2020-يىل 20-دېكابىر

مېھرى-شەپقەت ئۇنتۇلماس

By Oychan

ئويچان

 

ئاپتۇبۇستا كېتىۋاتاتتىم. تۇساتتىن ئاپتۇبۇس توختىدى-دە، بالا كۆتۈرۈۋالغان بىر ئايال ئاپتۇبۇسقا چىقتى. ئۇ ئاپتۇبۇسنىڭ ئۇيان-بۇيانىغا قاراپ، بوش ئورۇن قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، كارىدوردا ئاران تۇرۇۋاتاتتى. ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرمىسام بولمايدىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئورنۇمنى بوشىتىپ بېرەي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئالدىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان چىرايلىققىنا بىر قىزچاق مەندىن چاپسان كەلدى. شۇتاپتا ئۇنىڭغا قاراپ كاللامغا خىيال پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

« ئۇماق سېڭلىم، ئوبدان قىلدىڭ. بەلكىم بىر چاغلاردا سەنمۇ ئانا بولىسەن. ئەنە شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇماققىنا بالاڭنى قۇچاقلاپ ئاپتۇبۇسقا چىققىنىڭدا، ساڭا ئوخشاش گۈزەل بىر قىزچاقنىڭ ‹ھەدە، بۇياققا كېلىپ ئولتۇرۇۋېلىڭ› دېگىنىنى ئاڭلىساڭ، ھاياجانغا چۆمۈلۈپ كېتەرسەن. بىر زامانلاردا بىراۋلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەنلىكىڭدىن چەكسىز خۇشاللىنارسەن. ھەمدە مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ئىنسانلار ئوتتۇرسىدا بولۇشقا تېگىشلىك نەرسە ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشىنىپ قالارسەن».

شۇنداق، بىز ئادەم. ئادەم سۆيگۈگە يەنى سۆيۈشكە، سۆيۈنۈشكە مۇھتاج. بىز باشقىلارغا قانچىلىك مېھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلالىساق، ئۇلاردىن شۇنچىلىك مېھرى-مۇھەببەتكە ئېرىشەلەيمىز. ھايات خۇددى تۈگىمەس ناخشا-قۇشاق توۋلاپ كېتىۋاتقان بىر كارۋانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىق-سۇغۇقى گاھىدا ئادەمنى كۈلدۈرۈپ خۇشال قىلسا، گاھىدا ئادەمنى يېغلىتىپ ئازابلايدۇ. بىز بۈگۈن بىر مۇساپىرنى مېھمان قىلىپ ئۆيىمىزدە قوندۇرۇۋالساق، ئەتە مۇساپىر بولۇپ باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

ئادەتتە، بىز بىراۋلارغا چىرايلىققىنا سالام قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭمۇ چىرايلىقچە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ناۋادا بىز باشقىلارغا سالام قىلماستىن ئۇلاردىن سالام كۆتۈپ ئولتۇرساق، ئۇ چاغدا ھەممىدىن ئايرىلىپ قالىمىز. ھايات خۇددى يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشايدۇ. ئۇ گاھى دېڭىزدا خادا تاشلارغا سوقۇلۇپ ئۆرۈلۈپ كېتىشكە تاس قالسا؛ گاھىدا بۇران-چاپقۇنغا ئۇچراپ ئۇيان-بۇيان ئېرغىشقا باشلايدۇ. تېخى دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بۇ نېمىدېگەن قورقۇنۇشلۇق-ھە!

ھەقىقەتەنمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر. مۇبادا بىز ئىنسانلار بېسىپ ئۆتكەن تارىخ ئەمەلىيىتىگە قارايدىغان بولساق، تارىخ بەتلىرىنىڭ گۈزەل نەقىشلەرگە تولغانلىقىنى بايقايمىز. ئەنە شۇ نەمۇنىلەردىن ئەڭ پارلاپ تۇرغىنى ياخشىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر.

بۇ دۇنيا ھېچكىمگە باقىي ئەمەس. ھايات ھەركىم ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك. بىز ئادەملەرگە ئىللىق چىراي بىلەن باقمىساق، ئۇلاردىن مېھرى-ۋاپا ئۈمىد قىلالماي قالىمىز. بىز دۇنياغا ئىللىققىنا باقمىساق، دۇنيامۇ بىزگە كۆلۈپ قارىمايدۇ. بىز تەبىئەتنى قانچىكى ياخشى كۆرسەك، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلساق، ئوخشاشلا تەبىئەت تەرىپىدىن شۇنچىلىك سۆيۈنۈشكە نائىل بولىمىز. ئەكسىچە بولغاندا، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن. بۇ نېمىدېگەن ئادىل دۇنيا-ھە!

ھايات خۇددى ھەرىكەت دېمەكتۇر. بىز بىر توپ چۆمۈلىنىڭ كېچىككىنە بىر ئوۋىغا پېتىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ئىتتىپاقلىقنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ قالىمىز. ئۇنداقتا ھەسەل ھەرىسىنى شىرنە يىغىشقا ئۈندىگەن كۈچ زادى نېمە؟ ھەيۋەتلىك تۈگىنى «چۆك» دېگەن ئاۋاز بىلەن يەرگە يېقىتقان نېمە؟ ۋىچىر-ۋىچىر قارلىغاچلارنى ئادەملەر ئۆيىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇزغان نېمە؟ ئۇ دەل سۆيگۈ، مېھرى-مۇھەببەتتۇر.

شۇنداق، سۆيگۈ خۇددى باھاردا ئېچىلغان گۈلگە ئوخشايدۇ. گۈل ئېچىلغاندا ئەتراپقا خۇشپۇراق تارقىتىدۇ. ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدىدىن كىممۇ ھاياجانلانماي تۇرالىسۇن!

ناۋادا بىزمۇ ھاياتتىن ئىبارەت بۇ سۆيگۈ دەرىخىنى ئوبدان پەرۋىش قىلىپ، بولىقىغا كىرگۈزەلىسەك، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يىگەنلەر، سايىسىدا ئارام ئالغانلار، مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، پۇرىقىدىن ھۇزۇر ئالغانلار بىزگە ئۆمۈرۋايەت مەدھىيە ئوقۇغان بولاتتى.

 

2004-03-14

شەھىرى قاراقاش