ئاددىيلىق، ئىلمىيلىك ۋە خاسلىق
(ئۆز ئىسمىمدىن تۇغۇلغان ئويلار) ئويچان ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار. _ ئۇيغۇر خەلق ماقالى ئىسمىمنى مەھەللىمىزدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاقساقىلىمىز قۇيۇپتىكەن. ئۇ كىشىنى باشقىلار تۇرۇپ «ئابلەت قارىم» دېسە؛ تۇرۇپ «ئابلەق قارىم» دەيتتى. زادى «ئابلەت»مۇ ياكى «ئابلەق»مۇ بىلمەيتتۇق. مەن بۇ قارىمنىڭ نەۋرە تالىپى ئىدىم. قارىمنىڭ قولىدا قارىم بولغان بىر قارىمدا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەن ۋە بىر قانچە پارە قۇرئان يادلىغان. شۇنداقتىمۇ، بۇ بۇۋا ئۇستازىمدىن ئاز-تۇلا تەلىم ئېلىپ […]