تەشەككۈرنامە
ئويچان
برۇكسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «5000 كىشىلىك نامايىش»نى تەشكىللىگۈچىلەر، ياردەملەشكۈچىلەر ۋە قاتناشقۇچىلارغا!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
ياۋرۇپانىڭ مەركىزى برۇكسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىش ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە، بولۇپمۇ ياۋرۇپادا ئۆزى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ئەڭ زور ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر مەيدان نامايىش بولدى. بۇ نامايىش، بىر تەرەپتىن، خەلقىمىزنىڭ ئويغانغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى، ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئورتاق ھەمكارلاشسا، چەكلىك كۈچىمىزگە تايىنىپمۇ زور ئىشلارنى روياپقا چىقىرالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ قېتىملىق نامايىش ھېچبولمىغاندا، ئۇيغۇرلارغا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن مۇھىم سېگنال بەردى. بىرىنچىدىن، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنى تۇنۇتتى. كۈچىمىزنى تۇنۇتتى. داۋايىمىزنى تۇنۇتتى. تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىر ئارىغا كىلەلەيدىغانلىقىنى، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى بارلىقىنى، ناۋادا تەشكىلاتلرىمىز ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ياكى ئىلمىي رىقابەتلىشىپ بىر ئىشلارنى پىلانلىسا، خەلقىمىزنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ يىتىشىچە قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ نامايىش مەيدانغا چىققانلارنى نەقەدەر جاسارەتلەندۈرگەن بولسا، مەيدانغا چىقالمىغانلارنىمۇ شۇ قەدەر سۆيۈندۈردى. قىسقىسى، بۇ نامايىش بىزگە جاسارەت ئاتا قىلدى، مەدەت بەردى، ئىلھام بولدى. بۇ نامايىشتا مېنى ئەڭ سۆيۈندۈرگەن يەنە بىر ئىش: پەرقلىق كۆز قاراشتىكى تەشكىلات ۋە رەھبەرلەرنىڭمۇ ئىختىلاپلارنى چۆرىۋېتىپ نامايىشقا تەڭ قاتناشقانلىقى بولدى.
ئىككىنچىدىن، بۇ قېتىملىق نامايىش خىتايغا نىسبەتەن چوڭ زەربە بولدى. بۇ نامايىشتا، ئۆزىنىڭ «گۈزەل» ئوبرازىنى نامايان قىلىش ۋە ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، يىلىغا مىليونلاپ، مىلياردلاپ پۇل خەجلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل ئەپتى بەشرىسى، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان برۇكسېلدا ئېچىپ تاشلاندى. دۇنيا بۇ نامايىشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق نامايىشتىن چۆچۈيدۇ دەپ ئويلايمەن. دېمەك، بۇ قېتىملىق نامايىش ئارقىلىق خىتايغا، ئەمدى قورقمايدىغانلىقىمىزنى، ئەمدى ئۇخلاپ ياتمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسېتىپ قويغان بولدۇق.
ئۈچىنچىدىن، دۇنياغا ئۆزىمىزنى تۇنۇتتۇق. بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ بۇرۇنقى نامايىشلاردىن بىر پەرقى شۇكى، بۇ قېتىم تېخىمۇ ئىتتىپاق، تېخىمۇ روھلۇق بىر ھالەتتە دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدۇق. دۇنيانىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيا بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ بىر توپ سىياسەتچىلەرنىڭ داۋاسى ئەمەس، خارلانغان ۋە مۇستەملىكە قىلىنغان بىر مىللەتنىڭ، بىر خەلقنىڭ داۋاسى ئىكەنلىكىنى كۆردى. بىز دۇنياغا ئۆزىمىزنىڭ، خارلانغان ۋە مۇستەملىكە قىلىنغان بىر مىللەتنىڭ چەتئەلدىكى ئاۋازى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتتۇق. شۇنداقلا، بۇ مىللەتنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى بۇ كۆرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ كۆرەشتىن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قەتئىي ۋازكەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدۇق.
شۇنداق، بىز بۇ قېتىملىق نامايىش ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىگىلىرىگە يەتكۈزدۇق دەپ ئويلايمەن. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كېچە-كۈندۈز جاپالىق ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق مىننەتسىز ئەمگەكلەر قەدىرلىنىشى، تۆھپىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى زۆرۈر.
مەن بۇ ئۇچۇق تەشەككۈرنامە ئارقىلىق ئەنە شۇ مىننەتسىز تەر تۆككەن بارلىق كىشىلەرگە، جۈملىدىن، تەشكىللىگۈچىلەرگە، ياردەملەشكۈچىلەرگە، ھەمكارلاشقۇچىلارغا ۋە بارلىق قاتناشقۇچىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. گەرچە سىلەر بۇنى «بۇ دېگەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، رەھمەت دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ بىلسەڭلارمۇ، مەن يەنىلا سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەسلىدە، سىلەرگە ئايرىم-ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ، تەبرىكلەي دېگەن بولساممۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئمكان بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تور يۈزىدە «رەھمەت» دېيىشكە توغرا كەلدى. سىلەر بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردۈڭلار. بۇنى يالغۇز ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەممىمىز ئۈچۈن قىلدىڭلار. بۇنىڭ ئۈچۈن جاپا چەكتىڭلار. قاتنىشالمىغانلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ياخشى ئۆلگە تىكلەپ بەردىڭلار. سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر-مۇكاپاتقا لايىقسىلەر.
ئاخىرىدا، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ياكى ئىلمىي رىقابەتلىشىپ، مۇشۇنداق زور كۆلەملىك نامايىشلارنى، تېخىمۇ ئەتراپلىق پىلانلاپ داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن! خەلقىمىزنىڭ، سىياسىي پاسسىپلىقنى تاشلاپ، مۇشۇنداق نامايىشلارغا ئىمكانىيىتىنىڭ يار بىرىشىچە، تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى سورايمەن!
قەدىرلىك تەشكىللىگۈچىلەر، ياردەملەشكۈچىلەر، قوللىغۇچىلار ۋە سۆيۈملۈك قاتناشقۇچىلار!!! جاپا چەكتىڭلار!!! تارىخ سىلەرنى خاتىرلەيدۇ، خەلق سىلەرنى ئۇنۇتمايدۇ!!! ھەممىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن!!!
2018-يىلى، 3-ماي، تۈركىيە