2020-يىل 20-دېكابىر

ئىمتىھان

By Oychan

ئويچان

 

ھاياتتا مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش ئىمتىھان. ئىنساننىڭ ئەڭ بىچارە ھالىتى دەل باشقىلارنىڭ ئالدىدا سېنىلىۋاتقان ھالىتىدۇر. ئىمتىھان سېنىڭ ئىقتىدارىڭنى سېناپلا قالماستىن، بەلكى سېنىڭ غۇرۇرۇڭنى سېنايدۇ.

ئىمتىھان بەزىدە بىر خىل ھاقارەتتۇر. ئىمتىھاننىڭ ئۆلچىمىنى ئىمتىھان ئالغۇچىلار چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالەتتە تۇرىدۇ. ئۇلاردا نە قورۇنۇش، نە جىددىيلىشىش دېگەنلەر بولمايدۇ. ئۇلار پەقەتلا باھالىغۇچىلاردۇر. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار بولسا پۈتۈنلەي پاسسىپ قۇبۇل قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلاردا ئىمتىھان قائىدىلىرىگە رېئايە قىلىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشتىن باشقا ئامال يوق. ئامال بار دېيىلسە، بىرلا ئامال بار. ئۇ بولسىمۇ ئىمتىھانغا قاتناشماسلىق.

ئىمتىھان بەزىدە بىر خىل ئېھتىياج. سەن ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا مەجبۇر. يا تاللىنىپ ئارزۇيىڭغا يېتىسەن؛ يا شاللىنىپ ئارزۇيىڭدىن ۋاز كېچىسەن.

ئىمتىھان بەزىدە بىر خىل ھەۋەس. سەن قاتنىشىشقا قىزىقىپ قالىسەن. يا غەلىبە قىلىپ خۇشاللىق تاپىسەن؛ يا مەغلۇپ بولۇپ ھەسرەتكە پاتىسەن.

ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئىمتىھان. بىراق، بۇ تۇلىمۇ تەبىئىي، تۇلىمۇ ئادىل ئىمتىھان. بۇ ئىمتىھاننىڭ سۇئاللىرى بولسا ياراتقۇچى تەرىپىدىن چىقىرىلغان. ئىمتىھان مەيدانى بولسا كەڭ تەبىئەت. بۇ ئىمتىھان مەيدانىدا پەقەتلا ئىككىلا كومېسسىيە بار. بىرى ئىمان؛ يەنە بىرى ۋىجدان.

ئادەملەر كەشىپ قىلغان سۈنئىي، تەڭسىز ئىمتىھانلار ۋە ئىمتىھان مەيدانلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياراتقۇچى تەرىپىدىن كەڭ تەبىئەتتە ئېلىنىدىغان بۇ ئىمتىھان مەڭگۈ بىزنىڭ تالىشىپ قاتنىشىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

 

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، سەھرايى سېغىزكۆل