2020-يىل 22-دېكابىر

خىتاي ھازىرچە «شىنجاڭ»دا مەدەنىيەت قەتلىئامىنى تاللىدى

By Oychan

 

_ بىر خەلقنى قىرغىن قىلماي يۇقۇتۇش قىممەت توختايدۇ، بىراق خىتاي بۇ بەدەلنى ئۆتەشكە رازى بولۇۋاتىدۇ.

 

ئاپتورى: كېيت كرونىن-فۇرمان

تەرجىمە قىلغۇچى: ئويچان

2018-يىلى، 19- سىنتەبىر

 

بۇ ياز خىتاينىڭ غەربىي يۇرتى شىنجاڭدىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر ئورۋېلچە قاباھەتنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىغا ئايلاندى. بىر مىليون كىشى مەجبۇرىي سىياسىي تەربىيەلەش لاگىرلىرىغا سۇلاندى. ئىستىخبارات خادىملىرى پۇقرا ئائىلىلەرنىڭ «بېقىۋالغان» ئەزالىرى سۈپىتىدە تەقسىم قىلىندى. ھەممە يەرگە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلدى، مەجبۇرىي جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى ھەممە ئۈسكۈنىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ ساقچى دۆلىتىنىڭ نىشانى بولسا خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر. مەركىزى ھۆكۈمەت دىنىي ۋە مىللىي سەۋەب تۈپەيلى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلىنىپ كەلدى. ئەسلىدىنلا يىرىك مۇناسىۋەت 2009-يىلى ئۇيغۇرلار قوزغىغان نامايىش ھەرىكىتى زوراۋان ئىسيان ۋە قىساسكار باستۇرۇشقا تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ يامانلاشتى. يۈزلەرچە كىشى تۇقۇنۇش ئەسناسىدا ئۆلدى ياكى ھادىسىدىن كېيىن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلدى. شۇنىڭ كېيىن، شىنجاڭنىڭ سېرتىدا يۈز بەرگەن بىر ئۇچۇم تېرورلۇق ھۇجۇملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىگە قارىتا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان چەكلىمىلەرنى ئاقلاشقا خىزمەت قىلدى.

ئۇيغۇرلار خىتاي ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى، بەلكىم تىز پۈكمەس بىر مىللەتتۇر. ئۇلار خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستەكسىز پۇقرالىرى. ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ بەلۋاغ ۋە يول تەشەببۇسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم يول بۆلىكىگە جايلاشقان. بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان باستۇرۇشمۇ بۈگۈنگىچە پەقەت تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بىراق ھازىرغىچە ئېرىشكەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى قەتلىئام قىلمايۋاتىدۇ. بۇ دېگەنلىك باستۇرۇش زوراۋانلىقسىز ئېلىپ بېرىلدى دېگەنلىك ئەمەس. زوراۋانلىق ئېلىپ بېرىلدى. خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىخىرامان ھالدا قىيناش ۋە قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بىراق خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي جەھەتتىن يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن سىستېمىلق ھالدا قىرغۇچى زوراۋانلىق قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە دەلىل يوق. نېمىشقا؟

خىتاي جانغا زامىن كۈچ ئىشلىتىشتىن يانمايدۇ ئەلبەتتە. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، دائىرىلەرنىڭ ئىسلامغا گىرىپتار بولغانلار ئايرىۋېتىلىشى كېرەك بولغان ئدېئولوگىيىلىك يۇقۇملۇق كىسەل سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىغا ئەگىشىپ چەكلىمىلەر قورققۇدەك دەرىجىدە كۈچەيتىلدى. كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش لاگىرلىرى تورى 2018- يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاندى، ھەمدە كىشىلەر ئەمدى بۇرۇنقىدەك بىر قانچە كۈن ياكى بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن چىقالمايدىغان بولدى. ئەمدى ئۇلار ئايلارچە، بەلكىم يىللارچە يۇقاپ كېتىدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتقان ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئەمدى ئۇلارنىڭ تېلېفۇنىنى ئالالمايدىكەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ۋەتىنىدىكى سۆيگەن كىشىلىرى، گۇمان قوزغاپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرى بىلەن ئالاقە قىلمايۋاتامدۇ ياكى باشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئوخشاش لاگىرلارغا غايىپ بولدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيدۇ.

ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى يەنىلا دۆلەتنىڭ ئەڭ بەختلىك خۇجايىنلىرى دەپ تەسۋىرلەۋاتقاندا، «تېرورچىلار» ۋە «بۆلگۈنچىلەر» دېگەندەك دەبدەبىلىك سۆزلەر بارغانسېرى غەيرىي ئىنسانىيلىشىۋاتىدۇ ۋە ھەممە يەرنى قاپلاۋاتىدۇ. ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر، بولۇپمۇ ياشلار يۇقۇتۇشقا تېگىشلىك ئاشقۇن دەپ قارىلىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ قاتتىق كونتېرول قىلىنغان تور مۇھىتىدا، ئىسلام ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى نەپرەتلىك سۆزلەر دېگۈدەك دائىرىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ئېقىپ يۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رايۇننىڭ سېرتىدا ياشاش تۇلىمۇ تەس، خىتاي پۇقرالار پەقەت ئۇيغۇرلارغا ئۆي ئىجارىگە بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا تۇتۇلدى، شىنجاڭدا بولسا ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەر لاگىرلارغا يوللاندى.

قايسى نوقتىدىن قارىمايلى، خىتاي ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتىدۇ. كونكېرت ئېيتقاندا، قارغۇلارچە تۇتۇپ تۈرمىلەرگە قاماش ۋە قىيناشنىڭ ھەر بىرى، «مۇئەييەن بىر ئاددىي خەلققە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ياكى سىستېمىلىق ھۇجۇملارنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلغاندا»، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېيىش ئۆلچىمىگە تۇشىدۇ. سابىق مەھبۇسلارمۇ لاگىرلار ئىچىدىكى قىيىن-قىستاقلارنى تەسۋىرلەپ بەردى. بۇمۇ ئەگەر كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولسا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ، خۇددى كىشىلىك سۇقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەندەك.

 

مەنبە:

China Has Chosen Cultural Genocide in Xinjiang—For Now