2020-يىل 23-دېكابىر

سىياسىي ساۋاتلار

By Oychan

تەييارلىغۇچى:  مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا

 

  1. دۆلەت شەكىللىرى

 

دۆلەتلەر قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن چوڭ جەھەتتىن «يەككە» دۆلەت ۋە «بىرىكمە» دۆلەت دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

ئا. يەككە دۆلەت

يەككە دۆلەت: دۆلەتنىڭ زېمىن، خەلق ۋە ئىگىدارلىق… قاتارلىق ئۇنسۇرلىرى (تەركىپلىرى)؛ شۇنداقلا قانۇن چىقىرىش (پارلامېنت)، ئىجرا قىلىش (ھۆكۈمەت) ۋە سوتلاش (ئەدلىيە)… قاتارلىق ئورگانلىرى نوقتىسىدىن يەككىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان دۆلەت شەكلىدۇر. ئۇنداقتا، يەككە دۆلەتنى «دۆلەتنىڭ ئۇنسۇرلىرى ۋە ئورگانلىرىدا يەككىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە» دەپ تۇنۇساق بولىدۇ.

يەككە دۆلەتلەر يەنە ئۆز ئىچىدىن «مەركەزىيەتچى» ۋە «غەيرىي مەركەزىيەتچى» دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

مەركەزىيەتچى: بىر دۆلەتتە پۈتۈن قارارلار مەركەزگە باغلانسا، مەركەزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ يەرلىك ھېچبىر قارار چىقىرالمىسا، بۇنداق دۆلەتنى «مەركەزىيەتچى يەككە دۆلەت» دەيمىز. مەسىلەن: تۈركىيە مەركەزىيەتچى بىر يەككە دۆلەتتۇر. چۈنكى تۈركىيەدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز قارار ئېلىش ھۇقۇقى يوق.

غەيرىي مەركەزىيەتچى: ناۋادا بەلگىلىك ھۇقۇقلار يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن بولسا، مەسلەن: ۋالىيلارنىڭ بەزى ئىشلاردا يۇقۇرىغا مەلۇم قىلماستىن قارار ئېلىش ھۇقۇقى بولسا، بۇنداق دۆلەت «غەيرىي مەركەزىيەتچى» يەككە دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: خىتتاي غەيرىي مەركەزىيەتچى يەككە دۆلەتتۇر. چۈنكى خىتتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھۇقۇقنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈشنى ئويلىسىمۇ، بىراق، تېررىتورىيەسىنىڭ زىيادە چوڭلۇقى تۈپەيلىدىن، يەنىلا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا قارار ئېلىشىغا يول قۇيىدۇ. (شۇغىنىسى، خىتتاي شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننى ئېلىپ، ئۇلارغا «يۈكسەك ئاپتونومىيە» بەرگەندىن كېيىن، يەككە دۆلەتكە تازا ئوخشىماي قالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۆزىنىڭ يەككە دۆلەت         يەنى «统一国家» ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە).

  1. دۆلەتنىڭ ئۇنسۇرلىرىدا يەككىلىك

يەككە دۆلەتلەردە بىر ئەل، بىر ئۇلۇس ۋە بىر ئىگىلىك ھۇقۇق بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەككە دۆلەت: يەككە بىر ئەلدە، يەككە بىر ئۇلۇسنىڭ، يەككە بىر ئىگىلىك ھۇقۇقىغا قاراشلىق بولغان دۆلەت شەكلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتنى تەشكىل قىلغان ئۇنسۇرلار بىر ۋە بۆلۈنمەستۇر.

  • يەككە دۆلەتتە دۆلەتنىڭ زېمىنى بىر ۋە بۆلۈنمەس؛ بۇنى «زېمىننىڭ بىر پۈتۈنلۈكى» ياكى «پارچىلانماس تېرىتورىيە» پرىنسىپى دەپ ئاتايمىز.

 

  • يەككە دۆلەتتە ئۇلۇس، يەنى خەلقمۇ بىر پۈتۈندۇر، پارچىلانماستۇر؛ بۇنى «ئۇلۇسنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ياكى پارچىلانماسلىق» پرىنسىپى دەيمىز.

 

  • يەككە دۆلەتتە ئىگىلىك ھۇقۇق بىر ۋە پارچىلانماستۇر؛ بۇنى (ئىگىلىك ھۇقۇقنىڭ پارچىلانماسلىقى ياكى بۆلۈنمەس ئىگىلىك ھۇقۇق» پرىنسىپى دەيمىز.

 

  1. دۆلەت ئورگانلىرىدا ۋە ھۇقۇقلىرىدا يەككىلىك

يەككە دۆلەتتە، دۆلەتنىڭ زېمىن، ئۇلۇس ۋە ئىگىدارلىق ئۇنسۇرلىرىدا يەككىلىك بولغىنىدەك، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش، ئىجرا قىلىش ۋە سوتلاش ئورگانلىرى ۋە ھۇقۇقلىرىدىمۇ يەككىلىك مەۋجۇتتۇر.

  • يەككە دۆلەتتە يالغۇر بىر قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە يالغۇز بىر قانۇن چىقىرىش ھۇقۇقى بار بولۇپ، بۇ مەركەزدە مەۋجۇت بولغان بىر ئورگاندۇر. قىسقىسى، يەرلىكتە قانۇن چىقىرىش ھۇقۇقى يوقتۇر.

 

  • يەككە دۆلەتتە ئىجرا قىلىش ھۇقۇقى ۋە ئىجرا قىلىش ئورگىنى ھەم ئاساسەن بىر پۈتۈندۇر. ئىجرا (ھۆكۈمەت) نىڭ بېشىدا يا باش مىنىستىر، يا رەئىس يەر ئالىدۇ. پارلامېنت تۈزۈمىدە باش مىنىستىر، مىنىستىرلار كومىتېتى ۋە ھەر قايسى مىنىستىرلار؛ رەئىسلىك تۈزۈمىدە بولسا رەئىس (زۇڭتۇڭ، پرېزىدېنت) ئاساسىي ئىجرا قىلغۇچى ھېسابلىدۇ. (ئەمەلىيەتتە، بىر دۆلەتنى بۇ قەدەر ئاز كىشى باشقۇرۇپ بولالمايدۇ. شۇڭا بۇلار ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىدۇ، پۈتۈن ھۆكۈمەت ئەزالىرى بۇلارغا بويسۇنىدۇ).

 

  • يەككە دۆلەتتە ئەدلىيە ئورگىنى ۋە ھۇقۇقىمۇ يەككىدۇر. يەرلىك سوت مەھكىمىلىرى ئەلۋەتتە مەۋجۇت. ئەمما، ھەممىسى يالغۇز بىر ئالىي سوتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىش ھۇقۇقى يوق.

ب. بىرىكمە دۆلەت

بىرىكمە دۆلەت: ئىككى ياكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ زىچ ياكى شالاڭ بىر شەكىلدە بىرىكىشىدىن مەيدانغا كەلگەن دۆلەت تۈرىدۇر. بۇنداق دۆلەتلەردە قانۇن چىقىرىش، ئىجرا قىلىش ۋە سوت قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئايرىم-ئايرىم دۆلەتلەر مەۋجۇتتۇر. بىرىكمە دۆلەتلەردە بىردىن كۆپ ئاساسىي قانۇن، بىردىن كۆپ قانۇنىي تەرتىپ ۋە بىردىن كۆپ قانۇن سىستېمىسى بار.

بىرىكمە دۆلەتلەر «دۆلەت بىرلىكلىرى» ۋە «دۆلەت توپلىرى» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر بىرى يەنە ئۆز ئىچىدىن ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

دۆلەت بىرلىكلىرى: شەخسىي بىرلىك ۋە ھەقىقىي بىرلىك.

دۆلەت توپلىرى: فېدېراتسىيە ۋە كونفېدېراتسىيە.

  1. دۆلەت بىرلىكلىرى

دۆلەت بىرلىكلىرى: ئىككى ئايرىم دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاز-تۇلا ساقلاپ قالغان ئاساستا بىرلىشىشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان دۆلەت شەكلىدۇر. بۇلار ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

1) شەخسىي بىرلىك: ئىككى ياكى كۆپ دۆلەتنىڭ بېشىغا بىر پادىشاھنىڭ چىقىشى بىلەن شەكىللىنىدۇ. يەنى بىر پادىشاھ ئايرىم-ئايرىم ئىككى دۆلەتكە شاھلىق قىلىدۇ. بۇنى «قوش پادىشاھلىق» دەپمۇ ئاتايمىز. بۇ تارىختا ئۆتكەن بىر خىل دۆلەت شەكلى بولۇپ، زامانىمىزدا بۇنىڭ مىسالى يوق. بۇ خىل دۆلەتلەردە پادىشاھنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا باغلىنىش يوق. ھەر ئىككىلىسى مۇستەقىل ئايرىم ئىش ئېلىپ بارىدۇ. پەقەت پادىشاھتىن ئىبارەت بىر شەخس ئىككى دۆلەتنى باغلاپ تۇرغاچقا، «شەخسىي بىرلىك» دەپ ئاتالغان.

2) ھەقىقىي بىرلىك : شەخسىي بىرلىكتىن تېخىمۇ يۇقۇرى بىر پەللىدۇر. بىردىن كۆپ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلغاچ، تاشقى ئىشلار نوقتىسىدىن بىر دۆلەت بولۇپ بىرلىشىشىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەقىقىي بىرلىكنى شەكىللەندۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاساسىي قانۇنى، قانۇن سىستېمىلىرى بار؛ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ئىجرا قىلىش، سوت قىلىش ئورگانلىرى ۋە ھۇقۇقلىرىغا ئىگە. بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئىچىدە بىردىن ئىگىلىك ھۇقۇقلۇق دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. پەقەت بۇلار تاشقى سىياسەتتە مۇستەقىل ئەمەس. بۇمۇ تارىختا ئۆتكەن بىر خىل دۆلەت تۈرىدۇر. زامانىمىزدا بۇ خىل دۆلەت شەكلى مەۋجۇت ئەمەس. يەنى ھازىرقى دۇنيادا دۆلەت بىرلىكلىرى يوق.

  1. دۆلەت توپلىرى

دۆلەت توپلىرى: ئىككى ياكى كۆپ دۆلەت بىر ئارىغا كېلىپ شەكىللەندۈرگەن دۆلەت شەكلىدۇر. بىر ئارىغا كەلگەن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت دۆلەت بىرلىكلىرىگە (شەخسىي بىرلىك ۋە ھەقىقي بىرلىك) قارىغاندا، تېخىمۇ زىچ ۋە قۇيۇقتۇر. بۇلار ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

1) كونفېدېراتسىيە (چوڭ بىرلەشمە، چوڭ ئىتتىپاق): مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇني سالاھىيەتنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن، مۇئەييەن بىر مەقسەتتە، خۇسۇسەن، ئورتاق مۇداپىئەلىنىش مەقسىتىدە ھاسىل قىلغان بىر دۆلەت توپى شەكلىدۇر. كونفېدېراتسىيە خەلقئارالىق بىر ئەھدىنامە بىلەن قۇرۇلىدۇ. ئەزا دۆلەتلەر خالىغان ۋاقىتتا چىقىپ كېتەلەيدۇ. ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر، مەيلى ئىچكى ياكى تاشقى ئىشلىرىدا بولسۇن، مۇستەقىل سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كونفېدېراتسىيەنى بىر دۆلەت دەپ قاراشمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى كونفېدېراتسىيەنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنى مەجبۇرلاش ھۇقۇقى يوق. ھازىر بۇنىڭ دەل مىسالى تېپىلمايدۇ. كۈنىمىزدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ناتو ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى… قاتارلىقلار بۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ. بىراق، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ سەۋىيەسى ئاللىقاچان كونفېدېراتسىيەدىن ئېشىپ كەتتى. شۇڭا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كونفېدېراتسىيە بىلەن فېدېراتسىيە ئارىسىدا تۇرماقتا.

2) فېدېراتسىيە (بىرلەشمە، ئىتتىپاق): خەلقئارالىق سالاھىيەتكە ئىگە بىر مەركىزى دۆلەت (فېدېرال دۆلەت) بىلەن خەلقئارالىق سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغان رايون دۆلەتلىرىنىڭ (فېدېرە دۆلەتلەرنىڭ) ئۆز ئارىسىدا ئىشەنچلىك بىر ھۇقۇق تەقسىماتى قىلىش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن دۆلەت شەكلىدۇر.

  • فېدېراتسىيەدە مەركىزى دۆلەت ۋە رايۇنلۇق دۆلەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل دۆلەت مەۋجۇت. مەركىزى دۆلەتمۇ، رايۇنلۇق دۆلەتمۇ ئوخشاشلا دۆلەت سانىلىدۇ. چۈنكى ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس زېمىنى، خەلقى ۋە ئىگىلىك ھۇقۇقى بار.
  • فېدېرە دۆلەتلەر رايۇن خارەكتېرلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھۇقۇق مۇناسىۋىتى مۈلكىيدۇر.
  • فېدېرال دۆلەت خەلقئارا سالاھىيەتكە ئىگە. ئەمما، فېدېرە دۆلەتلەر ئىگە ئەمەس.
  • فېدېرال دۆلەت بىلەن فېدېرە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھۇقۇق تەقسىماتى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ كاپالەتنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن، ئا) ئاساسىي قانۇن چىقىرىلغان، ب) ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشكە فېدېرە دۆلەتلەر قاتنىشىدۇ، س) ھۇقۇق تالاش-تارتىشى چىققاندا سوت ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىم، دەپ قارالغان.

بۈگۈنكى دۇنيادا فېدېراتسىيە دۆلەت شەكلى خېلى ئۇمۇملاشقان. مەسىلەن: ئامېرىكا قوشما شىتاتلرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، بىرلەشمە پادشاھلىق (ئەنگىلىيە)… قاتارلىق دۆلەتلەر دۆلەت شەكلى جەھەتتە فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى قۇبۇل قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا سالاھىيەتكە ئىگە بىر مەركىزى دۆلەت ۋە خەلقئارا سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغان بىر قانچە، ھەتتا ئونلارچە رايۇنلۇق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.

 

ئەسكەرتىش: 

بۇ ساۋاتلار «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» تور بىكىتىدە ئېلان قىلىنغان.