گۈلدەك كۈتۈڭ
ئويچان تەرجىمىسى
خاربىندىكى سېرىنگۈللەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار. ئۇلار ھەمىشە ئادەملەر دىققەت قىلمايدىغان بىر ۋاقىتتا ئۇشتۇمتۇت ئېچىلىدۇ. بۇ كىشىلەرگە باھارنىڭ بىر كېچىدە يىتىپ كەلگەنلىكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شىمالدا نۇرغۇن گۈللەر مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. گۈل غونچىلىرى ھەمىشە شاخلىرىدا ئۇزۇن مەزگىل ئېسىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، مەلۇم بىر كۈنى ياكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا، خۇددى بىر كېچىدىلا باھار شامىلى كەلگەندەك، ھەممىسى تەكشى ئېچىلىدۇ.
گۈللەر نېمىشقا بىر پەيتنى تاللاپ بىر يولا ئېچىلىدۇ؟ بىر بىئولوگ بۇ سىرنى يەشكەن. شىمالدىكى جايلارنىڭ ئېگىز، كەڭ رايۇنلىرىدا قىش پەسلى ئۇزاق، باھار پەسلى قىسقا، بەزىدە باھار كەلگەندىمۇ ھاۋا ناھايىتى تۇراقسىز بولۇپ، كۈندۈزى قۇياشنىڭ يۇقۇرى ھارارىتى كۆيدۈرسە؛ كېچىسى سۇغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بىر كۈن ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل كېلىماتتا گۈللەر يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئېچىلىپ قويسا، رەھىمسىز شىۋېرغان تەرىپىدىن خازان بولۇشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭلاشقا، ئەقىللىق گۈللەر ئۇدا كۈتۈش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار بىر ھەپتە، بىر ئاي ھەتتا تۆتىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە ياكى تېخىمۇ كېچىككەن مەلۇم بىر تاڭ سەھەرگىچە ساقلىشىمۇ مۇمكىن. ئەنە شۇ پەيت كەلگەندە، كىشىلەر كوچىلارغا چىقىشى بىلەنلا تۇيۇقسىز ئەتراپتىن گۈللەرنىڭ ھىدىنى پۇرايدۇ، گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ شەھەرنى قاپلىغانلىقىنى كۆرىدۇ. شىمالدىكى گۈللەر ساقلاشقا ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈششۈپ نابۇت بولۇشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پۇرسەت تۇلۇپ-تاشقان باھار يىتىپ كەلگەندە بولسا، ھاياتنى ياشنىتىدىغان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ.
بىز ئەنە شۇ گۈللەردىن ئۆگېنىشىمىز كېرەك. بەزى چاغلاردا بىز پەقەت بىرلا ئىشنى قىلالايمىز ـــ ئۇ بولسىمۇ كۈتۈش. بۇ گۇيا غونچىگە يۇشۇرۇنغان گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇ خىل كۈتۈش پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇپ، ئارقىدىن ئاھ ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى كۈچ توپلاش دېمەكتۇر؛ تەمتىرەپ ئىككىلىنىپ يۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئەقىلنى نۇرلاندۇرۇپ، ئاڭلىقلىقنى يىتىلدۈرۈش دېمەكتۇر. ئۇمۇمەن، پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە، توپلىغان كۈچنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىش دېمەكتۇر.
چۇقۇمكى، بۇ چاغدا ھايات گۈلدەك ئېچىلىپ، تۆت ئەتراپقا خۇشپۇراق چاچقۇسى.
(«تەرمىلەر» ژۇرنىلى، 2006-يىل، 14-سانىدىن)