Category: Uncategorized

2020-يىل 20-دېكابىر

مېھرى-شەپقەت ئۇنتۇلماس

ئويچان   ئاپتۇبۇستا كېتىۋاتاتتىم. تۇساتتىن ئاپتۇبۇس توختىدى-دە، بالا كۆتۈرۈۋالغان بىر ئايال ئاپتۇبۇسقا چىقتى. ئۇ ئاپتۇبۇسنىڭ ئۇيان-بۇيانىغا قاراپ، بوش ئورۇن قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، كارىدوردا ئاران تۇرۇۋاتاتتى. ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرمىسام بولمايدىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئورنۇمنى بوشىتىپ بېرەي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئالدىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان چىرايلىققىنا بىر قىزچاق مەندىن چاپسان كەلدى. شۇتاپتا ئۇنىڭغا قاراپ كاللامغا خىيال پەيدا بولۇشقا باشلىدى. « ئۇماق سېڭلىم، ئوبدان قىلدىڭ. بەلكىم بىر چاغلاردا سەنمۇ ئانا بولىسەن. ئەنە شۇ […]

2020-يىل 20-دېكابىر

ياردەم سۈرىيەگىمۇ ياكى ئۇيغۇرغىمۇ

(مۇنازىرىدىن تۇغۇلغان ئويلار)   ئويچان   يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، «سۈرىيەگە ياردەم» تېمىسىدىكى ئىلتىماس، چاقىرىقلار ئۈندىدارىمنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە ئۈزۈلمەي كىلىشكە باشلىدى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ خۇتەننىڭ گۇما قاتارلىق جايلاردىكى ئاجىز-يۇرۇق قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بىرىش ساداسىمۇ ئوتتۇرغا چىقتى. نەتىجىدە، سۈرىيەگە ياردەم بىرەمدۇق ياكى ئۆز دىيارىمىزدىكى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلامدۇق؟ ياردەم سۈرىيەگىمۇ  ياكى ئۇيغۇرغىمۇ؟ دېگەندەك مەزمۇندىكى مۇنازىرە-مۇلاھىزىلەر قىزىپ قالدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ خىلدىكى بەس-مۇنازىرىلەردە تىرەن پىكىر، […]

2020-يىل 20-دېكابىر

ئىمتىھان

ئويچان   ھاياتتا مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش ئىمتىھان. ئىنساننىڭ ئەڭ بىچارە ھالىتى دەل باشقىلارنىڭ ئالدىدا سېنىلىۋاتقان ھالىتىدۇر. ئىمتىھان سېنىڭ ئىقتىدارىڭنى سېناپلا قالماستىن، بەلكى سېنىڭ غۇرۇرۇڭنى سېنايدۇ. ئىمتىھان بەزىدە بىر خىل ھاقارەتتۇر. ئىمتىھاننىڭ ئۆلچىمىنى ئىمتىھان ئالغۇچىلار چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالەتتە تۇرىدۇ. ئۇلاردا نە قورۇنۇش، نە جىددىيلىشىش دېگەنلەر بولمايدۇ. ئۇلار پەقەتلا باھالىغۇچىلاردۇر. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار بولسا پۈتۈنلەي پاسسىپ قۇبۇل قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلاردا ئىمتىھان قائىدىلىرىگە رېئايە قىلىپ […]

2020-يىل 20-دېكابىر

ئىمان

ئويچان   ئىمان – ئىشەنچ دېمەكتۇر. ئۇنى بەزىلەر تۈرلۈك فورمۇلىلارغا سالىدۇ. ئەلبەتتە، ھەر دىننىڭ ئىمانى شەكىل جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ھەتتا بىر دىن ئىچىدىكى ھەر بىر مۇخلىسنىڭ ئىمانىمۇ ساپلىق جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دىنسىزلاردىمۇ بىر خىل ئىمان بولىدۇ. شەيتانغا چۇقۇنۇشمۇ بىر خىل ئىماندۇر. ھەممە ئادەمدە مۇئەييەن نەرسىگە چۇقۇنۇش بولىدۇ. ئىنسان چۇقۇنۇشتىن خالىي ياشىيالمايدۇ. چۇقۇنۇش بولغانىكەن، تەبىئىلا ئىمانمۇ بولىدۇ. سەن ياكى بىراۋنى تەڭرى دەپ، ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ […]

2020-يىل 20-دېكابىر

مۇھەببەت ـ ئۇ نېمە؟

ئويچان   ئېھتىمال، سىزمۇ مۇھەببەت ئىزدەۋاتقانسىز، تېخى بەزىدە مۇھەببەت دېگەن زادى نېمىدۇ دەپ، سۇراپمۇ قالىدىغانسىز. شۇنداق، دۇنيادا مۇھەببەتكە ئىنتىلمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق، ھەممە ئادەم سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى ئىستەيدۇ، مۇھەببەت قەدىمدىن ھازىرغىچە جەلىپكارلىقىنى يۇقاتماي كەلگەن تىما. قاراڭ، قانچىلىغان شائىر-يازغۇچىلار مۇھەببەت ئۈچۈن نەزمە قاتتى؛ قانچىلىغان ئاشىق-مەشۇقلار مۇھەببەت ئۈچۈن دەرت تارتتى؛ قانچىلىغان ۋاپادار ئۇغۇل-قىزلار مۇھەببەت ئۈچۈن جاننى بەردى. بىراق، مۇھەببەت ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوبىكتىگە قاراپ پەرىقلىنىدۇ. تۈرلۈك-تۈمەن مۇھەببەتلەر […]

2020-يىل 20-دېكابىر

گۈلدەك كۈتۈڭ

ئويچان تەرجىمىسى   خاربىندىكى سېرىنگۈللەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار. ئۇلار ھەمىشە ئادەملەر دىققەت قىلمايدىغان بىر ۋاقىتتا ئۇشتۇمتۇت ئېچىلىدۇ. بۇ كىشىلەرگە باھارنىڭ بىر كېچىدە يىتىپ كەلگەنلىكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شىمالدا نۇرغۇن گۈللەر مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. گۈل غونچىلىرى ھەمىشە شاخلىرىدا ئۇزۇن مەزگىل ئېسىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، مەلۇم بىر كۈنى ياكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا، خۇددى بىر كېچىدىلا باھار شامىلى كەلگەندەك، ھەممىسى تەكشى ئېچىلىدۇ. گۈللەر نېمىشقا بىر پەيتنى تاللاپ بىر يولا ئېچىلىدۇ؟ بىر […]