2020-يىل 23-دېكابىر

ئاددىيلىق، ئىلمىيلىك ۋە خاسلىق

By Oychan

(ئۆز ئىسمىمدىن تۇغۇلغان ئويلار)

ئويچان

 

ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار.

_ ئۇيغۇر خەلق ماقالى

 

ئىسمىمنى مەھەللىمىزدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاقساقىلىمىز قۇيۇپتىكەن. ئۇ كىشىنى باشقىلار تۇرۇپ «ئابلەت قارىم» دېسە؛ تۇرۇپ «ئابلەق قارىم» دەيتتى. زادى «ئابلەت»مۇ ياكى «ئابلەق»مۇ بىلمەيتتۇق. مەن بۇ قارىمنىڭ نەۋرە تالىپى ئىدىم. قارىمنىڭ قولىدا قارىم بولغان بىر قارىمدا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەن ۋە بىر قانچە پارە قۇرئان يادلىغان. شۇنداقتىمۇ، بۇ بۇۋا ئۇستازىمدىن ئاز-تۇلا تەلىم ئېلىپ چوڭ بولغان. يەنە كېلىپ مەن بالىلىرى بىلەن ئاداش بولغاچ دائىم ئۆيىگە كىرىپ چىقىپ تۇراتتىم. ئالدىدا «قارىم» دەپلا چاقىرىدىغان بولغاچ مەسىلە يوقتى. يوق يېرىدە نېمە دەپ ئاتاش بىر مەسىلە ئىدى. ھەتتا قارىمنىڭ بالىلىرىمۇ دادىسىنىڭ ئىسمىنى توغرا دەپ بىرەلمەيتتى.

قارىم كېيىن ھەج قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن «قاراجىم» دەپ ئاتايدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ ئىسمىنى دېيىشكە بەك ھاجەت قالمىدى. مەھەللىمىزدە قارىملار كۆپ بولغاچ (مەنمۇ چالا قارىم)، بۇرۇن بۇ كىشىنى ئىسمى بىلەن ئاتىماي تۇرۇپ مەقسەتنى ئۇقتۇرغىلى بولمايتتى. مانا ئەمدى قارىمنىڭ كەينىگە ھاجىمنى قاتقاندىن كېين ئۇ كىشى خاسلاشقان ئىدى. چۈنكى باشقىلار يا قارىم، يا ھاجىم ئىدى. بۇ ئىككى سۈپەتنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بىردىنبىر كىشى ھۆرمەتلىك ئاقساقىلىمىز ئىدى.

تەڭتۈشلىرىم يولدا قارىمغا ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئەيمىنىپ كۇچىلارغا كىرىۋالاتتى. مەن بولسام بىمالال كۆرۈشۈپ ئەركىلەپ قۇياتتىم. تاماكا چېكىدىغان بالىلار قارىمنى كۆرسە، قولىنىڭ كۆيۈپ قېلىشىغا باقماي تاماكىنى يەڭنىڭ ئىچىگە تىقاتتى. قارىم چاچ قۇيۇش ۋە باشتاق يۈرۈشنى ياقتۇرمايتتى. مەن بولسام مەھەللىنىڭ ئەركە بالىسى ئىدىم. كېچىكىمدىن بەش ۋاخ نامازنى تاشلىمايدىغان. كىتاب ئوقۇشقا ئامراق (قۇرئاننى تۇلا ئۇقۇيتتۇم). ھاراق-تاماكىدىن ئۇزاق. ئەمما ئويۇندىن قالمايدىغان. كىنو دېگەننى دەھشەت كۆرۈپ قويىدىغان. مەھەللىدە ئەڭ بۇرۇن ئۇزۇن چاچ قويۇپ، كاستيۇم بورۇلكا كىيگەن «شۇشىيەن يىگىت» مەن بولسام كېرەك. قىسقىسى، ھەممە كىشى زوقلىنىدىغان، ئەمما بىر يەرلىرىمنى بىرىلىرى ياقتۇرمايدىغان بىر بالا ئىدىم (ھازىرقىغا ئوخشاش). شۇڭا خوشنىلار بالىلىرىنىڭ مەندەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى (بىر يەرلىرىمدىن باشقا). (ئاللاھ نىسىپ قىلسا، يېزىمىزدىن چىققان تۇنجى دوكتور مەن بولىمەن، ئىنشائاللاھ). نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مېنى كۈيئوغۇل قىلىۋالغۇسى كىلەتتى (شۇ چاغلاردا خوتۇن ئېلىۋالساممۇ بوپتىكەن دەيمەن). بىر قېتىم قارىم بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ، «ساڭا ئاتاللاخۇن بىر دوپپا ئەپ بەمىدى. سېنىڭ ھەممە ئىشىڭ بولىدۇ، مۇشۇ چاچ قۇياپ، باشتاق يۈرۈشۈڭدىن باشقا» دېگەنتى. مەنمۇ ئەركىلەپ «شۇ، دادام ئەپپەمىدى ئەينا، سىز ئەپپىرڭە ئەمدى» دېگەنتىم. قارىم «سەن ئەپپەسەممۇ كىيمىسە» دېگەندە، «پەيغەمبىرىمىز چاچنى دولىغا كەگىچە قۇياپتىكەنيا ئەينا، باشتاق يۈسە شەرىئەتتە دۇرۇسكەنيا ئەينا» دەپ تۇرۇۋالسام؛ قارىم كۆلۈپ كېتىپ «مۇشۇندا دەپ تۇرۋاسە ئەينا، دېگىنىڭ راست، ئەمما خىتتايغا ئوخشاپ قاساق بومايتۇ، بالام» دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئارقىدىن قارىم بالىلىرىغا قاراپ، كۆلۈپ تۇرۇپ، «مەمەتتوختىنىڭ مۇشۇ ئىشىدىن باشقا ھەممە ئىشىدىن ئۆگەنسەڭلە بوتۇ ماقما» دېگەنتى. ئىشقىلىپ ئۇ كىشىنى قەۋەتلا ھۆرمەتلەيتتۇق. كەينىدىن ئانچە-مۇنچە گەپ قىلىپ باققان بىلەن، ئالدىدا كەنتنىڭ سېكرىتارلىرىدىن تارتىپ، لۆكچەكلىرىگىچە ھەممىسى قول باغلاپ تۇراتتى. (ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي).

ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، قارىمنىڭ دېيىشىچە، ئىسمىمنى «مەمەتتوختى» قۇيۇپتىكەن. شۇڭا ئۆزىمۇ شۇنداق چاقىراتتى. باشقىلار ئىسمىمنى چالا-پوچۇق چاقىرسا قارىم تەنبىھ بىرەتتى. بۇنىڭ ئىسمى «مەمەت» ياكى «مەتتوختى» ئەمەس، «مەمەتتوختى» دەپ. مەھەللىمىزدە ئەڭ كۆپ قۇيۇلغان ئىسىملاردىن بىرى مۇشۇ ئىدى. بىلىشىمچە، ئاز دېگەندە 6-7 «مەمەتتوختى» بار ئىدۇق. بىراق، بەزىلىرىمىز «مەتتوختى» دەپ چاقىرىلساق (ئېغىز تىلىدا «ت» ھەرىپى چۈشۈپ قېلىپ، «مەتوختى» بولۇپ قالاتتى)؛ بەزىلىرىمىز «مەمەتتوختى» دەپ چاقىرىلاتتۇق. «مەمەتتوختى» «مەتتوختى»غا قارىغاندا بىر ئاز ھۆرمەت تۈسى بىرەتتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئاساسەن ئائىلىسىنىڭ ئەڭ باشتىن باشلاپ نېمىدەپ چاقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش ئىدى.

ئۆيۈمدە مېنى دادام بىلەن ئانام «مەمەتتوختى» دەپ چاقىراتتى. بۇۋام رەھمەتلىك (ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن!) بولسا ھەمىشە «مەمەت» دەيتتى. دادام بىلەن ئانام كايىپ، بۇنىڭ ئىسمى «مەمەت» ئەمەس، «مەمەتتوختى» دېسىمۇ، بوۋام «مەمەت شۇ، يا ئېغىزغا كەلمىسە» دەپ غۇدۇراپ قۇياپ، يەنە «مەمەت» دەۋىرەتتى. ئۆيدىكى باشقا بالىلارمۇ ئاساسەن «مەمەتتوختى» دەيتتى. بىراق، تۇرۇپ-تۇرۇپ ئېغىزلىرى «مەتوختى»غا قېيىپ كىتەتتى.

جەمئىيەتتە بولسا، ئىسمىمنىڭ نۇرغۇن ۋارىيانتلىرى باتتى. مەھەللىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر، بولۇپمۇ چوڭلار «مەمەتتوختى» دەيتتى. تەڭتۈش بالىلار ئىچىدە بەزىلىرى «مەتتوختى» دەپ چاقىراتتى. ئاز ساندىكى ئەرەبچە بىلىدىغان موللاملار ۋە بىر قىسىم تالىپ بالىلار «مۇھەممەد توختى» دەپ ئاتايتتى. «مۇھەممەد دەپلا ئاتايلى، توختىنى تاشلىۋېتىپ» دېگەنلەرمۇ بولغانىدى. مەن ئۆزۈمنى «مەمەتتوختى» دەپ تۇنۇشتۇراتتىم. باشقىلارنىڭ قانداق ئاتىشىغا پەرۋا قىلمايتتىم. قايسى ۋارىيانت بىلەن چاقىرسا، «ئو» دەۋىرەتتىم.

كېيىن دىندا ئوقۇش جەريانىدا ئەرەبچىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگەندىم. بىلدىمكى، مەھەللىمىزنىڭ ئاقساقىلى بولغان ھۆرمەتلىك قارىمنىڭ ئەسلى ئىسمى «ئابدۇلھەق» (ھەقنىڭ قۇلى» ئىكەن. بىر چاغلاردا ئەرەبچە بىلىدىغان بىرى تەرىپىدىن ئارزۇلاپ قۇيۇلغان بۇ گۈزەل ئىسىم، ئەرەبچە بىلمەيدىغان بىزلەرگە كەلگەندە بوزۇلۇپ تۇنۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئىكەن. مېنىڭ ئىسمىم بولسا ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچىنىڭ ئارىلاشمىسى ئىكەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئىسمى بولغان ئەرەبچە «مۇھەممەد»كە، ئاتا-ئانامنىڭ ئۈمىدى بولغان ئۇيغۇرچە «توختى» (توختا)نىڭ قۇشۇلۇشىدىن ياسالغان ئىكەن. (بىر ئاكام كېچىكلا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن، شۇڭا ئاتا-ئانام «بۇ تازمۇ ئۆلمىسۇن» دەپ شۇنداق قويغان بولسا كېرەك ياكى قۇلىقىغا يېقىملىق ئاڭلىنىپ قويغان بولىشىمۇ بۇمكىن، بىلمەيمەن).

ۋەتەندە كىيىنكى مەزگىللەردە ئىسىم تۈزىتىش خېلى مودا بولغانىدى. بۇ ئاساسەن ئازراق چەتئەل تىلى ئۆگەنگەنلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى. بىر زامانلاردا چەتئەل تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنىپ، ئۆز تىلىمىزنىڭ تەلەپپۇز ۋە يېزىق قائىدىلرى بۇيىچە بىر قۇر قېلىپلىشىپ بولغان ئاتالغۇلار، ھەتتا كىشى ۋە يەر-جاي ئىسىملىرى قايتىدىن چۇۋۇلۇشقا باشلىدى. بەزىلەر چەتئەل تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ چەتئەل تىلىدىكى ئوقۇلۇشى ۋە مەنىسىنى «تۇيۇقسىز بايقاپ» قېلىپ، «ئەسلىدە، بۇ سۆز مۇنداق ئوقۇلۇشى ۋە يېزىلىشى كېرەك» دەپ دەرس بىرىشكە ئۆتتى. مەنمۇ شۇ قاتاردا بۇ «ھەقىقەت»نى تۇيۇقسىز بايقاپ قالغانلاردىن بىرى ئىدىم. كىيىن، بۇ خىل ھادىسىگە قارشى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن رەددىيە بەرگەنلەرمۇ بولدى. بۇ ھەقتە، تور مۇنبەرلىرىدە ئاز-تۇلا مۇنازىرىلەرمۇ بولغان ئىدى.

نەتىجىدە، مەنمۇ ۋەتەندە ئىسمىمنى ئىسلاھ قىلماقچى بولدۇم. مېنىڭچە «مۇھەممەد» ئەڭ ياخشى ئىسىم ئىدى. ھەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى (مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن). ھەدىستە «مۇھەممەد» (كۆپ مەدھىيەلەنگۈچى) ئىسىمىنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان. ھەم خەلقئارالىق، ھەرخىل تىللاردا ئۆلچەملىك يېزىلىشى بار. شۇنىڭ بىلەن «مەمەت»نى «مۇھەممەد»كە توغرىلاپ، «توختى»نى تاشلىۋېتىشنى ئويلۇدۇم. بىراق، بىر خىل سۈنئىي تۇيۇلۇپ، يەنىلا ئىچىمدىن تېشىمغا چىقىرىپ بولالمىغان ئىدىم.

چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، تۇنجى بارغان دۆلىتىم ئەرەب دۆلىتى (مىسىر) بولغىنى ئۈچۈن، تەبىئىيلا ئۆزۈمنى «مۇھەممەد» دەپ ئاتاشنى باشلىۋەتتىم. نەزىرىمدە ئەمدى خەلقئارالاشقان ئىدىم. شۇڭا ئىسمىمنىڭ «توختى»سى ئارتۇق تۇيۇلاتتى. تۈركىيەگە كەلگەندىن كېينمۇ، مۇھەممەد بولۇشنى داۋام قىلدىم، گەرچە پاسپورتتىكى ئىسىم بىئارام قىلسىمۇ (مەيتىتۇوخېتى).

ئىسىم تۈزىتىش نۇقۇل بىزدىكى ئىش ئەمەستەك قىلىدۇ. تۈركىيەدە ھازىر «مەھمەت» ۋە «مۇھەممەد» دەپ ئىككى ئىسىم تەڭ مەۋجۇت. قارىغاندا، «مەھمەت» «مۇھەممەد»نىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى؛ «مۇھەممەد» بولسا «مەھمەت»نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرچىدا بولسا «مۇھەممەد» دېگەن سۆز «مەمەت» دەپ ئۇمۇملاشقان ئىكەن.

مانا «مۇھەممەد» بولغىلى ئۈچ يىل بولدى. بۇ جەرياندا ئۆزۈمنى مۇھەممەد دەپ تۇنۇشتۇرۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن مۇھەممەد دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولساممۇ، ئىسمىمنىڭ بۇ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا قارىتا ھېچ تەۋەلىك تۇيغۇسى ھېس قىلىپ بولالمىدىم. نېمىشقىدۇ، بىر يەرلىرى كەمدەك. بۇ مۇبارەك ۋە خەلقئارالىق «مۇھەممەد» تۇنجى ئىسمىمنى قويغان مەھەللىمىزدىكى قارىمنىڭ، ئاتا-ئانامنىڭ ۋە يۇرت-خەلقىمنىڭ «مەمەتتوختى، مەتتوختى ياكى مەتوختى»سىدەك يېقىملىق تۇيۇلمايۋاتىدۇ. بولمىسا، «مۇھەممەد» مەن ياخشى كۆرىدىغان پەيغەمبىرىمنىڭ ئىسمى، پەزىلەتلىك بىر ئىسىم. يەنە تېخى خەلقئارالىق، مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۆزىدىلا ئۈچ مۇھەممەد بار. بېنگاللىق مۇھەممەد، سومالىلىق مۇھەممەد ۋە مەن (يەنە كەشمىرلىك بىر مۇھەممەد باتتى، كەتتى).

كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا «مەمەتتوختى»غا تارتىشىپ تۇرىدۇ (چۈنكى ئانام شۇنداق چاقىراتتى ئەمەسمۇ). شۇڭىمۇ، ھازىرغىچە پۈتۈن ئىمزا ئاتىدىغان يەرلەرگە ئۇيغۇرچە «مەمەتتوختى» دەپ يېزىپ كەلدىم. بۇنىڭ بىلەن ھەر يەردە ئۆز ئىزىمنى قالدۇرۇپ ماڭغاندەك ھېس قىلىمەن.

قارىغاندا، يەنىلا «مۇھەممەد»نىڭ ئۇيغۇرچىسى «مەمەت»كە قايتىپ، كەينىگە خوتەنچە «توختى»نى قېتىۋالمىسام كۆڭلۈم ئارام تاپمىغۇدەك. شۇنى بىلدىمكى، خەلقئارالاشقان بۇ دۇنيادا خاسلىق، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە يەرلىكلىك مۇھىمكەن. چۈنكى «مەمەت»سىز ئۇيغۇر، «توختى»سىز خۇتەنلىك بولالمايدىكەنمەن.

ئىشلار مانا مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىدىكەن. ھېچنېمە بىلمەي ئاددىيلا تۇغۇلىدىكەنمىز، ئازراق بىر نەرسە بىلىپ بولغۇچە مۇرەككەپلىشىدىكەنمىز، ئاخىرىدا كۆپرەك بىر نەرسە بىلگەنسىرى يەنە قايتىدىن ئاددىيلىشىدىكەنمىز. خۇددى ئانا قارنىدىن تۇغۇلۇپ، يۇغىناپ، ياشاپ، ھەتتا كۆرەڭلەپ، ئاخىرىدا يەنە يەرنىڭ ئاستىغا كىرگەندەك. ھاياتىمدا بۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆردۈم. بولۇپمۇ دىنىي مەسىلىلەردە. بىر نەرسە بىلمەيدىغان چاغلىرىمدا، خاتا دەپ ئويلايدىغان ئىشلارنى، چالا بىلگەن چاغلىرىمدا توغرا، ھەتتا پەرز، ۋاجىپ دەپ چالۋاقاپ، تېخىمۇ كۆپ بىر نەرسە بىلگەندە بولسا، قايتىدىن يەنە خاتا دەپ. مەسىلەن: بولاڭچىلىق ھارام. بۇنى ھەركىم بىلىدۇ. بىراق، ئازراق دىنىي بىلىم ئوقۇپلا، چالا-پولا چۈشىنىۋېلىپ، ئۇنى «جىھاد» دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالغاندا بولسا، بولاڭچىلىقنىڭ جىھاد نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلسىمۇ، بەرىبىر بولاڭچىلىق ۋە ھارام ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىسىز.

ھايات مانا مۇشۇنداق ئويلىنىش ۋە بايقاشلار بىلەن مەنىدار. ئاددىيلىق ئەسلىدە ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى. بىراق، بەزىدە مۇرەككەپ نادانلىق ياكى چالا ساۋاتلىق كۆزىڭىزگە «ئىلمىيلىك» بولۇپ كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خاسلىقنى «قالاقلىق» دەپ ئويلاپ قالىسىز. بىر مەزگىللىك تېرىشچانلىقتىن كېيىن يەنە ئاددىي ھالىتىڭىزگە قايتىپ كېلىسىز. بىراق، بۇ قېتىم چالا ساۋاتلىقتىن ياكى مۇرەككەپ نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي ئىلمىيلىك بىلەن قايتىپ كېلىسىز. شۇنى بايقايسىزكى، ھېچنەرسە بىلمىگەن غۇبارسىز ھالىتىڭىز بىلەن ھەقىقىي بىر نەرسە بىلگەن بىلىملىك ھالىتىڭىز ئوخشاش ئىكەن؛ پۈتۈن خاتالىقلارنى چالا ساۋات ۋاقتىڭىزدا سادىر قىپسىز. مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ھەر بىر بۇۋاق فىترەت (ساغلام تەبىئەت) بىلەن تۇغۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىگە ئاندىن يىتىسىز.

مانا قاراڭ، ئايلىنىپ يۈرۈپ يەنە شۇ ساۋاتسىز بۇۋام، ئەرەبچىنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغان قارىم، ئاددىي-ساددا ئاتا-ئانام ۋە يۇرت-خەلقىمنىڭ دېگەنلىرى توغرا بولۇپ چىقتى (ئەلبەتتە، مېنىڭ نەزىرىمدە. بەلكىم سىز باشقىچە ئويلىشىڭىز مۇمكىن). راستلا، ئوسما كېتىپ قاش، سۇ كېتىپ تاش قالىدىكەن؛ ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدىكەن.

 

2019- يىلى، 16-ئاپرىل، ئەنقەرە