ئىمان
ئويچان
ئىمان – ئىشەنچ دېمەكتۇر. ئۇنى بەزىلەر تۈرلۈك فورمۇلىلارغا سالىدۇ. ئەلبەتتە، ھەر دىننىڭ ئىمانى شەكىل جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ھەتتا بىر دىن ئىچىدىكى ھەر بىر مۇخلىسنىڭ ئىمانىمۇ ساپلىق جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دىنسىزلاردىمۇ بىر خىل ئىمان بولىدۇ. شەيتانغا چۇقۇنۇشمۇ بىر خىل ئىماندۇر. ھەممە ئادەمدە مۇئەييەن نەرسىگە چۇقۇنۇش بولىدۇ. ئىنسان چۇقۇنۇشتىن خالىي ياشىيالمايدۇ. چۇقۇنۇش بولغانىكەن، تەبىئىلا ئىمانمۇ بولىدۇ. سەن ياكى بىراۋنى تەڭرى دەپ، ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ چۇقۇنىسەن؛ ياكى تەڭرى يوق دەپ داۋراڭ سېلىپ، يەنە بىراۋلارنى تەڭرى ئورنىغا كۆتۈرىسەن. قىسقىسى، سەن چۇقۇنۇشقا مۇھتاج. شۇڭلاشقا، يا ھەقىقىي تەڭرىنى ئىزدەپ تېپىشىڭ؛ يا ساختا تەڭرىلەرنى ياساپ چىقىشىڭ كېرەك. قايسىسىنى قىلىش سېنىڭ ئىرادەڭ ۋە شارائىتىڭغا باغلىق.
ئىمان بىر خىل ئېھتىياج. سەن ئۇنى قاندۇرۇشقا مەجبۇر. ئۇ تاللاش ئەمەس. سەن ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. سەن قەلب دېرىزەڭنى ھەر قانچە ئېتىۋالساڭمۇ، ھاياتلىق، كائىنات ھەققىدىكى يۈگەنسىز سۇئاللار ئۇنىڭ يۇچۇقلىرىدىن توختاۋسىز سىرغىپ كىرىپ، سېنى ئىمانغا ئۈندەيدۇ. بۇ سادالارنى ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلاق بىھاجەت. قەلب بولسىلا بولدى. بۇ سۇئاللارغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن تىل بىھاجەت. سېنىڭ روھىڭ كائىناتنىڭ روھى بىلەن بىرلىشىپ، بىۋاستە ئالاقە قىلالايدۇ. بۇ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يالغۇز مېڭە – ئەقىلنىڭ بولۇشىلا يەتمەيدۇ. يەنە قەلب – روھمۇ بولۇشى كېرەك.
ئىمان بىر خىل ھۆرلۈك. ۋۇجۇدۇڭ ھاياتنىڭ دىشۋارچىلىقلىرىدا قىينىلىۋاتقاندا، روھىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئۆزى سۆيگەن نەرسىنى ئىزدىيەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت بىلەن باقالايدۇ. جىسمىڭ مەلۇم بىرىگە چۇقۇنۇشقا مەجبۇرلانغاندا، روھىڭ ئۆزى سۆيگەن بىرىگە چۇقۇنالايدۇ. سەن قاچان، قەيەردە، كىملەردىن تۇغۇلۇشنى قارار قىلالمايسەن؛ يەنە قاچان، قەيەردە، قانداق ئۆلۈشنى ھەم بىلەلمەيسەن. ئەمما بىر نەرسىنى تاللىيالايسەن. ئۇ بولسىمۇ قايسى ئىمان، قايسى ئىشەنچ ۋە قايسى چۇقۇنۇش بىلەن ياشاپ ئۆتۈش؛ ياكى قايسى ئىمان، قايسى ئىشەنچ ۋە قايسى چۇقۇنۇش ئۈچۈن ئۆلۈش. دېمەك، جىسمىڭ قۇللۇقتا قالغاندا، ئىمان روھىڭغا ھۆرلۈك ئاتا قىلىدۇ. مەيلى قانداقلا ئىمان بولمىسۇن، بىر خىل ھۆرلۈككە ئىگە.
ئىمان بىر خىل قۇربان بېرىش. مەيلى سەن قايسى دىينغا، قايسى پەلسەپىگە ئىشەنمە؛ قايسى تەڭرىگە، قايسى كىمگە چۇقۇنما، بەرىبىر بۇ سەندىن قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ. ھاياتتا بەدەلسىز ھېچ ئىش بولمايدۇ. بىراۋنى سۆيگەنىكەنسەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىشىڭ لازىم. چۈنكى مۇھەببەت ئىسپاتقا مۇھتاج. بولمىسا يالغان ئىخلاس بىلەن ھەقىقىي ساداقەتنى نەدىن بىلىمىز. سەن بىراۋغا چۇقۇنغىنىڭدا، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى سېنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ دوستلىرى بولسا سېنىڭ دوستۇڭغا ئايلىنىدۇ. سەن ئۇنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈنلا نۇرغۇن قىيىن تاللاشلارغا دۇچ كېلىسەن. بۇرۇنقى ئەنئەنەڭ بىلەن يېڭى ئېتىقادىڭ ئارىسىدا تەڭقىسلىقتا قالىسەن. يۇرت-ماكانىڭدىن ئايرىلىسەن. قەۋم-قېرىنداشلىرىڭدىن تانىسەن. غېرىبلىق ھەممە ياقتىن سېنى ئورۇۋالىدۇ. ساڭا پەقەت ئىمانىڭ بىلەن سۆيگەن مەھبۇبىڭلا ھەمرا. بىراق، ھەقىقىي ئىشق ئەھلىگە بۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.
ئىمان بىر خىل غايە. سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلىسەن. ئۇنى كامال تاپقۇزۇشقا تېرىشىسەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايسەن؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىسەن. ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىڭ مەنىلىك. ئۇ گۇيا نۇرلۇق ماياك، ئۇنىڭسىز يولدىن ئادىشىسەن. سەن ئۇنى قوغلىشىسەن، ئەمما تۇتالمايسەن. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىغا چۆككۈڭ كېلىدۇ، ئەمما چۆكەلمەيسەن. ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز پەللىلىرىگە چىققۇڭ كېلىدۇ، ئەمما چىقالمايسەن. ئۇنىڭ ئەڭ يىراق چېتىگە يەتكۈڭ كېلىدۇ، ئەمما يىتەلمەيسەن. ئۇ شۇنداق نازۇك، شۇنداق تىرەن، شۇنداق يۈكسەك، شۇنداق بىپايان. ئۇنىڭ ماھىيىتىگە يەتمەككە جىسمىڭ ئاجىز، ئەقلىڭ قىسقا، ئۆمرۈڭ كەملىك قىلىدۇ.
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، سەھرايى سېغىزكۆل