چاقىرىق
ئويچان
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار، بىز بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا چېچىلىپ بىلىم ئېلىۋاتىمىز. بىزنى ياراملىق ئادەم بولسۇن دەپ چەتئەلگە يولغا سالغان ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە خەلقىمىز ئېچىنىشلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۈگۈن بىزنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىشقا بەل باغلىدى. ھەر قانداق تەبىقىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن بىر خىل باھانە ئويدۇرۇپ چىقتى. تۈرمىلەر يەتمەي يېغىۋېلىش لاگىرلىرى قۇرۇلدى. دۇنيا سۈكۈتتە، بىز بولساق پەرىشان.
سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار، ياشلار بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى. چوڭلار ياشلارنى ئۈمىدىمىز دەيدۇ. دېمەك، ياشلىرى تۈگەشكەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈمىدى. شۇڭا بىز تۈگەشسەك بولمايدۇ. چۈشكۈنلەشسەك بولمايدۇ. ئۇخلاپ ياتساق تېخىمۇ بولمايدۇ.
توغرا، بىز چەتئەلگە ئوقۇش ئۈچۈن چىققان. بىراق تاجاۋۇزچى خىتاي كومېنىستلىرى بىزگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھۇقۇقىمىزنىمۇ تارتىۋالدى. بىزنى قايتۇرۇپ كېتىپ تۈرمىلەرگە سۇلىماقچى، ئۈن-تىنسىز يوق قىلماقچى بولدى. كەتكەنلەر قايتىپ كىلەلمىدى. قايتىشنى رەت قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۈرمىلەرگە سۇلاندى ياكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالدى. ئائىلىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۈزۈلدى. ئاھ ئۇردۇق، ھەسرەت چەكتۇق، كىملەرگىدۇ تەلمۈردۇق. ئەمما پايدىسى بولمىدى.
خىتايغا قارشى چىقىشتىن قورقۇپ كەلدۇق. ئائىلىمىزدىكىلەردىن ئەنسىرەپ كەلدۇق. يەنىلا بولغۇلۇق بولىۋەردى. تۇتۇلغانلار تۇتۇلدى، قالغانلاردىن خەۋەر يوق. دېمەك، ئېھتىياتلىرىمىز ھېچنىمىگە ئەسقاتمىدى. زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ، زالىمدىن قورقىشىمىز، زۇلۇمنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىشتىن باشقا بىر نەرسىگە يارىمىدى. دېمەك، تاجاۋۇزچىدىن ئىنساپ كۆتۈش، پۈتۈن مىللەت يۇقۇلۇۋاتسا، مېنىڭ ئائىلەم ساق قالارمىكى دېيىشنىڭ ئەمدى ئورنى قالمىدى.
ۋەتىنىمىز ئېڭرىماقتا، خەلقىمىز سەكراتتا، بىز بولساق خامۇش. كۆپىنچىمىز تېخىچە چۈش كۆرىۋاتىمىز. يەنىلا ۋەتەنگە قايتىش خىيالى، ئائىلىمىزدىكىلەرگە تېخىمۇ قاتتىق بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن دېگەن ئەندىشە ۋە ۋەزىيەت ياخشىلىنىپ قالامدىكىن دېگەن تاما بىلەن چۈشكۈنلۈك ئىچىدە سۈكۈت قىلىۋاتىمىز. «بىزنىڭ ئىشىمىز ياخشى ئوقۇش، باشقا ئىشلارغا ئارىلاشماي تۇرايلى، ھازىر ئوتتۇرىغا چىقىپ چوڭ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ» دەۋاتىمىز-يۇ، يەنىلا ياخشى ئوقۇيالمايۋاتىمىز. قىسقىسى، ئۆزىمىزنى ئالداشمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ.
ساۋاقداشلار، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار بىزنى تەلتۈكۈس يۇقاتماقچى. غەرب تاراتقۇلىرىدا خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەۋاتىدۇ. خىتاي تاراتقۇلىرى بولسا «ياق، بىز ھۆنەر ئۆگىتىۋاتىمىز» دەۋاتىدۇ. بىز بولساق دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ، خىتايدىن قورقۇپ ياكى تاما قىلىپ ۋەياكى خەلقئارادىن رايىمىز يېنىپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇۋاتىمىز. قارىغاندا، بىز خىتاينىڭ «ھۆنەر ئۆگىتىۋاتىمىز» دېگەن گەپلىرىگە ئىشىنىۋاتقان ئوخشىمامدىمىز؟ ياكى ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ «ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشما» دېگەن گەپلىرى تېخىچە قۇلاق تۈۋىمىزدە بارمۇ؟ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇنداق گەپلىرىنى ئەمدى ئۇنتۇپ كىتەيلى. ئۇ گەپلەرنى قىلغان ئاتا-ئانىلىرىمىز ئاللىقاچان سۇلاققا كىرىپ بولدى. خىتايدىن ئەمدى قورقمايلى. يۇقىتىدىغاننى يۇقىتىپ بولدۇق. ۋەزىيەتنىڭ بۇشاپ قېلىشىنى تاما قىلمايلى. بىزنى مىللەت سۈپىتىدە يۇقاتمىغۇچە ياكى بىزنى يۇقۇتالمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتمىگۈچە، خىتاي بولدى قىلمايدۇ.
ساۋاقداشلار، بىز خالىمىساقمۇ، بەرىبىر رېئاللىق ئاچچىق، دۈشمىنىمىز رەزىل، دۇنيا رەھىمسىز. بىز بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك. دۈشمەندىن قورقۇش ياكى تاما قىلىش ئورنىغا جەسۇرلۇق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشىمىز؛ دۇنيادىن قاخشاش ياكى ئاچچىقلىنىش ئورنىغا ئاكتىپلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشىمىز؛ چۈشكۈنلىشىش ياكى ئۈمىتسزلىنىش ئورنىغا مەغرۇر ياشىشىمىز كېرەك.
ساۋاقداشلار، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز بىزدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇلار بىزگە مۇھتاج. شۇڭا بىز كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك. جەسۇر بولىشىمىز كېرەك. بىز دۇنياغا ئۈمىد بىرەلمىسەك، دۇنيا بىزگە ياردەم قۇلىنى سوزمايدۇ. بىز ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلىمىساق، ئاللاھ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ياخشىلىمايدۇ. «بىر مىللەت ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» (سۈرە رەئىد، 11- ئايەت). قورقۇنچاق ۋە چۈشكۈن ياشلار ھەرگىزمۇ بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولالمايدۇ. خىتاي ۋەتەندە ياشلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مىللىتىنى ئونۇتقان ماڭقۇرت، ئىتائەتمەن خىتاي پۇقراسى قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭ ئەكسىچە، چەتئەلدە جەسۇر مۇسۇلمان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بولىشىمىز كېرەك.
ساۋاقداشلار، خىتاينىڭ قورقىدىغىنى قارشىلىق، ئارزۇ قىلىدىغىنى سۈكۈت. بىزنى جىسمانىي ۋە رۇھىي جەھەتتىن تەلتۈكۈس ۋەيران قىلىدىغىنىمۇ يەنە شۇ سۈكۈت. بىز ئۆزىمىزنىڭ جىسمى ۋە رۇھىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، دادىللىق بىلەن بۇ سۈكۈتنى بوزۇپ مەيدانغا چىقىشىمىز كېرەك. بۈگۈن خىتاي ئۆزىنىڭ «ئەبەدىي ئەمىنلىكى» ئۈچۈن، بىزنى ۋەيران قىلدى. بىز خىتاينىڭ ئەنە شۇ ئەمىنلىكىنى بۇزىشىمىز، بىزگە يوق ئەمىنلىكنىڭ ئۇنىڭغا مەڭگۈ نىسىپ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك. بۈگۈن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىنى» ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىزنى يۇقاتماقچى بولدى. بىز بۇ پىلانىنى تەلتۈكۈس ۋەيران قىلىش ئارقىلىق قىساس ئېلىشىمىز لازىم.
ساۋاقداشلار، بىزنىڭ سانىمىز ئاز ئەمەس. بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار بار. ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان ۋە دۇنيادىن يۇشۇرۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى دادىللىق بىلەن پاش قىلساق، دۇنيا بىزگە ئىشىنىدۇ. خىتاينىڭ دۇنياۋىي ئوبرازى يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.
ساۋاقداشلار، ئورنىمىزدىن دەس تۇرايلى. گۇۋاھلىق ۋىدېئولىرىمىز بىلەن تور سەھىپىلىرىنى تولدۇرۇۋېتەيلى. رەسىم-پلاكات ۋە جاراڭلىق شۇئارلىرىمىز بىلەن نامايىش مەيدانلىرىغا تۆكۈلەيلى. مەكتىپىمىزدە ۋە تۇرۇۋاتقان يەرلىرىمىزدە خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىماي ئەڭ جانلىق ئۇسۇللار بىلەن پاش قىلايلى.
بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى. بىز بۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرى. ھەقىقەت ھامان غەلىبە قىلىدۇ. بىز چۇقۇم غەلىبە قىلىمىز. ھەق چېكىنگەندە، باتىل باش كۆتۈرىدۇ. زالىملارنى يۈرەكلىك قىلغان مەزلۇملارنىڭ سۈكۈتىدۇر. ھەق باش كۆتۈرگەندە، ناھەق يۇقۇلىدۇ. «ئېيتقىنكى، ھەق كەلدى، باتىل يۇقالدى، چۈنكى باتىل يۇقۇلۇشقا مەھكۇمدۇر» (سۈرە ئىسرا، 81- ئايەت).
بىز ئۆزىمىزنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىمىزگە ۋە ھەق ئىگىسى ئىكەنلىكىمىزگە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئاندىن باشقىلار ئىشىنىدۇ. ھەقلىق كۆرەش يۇلىدا ئىكەنلىكىمىزگە ئىشەنگەندە، ئاندىن ئۆزىمىزگە ئىشەنچ تۇغۇلىدۇ. ئۈمىتسىزلەنسەك، بۇشاشساق بولمايدۇ. «بۇشاشماڭلار، مەيۈسلەنمەڭلار، ئەگەر ئىشەنسەڭلار، غەلىبە قىلىسىلەر» (سۈرە ئال ئىمران، 139- ئايەت).
بىز مەيلى خەلقئارا قانۇن، مەيلى ئىلاھى شەرىئەت ۋە ياكى ئەخلاق قانۇنى نۇقتىسىدىن بولسۇن، تامامەن ھەق تەرەپتە. «مۇستەملىكە مىللەتلەر مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھۇقۇقىغا ئىگە» (خەلقئارا قانۇن). «زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، تاجاۋۇز قىلىنغۇچىلارغا <ئۇرۇش قىلىش> ئىجازىتى بېرىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بىرىشكە ئەلبەتتە قادىردۇر» (سۈرە ھەج، 39- ئايەت). «كىشىلىك ھۇقۇق ئىنسانغا تۇغۇلۇشتىنلا خۇدا تەرىپىدىن ياكى تەبىئەت تەرىپىدىن بىرىلگەن تۇغما ھۇقۇق، ھەر قانداق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى بىرىش ھۇقۇقىمۇ ياكى تارتىۋېلىش ھەققىمۇ يوق» (ئەخلاق قانۇنى ياكى تەبىئىي قانۇن).
ساۋاقداشلار، بىز بۇ ھەقلىق كۆرىشىمىزنى، تارتقۇزۇپ قويغان ۋەتىنىمىزنى، ۋە ھەق-ھۇقۇقلىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئالمىغۇچە، مەزلۇم خەلقىمىزنى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرمىگۈچە، ئەركىنلىك سادالىرى كوئېنلۇن ۋە ئالتاي تاغلىرىدا ياڭرىمىغۇچە، تەكلىماكان قۇملۇقى ھۆرلۈك يامغۇرلىرىغا قانمىغۇچە، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز بۇغدا چۇققىسىدا لەپىلدىمىگىچە، قەتئىي توختاتساق بولمايدۇ. بىز چۇقۇم غەلىبە قىلىمىز. «ئاللاھ بۇيرىغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تۇلىسى <بۇنى> بىلمەيدۇ» (سۈرە يۈسۈف، 21- ئايەت).
دۇنيا تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۈيۈك ئىنقىلاپلاردا ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇھىم رول ئوينىغان. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ يېقىلىشى ياكى قۇرۇلۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆھپىسى چوڭ بولغان. قىسقىسى، بىز ئوقۇغۇچىلار سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر كۈچ.
ئاخىرىدا، مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاتلىقى ۋە خەلقىمىزنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن، بىر مەيدان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە چاقىرىمەن.
2018- يىلى، 5- نۇيابىر، ئەنقەرە