2020-يىل 23-دېكابىر

يېڭى كىيىم

By Oychan

ئويچان

 

كېچىكلىكىمدىن ئائىلىمىزنىڭ ئەركە بالىسى ئىدىم. دادام نېمە دېسەم شۇنى ئېلىپ بىرەتتى. ئائىلەممۇ مەھەللىگە نىسبەتەن باي ئائىلىلەر قاتارىغا كىرەتتى. ئىشلەشتىمۇ تازا ئىشلەپ قۇياتتۇق. ئىشلىگەنگە چۇشلۇق پۇلنى خېلى ئازادە خەجلەيتتۇق. دادام تاپقان تەرگەننى يىغىدىغان كىشى ئەمەس ئىدى. پۇل دېسەك چۇپەيلىك قىلماي بېرىۋىرەتتى. بىزمۇ بەردى دەپ بۇزۇپ چاچمايتتۇق.

تۇرمۇشتا ۋە دېھقانچىلىقتا قوللىنىلىدىغان پۈتۈن ئەسۋابلار بىزنىڭ ئۆيدىن تېپىلاتتى. ئۆيىمىزگە قۇلۇم – قۇشنىلارلا ئەمەس، باشقا مەھەللىلەردىنمۇ ئۇنى بۇنى سوراپ كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. دادام بىر كىمدىن بىر نەرسە سوراشنى ياقتۇرمايتتى. شۇڭا قەرز ئېلىپ بولسىمۇ لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالاتتى. كىشىلەرمۇ قىممەت پۇلغا سېتىۋالغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىۋالايلى دەپ ئۆتنە سوراۋىرەتتى. ئۆيدىكىلەرمۇ كىم كەلسە بىرىۋىرەتتى. بولۇپمۇ دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئىشلىتىۋېلىش ئۈچۈن كىشىلەر ئۆچرەت بوپ كىتەتتى…

ئەنە شۇنداق بولۇشىغا ئىشلەيدىغان، تاپقاننى ئازادە خەجلەپ ھېچكىمگە مۇھتاج بولمايدىغان بىر ئائىلىدە چوڭ بولدۇم. شۇڭىمۇ خېلى خېلى كىشىلەر پۇلنى ئاۋايلاپ كىيەلمىگەن كىيىملەرنى كىيىپ، بارالمىغان شەھەرلەرگە بېرىپ ئوينايتتىم. شەھەرگە بېرىپ قىززىق كىنودىن بىرنى كۆرۈپ كەلسەم، ئاغىنىلەرگە ئايلاپ سۆزلەپ بېرىشكە يىتەتتى. كۆپىنچە باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، خەقلەرگە بەك مۇھتاج بولماي چوڭ بولغان ئىدىم. ئاغىنىلىرىم ئارىسىدىلا ئەمەس، چوڭلار ئارىسىدىمۇ خېلى ھۆرمىتىم بار ئىدى.

تۇلۇقسىزغا چىقمايلا، دىندا ئوقۇيمەن دەپ مەكتەپنى تاشلىدىم. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقتىن شۇ قەدەر نەپرەتلىنەتتىمكى، ئۇنىڭ ئاستىدا ئوقۇشقا ھېچ تاقىتىم يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆدە-كۆرپەمنى ئېلىپ ئۆيدىن ئايرىلدىم. بىلىم دېڭىزىغا چۆمگەنسېرى تەپەككۇرۇم تىرەنلىشىشكە باشلىدى. ئىچىم بېيىغانسېرى تېشىم گادايلاشتى. رۇھىم كۈچەيگەنسېرى جىسمىم زەئىپلىدى.

بارا-بارا مۇڭلىنىدىغان خىيالچان بوپ قالدىم. سېرتقى قىياپەتكە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولدۇم. پەرداز قىلىش ئانچە بەك خوش ياقمايتتى. دوست-بۇرادەرلىرىم ئانچە – مۇنچە قاخشاپ قۇياتتى. ئۆزۈڭلارنى تاشلىۋېتىسىلە، قىياپەتكە دىققەت قىلمايسىلە دەپ. مۇشۇنداق يۈرسەڭلا خۇتۇنمۇ ئالالمايسىلە، قىزلار پوچى ئوغۇللارنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ چاقچاق قىلاتتى بەزىدە. بىراق مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك ئىدى.

دىندا ئوقۇش جەريانىدا ئاساسەن خەلق ئارىسىدا ياشايتتۇق. ھېچ تۇنۇمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە يېتىپ قۇپاتتۇق ۋە دەرس ئوقۇيتتۇق. باشتا تۇنۇمايدىغان كىشىلەر بىلەن بارا-بارا دادا بالىدەك، بىر تۇققاندەك بولۇپ كىتەتتۇق. ۋەزىيەت تۈپەيلى ئۆي كۆچىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئۆي ئىگىلىرى بىزگە قىيالماي يىغلىشىپ كىتەتتى. شۇڭىمۇ پەقەت بىر ئانام، بىر دادام باردەك ئەمەس، نۇرغۇن دادام، نۇرغۇن ئانام ۋە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىم باردەك ھېس قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە بار ئىدى. بۇنداق خالىس مېھرى-مۇھەببەتنى ماڭا ئوخشاش ياشاپ باقمىغانلارنىڭ تۇلۇق ھېس قىلالىشى ناتايىن.

بەزىدە باي كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە دەرس ئېلىپ قالاتتۇق. شۇنداق چاغلاردا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۆزىگە نامرات چىراي كۆرۈنسەم كېرەك، بالىلىرىنىڭ كونا كىيىملىرىنى بىرەتتى. مېنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ، بىر مۇنچە گەپ قىلاتتى. مەنمۇ چاندۇرماي ئالاتتىم ۋە كىيگۈدەكلىرىنى كىيەتتىم. شۇنىڭ بىلەن يېڭى كىيىم ئېلىشىم تېخىمۇ تەسلىشەتتى. چۈنكى كىيگۈدەك كىيىم تۇرسا، يېڭى كىيىم سېتىۋېلىپ نېمە قىلىمەن دەيتتىم. دېمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ؟

بىراق ئەسكى تۇماقنىڭ ئىچىدە ئادەم بار ئىدى. نامرات چىراي كۆرۈنگىنىم بىلەن يانچۇقۇمدىن مىڭلاپ پۇل ئۈزۈلمەيتتى. ھالبۇكى مېنى يېيىش ۋە كىيىش خوش قىلالمايتتى. شۇڭا ئۇ پۇللار باشقا ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىناتتى. تا بۈگۈنگىچە يىگەنگە، كىيگەنگە ۋە مىنگەنگە ھەۋەس قىلىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.

كىيىنچە يېڭى ۋە گۈزەل كىيىنىشنىڭ ئادەمنى تېخىمۇ روھلۇق قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەم ئەتراپىمدىكى مۇھىتنىڭ قىستىشى، ھەم ئازراق بولسىمۇ خۇشاللىق تېپىش ئىستىكى بىلەن كىيىۋاتقان كىيىمىم يىرتىلىپ كەتمىسىمۇ، يېڭى، ئەرزان ئەمما يارىشىملىق كىيىملەرنى سېتىۋالىدىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى ئىسراپچىلىق دەپ قارىمايدىغان بولدۇم. شۇنداقتىمۇ بىر سېتىۋالغان كىيىمنى تا ئۆڭۈپ سەتلىشىپ قالغۇچە يۇيۇپ كىيىۋېرىمەن. بەزىدە ئۈستى-بېشىمنىڭ كونىراپ قالغانلىقىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا روشەن چېنىپ قالغاندا ئاندىن ھېس قىلىمەن. ئادەم داۋاملىق ئۆزى يۇيۇپ كىيىۋەرگەن كىيىمنىڭ قايسى دەرىجىدە كونىراپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالىدىكەن.

يېقىندىن بۇيان، ئائىلەمنىڭ ۋە خەلقىمنىڭ داۋاسىنى قىلىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىقتىم. بۇ جەرياندا بەزى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدىم. مەن ئەسلىدە ئۇقۇغۇچى قىياپىتى بىلەن چىقسام ۋە غەمكىن كۆرۈنسەم تېخىمۇ ياخشى تەسىرى بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. بەلكىم خاتالاشقان بولسام كېرەك ياكى مەن سېرتقا تارقاتماقچى بولغان ئۇچۇرنى ئىچىدىكىلەر تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا كېرەك. بەك بىچارە ياكى جانسىز چىقىپ قالدىممۇ بىلمىدىم. بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز ماڭا ئۇچۇر قىلىپ، مەندىن روھلۇق ۋە دادىل بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

ھەر قانچە قىلسىمۇ، زۇلۇمنى پوچى سۆزلىگىلى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ ئېغىر-بېسىق بىر بالا. شۇڭا بەك شاشلىقنى قاملاشتۇرالمايمەن. شۇنداقتىمۇ ئوبراز ھەققىدە تولا گەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى مىللەت ئۈچۈن بىر كىيىم كىيىپ قۇياي دەپ بۈگۈن بىر نەچچە قۇر كىيىم سېتىۋالدىم. ئەرزانغا كۆنگەن پۇتۇم قانچە قىلساممۇ قىممەت ماركىلىق سودا سارايلارغا كىرگىلى ئۇنىماي، يەنە شۇ تۆكمە مال دۇكىنىغا باشلاپ باردى. شۇ يەردىن ئۆزى چىرايلىق، پۇلىسى ئەرزان دەپ قارىغان كىيىملەرنى ئېلىپ كەلدىم. ئۆيگە قايتىپ ماسلاشتۇرۇپ كىيىپ باقسام خېلى ياراشقاندەك تۇرىدۇ. قارىسام خېلى شاشلىشىپ قاپتىمەن. كۆڭلۈممۇ ئېچىلىپ قالدى.

قىززىق، پۇلغا بەختنى سېتىۋالغىلى بولمىغان بىلەن چىرايلىق كىيىم سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. چىرايلىق كىيىم كىيگەندىن كىيىن كۆڭلۈمنىڭ ئېچىلىپ قالغىنىغا قاراپ، جىسمانىي قىياپەتنىڭ رۇھىي ھالەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. ئاللاھ بۇ يېڭى كىيىملەر بىلەن گۈزەل ئوبراز ياراتقىلى ۋە دادىل كۆرەش قىلغىلى نىسىپ قىلسۇن!

 

2018- يىلى، 26- نۇيابىر، ئەنقەرە