ئىگىلىك سىياسىتى بار، مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مال-مۈلۈك ۋە تەئەللۇقاتلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىشى، ئۆتكەن سۇلالىلەر ھۆكۈمەتلىرى تەسىس قىلغان دۆلەت خەزىنىلىرى، ئورتاق ئىگىدارچىلىقتىكى مال-مۈلۈكلەر، ئاممىۋىي تەئەللۇقاتلار ۋە مۇناسىپ مالىيە، باج تۈزۈملىرى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت، قانۇننىڭ بازارغا مۇۋاپىق ئارلىشىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈچىنىڭ بارىچە خۇسۇسىي مۈلۈك ھۇقۇقى بىلەن جامائەت مەنپەئەتى، جەمئىيەت ئادىللىقى تەڭشەيدۇ. «ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىمەت قىلىپ بەرگەن شەھەرلەر ئاھالىسى (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى)نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا، يېتىملەرگە، كەمبەغەللەرگە، مۇساپىرلارغا خاس قىلدى.» (7 :59) «ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل-مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.» (195 :2)

بىر مىڭ تۆت يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى، ئىسلام قانۇن شەكلى بىلەن ئۇمۇمەن شەرتى  توشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشقان ئېشىنجا مال-مۈلكىدىن، ئەسلى ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان بىر قىسمىنى نامراتلارغا ماددىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقىرىشىنى ئېنىق قىلىپ بەلگۈلىگەن. بىرىنجىدىن، ئىسلام پەقەت بۇنىڭ ئۈچۈن كونكېرت مىقدارلاشقان ـــ بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگۈلەنگەن سومما، بەلگۈلەنگەن ئادەم ئۆلچىمىنى بىكىتىپلا قالماستىن، بەلكى زاكات ئېلىنىدىغان تۈرلەر ۋە بەھرىمەن بولغۇچىلارنىڭ تۈرلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككىنجىدىن، دۆلەت باج يىغىش تۈزۈمىنى ئورناتتى. بۇنىڭدىن باشقا، بەلگۈلەنمىگەن ۋاقىت، بەلگۈلەنمىگەن مىقداردىكى خالىغانچە، ئىختىيارىي سەدىقەلەرمۇ ئىمان، ئەخلاق ۋە قانۇننىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى، قوللىشىغا ئېرىشكەن. «ئۇلارنىڭ ماللىرىدا تىلەمچىلەرنىڭ ۋە كەمبەغەللەرنىڭ ھەققى بار.» (19 :51) «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» (60 :9)

ئۈچىنجىدىن، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغىنى شۇكى، ئىسلام يۇشۇرۇن سەدىقە ۋە ئۈن-تىنسىز ياخشىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جار سېلىشقا، سەدىقە قۇبۇل قىلغۇچىغا كۆز-كۆز قىلىشقا،باشقىلارنىڭ كىشىلىك قەدر-قىممىتىنى خورلاشقا ۋە نام-ئابروي قوغلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ. «ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە، (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغىچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنىسەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.» (92 :3) «ئى مۇئمىنلەر! پۇل-مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار، بۇنداق (پۇل-مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە تۇپا-چاڭ قۇنۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ، ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» (264 :2) «سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر.» (271 :2) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «قىيامەت كۈنى سايىدىغۇدەك سايە يوق چاغدا، يەتتە تۈرلۈك كىشى ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدا بولىدۇ: ……چىن نىيەت بىلەن سەدىقە قىلىپ، ئوڭ قۇلى بەرگەن سەدىقىنى سول قۇلى بىلمەيدىغان كىشى.»

بىز كۆرۈۋاتقان مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن تۈزۈم شۇكى: ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نەسەبى، بايلىقى ۋە ئىمتىيازى تۈپەيلىدىن ئېسىلزادە بولىدۇ؛ ئوتتۇرا مۈلۈكدارلار (ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە) ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، بىلىمى ۋە ئېسىلزادىلەرنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ھوزۇر سۈرىدۇ؛ تۈۋەن قاتلام ئامما بولسا ھېچنېمىسى بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن نامراتلىق، نادانلىق، بىلىمسىزلىك ۋە خارلىققا مەھكۇم بولىدۇ. كۆرۈپ يىتىش كېرەككى، گەرچە ئىقتىسادىي شىلىۋېلىشنىڭ ئۇدۇل ۋاستىسى ئىقتىسادىي مىخانىزمغا تايانسىمۇ، ئەمما، نامراتلىق، نادانلىق، قالاقلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ مەنبەسى سىياسىي  مۇستەبىتلىك، چىرىكلىك، رەزىللىك، ئىجتىمائىي قاراڭغۇلۇق، پەسكەشلىك، ئىپلاسلىق ۋە كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەخلاقىنىڭ يۇقۇلۇشى ۋە ۋىجدانىنىڭ يۇقۇلۇشىدا. بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر دۆلەت سىياسىيسىنىڭ دانالىشىشى، جەمئىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، خەلقىنىڭ ئېتىقادىي، ئەخلاقىي ۋە مەنىۋىي سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشى ھەر دائىم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئادىل تەقسىمات ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە پاراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىيلاشقان ۋە تار مەھكىمىچى بىر جەمئىيەتتە، مال-مۈلۈكنىڭ باراۋەرسىزلىكى سىياسىي باراۋەرسىزلىكنى پەيدا قىلمايدۇ، بەلكى ئەكسىچە بولىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئاستىدا، كىشىلەرنىڭ ياشاش ھۇقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشى تەس بولغان يەردە، مال-مۈلۈك ھۇقۇقى ۋە ئىززەت-ئابروي ھۇقۇقىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىجتىمائىي سىياسىي باراۋەرسىزلىك نەق بايلىق تەقسىماتىدىكى باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ يەردە، ھۇقۇق بارچە بايلىققا ئېرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتى ۋە  ۋاستىسى، بايلىقنى نۇپۇز بۇيىچە تەقسىملەش باراۋەرسىزلىكنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلىي مەنبەسىنى شەكىللەندۈردى؛ ئەكسىچە، پۇل-مالنىڭ باراۋەرسىزلىكىمۇ سىياسىي ھۇقۇق ۋە كۈچنىڭ باراۋەرسىزلىكىنى كۈچەيتتى ۋە پۇختىلىدى، ھەمدە ئىنسانىيەت باراۋەرسىزلىكى ۋە قۇللۇقىنىڭ بىر خىل ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە مەدەنىي ئورتاق جىنايىتىنى بىرلىكتە شەكىللەندۈردى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئىسلام ئىقتىسادىي باراۋەرلىكنى تەكىتلىگەن ۋاقىتتا، پەقەت مەلۇم ياكى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ باراۋەرسىز تەقسىملىنىشى ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىسىلا پەقەت مەلۇم ياكى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ باراۋەرسىز تەقسىملىنىشى ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىسىلا، سىياسىي باراۋەرلىك بىلەن ئىجتىمائىي ئادالەتكە ھەرگىز سەل قارىمايدۇ؛ پەقەت مەلۇم ياكى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ باراۋەرسىز تەقسىملىنىشى ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىسىلا.

بايلىقنىڭ باراۋەرسىز تەقسىم قىلىنىشى ھەمىشە بىر قىسىم كىشىلەرنى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان تېخىمۇ قىممىتى بار كىشىلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولغىلى قويمايدۇ؛ تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، ئۇلار يەنە بىر  خىل  قىممىتى بار كىشىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالدى. بايلىق تەقسىماتىنىڭ ئادىل بولماسلىقى بىر قىسىم كىشىلەرنى باراۋەر تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئامالسىز قالدۇرغاندا، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ بۇ تۈپەيلى نەس باسىدۇ. چۈنكى بۇ خىل رەزىل رىقابەت مۇھىتىدا، بىر ئادەمنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆرلەش-ئۆرلىيەلمەسلىكى ياكى مەلۇم ئىلگىرلەش-ئىلگىرلىيەلمەسلىكى، زور دەرىجىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ كېرىمىنىڭ ئاز-كۆپلىكى، ھۇقۇق-كۈچىنىڭ چوڭ-كېچىكلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ ئۆز تالانتى، ئىرادىسى ۋە تېرىشچانلىقى بىلەن ئەمەس. ــــــــ ئەمما، بۇ خىل تاللىغىلى بولمايدىغان ئارقا كۆرۈنۈش شەخسنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھامان بىر ئادەمنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئەركىن تاللاش-تاللىيالماسلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق ئالدىنقى شەرتتۇر.

بىراق، ئەمەلىيەتمۇ ئوخشاشلا ئىسپاتلىدىكى، مۇقىم، ئۆزگەرمەس ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى يول تۇتقانلىق ۋەجىدىن، بايلىق تەقسىماتىدىكى «داش قازان تامىقى» ۋە مۇتلەق تەڭ تەقسىماتچىلىق يا تۇلۇق ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، يا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ئەسقاتمايدۇ. چۈنكى ھېچكىم باشقىلاردىن ئەۋزەل بولالمايدىغان، ھېچكىم ئالاھىدە شان-شەرەپ، ئىپتىخار ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدىغان، ھېچكىم باشقىلارنى بېسىپ چۈشەلمەيدىغان، ھەممە ئادەم ئوپمۇ-ئوخشاش، قىلچە پەرقسىز بولغان مۇتلەق تەكشى ۋە ھەددىدىن زىيادە باراۋەر بىر جەمئىيەت كىشىلەرنى سەۋر-تاقەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنى ئۆزى ھالاك  قىلىدۇ. چۈنكى ھېچقانداق پەرق يوق جەمئىيەت دەل يۈكسەك دەرىجىدە تەشكىللەشكەنلىكتىن، يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ كونتېرول قىلغانلىقتىن، يۈكسەك دەرىجىدە غەيرىي ئىنسانىيلاشقانلىقتىن ۋە زۆرۈر ئىلھام ۋە ئىجادكارلىقنىڭ زىيادە كەمچىللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، پۈتۈنلەي قاششاقلىقتىن، تۈگەل قاتماللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە پۇقرالار ھۇقۇق-مەنپەئەت ۋە مال-مۈلۈك تەقسىماتى جەھەتتە قانچە باراۋەر بولغانسېرى، دۆلەت شۇنچە تېنىچ بولىدىغان بولسىمۇ، ئەمما، چېكىدىن ئاشقان تەڭ تەقسىماتچىلىققا مايىل ئاتالمىش «باراۋەرلىك» (ھەممە ئادەم ئوپ-ئوخشاش بولۇش) ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي باراۋەرلىك (ئىجتىمائىي ئادىللىق)نى كېمەيتىۋېتىدۇ. چۈنكى شەخسلەر ئۇمۇميۈزلۈك پەرقلىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، نەتىجىنىڭ «باراۋەرلىكى» «ئادىللىق» بىلەن پەقەتلا چىقىشالمايدۇ.

(8) ئەر-ئايال باراۋەرلىكى. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، ئىسلامنىڭ ئەر-ئايال باراۋەرلىك كۆز قارىشىغا نىسبەتەن، نۇرغۇن كىشىلەردە ناھايىتى چوڭقۇر گۇمان ۋە خاتا چۈشەنچە بار.  بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بىر جەھەتتىن، ئۇلار «قۇرئان»نىڭ ھەقىقىي روھىنى تېخىچە چوڭقۇر چۈشەنگىنى يوق، يەنە بىر جەھەتتىن، ئىبتىدائىي ئەقىدىينىڭ ئەسلىي قىياپىتى ۋە ساپلىقىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن دەھرىي كۆز قاراشلارنى ھازىرقى ئارلاشما «ئەقىدە» ئىچىدىن قانداق چىقىرىپ تاشلاشنى  ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ باققىنى يوق.

بىرىنچىدىن، ئىسلامنىڭ ئەر-ئايال باراۋەرلىك كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن بۇرۇن، باشقا مەدەنىي جەمئىيەتلەردىكى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي ئورنىغا ئالاقىدار تارىخ ۋە ھازىرقى ئەھۋالنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. گۇيا پۈتۈن دۇنيا تارىخى ۋە رېئاللىقى بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئېچىپ بەرگەندەك قىلىدۇ، يەنى ئاياللار ئۇمۇمەن ئەرلەرنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ، شۇ سەۋەبتىن مەلۇم دەرىجىدە ئەرلەرنىڭ بېقىندى بۇيۇمى ھەتتا مال-مۈلكىگە ئايلىنىپ قالغان، ھەمدە دائىم ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتنىڭ بىر چېتىدە ياكى تۈۋەن قاتلىمىدا تۇرىدۇ، ياشانغالار، بالىلار، نامراتلار ۋە ھۇقۇقسىز، كۈچسىزلەر بىلەن ئورتاق بىر قاتلام ۋە بىر توپقا مەنسۇپ.

ئالدى بىلەن غەرب جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى، مۇبادا مەدەنىيەتنىڭ غەربتە بارلىققا كېلىشى نىسبەتەن كېيىنكى ئىش دېيىلسە، ئۇنداقتا، ياۋايىلىق غەربتە تېخىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان بولىدۇ. گەرچە قەدىمكى يۇنان ۋە قەدىمكى رىمدا ئايال ئىلاھەلەر كەڭ ئۇمۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما، رېئال تۇرمۇشتا ئاياللارنىڭ ئورنى دەل ئەكسىچە بولدى. قەدىمكى يۇناندا، ئاياللار ھەمىشە ئېلىپ- سېتىشقا بولىدىغان مال ياكى شەھۋەتنى قاندۇرىدىغان قۇرال ۋە تۇغۇت ماشىنىسى، چۈنكى ئۇلار شەيتاندىن كەلگەن مەينەت نەرسە؛ قەدىمكى رىمدا بولسا، ئاياللار ۋىجدان ۋە روھى بولمىغان مەينەت نەرسە، ئادەمنىڭ روھىنى چېرىتىدۇ، چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ شۇنداقلا ئادەمنى گۇناھ ۋە شەيتان تەرەپكە باشلايدۇ، دەپ قارىلاتتى. ئۇلار بۇ سەۋەبلىك پۈتۈنلەي «پۇقرالار»نىڭ سېرتىغا چىقىرىۋېتىلەتتى، تەبىئىيلا ھېچقانداق ئىجتىمائىي ھەق-ھۇقۇقى ۋە سىياسىيغا ئارلىشىش ھەققى يوق ئىدى.

قەدىمكى ئىبرانىيلار ئاياللار دۇزاخنىڭ ئىشىكى، بارچە يامانلىقنىڭ مەنبەسى، دەپ قارايتتى. «تەۋرات» خۇدانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشمەكچى بولغان ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. «بىلىشىمچە، بەزى ئاياللار ئۆلۈمدىنمۇ ئازاپلىق، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى تور، قوللىرى زەنجىر. خۇدانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەر ئۇلاردىن يىراق تۇرمىقى لازىم؛ گۇناھكار كىشىلەرگە ئۇلار قەستەن چاپلىشىۋالىدۇ. پىشىۋالار ئېيتقانكى: ‹قارا! مىڭ ئەر ئىچىدىن بىر دانە دۇرۇس كىشىنى تاپتىم؛ ئەمما، بارلىق ئاياللار ئىچىدىن بىرنىمۇ تاپالمىدىم.›» («مۇقەددەس كىتاب. كونا ئەھدە. دىين تارقىتىش قىسمى» 28-26 :7)

يەھۇدىلار « ئاياللار تۈپەيلىدىن گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانلىقىمىز، ئاياللار تۈپەيلىدىن ھەممىمىز ئۆلىدىغانلىقىمىز»غا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. نىكاھ ئىپپەت قارىشى ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش تەشەببۇسكارلىق ھۇقۇقى جەھەتتە ئەرلەرنى ئەزىزلەپ، ئاياللارنى خار كۆرىدىغان قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ. ھازىرقى ئىسرائىلىيەدە، تاكى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا كەلگەندىلا، ئاندىن «ئەر-ئايال باراۋەرلىك ھۇقۇقى قانۇنى» ئاياللارغا مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇش ۋە پەرزەنتلەرگە قاراش جەھەتلەردىكى باراۋەرلىك ئورنىنى بەردى، ئەمما، ئەمگەك ساھەسىدە، جىنسىي كەمسىتىشتىن تېخىچە تەلتۈكۈس قۇتۇلغىنى يوق.

زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىر ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ئازاتلىق دەۋرى ئەمەس. خرىستىئان دىينىنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ئېرەم باغدىكى گۇناھى ئۇنىڭ ئايالى ھاۋانىڭ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئالدىن بىلەن چەكلەنگەن مېۋىنى يىگەنلىكى، ئارقىدىن ئادەمنىمۇ گۇناھكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، شۇڭلاشقا، ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلىي گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدىغان باش جىنايەتچى دەل ئايال زاتى. «ئايال ئۈن-تىنسىز تەلىم ئالمىقى، پەقەت ئىتائەت قىلىشنىلا بىلمىكى لازىم، مەن ئاياللارنىڭ سۆز قىلىشىغا يول قويمايمەن، ئەرلەرنى باشقۇرۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلمايمەن، ئۇلار پەقەتلا سۈكۈت قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئادەم ئاۋۋال يارىتىلدى، ئاندىن ھاۋا يارىتىلدى، ئەمما، ئادەم ئازدۇرۇلمىدى، بەلكى ھاۋا ئازدۇرۇلۇپ، گۇناھقا پاتتى.» («مۇقەددەس كىتاب. يېڭى ئەھدە» 14-11 :2)

دەسلەپكى خرىستىئان دىينى جەمئىيىتى بىر خىل ئاياللاردىن يىراق، تەنھا، غەم-غۇسسىدىن خالى ئىبادەتكار تۇرمۇش شەكلىنى مەدھىيىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى دىينى جەمئىيەت مۇناخلارغا بولغان باشقۇرۇش ۋە چەكلەشنى كۈنسېرى كۈچەيتتى. پاھىشىلەر بولسا، شەك-شۈبھىسىزكى، ئىلاھىيەتشۇناسلار ئېيتقاندەك، «ئوردا ئىچىدىكى ئەۋرەز يولىغا ئوخشاش» بولۇپ، پەقەت يۇندا ئاققۇزۇش رولىنى ئوينايدۇ.

ئائىلە تۇرمۇشى جەھەتتە، خرىستىئان دىينى ئەرلەرنىڭ ھۇقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن دەيدىغان نوقتىئىنەزەرنى ئېنىق ئىپادىلىگەن: «سىلەر ئاياللارنىڭ ئىشىنى قىلىڭلار، خۇددى پەرۋەردىگارىڭلارغا بويسۇنغاندەك، ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار، چۈنكى ئەر ئايالنىڭ بېشى، خۇددى خرىستوس چىركاۋنىڭ بېشى، چىركاۋدىكى ھەممىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغىنىغا ئوخشاش. چىركاۋ خرىستوسقا قانداق بويسۇنسا، ئايالمۇ ئېرىگە شۇنداق بويسۇنۇشى كېرەك.» («مۇقەددەس كىتاب. يېڭى ئەھدە» 24-22 :5)

خرىستىئان دىينى يەنە بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن بولمىسىلا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا يول يوق، دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر-ئاياللارنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىنى مەنئى قىلىدۇ. «تالاق قىلىنغانلىكى ئايال گەرچە پاھىشىۋازلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ، پاھىشە بولىدۇ، تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشى پاھىشىۋازلىق قىلغان بولىدۇ.» («مۇقەددەس كىتاب. يېڭى ئەھدە. مەتتا ئىنجىلى» 31 :5)

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دىينىي ئىسلاھاتچىلار بۇ خىل چىرىك ئىدىيەلەرنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى دېگۈدەك خالاپ كەتمىدى، شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ تېرىشچانلىقى ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئاياللارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھېچقانچە پايدىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىمىدى. بىر قىسىم دىينىي ئىسلاھاتچىلارنىڭ نەزىرىدە، نىكاھ پەقەتلا «پەرۋەردىگار تىزگىنسىزلىك پەيدا قىلغان يارا ئېغىزىنى تېڭىپ قويغان داكا» بولۇپ، ئىلاجسىز ئەھۋالغا مەنسۇپ ئىدى.

گەرچە يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان جانلانغان ھەر تۈرلۈك ئاياللار ھۇقۇقى ھەركەتلىرى ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش ئەقىل ۋە روھقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بەس-مۇنازىرە قىلغان، ھەمدە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ھەق-ھۇقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ؛ بىراق، تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندىلا، ئاندىن بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى، مەسىلەن: گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيەلەر ئاياللارنىڭ ئۇمۇمىي سايلام ھۇقۇقىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېتىراپ قىلدى. بىر قىسىم  غەرب دۆلەتلىرى، مەسىلەن: شىۋېتسارىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىقلار تېخى يىگىرمە-ئوتتۇز يىل ئالدىدا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كېچىكىپ ئېتىراپ قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، ئىجتىمائىي سىياسىي باراۋەرلىك جەھەتتە، غەرب جەمئىيىتىگە قارغۇلارچە چۇقۇنماسلىق كېرەك، ئۇلار ماڭغان يول ئەسلا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەلمەيدۇ.

شەرق جەمئىيىتىگە كەلسەك، ئۇلار غەرب جەمئىيىتىگە قارىغاندا تۇلىمۇ ئۇزاق «مەدەنىيەت تارىخى»غا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بورۇنلا ئاياللارنى غەيرىي ئىنسانىي تۇرمۇش كەچۈرگۈزۈشكە باشلىغان، ھەمدە قۇيۇق مەدەنىيەت تىندۇرمىسى ۋە كۈچلۈك ئىرسىيەت ئىنېرتسىيىسى(ئادىتى، ئۇدۇمى) تۈپەيلىدىن، قان بىلەن كىرىپ، جان بىلەن چىقىدىغان  خۇيغا ئايلانغان. قەدىمقى بابىلۇننىڭ مەشھۇر «خاممۇرابى قانۇن توپلىمى»دا، ئەر خۇددى پۇل چىقىرىپ دېدەك سېتىۋالغانغا ئوخشاش، ئايالىنى قېيناتىسىنىڭ قۇلىدىن سېتىۋالسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. چۈنكى ئەر ئايالنىڭ خۇجايىنى ۋە تۇلۇق ھۇقۇقلۇق ئىگىدارى بولۇپ، ئايالنىڭ جىسمانىيىتىگە قارىتا چەكسىز ھۇقۇققا ئىگە ئىدى. ئايال ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئېرى تەرىپىدىن دەرياغا تاشلىنىپ ئۆلتۈرۋېتىلىشى مۇمكىن ئىدى، ئەر كۆپ قەرزگە بوغۇلغاندا، ئايالىنى قەرزگە ھېسابلاپ بەرسە بولاتتى.

قەدىمقى ھىندىستاننىڭ «مانۇ قانۇن توپلىمى»دا، ئاياللار، بالىلار، قۇللاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل توپنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقى يوق، ئۇلار ئېرىشكەن مال-مۈلۈك ئۇلارنىڭ ئىگە-چاقىلىرىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. قەدىمقى ھىندى دىينىدا، ئايال زاتى بولۇپ تۇغۇلۇش پەقەتلا شۇملۇقنىڭ نەتىجىسى ئىدى، سالاھىيەت نامى قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئاياللار بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. چۈنكى ئۇلار ئەرلىرىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبچىسى ـــ ئۇلارنىڭ شۇملۇقى ئەرلىرىنىڭ بېشىغا چىققان، شۇڭلاشقا، ئەرنىڭ مىجەز-خۇلقى ناچار بولغان تەقدىردىمۇ، ئايال يەنىلا ئۇنىڭغا سادىق بولۇشى، ئۇنى ھۆرمەتلىشى، ھەمدە بىجانىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى لازىم ئىدى. ئۇلار ئەرلىرىنى خۇدا بىلىپ چۇقۇنمىقى لازىم ئىدى، ئەرلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا ياتلىق بولۇشقا بولمايتتى، بەلكى ئەرلىرىنىڭ سائادەت بىلەن قايتا تۆرىلىشىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بىر خىل راھىبلارچە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى شەرت ئىدى؛ بولمىسا، بۇدۇنيادا رەسۋاچىلىققا ئۇچرىشى، ئۇدۇنيادا چىلبۆرىگە ئايلىنىپ قېلىشى چۇقۇم ئىدى. ئەر ئايالنى تاشلىۋەتسە بولاتتى، ئەمما، ئايال ئەكسىچە يول تۇتسا بولمايتتى. يۇقۇرى قاتلام سىنىپ بىر ئەر-كۆپ خۇتۇنلۇق تۈزۈمى ۋە سالاھىيەت دەرىجە نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى. ئەل ئارىسىدا بولسا نىكاھقا چات كېرىۋالىدىغان ۋە تۇل خۇتۇنلار ئەرلىرىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۋالىدىغان ئادەت كەڭ ئۇمۇملاشقانىدى.

بۇددا دىينى ئادەتتە ئاياللارنى راھىبلارنىڭ مۇكەممەللىككە يىتىش يولىدىكى تۇسالغۇ، تۇسالغۇنى يۇقۇتۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى بولسا دۇنيادىن كۆڭۈل سوغۇتۇش ھەمدە بىرخىل پەرھىزكار ھايات كەچۈرۈش، دەپ قارايدۇ. گەرچە تانترىزمنىڭ ئەر-ئايالنىڭ تەڭ ئىستىقامەت قىلىشىنى ۋە ئىككى جىنىس، ئىككى تەننىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى قوغلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، ئەمما، ماھىيەتتە، ئايال پەقەت ئەرنىڭ مەنىۋىي يۈكسىلىشكە ئېرىشىشتىكى قۇرالى، دەپ قارىلىدۇ.

جۇڭگو مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاياللارنى كەمسىتىش، خۇرلاش جەھەتتە تېخىمۇ ئۇزاق تارىخىي ئەمەلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، باشقا مەدەنىيەتلەردىن بەكرەك تەرەققىي، مۇكەممەل نەزىرىيە سىستېمىسىنىڭ قوللىشى بار ئىدى. يىراق قەدىمقى دەۋرلەردىن شۇنىسى ئايانكى، پادىشاھلىق مۇستەبىتلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار، دەيدىغان نەزىرىيىۋىي سەپسەتە تەدرىجىي سىستېمىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، ھەمدە ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئورۇقداشلىق(پاترىئارخاللىق) تۈزۈمى بىلەن زىچ بىرىكىپ، بىر خىل يىمىرىلمەس تارىخىي ئاسارەتكە ئايلاندى. كۇڭزى ئىلگىرىلا مۇنداق دېگەنىدى: «ئاياللار بىلەن تېگى پەس كىشىلەرنى باقماق تەس، ئۇلارغا يېقىنلاشساڭ ئەدەپسىزلىك بولىدۇ، ئۇلاردىن يىراقلاشساڭ ئۆچ كۆرگەنلىك بولىدۇ.» («مۇھاكىمە ۋە بايان. ياڭخو») يېغىلىق دەۋرىدە «ئۈچ ئىتائەت، تۆت پەزىلەت» كەڭ تارقالغان. «ئۈچ ئىتائەت» دېمەك، «ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئاتىسىغا ئىتائەت قىلىش، ياتلىق بولدىمۇ ئېرىگە ئىتائەت قىلىش، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندە بولسا ئوغلىغا ئىتائەت قىلىش» دېمەكتۇر («مۇراسىم . قارىلىق . زىشىيا تەزكىرىسى»)؛ «تۆت پەزىلەت» دېگىنى بولسا، «ئاياللارنىڭ ئەدەب-ئەخلاقى، گەپ-سۆزى، سەۋر-تاقىتى، ئەجىر-تۆھپىسى»نى كۆرسىتىدۇ (جۇ يىلنامىسى . ساماۋىي ئوردا . توققۇز بانۇ».  خەن دەۋرىگە كەلگەندە، ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى بىر پۈتۈن سىياسىي سىستېمىنى تىرەپ تۇرغان ئىدىئولوگىيە ــ «ئۈچ ئەركان، بەش ئەھكام» ئىچىگە قۇيۇلدى ھەمدە ئەخلاق سەۋىيىسىدىن ھالقىپ، سىياسىي ۋە قانۇنىي مەناغا ئىگە ئىجتىمائىي ئەقىدىگە ئايلاندى. «ئۈچ ئەركان» دېمەك «پۇقرانىڭ پادىشاھقا، ئوغۇلنىڭ ئاتىغا، خوتۇننىڭ ئەرگە بويسۇنۇشى»نى كۆرسىتىدۇ.   دوڭجۇڭ شۇنىڭ مەنپىي-مۇسبەت تەلىماتىدا، «ئەر مۇسبەت، ئايال مەنپىي» («ئەمىنىيە فەنلۇ . جىيى»)، «مۇسبەت ئەزىز، مەنپىي خار» (ئەمىنىيە فەنلۇ. مۇسبەت ئەزىز، مەنپىي خار»)، دەپ قارىلىدۇ. گۈللەنگەن تاڭ دەۋرىدە، ئۇمۇمەن «قۇرئان» بىلەن ئوخشاش بىر دەۋردىكى مەشھۇر ئەسەر «تاڭ سۇلالىسى قانۇنى . پۇقرالار ۋە نىكاھ قانۇنى»دا، نىكاھقا چات كېرىۋېلىش، نىكاھ سودىسى، دەرىجە بۇيىچە نىكاھلىنىش، نىكاھتىن ئاجرىشىشقا زورلاش قاتارلىق مەدەنىي بەلگىلىمىلەر بار ئىدى. ھەتتا مىڭ-چىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئورنى ئەڭ تۈۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىپ، ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار، تۇل خوتۇنلار پاكلىقىنى ساقلاپ، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن بىر ئۆمۈر قايتا ياتلىق بولماسلىق قارىشى چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدىكى نىكاھ تۈزۈمىدىن قارىغاندا، خان جەمەتى چەكلىمىسىز خانىش ــ بانۇلار تۈزۈمىنى يولغا قويغان، شۇ ۋەجىدىن ئەيش-ئىشرەتكە بىرىلىپ، ئوردا ئىشلىرى تاشلىنىپ قالغان. ئاق سۆڭەكلەر ۋە بايلار تەبىقىسى كۆپ جورىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، يەنە جىنسىي قىلمىش جەھەتتە، ئەر تەرەپ يەكتا ھالدا نىكاھ سىرتىدىن غەيرىي رەسمىي يوللار ئارقىلىق سودىلىشىش، تۇلۇقلاش ۋە قانائەتلىنىش ئىمتىيازىغا ئىگە ئىدى. ئاددىي پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە يارىشا، سانى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بىر ئەر  بىر خوتۇنلۇق تۇقال ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ خىل ئەھۋال تاكى 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچىلىك داۋاملاشتى. گەرچە جۇڭگونىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي قاتتىق مەنىدىكى ئەر-ئايال بارارەرلىكى، نىىكاھ ئەركىنلىكى، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش ۋە ئاياللارغا مال-مۈلۈك ھۇقۇقى، مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھۇقۇقى، ئۇمۇمىي سايلام ھۇقۇقى بىرىش پەقەتلا يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيانقى ئىش. تېخى بۈگۈنگىچە، ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ھەقىقىي ئۇمۇميۈلۈك ئەمەلىيلەشكىنى يوق. ئەۋلادلارنىڭ جىنسىنى تاللاشتا، يەنىلا ئۇغۇللارغا ئېغىش مەۋجۇت، ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ۋە ئىپتىدائىي دىين پەقەت ئەرلەرلا نەسىل قالدۇرۇپ، مۇئەييەن فامىلە ئۇرۇقىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ساقلاپ قالالايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ مۇھىمى، ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ ئۇرۇق-جەمەتنىڭ نەزىر-چىراغ ئىشلىرىغا قارىتا مونوپۇللۇق ھۇقۇقىنىڭ مۇقەددەسلىكلىكى،  ئۆلۈپ كەتكەن ئەجداادلارنىڭ روھىغا قارىتا بېقىش ھۇقۇقىنىڭ ئەۋزەللىكلىكى ۋە ئۇ ئالەمدىكى شاپائەت قىلىش ھۇقۇقىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىگە قارغۇلارچە ئىشىنىدۇ. يېزا-قىشلاقلاردا ئەرلەرنى ئەزىزلەشنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا، ئەرلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك ئەمگەك كۈچى ئەۋزەللىكىگە بولغان ئىھتىياج ۋە ئايال ئەر تەرەپكە ياتلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋىي نىكاھ تۈزۈمى ئېلىپ كەلگەن تۇلۇقلىما خارەكتىرلىك ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېشىشىدۇر.

ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەب جاھىلىيەت جەمئىيىتىدە، ئاياللار ئىنتايىن پەس، ئېچىنىشلىىق ۋە غەيرىي ئىنسانىي تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئالدى بىلەن، قىزلارنى تۇغۇپ بېقىشنىڭ ئۆزى ئار-نۇمۇس ۋە زور بەختسىزلىك سانىلاتتى، قىز بۇۋاقلارنى ئۆلتۈرۋېتىش ياكى تىرىك كۆمۈۋېتىش مەلۇم دەرىجىدە ئار-نۇمۇسنى يۇيۇپلا قالماستىن، يەنە ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يىنىكلىتەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھادىسە ھەرگىزمۇ ئەرەب جەمئىيىتى بىلەن چەكلەنگىنى يوق، قەدىمكى جەمئىيەتلەر بىىلەن چەكلەنگىنى تېخىمۇ يوق. ھازىرقى زاماندا، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى زامانىۋىي پەن-تېخنىكا ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن ھامىلىنىڭ جىنسىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاندىن ئىختىيارىي يۇسۇندا ھامىلە چۈشۈرۈشتۇر. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھەممەيلەن ئەرلەرنى كۆتۈرىدىغان جەمئىيەت ۋە ئەخلاقىي قىممەتكە مايىل.

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، جىنسىي كەمسىتىش بىر خىل تۇلۇپ تاشقان جاھىلىيەت بولۇپ، سەۋەبسىز ھامىلە چۈشۈرۈش، بولۇپمۇ قۇرساق كۆتۈرۈپ 120 كۈندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلغان ئاخىرقى مەزگىلدىكى ھامىلە چۈشۈرۈش بىر خىل يۇمران ھاياتلىققا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلىدىغان قانۇنسىز ھەركەتتۇر؛ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىسلام ھەرقانداق سۈنئىي ئۇسۇلدا ئىختىيارىي ھامىلە چۈشۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە كەسكىن ھالدا بۇنىڭ بىر خىل كىشىلىك ھۇقۇققا مۇخالىپ، ئىلاھىي قانۇنغا خىلاپ ئېغىر جىنايىي قىلمىش ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر ئەرلەر ھۇقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، چەكلىمىسىز كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، جورا ئېلىش ۋاستىلىرى ھەرخىل ئىدى، مەسىلەن: سېتىۋېلىش، ئوغۇرلاپ قېچىش ياكى بۇلاپ كېتىش… دېگەندەك، خوتۇننىڭ سانى ۋاستىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى بىلەن سىجىللىقىغا باغلىق ئىدى. يەنە كىلىپ، ئاللىقانداق نىكاھ ئەركىنلىكى دېگەنلەردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى، ئاياللارنىڭ جورا تاللاش ئەركىنلىكىمۇ، جورىسىدىن ئاجرىشىش ئەركىنلىكىمۇ يوق ئىدى. ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى جەمەتنىڭ مال-مۈلكى، ئېلىپ-ساتىدىغان بۇيۇم ۋە تالان-تاراج قىلىدىغان ئوبيېكت، دەپ قارىلاتتى. قەدىمكى جۇڭگو بىلەن ئوخشاش، ئاياللار ئەرلەرنىڭ تەئەللۇقاتى ۋە پۈتۈن جەمەتنىڭ مۈلكى ھېسابلىناتتى، ئادەتتە، ئاتا ــ ئەر ــ ئوغۇل يولىنى بويلاپ سۇزۇلما ھالەتتە ۋارىسلىق قىلىنسىمۇ بولاتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئاياللارنىڭ ئاساسلىق قىممىتى تۇغۇت ماشنىسىغا ئوخشاش ئەۋلاد كۆپەيتىشتە ئىدى، ئۇلار ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشتا ئىككىلەمچى ئورۇندا بولۇپ، مۇستەقىل كىشىلىك خارەكتىرى ۋە ئەقەللىي ئىنسانىي ئابرويى كەمچىل ئىدى، مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھۇقۇقىمۇ يوق ئىدى، مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھۇقۇقى، سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتلەردىكى ھۇقۇقلىرىدىنغۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى، بۇ سەۋەبتىن ھېچقانداق ئىجتىمائىي ئورنى يوق ئىدى.

ئىسپاتلانمىغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تا يېقىنغىچە، قىسمەن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاتالمىش «ئابروي قاتىللىقى»، يەنى بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ «جەمەتىنىڭ ئابرويى»نى قوغداش نامىدا، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئىچىدىكى ناشايان ئىشلارنى قىلغان، دەپ قارالغان ئاياللارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈۋېتىشى يەنىلا كەڭ ئۇمۇملاشقان بولۇپ، باسقۇنچىلىق دىلوسىدىكى بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن ئامان قالالمايدىكەن. بۇ خىل قاتىللىق ھەركىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بولغاچ، ئشتىن كېيىن پەقەتلا ئازغىنا قانۇنىي جازاغا ئۇچرايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل ئۈزۈل-كىسىل جىنايىي قىلمىشتۇر، چۈنكى ئىسلامنىڭ زىناغا ئائىت ئىىنتايىن قاتتىق ۋە ئېنىق ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى بار، يەنى تۆت نەپەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى زىناخورلارنى نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىشى ياكى ئۇچۇق-ئاشكارە گۇۋاھلىق بېرىشى شەرت. ئاتالمىش «ئابروي قاتىللىقى»، ئەمەلىيەتتە، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىر خىل تارىخى ئۇزاق، ياۋايى، قالاق مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئىپپىتى پۈتۈن جەمەتنىڭ بايلىقى ۋە ئەرلەرنىڭ ئابرويى، دەپ قارايدۇ. ئۇ ئىسلام دىينى ئوتتۇرغا چىقىشتىن خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇد ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىينى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. «قۇرئان»، «ھەدىس» ۋە ئىسلام ئەقىدىلىرى بۇ خىل ئىنسانىي ھۇقۇققا چېقىلىدىغان، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرىدىغان جىنايىي قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ.

بۈگۈنگىچە، دۇنيا مىقياسىدا، ئاياللارغا قارىتىلغان كەمسىتىش يەنىلا تارىخى ئۇزاق ئەرلەر ھۇقۇقىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئەر-ئايال «پېرسۇناژلار» ۋە ئەرچە-ئايالچە «ئوبرازلار»غا بولغان ئالدىن ئورۇنلاشتۇرمىسى، بولۇپ ئىپادىلەندى. بۇ خىل ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە، ئەر پېرسۇناژنىڭ خارەكتىرى مۇستەقىل، باتۇر، قەيسەر، قۇپال، تەشەببۇسكار ۋە تاشمايىل، ئەكسىچە، ئايال پېرسۇناژنىڭ خارەكتىرى يۈلەنمە، زەئىپ، مۇلايىم، نازۇك، پاسسىپ ۋە ئىچمايىل بولۇپ ئىپادىلىنىشى كېرەك. بۇ خىل ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كېيىن شەكىللەنگەن قېلىپ بولمىش پېرسۇناژ ۋە خارەكتىر ئۇقۇملىرى ھەمىشە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەر-ئايال جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى، ھەمدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۇدۇم قالدى، شۇنداقلا بىر خىل مۇكەممەل بېسىم ھاسىل قىلىپ ئاياللارغا تېڭىلدى. جەمئىيەتلىشىش جەريانىدا، ئۇ، قىز بالا تۇغۇلغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپلا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قايتا-قايتا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاخىرى ئۇنى بىلىپ-بىلمەي باش ئىگىشكە ئېلىپ باردى، پەقەت ئاز ساندىكى بوينى قاتتىق، ئاسىي مىجەز  ئاياللارلا بارچە تۇسۇقلارغا قارىماي، باتۇرلارچە بۇ خىل بويۇنتۇرۇقنى بۇزۇۋىتەلىشى مۇمكىن ئىدى.

ئىككىنچىدىن، ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىگە دائىر مەسىلىلەرنى، ئىسلام بۇندىن 1400 نەچچە يىل بۇرۇنلا، ئەقىدە، ئەخلاق، قانۇن ۋە تۈزۈم شەكلىدە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولغان. شۈبھىسىزكى، ئىسلام بىر باراۋەر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن باش كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تۇتۇش قىلغان ۋاقىتتا، ياۋايى قەبىلە جەمئىيىتىدىن كەلگەن زور تۇسالغۇغا يۇلۇقتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ خىل باراۋەرلىك ئىسلاھاتى قەتئىي تۈردە ئېتىقاد ساھەسىدىن باشلىنىپ، تەدرىجىي ھالدا ئەخلاق، قانۇن، تۈزۈم ۋە سىياسەت ساھەسىگە سۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر پۈتۈن رىئال تۇرمۇش شەكلىگە ئايلاندى. كۆرۈپ يىتىش كېرەككى، ئاياللارنىڭ ھۇقۇقى پەقەتلا تۇغما كىشىلىك ھۇقۇق (ئەخلاقىي ھۇقۇق)لا ئەمەس، بەلكى يەنە پۇقرالىق ھۇقۇق (قانۇنىي ھۇقۇق)تۇر. ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېتىقادنى تاۋلاش ۋە پاكلاش شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇركى، ئەكسىچە، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى قارا-قۇيۇق دوراش ۋە ياسالمىلىق قىلىش ئەمەس. قىز-ئوغۇلنىڭ جىنسىنى تاللاش ۋە ئارتۇق كۆرۈش جەھەتلەردە، ئىسلام جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئاياللارغا بولغان كەمسىتىشى ۋە زىيانكەشلىكىنى تۇلۇق چۈشەنگەن، ھەمدە ئېتىكا-ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىي ھەركەتلەرنى چەكلەش جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن، مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇ بۇ خىل ئەرلەرنى ئەتىۋارلاپ، ئاياللارنى كەمسىتىدىغان ئەنئەنىۋىي جاھالەت قارىشىنى قاتتىق سۆكۈپلا قالماستىن، بەلكى ئىلاھىي قانۇن شەكلى بىلەن قىز بۇۋاقلارنى تېرىك كۆمۈۋېتىش، جىنس تاللاپ ھامىلە چۈشۈرۈش، ۋە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق رەزىل قىلمىش، قەبىھ ھادىسە ۋە جىنايىي ھەركەتلەرنى قەتئىي مەنئىي قىلغان. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ. يەتككۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نۇمۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى تۇپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) نېمىدېگەن قەبىھ!» (59-58 :16). «كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر» (31 :17). ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىزى بولۇپ، قىزىنى تىرىك كۆممىگەن، ئۆچ كۆرمىگەن، ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ، قىزلارنى پەس كۆرمىگەن كىشىنى ئاللاھ چۇقۇم جەننەتكە كىرگۈزىدۇ».

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، پەرزەنتلەرنىڭ جىنسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، ئىلتىپاتى ۋە مەرھەمىتىگە باغلىق بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سوبيېكتىپ خاھىشىغا باقمايدۇ. ئەرلەرنى ئەزىزلەپ ئاياللارنى خارلاش، قىز تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئانىلارنى يامان كۆرۈش، كەمسىتىش ۋە ئازابلاش، شەك-شۈبھىسىزكى، بىر خىل ياۋايى، جاھىل، نادان، قالاق ۋە ئىپلاس قاراش بولۇپ، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»نىڭ روھىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ كېلىدۇ، شۇڭا بۇنداق قاراشتىن ئۈزۈل-كىسىل ۋازكېچىش كېرەك. ئىسلام ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئوخشاش، ئوڭچە، تاكامۇل ۋە باراۋەر كىشىلىك قەدىر-قىممەتكە ئىگە، ئۇلارنىڭ نام-ئابرويى، شان-شەرىپى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىمۇ ئوخشاشلا دەخلى-تەرۇزسىزدۇر، دەپ قارايدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن: «مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ)، ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ» (58 :33). «يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چۇقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» (23 :24). گۇيا پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەنتەنىلىك جاكارلىغاندەك: « سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار، مال-مۈلۈكىڭلار ۋە ئىززەت-ئابرويىڭلار مۇقەددەس دەخلى-تەرۇززىسدۇر».

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش، شەخسىي ئېتىقادىنى تاللىغۇدەك يىتەرلىك ئەقىلگە ئىگە، شۇ سەۋەبتىن شەخسىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن ئەلۋەتتە بەھرىمەن بولىدۇ، ئوخشاشلا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىمۇ ئىمان ۋە ياخشىلىقنىڭ تېگىشلىك مۇكاپاتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇمۇمەن، شەخس قىممىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى جىنس تەسىرى ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. «پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى: ‹ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھېچبىر ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن» (    ). «ئەر-ئاياللاردىن مۇئمىن بولۇپ تۇرۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)» (124 :4).

قانۇنىي جەھەتتە، ئاياللار بابباراۋەر بىلىم ئېلىش ۋە تەربىيەلىنىش ھۇقۇقىغا ئىگە. 1400 نەچچە يىل بۇرۇنلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەر-ئايال ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر». شۇنىسى ئېنىقكى، ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى پەقەت ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنى نەزەردە تۇتقاندا، يەنە پۈتۈن ئائىلە، جەمەت ۋە ئەۋلادلارغىمۇ پايدىلىقتۇر.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللار يەنە باراۋەر ھالدا ئەمگەك ھۇقۇقى ۋە ئوخشاش ئىشقا، ئوخشاش ھەق ئېلىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مۇبادا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ جەھەتتە ئىلاھىي قانۇننى تازا ئوبدان ئىزچىللاشتۇرمىدى، دېيىلسە، ئۇنداقتا ئاساسلىق سەۋەب دەھرىي ۋە مىللىي قاراشلارنىڭ شەرىئەتنىڭ يولغا قۇيۇلۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ياكى توسقۇنلۇق قىلغانلىقىدا، ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ بۇنداق قىلىشقا قارشى تۇرمايدىغانلىقىدا ئەمەس.

ئاياللار پەقەت قانۇنىي جەھەتتە مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كەڭ كۆلەملىك مۇستەقىل ئىقتىسادىي ھۇقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. مىلادىي 7- ئەسىردىلا، مۇسۇلمان ئاياللار قانۇنىي جەھەتتە مۇستەقىل مال-مۈلۈك ھۇقۇقىغا ئىگە بولۇپ بولغان، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ھۇقۇقلىرى قانۇنىي جەھەتتە ئېتىراپقا ئېرىشىپ بولغان. تاكى 10 نەچچە ئەسىردىن كېيىن، غەرب جەمئىيىتى ئاندىن ئاياللارغا مال-مۈلۈك ھۇقۇقىنى ئامالسىز بەردى. ئىسلام ئىنقىلابى ئاياللارنى ئازات قىلدى، ئاياللارغا ئېنىق قىلىپ تۇلۇق ۋارىسلىق قىلىش، ئىگىدارلىق قىلىش، ئىجارىگە بېرىش، سوۋغات قىلىش، ئېلىپ-سېتىش ۋە تىجارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىسادىي ھۇقۇقلارنى بەردى. ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش، ئىشلەپ چىقىرىش، ئالماشتۇرۇش، تەقسىم قىلىش ۋە ئېستىمال قىلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي ھۇقۇقلاردىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ، مۇبادا ئۇلارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتى مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىسا، ئۇنداقتا بىر ئەر كىشى ئوخشاش ئەھۋالدا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئوخشاش تۇلۇقلىمىغا ئېرىشىشى كېرەك. بىردىنبىر پەرق شۇكى، شەرىئەت ئۇچۇق قىلىپ ئەرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئائىلىسىنى بېقىش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ بەلگىلىگەن؛ بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى،  ئاياللار ئائىلىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمايدۇ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكى جۈملىدىن قانۇن بۇيىچە ئېرىشكەن تويلۇقى تامامەن شەخسىي مال-مۈلۈكىگە تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىمنىڭ قول تەككۈزۈشىگە يول قۇيۇلمايدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئوبيېكتىپ، ئادىل باھا بەرسەك، ئەمەلىيەتتە، مۇسۇلمان ئاياللار ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەرلەردىن ئۈستۈن ئىمتىيازغا ئىگە. «ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيىتنىڭ تەرەكىسىدە) ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار، ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار، مەيلى ئۇ (يەنى تەرەكە) ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم (ئاللاھنىڭ ئادىل شەرىئىتىدە) بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ» (7 :4). ئائىلە مۈلۈكىنى تەقسىم قىلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دائىرىلەرگە شۇنداق دېگەنىدى: «ئاللاھتىن قۇرقۇڭلار، قىزلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار، باراۋەر تەقسىم قىلىڭلار. يان بېسىشقا توغرا كەلسە، قىزلارغا يان بېسىڭلار». ئۇغۇللارنى ئەتىۋارلاشنى، كۆپ سانلىق شەرىئەتشۇناسلار مەكرۇھ ( ئۆچ كۆرۈلىدىغان) قىلمىش، دەپ ھۈكۈم قىلغان، قىسمەن شەرىئەتشۇناسلار بولسا ھارام (مەنئىي قىلىنغان) قىلمىش، دەپ ھۈكۈم قىلغان، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ كېچىك ئىش ئەمەس.

ئىسلامنىڭ نىكاھ باراۋەرلىكى ئۇ ئاياللارغا بەرگەن بىر قاتار قانۇنىي ھۇقۇقلاردا ۋە ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇقلاردا ئەكس ئېتىدۇ. شەرىئەتكە ئاساسلانغاندا، ئىنساننىڭ ھېسسىياتى ۋە فىزىئولوگىيىلىك تەلىپى قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي يۇسۇندا قاندۇرۇلۇشى لازىم، شۇڭلاشقا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، ياش-قۇرامىغا يەتكەن ھەر قانداق كىشى توي قىلىشى كېرەك. ئىسلام جىنسىي بېسىم قىلىش، جىنسىي ئۆزىنى قىيناش، راھىبلىق ۋە بويتاقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ؛ ئوخشاشلا، جىنسىي ئۇچۇقلۇق، جىنسىي ئەركىنلىك، شەھۋەتپەرەسلىك ۋە راھەتپەرەسلىككىمۇ قارشى تۇرىدۇ؛ ھەمجىنىسلار مۇھەببىتىگە ئەلۋەتتە قارشى تۇرىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىي تەبىئەت ۋە ئىنسانىي ئابرويغا خىلاپ، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى بۇلغايدىغان بىنۇرمال، غەلىتە، مەينەت، ئىپلاس جىنايىي قىلمىشلاردۇر. ئىسلامنىڭ ئوتتۇرھاللىقى پەقەت پرىنسىپال قانۇنىي بەلگىلىمىلەردە ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى مۇكەممەل، ئىنسانىيلاشقان ۋە ئىنسانسۆيەر «ھەدىسلەر»دە تېخىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. مۇبادا بەزىلەر نىكاھ ئەركىنلىكى ۋە ھۇقۇقىغا دائىر ئىشلار پەقەتلا ئاددىي ساۋات بولۇپ، تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ قارىسا، ئۇنداقتا، ئۇلار چۇقۇم ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىكى تۈرلۈك تۇلا ئۇچرايدىغان ئەسەبىي خاھىش ۋە بۇ خىل جاھىلانە قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈرلۈك ھەقىقىي زۇلمەتلىك تۈزۈملەرگە سەل قارىغان بولىدۇ، يەنى ئۇلار يەنە بىر تېخىمۇ ئاددىي ساۋاتقا سەل قارىغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەت بىر قىسىم ئاددىي ساۋاتلىق خاتالىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ سادىر قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قۇيۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قۇيۇشۇڭلارغا تۇسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر» (32 :24) «رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بىكىتمىدۇق» (27 :57) «سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە (بەچچىۋازلىق) قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قۇيامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» (166-165 :26).

روشەنكى، ناۋادا جورا تاللاش ئەركىنلىكى بولمىسا، ئۇنداقتا ئاتالمىش نىكاھ ھۇقۇقى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكى تامامەن ئەھمىيىتىنى يۇقىتىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دوروس بولمايدۇ» (19 :4). ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەسكىن قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «چوكاننىڭ رازىىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئەرگە بېرىشىگە بولمايدۇ؛ قىز بالىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئەرگە بېرىشىگە بولمايدۇ». يەنە مۇنداق دېگەن: «ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ بويىغا يەتكەن قىزنى باشقىلار بىلەن توي قىلىشقا زورلىشى ھارامدۇر؛ ئۇمۇمەن، بويىغا يەتكەن، ئەقلىي-ھۇشى جايىدا ئايالدىن، مەيلى قىز بولسۇن ياكى چوكان بولسۇن، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئەرگە بېرىشىگە بولمايدۇ، ھەتتا ئاتا-ئانا ياكى رەئىس بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىگە ئارلىشالمايدۇ». دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇنىڭدىن 1400 نەچچە يىل بۇرۇنلا، ئىسلام مۇشۇنداق ئىلغار، زامانىۋىي، مىسلىسىز قانۇنغا ئىگە ئىدى، ئىسلامدىن بەكرەك بىز زوقلاندۇرىدىغان ۋە ئىپتىخارلاندۇرىدىغان يەنە باشقا بىر مەدەنىيەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئىشەنچىلىك رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ دەۋاسىنى ئۆزى سورىغان ھەمدە كۆپلىگەن قانۇنسىز نىكاھ ئەھدىسىنى بىكار قىلغان. ئەينى چاغدىكى ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، «ئۈممەت» ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ شۈبھىسىز مۇئەييەن نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۇقۇقى بار ئىدى.

نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشقا كەلسەك، ئىسلام ئوخشاشلا قانۇنىي شەكىل ئارقىلىق تەپسىلىي، ئېنىق بەلگىلىمىلەرنى بىكىتكەن بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئەر-خوتۇننىڭ مېھرى-مۇھەببىتى، جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت تازىلىق، ساغلام ۋە ئىلمىي ئورۇن شەكلى، ئائىلە زوراۋانلىقىنى تۇسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇندىن 1400 نەچچە يىل ئىلگىرىكى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»تىن بۇنىڭغا ئالاقىدار قانۇنىي ئاساسلارنى ناھايىتى ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەڭداشسىز ئۇلۇغلۇق ۋە ئىنسانىيلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈن نۇرغۇن دۆلەتلەردە، جۈملىدىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، خېلى كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئۆزى خالاپ ئائىلە ئايالىلىق تۇرمۇش شەكلىنى تاللاۋاتقانلىقى ئىسلامنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ قالتىسلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. تۇلۇق ۋەزىپىدىكى ئايال پەقەت مۇرەككەپ ئىجتىمائىي كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە كەسكىن رىقابەتتىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشەلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزى، پەرزەنتلىرى، ئېرى ھەتتا پۈتۈن ئائىلىسىگە نىسبەتەنمۇ كۆپ پايدىلىق. ئەلۋەتتە، ئالدىنقى شەرت: ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاياللار بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر» (21 :30) «ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەر بىلەن ئارلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر)» (187 :2) «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» (19 :4). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشى خوتۇن-بالىلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدۇر» يەنە مۇنداق دېگەن: «ھالال نەرسىلەر ئىچىدە ئاللاھ ئەڭ يامان كۆرىدىغىنى تالاقتۇر». كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلام گەرچە قانۇنىي جەھەتتىن ئاجرىشىشقا يول قويسىمۇ، ئەمما، ئەخلاقىي جەھەتتىن ئۇنىڭغا ئېنىق تۈۋەن باھا بېرىدۇ، شۇنداقلا ئېھتىياتچان، سالماق ۋە نىسبەتەن مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ.

ئىسلام گەرچە ئاجرىشىشنى تەرغىپ قىلمىسىمۇ ياكى ئاجرىشىشقا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىشقا يول قويمىسىمۇ، ئەمما ئاخىردا، يەنىلا ئاجرىشىش ھۇقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇنداقلا ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ باراۋەر ئىگە بولغان قانۇن بۇيىچە ئاجرىشىشنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن ئىبارەت تەشەببۇسكارلىق ھۇقۇقىنى بەلگىلىدى. ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن، جۈملىدىن ئەقىدە تۇقۇنۇشى، ھېسسىيات كېلىشەلمەسلىك، مىجەز چىقىشالماسلىق، ئائىلە زوراۋانلىقى، ئەرنىڭ خورلىشىغا ئۇچراش، ئەرنىڭ ئىقتىسادىي نەپىقىسىگە ئېرىشەلمەسلىك، ئەرنىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە بولۇشقا ئۇنىماسلىقى ياكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي قىلمىش، فىزىئولوگىيىلىك نوقسان ۋە ساقايماس كېسەلگە گرىپتار بولۇش… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەتتا ئەرنىڭ چىراي-تەلەتى سەت، بويى پاكار، رەڭگى كۆرۈمسىز بولۇش…قاتارلىقلارمۇ ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام ئەر تەرەپنىڭ ئاجرىشىشنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ھۇقۇقىغا قارىتا ئېنىق چەك قۇيۇپ، باشباشتاقلىق قىلىش ۋە ئاجرىشىش ھۇقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى، بولۇپمۇ نۇرمال بولمىغان كىسەل ئەرلەرگە نىسبەتەن قانۇنىي تۇساق ئورناتتى. كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ قانۇن-بەلگىلىمەلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىلا رەسمىي ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغان، ھەمدە نۇرغۇنلىرى پەيغەمبەرنىڭ «سۈننىتى» بولغان ئەمەلىي ئۆرنەكلەردىن ئېلىنغان. مەسىلەن: ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە، سابىتنىڭ ئايالى جەمىلە ئېرىنىڭ پاسىقلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى تەستىقلىغان؛ يەنە مەسىلەن: بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىدىن رىپائەنىڭ تەمىم ئىسىملىك ئايالى ئېرىنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلغان ھەمدە ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەستىقلىغان…قاتارلىقلار، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇسۇلمان ئاياللار باشتىلا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجرىشىش ھۇقۇقىغا ئىگە ئىدى. شۇڭلاشقا، نېمىشقىدۇ 1400 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنە ئاتالمىش «قانۇن مۇتەخەسىسلىلىرى»نىڭ ئەسەر يېزىپ، خەيرىخاھلىق قىلىپ، چىن ئېتىبار بېرىپ ئىسلامنىڭ ئەنئەنىۋىي نىكاھ قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش، «غەربنىڭ ئىلغار تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش»، ئاياللارغا ئاجرىشىش ھۇقۇقى بېرىش…ۋاھاكازالارغا چاقىرىپ يۈرۈشىدىن تۇلىمۇ ھەيرانمەن. بۇ «مۇتەخەسىسلەر»نىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن دىينىي شەرىئەتنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقى ئېنىق. «ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (130 :4).

ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئاجراشقاندىن كېيىنلا قانۇن ئاخىرقى نوقتىغا يەتكىنى يوق، ئوخشاشلا، ئىسلام قانۇنى ئاجرىشىش مەزگىلىدىكى ۋە ئاجراشقاندىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەئەتىگە قارىتا ئۇچۇق، كونكرت ۋە ئىنسانپەرۋەر بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. ئىسلام قانۇنىغا كۆرە، نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى قانۇنىي ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەت پۈتۈنلەي ئاخىرلاشمايدۇ. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئۆزگىچە، داڭلىق «ئىددەت» تۈزۈمى بولۇپ، ئۇ بىھۇدە زىيان ۋە ئالدىراڭغۇلۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاجرىشىش مەزگىلىدىكى يارىشىش ۋاقتى ۋە رەسمىي ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇنقى قايتا ئويلىنىش چېكىنى بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللار قانۇن بۇيىچە ئاجرىشىش نەپىقىسىگە ئېرىشىدۇ، ھەمدە قانۇن بۇيىچە شەخسىي مال-مۈلۈك ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھامىلدار ئاياللار يەنە قانۇن بۇيىچە ئىلگىركى ئېرىنىڭ بېقىشى، كۆيۈنۈشى ۋە خىراجەت بېرىشىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئىسلام «ئۆمۈر بۇيى قايتا ياتلىق بولماي، ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىگە سادىق بولۇش»تىن ئىبارەت ئىپپەت-نۇمۇس قارىشىنى كېسىپلا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاجراشقان ياكى جورىسى ۋاپات بولغان ئاياللارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشىغا ئۇچۇق-ئاشكارە رۇخسەت قىلدى. «ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بۇيىچە (تەگمەكچى بولغان) ئېرى بىلەنپۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار» (232 :2)

مەن دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ قانۇن سىستېمىلىرىنى كەڭ دائىرىدە چوڭقۇرلاپ تەكشۈردۈميۇ، ئوخشاش دەۋر ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 1000 نەچچە يىل مابەينىدە بۇنىڭدەك مىسلىسىز ئۇلۇغ قانۇن ماددىلىرىنى ئۇچراتمىدىم. پەقەت 200 نەچچە يىللىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا تارىخقا ئىگە بولغان شەرق-غەربتىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەتلىكلەر» گۇيا تاشقى پلانېت ئادەملىرىدەك كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولۇپ، ياخشى نىيەت بىلەن بىزگە قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىۋاتقىنىدا، مەن ئۇلارنىڭ ئۇنتۇغاقلىقى ۋە نادانلىقى ئۈچۈن چەكسىز ئەپسۇسلىنىش ۋە تۇلىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى دەھرىي ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ ساپ ئىسلام شەرىئىتىنى چىرىتىۋاتقانلىقىمۇ ھەممىگە ئايان.

پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئايلىنىپ چىققان «ئامېرىكا ۋاشىنگتون پۇچتا گېزىتى»نىڭ نۇپۇزلۇق مۇخبىرى تۇماس لېپمان ئۆزى يازغان «ئىسلام دىينى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى» (1982) ناملىق كىتابىدا نىسبەتەن ئوبيېكتىپ خۇلاسە چىقارغان: «‹قۇرئان›نىڭ ئاياللارنىڭ قانۇنىي ئورنىغا ئالاقىدار ھۆكۈملىرى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنىڭ ئەكسىچە، بۇ ھۆكۈملەر چىقىرىلغان دەۋردىن تۇلىمۇ ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى ئاياللارغا بەرگەن مەلۇم ھۇقۇقلار غەرب قانۇن توپلاملىرىدا نەزەرگە ئېلىنغان ئاياللار ھۇقۇقلىرىدىن بەكرەك ئازات. مۇسۇلمان ئاياللار مالاي ئەمەس، دېدەك ئەمەس، ئۇيۇنچۇق تېخىمۇ ئەمەس»* ئۇ شۇنى كۆرۈپ يەتكەنكى، ھازىرقى دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۈۋەن بولۇشى ھەقىقىي ئىسلام شەرىئىتىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ.

ئەلۋەتتە، ئىسلام قانۇنى ئاستىدا، ئەر-ئايال جىنايەت سادىر قىلسا، مەيلى جىنسى، مىللىتى، ئىرقى، ئېتىقادى، ئىجتىمائىي ئورنى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئوخشاش جازا بېرىلىشى، ھەر قانداق مۇستەسنالىق، غەمخورلۇق، ئېغىش ياكى ناھەقچىلىق بولماسلىقى كېرەك. «زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار» (2 :24) «ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار» (164 :6). جىنايىي جازا جەھەتتە، ئىسلام شەرىئىتى يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ نۇرىنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئېيتىلىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جۇھەينە قەبىلىسىدىن ئۆلۈم جازاسىغا لايىق جىنايەت سادىر قىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ كەلگەن بىر ھامىلدار ئايالغا قارىتا جىنايىي جازانى كېچىكتۈرگەن، ھەمدە ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئۇ ئايالغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى، بالىسىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن جازانى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئايالنىڭ گۇناھىنى تۇنۇش قىلمىشىغا نىسبەتەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇ ئايال ئۆلگەندىن كېيىن شەخسەن ئۆزى باش بولۇپ ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەن. يەنە بىر مىسالدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ئەلىنىڭ كۆزى يۇرۇش ئالدىدا تۇرغان بىر گۇناھكار دېدەككە قارىتا جىنايىي جازانى كېچىكتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئىسلام ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەشنى ئېنىق بىكىتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئانىنىڭ ئورنى ئاتىدىن خېلىلا ئۈستۈن. ھەتتا ئاتا-ئانا كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ، «تەۋھىد» شەرتى ئاستىدا، بۇ دۇنيادا ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئىسلام يەنە ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى تۇلۇق نەزەرگە ئېلىپ، بىر قىسىم دىينىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلغان؛ ئىسلام ئىپپەتلىك ئاياللارنى پاھىشە بولۇشقا زورلاشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ؛ ھەتتا جەڭ ھالەتلىرىدىمۇ، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى قەتئىي چەكلەيدۇ. قانۇن ئېنىق، تۇلۇق ۋە كۈچلۈك ھالدا ئاياللارنىڭ ئىززەت-ئابرويى، كىشىلىك قەدىر-قىممىتى، ھۆرمەت-ئىنايىتى ۋە قانۇنىي ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. «ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار، كىمكى ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى پاھىشىغا مەجبۇرلانغىنى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، مەجبۇرلىغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدۇ» (33 :24).

بېسىقماي تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان «بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمى»گە كەلسەك، مېنىڭچە، بۇ بىر خىل خاتا چۈشۈنۈش. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام قانۇن پرىنسىپلىرى جەھەتتە بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدىلا چەكلىك كۆپ خوتۇنلۇققا ئېھتىياتچانلىق بىلەن يول قۇيىدۇ، دېمەك، ئىسلام كۆپ خوتۇنلۇققا تەرغىپ قىلىدۇ ئەمەس، بەلكى چەك قۇيىدۇ، پەقەت مۇتلەق مەنئىي قىلىپ تاشلىمايدۇ.

مۇنۇ مەشھۇر ئايەتنى دىققەت بىلەن تەھلىل قىلىپ كۆرۈڭ: «ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۆزەڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ، بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر» (3 :4). يەنە باشقا بىر ئايەت ناھايىتى تىزلا بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇقلىغان: «قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەت ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قۇيۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار» (129 :4).

بىر قىسىم نۇپۇزلۇق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن چىقارغان خۇلاسىسى شۇكى: ئىسلام بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىپ، بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمگە چەك قۇيىدۇ، ئۇنىڭ تۈپ روھى ئىككىدىن ئارتۇق خوتۇن ئېلىشقا يول قويماسلىق ياكى ئىلھام بەرمەسلىك. بۇنىڭ مەشھۇر بىر مىسالى شۇكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى ئەلىنىڭ ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشىنى ئېنىق توسقان. ئۇ مۇنبەردە ئۇچۇق-ئاشكارە مۇنداق دېگەن: «بەنى ھىشام ئىبنۇ مەرۋە قىزىنى ئەلى ئىبنۇ ئەبۇ تالىپقا بەرمەكچىكەن، مەن بۇنىڭغا قۇشۇلمايمەن، قەتئىي قۇشۇلمايمەن. بولمىسا ئەلى مېنىڭ قىزىم بىلەن ئاجرىشىپ، ئۇلارنىڭ قىزى بىلەن توي قىلسۇن. پاتىمە مېنىڭ جىگەر پارەم، ئۇنىڭ ئەنسىزلىكى مېنى ئەنسىز قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئازابى مېنى قىينايدۇ». شۇنىڭدىن كېيىن، ئەلى بۇنداق ئويدىن تەلتۈكۈس ۋاز كەچكەن.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەينى دەۋر ئەر-ئايال نىسبىتى ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىزلاشقان، تۇل خوتۇن-يېتىم ئۇغۇللار ئىگە-چاقىسىز قالغان ئۇرۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتاتتى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان چەكلىمىسىز بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمدىن بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمگە قاراپ تارىخىي كۆچۈش ۋە زور ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتاتتى، سىياسىي جەھەتتە يۇقۇرى قاتلامدىكىلەرنىڭ تويلىشىشىغا ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھاجەت چۈشكەن پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە تۇرۇۋاتاتتى؛ شۇڭا بۇ خىل چەكلىك بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمى پەۋقۇلئاددە شارائىتتا، ئاساسىي ئېقىم ۋە نۇرمال بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم پرىنسىپىغا قارىتا جىددىي ئۆزگەرتىش ۋە مۇستەسنا تۇلۇقلاش تەدبىرى سۈپىتىدە قانۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئايرىم ئەھۋال ئاستىدا، ئايال تەرەپنىڭ تۇغماسلىقى ۋە ھازىرقى پەرزەنتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ، باشقىچە ئۇسۇلنى قانۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن.

كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، ئىسلام شەرىئىتى نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي قىلمىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئېغىر جازا بېرىدۇ. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە، بۇ پەقەتلا بىر ئەخلاقىي مەسىلە بولماستىن، بەلكى يەنە، بىر قانۇنىي مەسىلىدۇر. «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر» (32 :17). تۇلۇق تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش ئاساسىدا، قانۇن توي قىلغان-قىلمىغانلىق ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا دەررە ئۇرۇش ۋە تاش-بۇران قىلىپ ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر جازا بېرىدۇ. ئەخلاق سەۋىيىسىنىڭ يۇقۇرى-تۈۋەنلىكىگە، ئوخشىمىغان تۇرمۇش شەكلىگە قاراپ مۇنداق تەرتىپ تۇرغۇزۇشقا بولىدۇ.

  1. بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم + نىكاھ سىرتىدا نەپسىنى يىغىش < بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم + نىكاھ سىرتىدا نەپسىنى يىغىش < بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم + نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي ئەركىنلىك < بىر ئەر-كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم + نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي ئەركىنلىك
  2. نىكاھلىنىش< بويتاقچىلىق + نەپسىنى يىغىش < بويتاقچىلىق + قالايمىقان مۇناسىۋەت < ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان جىنسىي ئەركىنلىك

ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى دۇنيا ئاياللىرى يەتكۈچە تارتىۋاتقان نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت، جىنسىي ئەركىنلىك ۋە جىنسىي ئازاتلىقنىڭ دەردى نىكاھ تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدىكىدىن خېلىلا چوڭ. بەلكىم، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل تەپتىش ئەمەلدارى ستارنىڭ ھېكايىسىدە، زۇڭتۇڭ كلىنتون پەقەتلا بىر بىنۇرمال تۇنۇكتىن ماراش خۇمارى بىر مەيدان كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان كومېدىيەدە ئوۋلىغان بىچارە ئولجا بولۇشى مۇمكىن. ئەخلاق ئاتىقى كەمچىل بىر زۇڭتۇڭنىڭ ئەلنى قانداق ئىدارە قىلىشىنى دېمەيلا قۇيايلى، قېنى بۇ خىل مەدەنىيەت قانداق بىر خىل «كامىل ھەم گۈزەل بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم»نى نامايەن قىپتۇ؟

 

مەنبە:

مۇھەممەد يۇنۇس (尤努思.穆罕默德) تەرىپىدىن يېزىلىپ، شىياڭگاڭ تۇلپار (天马) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئىسلام سىياسەتچىلىكى» (伊斯兰政治学) ناملىق كىتاب. بۇ ئەسەر مەزكۇر كىتابنىڭ 5- بابى بولۇپ، ئەسلىي نامى: «بەشىىنچى باب: باراۋەرلىك توغرىسىدا» (第六章:论平等) ئىدى. ئايرىم ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىسلام ۋە باراۋەرلىك» دەپ ئۆزگەرتىلدى.

 

ئەسكەرتىش:

بۇ تەرجىمە ئەسەر «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.