سۈكۈتتىن چىقىش
ئويچان
مەن بىر مەزگىل سۈكۈت قىلدىم. ئاخىرى چىدىماي سۆزلىدىم. شۇنى بىلدىمكى، سۈكۈت قىلىشمۇ ئازاپكەن. سۆزلەشمۇ راھەت ئەمەسكەن. زۇلۇمنى سۆزلىگەنسىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى شۇنچە ھېس قىلىدىغان گەپكەن. ھەر قانچە ياسالمىلىق قىلىپ باققان بىلەنمۇ، بۇزەك قىلىنغانلىقىنى پوچى تۇرۇپ سۆزلىگىلى بولمايدىكەن.
ياخشى يىرى، زۇلۇمنى پاش قىلغاندىن كېيىن، قورقۇش تۈگەيدىكەن. ئادەم ھەقىقىي ئەركىنلىككە چىقىدىكەن. ھەقىقىي مەنىدە ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمايدىغان بولىدىكەن. كاللىدىكى خىتتاي قورقۇنچىسى ۋە ئېھتىيات ۋەسۋەسىسى تامامەن يۇقايدىكەن. بەلكىم زۇلۇمنى پاش قىلىپ، زالىمغا قارشى تۇرۇپ ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ نىئمەت مۇشۇ بولسا كېرەك. بەلكىم بۇ تۇنجى غەلىبە ياكى غەلىبىنىڭ مۇقەددىمىسى بولسا كېرەك. چۈنكى پەقەت قورقمىغاندىلا، ئاندىن ئەڭ زور دەرىجىدە قارشىلىق قىلغىلى ۋە يۇشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىققىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ!
قىلغانلىرىم ئائىلەمگە پايدا ئېلىپ كىلەمدۇ ياكى زىيانمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم ئائىلەمدىكىلەرگە زىيان، خەلقىمگە پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ مېنى كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇنداقتىمۇ ئۇلاردىن ئەپۇ سورايمەن.
مېنى ئاتا-ئانام، يۇرت-خەلقىم بىكارغا بېقىپ چوڭ قىلمىدى. ئانامنى، ئۇكىلىرىمنى ۋە بىچارە خەلقىمنى تۇتۇپ سۇلاپ قىرغىن قىلىۋاتسا، مەن بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمەن. ناۋادا مېنىڭ قارشىلىقىم تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا تېخىمۇ قاتتىق زۇلۇم كەلسە، ئۇنداقتا بۇ مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس، ئەكسىچە دۈشمىنىمنىڭ نامەردلىكى. زۇلۇمنى ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ ئورنى يوق. ئەگەر ئانام مەن تۈپەيلى تېخىمۇ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىسا «ھەنىم بولسا، ئوغلۇم بىكار ياتماپتۇ» دەيدۇ. ھېچ بولمىسا، مېنىڭ ھاياتلىقىمنى بىلىدۇ. ئۇكىلىرىممۇ، دوست-بۇرادەرلىرىممۇ شۇنداق…
مەن سۆزلىدىم، داۋاملىق سۆزلەيمەن. مەن يازدىم، داۋاملىق يازىمەن. مۇمكىن بولسا قۇلۇمغا قۇرال ئېلىپ زۇلۇم قورغانلىرىنى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتسەم دەيمەن.
بىراق، ۋۇجۇدۇمدا مۇھەببەت يەنىلا نەپرەتتىن غالىپ. زۇلۇمنى پاش قىلسام، زالىمنى توسسامكەن دەيمەن. زالىمغىمۇ زۇلۇمنى راۋا كۆرمەيمەن. ھېچكىم ھېچكىمنىڭ يۇرتىنى بېسىۋالمىسا، ھېچكىم ھېچكىمنى ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىدىن جۇدا قىلمىسا، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى ھە. زۇلۇم بولمىسا، قارشىلىقمۇ بولمايتتى. زۇلۇم بولمىسا ئىنتىقاممۇ بولمايتتى. زۇلۇم بولمىغان بولسا، ئىنتىقام ئېلىش ھۇزۇرلۇق بىر ئىشقا ئايلانمىغان بولاتتى.
لېكىن زۇلۇم بار، شۇڭا قارشىلىق قىلماي بولمايدۇ. زۇلۇمنى تۇسالمىساڭ، ئۇنى ھەممە كىشىگە ئاڭلات. زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان تىلسىز شەيتاندۇر…
2018- يىلى، 23- نۇيابىر، ئەنقەرە