2020-يىل 23-دېكابىر

ئىسلام ۋە دېمۇكراتىيە

By Oychan

ئويچان

 

بۈگۈنكى دۇنيادا دېمۇكراتىيەدىن ياخشى سىياسىي تۈزۈم يوق. گەرچە دېمۇكراتىيەدە بەزى يىتەرسىزلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، دېمۇكراتىيە يەنىلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سىياسىي تۈزۈم ھېساپلىنىدۇ.

ئىسلامغا كەلسەك، ئىسلامدا مەخسۇس بەلگىلەنگەن سىياسىي تۈزۈم يوق. پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ئىسلامنىڭ ئىلغار جۇمھۇرىيەتچىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلى مۇكەممەل بىر سىستېمىغا ئايلانماي تۇرۇپ، مۇئاۋىيە تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. خەلىپىلىك ھەقىقىي مەنىدە ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن تۈگىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق خەلىپىلەر ئەمەلىيەتتە پادىشاھ، خەلىپىلىك بولسا پادىشاھلىققا ئايلاندى.

ئىسلام دىنى سىياسىي تۈزۈم ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن، ھەمدە بۇ ساھەنى ئىجتىھادقا قالدۇرغان بولۇپ، ئىسلامدا مۇئەييەن بىر سىياسىي تۈزۈم شەكلى بىكىتىلمىگەن. ئىسلام پەقەت ئاساسىي مەقسەت ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇسۇلمانلارنىڭ قايسى سىياسىي تۈزۈم شەكلىنى قوللىنىشى بولسا، ئىجتىھادقا قالدۇرۇلغان. شۇڭا تاھارەت ئېلىشنى تەپسىلىي ئۆگەتكەن پەيغەمبىرىمىز، دۆلەت باشقۇرۇشنى تەپسىلىي سۆزلىمىگەن. چۈنكى ئالدىنقىسى ھەر قاچان ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم ئىشلاردىن، كىيىنكىسى دەۋر ۋە ئىھتىياجغا ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇراقسىز ئىشلاردىن سانىلىدۇ. بۇنى ئەينى ۋاقىتتا يەمەنگە ۋالىيلىققا تەيىنلەنگەن مۇئاز بىن جەبەل بىلەن رەسۇلۇللاھ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دېئالوگلاردىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ دىننىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئىسلام دىنى ئەنە شۇنداق بەزى ئىشلارنى تەپسىلىي، يەنە بەزى ئىشلارنى ئومۇمىي بايان قىلىش بىلەن مۇكەممەلدۇر.

ئەپسۇسلىنارلىقى، تارىختا ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ ساھەگە يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىدى. نەتىجىدە، ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز تارىخىي بوشلۇق شەكىللەندى. قارايدىغان بولساق، پىقھىي كىتاپلىرى تاھارەت ئالىدىغان سۇنىڭ ھۆكمى ھەققىدە ئىزدەنگەنچىلىك دۆلەت باشقۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە باشقاتۇرغىنى يوق. مانا بۇ بۈگۈن تولدۇرۇشقا تېگىشلىك، ئەمما تولدۇرۇش قىيىن بىر بوشلۇق.

دېمەك، مۇسۇلمانلار ھەر دەۋردە ئۆز دەۋرىگە يارىشا سىياسىي تۈزۈلمىلەرنى بەرپا قىلسا، ياكى قۇبۇل قىلسا بولىدۇ. شۇڭا زامانىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى سىياسىي تۈزۈمى بولغان دېمۇكراتىيە بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى ھېسابلىنىدۇ. دېمۇكراتىيەگە ئىسلام نامىدا قارشى تۇرۇش دېمۇكراتىيەنىمۇ، ئىسلامنىمۇ بىلمىگەنلىكتۇر.

دېمۇكراتىك سىستېما بىلەن ئىسلامىي قىممەتلەنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىسلام دېمۇكراتىيسى بەرپا قىلىش خاھىشى ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە مۇناسىپ بىر ئىسلام دېمۇكراتىيسى ئەندىزىسى شەكىللەنگىنى يوق. ئىسلام مودېرنىزمى نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ھەرىكەت، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى، يەنى سەلەفىيلىك نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر ھەرىكەت تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى ۋە ئۇچراۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ ھەقتە يېزىلغان بىر قىسىم يۈزەكى تەتقىقات ماتېرىياللىرى بار. بىراق، تېخىچە ئىسلام دېمۇكراتىيسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرەر ئۆرنىكى بارلىققا كىلەلمىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيە ۋە تۇنىستا ئىسلامچى پارتىيەلەر دېمۇكراتىك سىستېما بۇيىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتىدۇ. لېكىن بۇنى ئىسلام دېمۇكراتىيسىنىڭ ئۆرنىكى دېگىلى بولمايدۇ، بەلكى ئىسلامچى پارتىيەلەرنىڭ دېمۇكراتىيە ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئۆرنىكى دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ جەھەتتە تۈركىيەدىكى ئاق پارتىيەنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى دېيىشكە بولىدۇ. تۇنىستىكى نەھدە پارتىيسى تېخى ئەمدى يولغا چىقتى، دۆلەتنى مۇستەقىل ئىدارە قىلىشتىن ئاجىز كەلگەچكە، ھازىر بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچىدە پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ.

 

2018-يىلى، 19-ئاپرىل، ئەنقەرە

 

«ئىسلام ۋە دېمۇكراتىيە» دېگەن يازمامغا تۇلۇقلىما

 

تارىختا پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلارنىڭ ياكى كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقى ۋە دۆلەت باشقۇرغانلىقى بىر ھەقىقەت. لېكىن، بۇلار بۈگۈن تارىخ ۋە مەنبە، ھەرگىزمۇ مەۋجۇت ياكى تەييار سىياسىي سېستىما ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام دۆلەت قۇرغان ۋە دۆلەت باشقۇرغان، ئەمما ھېچقاچان بىر سىياسىي تۈزۈم بىكىت ىپ، دۆلەتنى مۇشۇ تۈزۈمدە باشقۇرۇڭلار دېمىگەن. ئىسلامدا بۇ ئىش ئىجتىھادقا قالدۇرۇلغان. بۇنى مەن دېمىسەممۇ دۇنيادا نۇرغۇن ئالىملار دەۋاتىدۇ، پەقەت بىر ئۇيغۇر دېگەنلىكى ئۈچۈن خاتا بۇلۇپ قالمايدۇ. بىز بۇ ھەقتە ئىسمىنى كۆپ تىلغا ئالىدىغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ كۆپ ئىسلاھات يەنى ئىجتىھاد ئېلىپ بارغان ئولۇغ سىياسىيۇن ساھابە. توغرا يولدىكى خەلىپىلەر ھەرگىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىكى سىياسىي شەكىلگە ئۆلۈك ۋارىسلىق قىلغان ئەمەس. بەلكى ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش بىلەن، بىز دەۋاتقان ئالەمشۇمۇل غەلبە قولغا كەلگەن. ئىسلامدىكى بۇ خىل ئىلغار سىياسىي ئىسلاھات روھى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكنى تارتىۋېلىشى ۋە كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مۇئاۋىيە تەرەپنى قۇبۇل قىلىشى، كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن مادارا قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇغۇلۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىلاپەت پادىشاھلىق سىياسىي تۈزۈمگە ئايلىنىپ داۋام قىلدى. ئوسمانلىنىڭ يېقىلىشى بىلەن پادىشاھلىق سىياسىي تۈزۈم بىلەن داۋام قىلىپ كەلگەن خىلاپەتمۇ يېقىلدى. دۇنيا مىقياسىدا، جۇمھۇرىيەتچىل دۆلەت شەكلى ۋە دېمۇكراتىك سىياسىي تۈزۈم ئۇمۇملاشقان ۋە ئالقىشلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قولىمىزدا، ئىسلام سىياسىي تۈزۈمى دەپ قوللانغىلى بولىدىغان بىر تۈزۈم مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت تارىخلا مەۋجۇت. قۇرئانمۇ، سىرەتمۇ، سۈننەتمۇ ياكى شەرىئەتمۇ ھېچبىرى سىياسىي تۈزۈم ئەمەس. سىيرەت تارىخ، قۇرئان ۋە سۈننەت مەنبە، شەرىئەت بولسا بۇ مەنبەلەرگە تايىنىپ تۈزۈلگەن قانۇن. بىز مۇسۇلمانلار بۈگۈن، يا ئىلغار بىر سىياسىي تۈزۈمنى قىسىمەن ئىسلاھ قىلىپ بولسىمۇ قۇبۇل قىلىشىمىز، يا قۇرئان، سۈننەت، سىرەت ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن، زامانغا لايىق، ئىلغار بىر سىياسىي تۈزۈمنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بولمىسا ئىسلام دۆلىتى قۇرىمەن دەپ تۆلەنگەن بەدەللەر، ھازىرقىدىنمۇ ناچار بىر دۆلەت قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسلام دۆلىتى قۇيۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئىسلام پرىنسىپلىرى بىلەن دەۋر روھىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم شەرىئەتكە ھەم زامانغا ماس، ئىلغار بىر سىياسىي تۈزۈم قۇرۇپ چىقىش ئۇرۇنۇشى ئىسلام مۇدېرنىزمى بىلەن باشلانغان ئىدى، ئەپسۇس، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى تەرىپىدىن رەت قىلىندى ۋە ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، ھەم ئۇچراۋاتىدۇ. مەن مەزكۇر ماقالىدە مۇشۇ نوقتىلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقتىم. بۇ تېمىنى يۇرۇتۇشۇمغا جېق ئەمگەك كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ نۇقۇل ئۇيغۇرلار يۇلۇقۇۋاتقان مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى يۇلۇقۇۋاتقان مەسىلە، يەنە كېلىپ بۇ تارماق مەسىلە ئەمەس، بەلكى پرىنسىپال بىر مەسىلىدۇر.