ئىشىقنىڭ سىرى
ئىلاۋە:
تۈركىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ تۈركچە ئۆگېنىۋاتقىنىمغىمۇ ئىككى ئايدەك بولۇپ قالغانىدى. بۈگۈنكى دەرسىمدە تىلى شۇنداق تاتلىق، مەزمۇنىمۇ خېلىلا تەسىرلىك بىر ئىشق ھېكايىسىنى ئۇقۇپ قالدىم. تۇرۇپ كاللامدا بۇ ھىكايىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىستىكى پەيدا بولۇپ قالدى. بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا باشلىدىم. 3-4 سائەت ئۆتمەيلا، بۇ تۈركچە ئىشق ھېكايىسى ئۇيغۇرچە مۇھەببەت ھېكايىسىغا ئايلاندى. قارىسام بىر ئوبدانلا ھېكايە. شۇڭا تورداشلارنىمۇ بەھرىمەن بولۇپ قالسۇن دەپ ئويلۇدۇم…
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئويچان
بۇ ئاخشام ئۆيگە كەلگىنىمدە، ئايالىم كەچلىك تاماق تەييارلاۋاتاتتى، قۇلىنى تۇتتۇم ۋە ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرىم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تامىقىنى يېيىشكە باشلىدى. كۆزلىرىدە يەنە ئۇ قورقۇنچنى كۆردۈم. بىر دەمدىلا سېقىلدىم، ئاغزىمنى ئاچالمايۋاتاتتىم، ئەمما ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىشىم كېرەك ئىدى.
_ ئاجراشماقچىمەن _ دېدىم.
ئۇ ئاچچىقلانمىدى، گېپىمگە قارشى تۇرمىدى، پەقەتلا سەۋەبىنى سورىدى. مەن ھېچ جاۋاب بەرمىدىم، بۇنىڭغا بەك ئاچچىقى كەلدى. قولىدىكى ئارا-پىچاقنى ئاتتى ۋە ماڭا قاراپ توۋلىدى. ئىنتايىن ناچار ئادەملىكىمنى سۆزلىدى. ئۇ ئاخشام بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق. ئايالىم پۈتۈن كېچە يېغلاپ چىقتى. نىكاھىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن ئەنسېرەيتتى، ئەمما ئۇنى خاتېرجەم قىلغۇدەك بىر نەرسە سۆزلىيەلمەيتتىم. باشقا بىرىگە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتمىدىم. بۇ ۋىجدان ئازابى بىلەن بىر ئاجرىشىش توختامى تەييارلىدىم. ئۆينى، ماشىنىنى ۋە شىركەتنىڭ %30 نى ئۇنىڭغا بەرمەكچىدىم. ئۇ توختامغا بىر دەم قارىۋېتىپ يىرتىپ تاشلىدى. ئون يىل بىرگە ياشىغان بۇ ئايال ئەمدى ماڭا يات بولغانىدى. ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان ۋاقت ۋە ئېنىرگىيەگە قىيالمايۋاتاتتىم، ئەمما كەينىمگە يانالمايتتىم، ژانەگە ئاشىقى بىقارار بولغانىدىم. ئايالىم ئارقىدىن ھۆڭرەپ-ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى، بۇ مەن كۈتكەن بىر ئىنكاس ئىدى. ئۇنىڭ يىغلىشى مېنىڭ يېنىكلەپ قېلىشىمغا سەۋەب بولاتتى. ئاجرىشىشنى ئەقلىمدىن كەچۈرۈۋاتقىلى خېلى بولغانىدى، مەسلىھەتىم پىشىپمۇ قالغانىدى. شۇئاندا بۇ تۇيغۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلىۋاتاتتىم، توغرا قارار ئىدى.
كېيىنكى بىر ئاخشىمى ئۆيگە كەچ كەلگەنىدىم، ئايالىمنىڭ ئۈستەلدە خەت يېزىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. قاتتىق ئۇيقۇم كەلگەنىدى، كەچلىك تاماقنى يېمەيلا ئۇيقۇغا كەتتىم. بىر چاغدا ئويغۇنۇپ، ئۇنىڭ تېخىچە بىر نەرسە يېزىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمما مېنىڭ بۇنىڭ بىلەن پەرۋايىم پەلەكتى، بېشىمنى بۇراپ ئۇخلاشنى داۋام قىلدىم. ئەتىسى ئەتتىگەن ماڭا شەرتلىرىنى يازما شەكىلدە سۇندى. مەندىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلمىغانىدى. پەقەتلا ئاجرىشىشمىزنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن بىر ئاي تەخىر قىلىشنى ئىستىدى. بۇ جەرياندا نۇرمال بىر ئائىلىدەك ئۆتۈشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئوغلۇمىزنىڭ بىر ئايدىن كېيىن ئىمتىھانى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭغا بېسىم ھېس قىلدۇرماسلىق ئىدى. قۇبۇل قىلدىم. يەنە بىر ئىشمۇ باتتى: مەندىن خۇددى توي كېچىسىدىكىدەك بىر ئايغىچە ھەر كۈنى ئەتتىگىنى ئۆزىنى ياتاق ھۇجرىسىدىن ئېشىككە قەدەر كۆتۈرۈپ ئەپچىقىشىمنى ئىستىدى. بېشىىنى يېگەنلىكىنى بىلدىم. ئەمما كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ ياخشى ئۆتۈشى ئۈچۈن، بۇنىمۇ قۇبۇل قىلدىم. كېيىن بۇ شەرتلەرنى ژانەگە سۆزلەپ بەردىم. ئۇ قاقاقلاپ كۆلۈپ تۇرۇپ بۇنىڭ تۇلىمۇ بىمەنە بولغانلىقىنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئايالىمنىڭ ئاجرىشىشنى قۇبۇل قىلماقتىن باشقا ئامال تاپالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۇنجى كۈنى ئۇنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ئىشىككە كۆتۈرۈپ چىققىنىمدا، ئاجايىپ بىر خىل تۇيغۇ ھېس قىلدىم. ئوغلىمىز ئارقىمىزدا تۇرۇۋاتاتتى، ئالقىشلاشقا باشلىدى:“دادام ئانامنى قۇچىقىدا كۈتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ“. بۇ ئۇنى بەكمۇ سۆيۈندۈرگەنىدى. گەپلىرى جاندىن ئۆتتى… ياتاق ھۇجرىسىدىن ئۆينىڭ ئىشىكىگىچە ئون مېتىر كۆتۈرۈپ ئاپاردىم. ئايالىم كۆزلىرىنى يۇمدى ۋە قولىقىمغا:
_ ئوغلىمىزغا ئاجرىشىش توغرۇلۇق بىر نەرسە دېمە _ دەپ پىچىرلىدى.
مەنمۇ بېشىمنى پەسكە ئېگىپ:
_ بولىدۇ _ دېدىم.
ئىچىمگە بىر ئەلەم چۈشتى. ئىشىك ئالدىدا ئۇنى يەرگە قويدۇم. ئايالىم ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كەتتى ۋە ئۇنى ئىشقا ئاپىرىدىغان ئاپتۇبۇسنى ساقلىدى. مەن بولسام يالغۇز ئىشخانىغا كەتتىم.
ئىككىنچى كۈنى بۇ ئويۇننى ئويناش بىزگە تېخىمۇ ئاسان بولغانىدى. ئايالىم بېشىنى كۆكسۈمگە تېرىدى ۋە ئۇنىڭ ھىدىنى پۇرىدىم. تۇساتتىن ئايالىمغا قارىمىغىلى ئۇزۇن زامان بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە ئۇنىڭ توي قىلغان چاغلاردىكىدەك ياش تۇرمىغانلىقىنى پەرق ئەتتىم. يۈزىگە يەڭگىل قورۇقلار تارتىلغان، چېچىغا ئاق چۈشكەن ئىدى. ئۆتكەن يىللار ئۇنىڭ يېنىدىن شۇنداقلا ئۆتمىگەن ئىكەن.
تۆرتىنچى كۈنى ئۇنى قۇچىقىمغا ئالغىنىمدا بىر خىل خاتېرجەملىك تۇيغۇسى ھېس قىلدىم. بۇ ماڭا ھاياتىنىڭ 10 يىلىنى تەقدىم قىلغان ئايال ئىدى.
بەشىنچى كۈنى بۇ خىل خاتېرجەملىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيگەنىدى. بۇ توغرۇلۇق ژانەگە بىر نەرسە دېمىدىم. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنى كۆتۈرۈش تېخىمۇ ئاسانلاشقانىدى. بۇ مۇشۇ باھانىدە قىلغان چېنىقىشتىن بولسا كېرەك بەلكىم.
بىر كۈنى ئەتتىگىنى ئۇنىڭ نېمە كىيىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. بېشىنى كۆتۈرۈپ ھەر كۈنى كىيىملىرىنىڭ بىر ئاز چوڭ كېلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىردىنلا ئۇنىڭ نەقەدەر سۈزۈكلىشىپ قالغانلىقىنى ۋە ئۇرۇقلاپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. ئەسلىدە ئۇنى ھەر كۈنى ئەتتىگىنى تېخىمۇ ئاسان كۆتۈرەلىشىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ئىكەن. ئۇشتۇمتۇت بىر سېزىم يۈزۈمگە مۇشت كەبى ئۇردى. ئۇ بۇ قەدەر ئازابنى ۋە دەرتنى قەلبىدە كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتاتتى. ئىختىيارسىز بېشىنى سىلىدىم. بۇ چاغدا ئوغلىمىزمۇ كەلدى ۋە:
_ دادا ئانامنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقمىساڭ بولمايدۇ، _ دېدى.
بۇ _ دادىسىنىڭ ئانىسىنى ھۇجرىدىن ئىشىككە كۆتۈرۈپ چىقىشى ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى. ئايالىم ئوغلىمىزنى يېنىغا چاقىردى ۋە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى. مەن بېشىمنى بۇرىۋالدىم، ئاخىرىدا قارارىمدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايتتىم. ئۇنى قۇچىقىمغا ئالدىم ۋە ياتاق ھۇجرىسىدىن ئىشككە قەدەر كۆتۈرۈپ ئاپاردىم. قولىنى بوينۇمغا قويغانىدى، مەنمۇ ئۇنى چىڭ تۇتقان ئىدىم. خۇددى توي كۈنىمىزدىكى كەبى. ئەمدى بۇ قەدەر ئۇرۇقلاپ كەتكەنلىكىدىن ھۇزۇرسىزلاندىم. ئاخىرقى كۈنى ئۇنى قۇچىقىمدا كۆتۈرگىنىمدە، ھېچقانچە كۈچىمىدىم. ئوغلىمىز ئوقۇلدا ئىدى، ئايالىمغا ھاياتىمىزدىكى يېقىنلىقنىڭ نە قەدەر كەملەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتىم.
ئىشخانىغا كەتتىم. ئىشىكنى قۇلۇپلىماستىن ماشىنىدىن ئۇچقاندەك چۈشتۈم. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت يوق ئىدى. ھەر قاچان قارارىمنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن قورقۇۋاتاتتىم. پەلەمپەيدىن يۇقۇرىغا يۈگۈردۈم، يۇقۇرىغا چىققىنىمدا ژانە ئىشىكنى ئاچتى. ئۇنىڭغا ئايالىمدىن ئاجراشمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ھەيران بولۇپ قۇلىنى پىشانەمگە قويدى ۋە:
_ قىزىپ قالدىڭمۇ؟_ دەپ سورىدى.
_ كەچۈر ژانە، ئەمدى مېنىڭ ئاجراشقۇم كەلمىدى _ دېدىم.
نىكاھىمىزنىڭ رەڭسىز قېلىشى سۆيگۈ كەملىكىدىن ئەمەس، بىر بىرىمىزنىڭ قەدرىنى ئۇنۇتقانلىقىمىزدىن ئىكەن. ژانە ئىشنىڭ تەكتىگە يېتىپ، يۈزۈمگە بىر شاپىلاق ئۇردى ۋە ئىشىكنى ئېتىپ يىغلاشقا باشلىدى. دەرھال پەسكە چۈشۈپ، تۇنجى قېتىم گۈلخانىغا بېرىپ ئايالىمغا بىر دەستە گۈل ئالدىم. ئۈستىدىكى كارتىغا بولسا: ”سېنى ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ئەتتىگىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىمەن“ دەپ يازدىم. ئۆيگە بارغىنىمدا يۈزۈمنى بىر خىل تەبەسسۇم قاپلىدى. قولۇمدا گۈل كۆتۈرگەنچە ياتاق ھۇجرىسىغا كىردىم ۋە ئايالىمنى كارۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۆلگەن ھالىتىدە كۆردۈم.
ئايالىم نەچچە ئايدىن بۇيان راك كېسىلى بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئىكەن، مەن ژانە بىلەن بولۇپ كېتىپ بۇنى سەزمىگەن ئىكەنمەن. ئۇزۇن ياشىيالمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن مېنى ئوغلۇمنىڭ سەلبىي مۇئامىلىسىدىن قوغداشقا تېرىشىپتۇ. ھېچبولمىغاندا، ئوغلۇمنىڭ كۆزىدە بىر ياخشى ئەر بولۇپ قېلىشىمنى ئىستەپتۇ.
مەنبە: بۇ ھېكايە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈزگەن ”ئىستانبۇل چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە دەرسلىك كىتابى“نىڭ C1 قىسمىدىن ئېلىندى.
2016- يىلى، 24- ئىيۇل، تۈركىيە، ئىستانبۇل
ئەسكەرتىش:
بۇ تەرجىمە ئەسەر ئەينى ۋاقىتتا «باغداش» قاتارلىق مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان