تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش (ھېكايە)
ئويچان
(بۇ ھېكايە 10- ئاينىڭ 07- كۈنى ئاخشىمى تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش جەريانىدىكى چىن ھېسسىياتىمغا ئاساسەن ئەينەن يېزىلدى. بۇ ھېكايىنى «سۇغۇق» چىرايلارغا، «ھاكاۋۇر» كۆزلەرگە ۋە «قۇپال» قوللارغا تەشۋىقات ۋارىقى تەڭلەش جەريانىدا خۇدۈكسىرىگەن، تارتىنغان ۋە خورلۇق ھېس قىلغان، ئەمما «ھەممىسى ۋەتەن ئۈچۈن» دېگەن بىر رۇھنىڭ تۈرتكىسىدە قايتىدىن جاسارەتكە تولۇپ، ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بارلىق پىداكار قېرىنداشلىرىمغا بېغىشلايمەن).
تۈنۈگۈن ئاخشام ئائىلەمدىكىلەر ئۇچرىغان زۇلۇملارنى پاش قىلىمەن ۋە تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرگە مۇراجىئەت يازىمەن دەپ، كومپىيۇتېر ئالدىدا بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئولتۇراتتىم. خىيال ئىچىگە بەك كىرىپ كەتكەچكىمۇ، ياكى تېلېفۇنۇم ئاۋازسىز ھالەتكە تەڭشەكلىك بولغاچقىمۇ، ئىشقىلىپ تېلېفۇن كەلگىنىنى تۇيماي قاپتىمەن. بىر چاغدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ تېلېفۇنغا قارىسام بىر ئاغىنەمدىن تېلېفۇن كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاغىنەمگە تېلېفۇن قايتۇردۇم:
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! _ دېدىم تېلېفۇن ئۇلىنىشىغىلا.
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاداش، ئىستانبۇلدىن 2000 تال تەشۋىقات ۋارىقى سالدۇرغان، ئەتە شۇنى تارقاتماقچى، سىلىمۇ چىقىشىپ بىرەلەمسىلە يا؟ _ دېدى ئاغىنەم گەپ باشلاپلا.
_ ئاداش مەن ماتېرىيال تەييارلاۋاتقان، بەكلا ئالدىراش، شۇڭا چىقالماسمەنمىكىن.
_ تەشۋىقات ۋارىقىنى تارقىتىۋېتىپ كېرىپ يازساڭلا بولىدىغۇ ئۇ نەرسىلەرنى.
_ سىلە جىسمانىي ئەمگەك قىلىۋېتىپ كىرىپ ئەقلىي ئەمگەك قىلغاننى نەدە كۆرگەن؟ تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ ھېرىپ كىرگەندە بىر نەرسە يازغۇسى كىلەمدا؟ باشقا بالىلار يوقمىكەن، شۇلارغا دېمىدىڭلارمۇ؟
_ باشقا بالىلارغىمۇ دېدىم، بەزىلىرىنىڭ باشقا ئىشى باركەن، ئادەم جېقراق بولسا ياخشىتى.
_ ھممم، ئەمىسە، مەن ئەتە چۈشكىچە بىر ئەھۋالغا قاراپ باقاي، ئىشلىرىمنى تۈگىتەلىسەم، چىققۇدەك ۋاقىت بولسىلا، سىلىگە تېلېفۇن قىلاي، بىلىسىلىغۇ، مەن بۇنداق ئىشلاردىن قاچىدىغان بالا ئەمەس.
_ ھە بولىدۇ، ئەمىسە، ئەتە كېلەلەيدىغان بوپ قالساڭلا تېلېفۇن قىلىڭلا، ئەمىسە، خۇش، خۇدايىمغا ئامانەت.
_ ھە بولىدۇ، خۇش ئاللاھقا ئامانەت.
مانا مۇشۇنداق دىئالوگلاردىن كېيىن ئاغىنەم بىلەن خوشلاشتىم. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئىستانبۇلدىكى بىر بۆلۈك پىداكارلارنىڭ «ئاقساراي» تور بېتىدىكى ئىمزا سانىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن، كۇچىلارغا چىقىپ تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. بۇ ئىمزا سانىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن تور دۇنياسىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ھاردىم-تالدىم دېمەي، ئۈن-تىنسىز تېرىشىۋاتقان يەنە بىر بۆلۈك پىداكارلارنىمۇ بىلەتتىم. مەن ئۆزۈممۇ فېيسبۇك، تېۋىتېر، ۋاتسئاپ… دېگەندەك بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىمنى ئىشقا سېلىپ، ئىمزا تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغان ئىدىم. بار-يوق دەسمايەم تۈگىگەنىدى. بىرلا قىلمىغان كۇچىغا چىقىپ تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش قالغانىدى.
تۈنۈگۈن كېچە ماتېرىيال تەييارلايمەن دەپ بەك كەچ ئۇخلىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈن ئەتتىگەن ۋاخچە ئويغىنىپتىمەن، يەنە كېلىپ قەۋەتلا ھارغىن. ناماز ئوقۇپ، ناشتا قىلىپ، كەيپىياتىمنى تەڭشەشكىمۇ بىر ئاز ۋاقىت كەتتى. تېلېفۇنۇمنى ئېچىپ ۋاتىسئاپقا قارىدىم، ئۇچۇرلار يىغىپ كەتكەنىدى. فېيسبۇكقا قارىدىم، ئىستانبۇلدا بالىلار كۇچىلارغا چىقىپ كۈچەپ تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىۋاتقانىدى. جاھاننى بىر تاسقىۋەتكەندىن كېيىن، كومپىيۇتېرىمنى ئېچىپ، تۈنۈگۈن ئاخشام چالا قالغان ئىشلىرىمنى قىلىشقا باشلىدىم. بىر ھازا كومپىيۇتېرغا شۇڭغۇپ بىر نەسىلەرنى يازغاندىن كېيىن، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئالەم بىر چاغ بوپ كېتىپتۇ. پىشىنمۇ ئوقۇماپتىمەن، قۇساقمۇ ئېچىپ كېتىپتۇ. ئىش ھېچ تۈگەيدىغاندەكمۇ ئەمەس. شۇڭا «بولدى، ناماز ئوقۇپ، تاماق بىي يىييا»، دەپ كومپىيۇتېر ئالدىدىن قوپتۇم.
نامازنى ئوقۇۋېتىپ، تاماقنى يىۋېتىپ، سائەت ئۈچلەرگە يېقىن كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلدىم. تېلېفۇنۇمنى ئېچىپ ۋاتىسئاپقا قارىسام ئىمزا تەشۋىقاتى قايناپ كېتىپتۇ. تور دۇنياسىدا ھەرىكەت قېلىۋاتقان پىداكارلىرىمىز تور بەتلەرنى ياساپ ئۆلگۈرتۈپ، ئىمزا تەشۋىقاتلىرىنى چىقىرىپ تارقىتىۋېتىپتۇ؛ كۇچىلاردىكى پىداكارلىرىمىز دادىللىق بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىۋېتىپتۇ. خۇددى ھەممە ئادەم ئىمزا توپلاۋاتقاندەك، ئىمزا توپلاش خەلق جېڭىگە ئايلانغاندەك بىلىندى. «ئاز قالدى، بىر غەيرەت قىلايلى قېرىنداشلار، 80 مىڭدىن ئاشتى، 85 مىڭگە ئاز قالدى، 90 مىڭ بولدى، بىر كۈچەيلى»… دېگەندەك سۆزلەر ھەممە يەردە ئۇچۇپ يۈرەتتى.
قۇلۇم ئىشقا بارمىدى. خىيالىمغا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىۋاتقان بالىلار كىلىۋالدى. يۈرىكىمدىن سوراپ باقتىم، ئۇنىڭمۇ تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقۇسى بار ئىكەن. «بوپتۇ، بىزمۇ تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتايلى، قېنى كۇچىغا چىقىپ، نەق مەيداندا تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقاندىكى ھېسسىيات قانداق بولىدىكەن بىر سىناپ باقايلى» دېدىم يۈرىكىمگە. شۇنداق قىلىپ، بىردەم بولسىمۇ، بىر تال بولسىمۇ، ۋەتەن ئۈچۈن كۇچىغا چىقىپ، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش قارارىغا كەلدۇق-دە، ئاغىنەمگە تېلېفۇن قىلدىم:
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھە ئاداش قانداق ئىشلار، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىۋاتامسىلەر يا؟ تۈگىمىگەندۇ؟
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھە تارقىتىۋاتىمىز، ھازىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كەلگەن، تېخى بار.
_ ھە مەنمۇ تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتاي دېدىم. ئۆيدە ئولتۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، ئىشلىرىممۇ بىر قۇر تۈگىدى، قالغىنىنى ئەتە-ئۆگۈن قىلارمەن.
_ ھە كېلىڭلا ئەمىسە، ئوبدان ئويلاپسىلە، بولسا تارقىتىشىپ بېرىڭلا.
_ سىلە ھازىر نەدە، قىزىلئايدىمۇ يا؟
_ قىزىلئايغا ئەتتىگەن بارغان، ساقچىلار قوغلاپ تۇرغۇزمىدى، ھازىر قۇرتۇلۇش باغچىسىنىڭ يېنىدا، مۇشۇ يەرگە كېلىڭلا، بىز بىر يەرگە ماڭغىلى تەييارلانغان، سىلىنى ساقلايلى.
_ ھە بولىدۇ، مەن بېرىپ ئۇچۇر قىلاي.
شۇنداق قىلىپ، ئۈستى-بېشىمنى تۈزەشتۈرۈپ، سومكامنى ئېسىپ قۇرتۇلۇش باغچىسىغا ماڭدىم. يولدا ئوقۇيمەن دەپ، يېڭىدىن سېتىۋالغان «بەياز زامباكلار ئۈلكەسىندە» (ئاق پىيازگۈللەر دۆلىتىدە) دېگەن كىتاپنى ئېلىۋالدىم.
مىللىي كۈتۈپخانىدىن مېتروغا ئولتۇرۇپ، قىزىلئايدا مېترو ئالمىشىپ، قۇرتۇلۇش باغچىسىغا بارماقچى ئىدىم. يولدا خىيالغا چۆكۈپ كەتتىممۇ ياكى باغچىنىڭ ئىسمىنى خاتا تۇتۇۋالدىممۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ، مېتروغا خاتا ئالمىشىپ ئۇلۇستىكى ياشلىق باغچىسىغا بېرىپ قاپتىمەن. بالىلارغا تېلېفۇن قىلدىم:
_ مەن ئۇلۇستىكى باغچىغا كەلدىم.
_ ۋوي، ئاداش، ئۇ يەردە نىمە قىلىسىلە دەيمە، بىز قۇرتۇلۇش باغچىسىدا، ئۇ يەر دېگەن ياشلىق باغچىسى، ئەمدى سىلە قىزىلئايغا قايتىپ ئانكارايغا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كېلىڭلا.
_ ئاللا، ھە بولىدۇ، مەن مۇشۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.
شۇنداق قىلىپ، قىزىلئايغا قايتىپ كېلىپ، ئانكارايغا ئالماشتىم. ئالدىراشچىلىقتا قۇرتۇلۇش باغچىسىغا بارىدىغىنىغا ئەمەس، قۇرتۇلۇش باغچىسى تەرەپتىن كەلگىنىگە چىقىۋاپتىمەن. ماڭىدۇ، ماڭىدۇ، ھېچ باغچىغا كەلمەيدۇ. بىر چاغدا قارىسام ئاخىرقى بىكەت بولغان ئاشتې ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتىدە تۇرىمەن. ئالە شەرىڭنى، «ئالدىرىسىڭىز، بىر دەم ئولتۇرۇڭ»، دېگەن شۇ-دە. بالىلار ئالدىراتقانسېرى، ما ئىشنى كۆرۈڭ. «بومۇ بولغىنى» دېدىمدە، سومكامدىن «بەياز زامباكلار ئۈلكەسىندە» دېگەن كىتابىمنى چىقىرىپ ئوقۇشقا كىرىپ كەتتىم. بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن، ئانكاراي مېتروسى قۇرتۇلۇش باغچىسىغا ئاخىرى كەلدى.
مېترودىن چۈشۈپ بىكەتتىن چىقسام، ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ بوپتۇ. مەن بىر توپ بالىلار بىر يەردە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. نەدىكىنى، ئاغىنەم ئايالى بىلەن مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. ساقچىلار توپلىشىپ تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىشقا قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممەيلەن ئۆزىگە تېگىشلىك تەشۋىقات ۋارىقىنى ئېلىپ، ئۆز ئالدىغا تارقىتىش ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئاغىنەممۇ ماڭا بېرىدىغاننى بېرىۋېتىپ، مەھەللىسىگە كېتىپ، قالغىنىنى شۇيەردە تارقاتماقچى بولۇپ تۇرۇپتىكەن. ئاغىنەم قۇلۇمغا بىر تۇتام تەشۋىقات ۋارىقىنى تۇتقۇزۇپ قويدى:
_ ئەمىسە، مۇشۇنى يولدا كەتكەچ، ياكى مەھەللەڭلىگە بېرىپ تارقىتىۋېتىڭلا.
_ سىلە قانداق تارقاتتىڭلا، تېخى بىللە تارقىتارمىزمىكى دېگەن، يالغۇز قانداق تارقىتارمەن، مەن قىلالمايدىغان ئىشلاردىن بىرى مۇشۇتى.
_ ئەتتىگەن ھەممىمىز قىزىلئايغا يىغىلىپ تارقاتقان، ساقچىلار قويمىدى، رۇخسەت ئالىسەن دەيدۇ، شۇڭا ئايرىلىپ تارقاتتۇق. بىزمۇ باشتا تارتىنىپ، كېيىن تارقىتىۋەردۇق. سىلىمۇ تارقىتالايسىلەر، بولمىسا مېتروغا چىقىپ، خەققە قارىماي ئېتىكىگە تاشلاپ قۇياپ، ما ياقتىن ئا ياققا، ئا ياقتىن ما ياققا بىر ئايلانساڭلار، بىر دەمدە تۈگەيدۇ…
_ ھە، تامام، قېنى بىر سېناپ باقاي، لېكىن…
ئەسلىدە مەن بالىلارنى مېنى ساقلا دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقاچ تۇرىدۇغۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. يەنە يولدا ئېزىپ-تېزىپ، قىززىق ئىش بولدى. ئۆزۈممۇ تارتىنچاقراق بىر بالىتىم. شۇڭا تېخى ھەممىمىز بىللە تارقىتىمىزغۇ دەپ بارغان. شۇڭا بىر تۇتام تەشۋىقات ۋارىقىنى قۇلۇمغا ئالغاندا، مۆرەمگە بىر دۆۋە تاشنى ئالغاندەك بولدۇم. كېچىككىنە بىر تۇتام تەشۋىقات ۋارىقى شۇ قەدەر ئېغىر ئىدى. ئاغىنەم كەتكەندىن كېيىن، ئۇ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى خەقلەرگە تەڭلىيەلمەي كۆرمىگەن كۆنۈم قالمىدى. ئىشنىڭ قىززىقى ئەمدى باشلانغانىدى…
قاراڭغۇ چۈشۈپ، شەھەر چىراقلىرى يېنىپ بولغانىدى. كىشىلەر ئالدىراش ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈۋاتاتتى. ئالدى بىلەن ئۇدۇل كەلگەن بىر قانچە كىشىگە تەشۋىقات ۋارىقى تەڭلەپ باقاي دېدىم. لېكىن قۇلۇم بارمىدى. قانداقتۇر بىر كۈچ ۋۇجۇدۇمنى قورۇپ، قۇلۇمنى تۇتۇۋېلىۋاتاتتى. «مېتروغا چىقىپ شۇيەردە تارقىتايمۇ يا» دەپ مېترو بىكىتىگە كەلدىم. ئۇ يەر بىر ئاز قاراڭغۇ ئىدى. مېترو بىكىتىگە كىشىلەر كىرىپ-چىقىپ تۇراتتى. «مۇشۇلارغا تارقىتاييا بولمىسا» دېدىم-دە، مېترو بىكىتى ئېغىزىدا توختىدىم. قۇلۇم ھېچ كىشىلەرگە ئۇزىرايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. يىراقتا يۇرۇق بىر جاي كۆرۈندى. «ئاۋۇ يەرگە بېرىپ تارقىتايمۇ يا» دېگەن بىر تۇيغۇ كەلدى. شۇ تەرەپكە باردىم. ئۇ چىراق نۇرى ئېنىق چۈشۈپ تۇرىدىغان تۆت كۇچا ئېغىزى ئىدى. ئادەملەر ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ تۇراتتى. ئالدىراش ئىدى. بىرەرسىنىڭ ماڭا قاراشقا چۇلىسى تېگىدىغاندەك كۆرۈنمەيتتى. يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ساقچىلار كۇچا چارلاۋاتاتتى. خۇددى بۇ ساقچىلار ماڭا قاراۋاتقاندەك، مەن بۇ كېچىدە بۇيەردە تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتسام، ئۇلارغا خاتا تەسىرات بېرىپ قۇيىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. كىشىلەرگە بىر تەڭلەپ باقاي دېدىم-يۇ، يەنە ئىكىلىنىپ قالدىم. «بولدىلا، مېتروغا چىقىپ تارقىتاي»…
مېتروغا چىقىپ، ۋاگۇننىڭ بېشىدا تېلېفۇن ئويناپ ئولتۇرۇۋاتقان بىر قانچە بالىدىن باشلىماقچى بولدۇم-دە، تارتىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا تەشۋىقات ۋارىقىنى ئۇزاتتىم:
_ ئاركاداشلار، باكارمېسېنېز، بىر ئىمزا ئىستىيورۇم.
_ تې _ قىلدى كۆزىنى ئالايتىپ.
بۇ تۈركلەرنىڭ «ياق» دېگىنى ئىدى. چۇقامدىن تۈتۈن چىقتى. ياندىكى ئورۇندۇقتىكىلەرگە تەڭلىدىم. ئۇلارمۇ «ياق» دېگەن مەنىدە بېشىنى چايقىدى. خورلۇق ھېس قىلدىم. نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي، ئىختىيارسىز ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم. قۇلۇمدا بىر تۇتام تەشۋىقات ۋارىقى، كاللام قۇپقۇرۇق. مېترونىڭ تۇتقۇچىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ئويلىنىشقا باشلىدىم. «قانداق قىلاي، ھېچكىمنىڭ چىرايىغا قارىماي، گەپمۇ قىلماي ئېتىكىگە تاشلاپ قۇيۇپ چۈشۈپ كىتەيمۇ يا؟ ئۇنداق قىلسام، خەقلەر بىزار بولمامدۇ، ياق، بۇنداق قىلسام، بولمايدۇ». مېترو بىر بىكەتتە توختىدى. ئۆزۈممۇ مەقسەتسىزلا مېترودىن چۈشۈپ قالدىم. بىكەتتە مېترو ساقلاپ تۇرۇۋاتقان بىر مۇنچە كىشىلەر بار ئىدى. «توختا، مۇشۇلارنىڭ قۇلىغا بىردىن تۇتقۇزۇپ قۇيايمۇ يا» دەپ، بىرەيلەننىڭ يېنىغا بېرىپ توختاپ قالدىم. پۈتۈن جاسارىتىم ۋە قىزغىنلىقىم بايام مېترودا رەت قىلىنىش تۈپەيلى يۇقىغاندەك قىلاتتى. ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردۇم. قارىسام بوش ئورۇندۇقلار خېلى كۆپ تۇراتتى. كاللامغا بىر خىيال كەلدى. «ھەممە ئورۇندۇققا بىر تالدىن تەشۋىقات ۋارىقى قۇيۇپ قويسام، كىشىلەر كېلىپ ئولتۇرۇشتىن ئاۋال قۇلىغا ئېلىپ، مېترو كەلگۈچە ئوقۇسا قانداق بولار». بەلەن چارىدەك بىلىندى. بىر قانچە ئورۇندۇققا تەشۋىقات ۋارىقى قويۇۋېتىپ، ئەقلىمدىن باشقا نەرسىلەر كەچتى. توختا دەپ قارىسام، ھەممە تەرەپ كامېرا. خۇددى مېنى كۆزۈتۈۋاتقاندەك تۇيۇلدى. توختاپ قالدىم. «بۇمۇ بولمايدىغان چارىكەن، تازىلىق ئىشچىسى يىغىپ-يىغىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتسە، نېمە پايدىسى؟ يەنە كۆزىتىش ئۆيىدىكىلەر نېمە تارقىتىۋاتىسىەن دەپ ۋارقىراپ كەلسىچۇ؟»… دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
قانداق قىلىش كېرەك؟ يەنە مېتروغا چىقتىم. مېترودا ئادەم بەك كۆپ ئەمەس ئىدى. بىر بۇجەككە بېرىپ ئولتۇردۇم. كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم تەشۋىقات ۋارىقى تەڭلەپ باقاي دېدىم. بىراق پېتىنالمىدىم. سۇلغۇن بىر شەكىلدە نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرۇۋاتىمەن. مېترو ھەر بىكەتتە بىر قېتىم توختاپ مېڭىۋاتىدۇ. ئادەملەر چىقىپ-چۈشۈۋاتىدۇ. شۇ شەكىلدە مېترونىڭ ئاخىرقى بىكىتىگە كەپ قالدۇق. بۇ يەر ئۆيگە يېقىن ئىدى. چۈشۈۋېلىپ ئۆيگە مېڭىپ كىتەي دېدىم. بىراق، چۈشۈشكە رايىم يوق ئىدى. ئولتۇردۇم. تۇرۇپ ئەقلىمگە بوش ئورۇندۇقلارغا ئادەم چىقىشتىن بۇرۇن دەرھال تەشۋىقات ۋارىقى قۇيۇپ قۇيۇش كەلدى. بىراق ئۆلگۈرەلمىدىم. مېترو بىكەتتە توختاپ بولغۇچە، كىشىلەر مېتروغا قۇيۇلدى. قاراپ ئولتۇردۇم. كىشىلەر تولىمۇ ھارغىن كۆرۈنەتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇ كىشىلەرگە تەشۋىقات ۋارىقى تەڭلەشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. «مەھەللەم تەرەپكە بېرىپ تارقىتايمىكى يا» دەپمۇ ئويلۇدۇم. مېترو قوزغالدى. مەن كىتاپقا چۆمدۈم…
قىزىلئايغا قايتىپ كەلدىم. مېترودىن چۈشتۈم. تۇلىمۇ ھارغىن ئىدىم. بىر خىل مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ۋۇجۇدۇمنى قاپلىۋالغانىدى. كۆڭلۈم مەسچىتنى تارتتى. ئاللىقاچان خۇپتەن ۋاقتى بولۇپ بولغانىدى. مەسچىتكە كىردىم. سومكامنى تاشلاپ ئارام ئالدىم. توغرىسى مۇڭلىنىپ ئولتۇردۇم. كىچىكىمدىنلا، ھېرىپ قالسام، غەم بېسىۋالسا مەسچىتكە كىرىپ ئارام ئالاتتىم ياكى مۇڭغا پاتاتتىم. ئىشقىلىپ مەسچىت ماڭا بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. بىر ھازادىن كېيىن، ئورنۇمدىن تۇرۇپ خۇپتەن ئوقۇدۇم. ئاڭغىچە، مەسچىتتە ئادەممۇ قالمىدى. مەسچىت باشقۇرغۇچىلارمۇ مەسچىتنى تاقاشقا تەمشەلدى. سومكامنى ئېسىپ مەسچىتتىن چىقتىم. ئايىغىمنى قايسى تۈشۈككە قويغىنىم ئېسىمدە يوق. بىر دەم تۈشۈك ئارىلىدىم.
ئايىغىمنى ئىزدەۋاتسام تۈركچىنى چالا-پۇلا سۆزلەيدىغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى ئەھۋال سوراپ قالدى. مەنمۇ ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم. ئۇ كىشى چالا تۈركچىسى بىلەن ماڭا بىردەم «دۇنيانىڭ ئەرزىمەسلىكى، ئاخىرەتنىڭ مۇھىملىقى» ھەققىدە ۋەز سۆزلىدى. ئەسلى مەقسىدى مەندىن پۇل سورىماقچى ئىكەن. دېيىشچە، ئۇ سۈرىيەلىك ئىكەن. دىنىي ئىلىم ئۇقۇغانىكەن. ئۇرۇشتا ئايالى ۋە ئىككى بالىسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ھازىر بايامقى مەسچىتتە مۇئەززىنلىك قىلىدىكەن. ئەتتىگەندىن بۇيان «تۈزۈك بىر نەرسە يىمىگەنلىكىنى» ئېيتتى. مەن ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ، يېنىمدىن ئىككى لىرا چىقىرىپ تەڭلىدىم. دۇئا قىلىپ قالدى. ئويلاپ قالدىم. «بۇ كىشىنىڭ كۈنى مېنىڭكىدىن تەس ئىكەن، بۇ كىشىنىڭ بېشىغا مېنىڭكىدىن ئېغىر مۇسىبەت كەپتۇ، مۇشۇ كىشى مەندىن پۇل تىلىيەلىگەن يەردە، مەن نېمىشقا خەقلەردىن ئىمزا تىلىيەلمەيمەن، توختا، بۇ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى بۈگۈن تارقاتماي بولمايدۇ».
ئۇ كىشىدىن ئايرىلىپ باشتا دېگەن ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن، قىزىل ئايدىكى باسمىخانىلارغا باردىم. ھەممىسى تاقىلىپ بوپتۇ. بەكلا كەچ بوپ كەتكەن چېغى. شۇنىڭ بىلەن، بايام كەلگەن جاسارەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆيگە قايتقاچ مېترودا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش قارارىغا كەلدىم. قىزىلئايدىن مەھەللىنىڭ مېتروسىغا چىقتىم. كىشىلەرنىڭ تەلەتىگە بىر قاراش بىلەن بايامقى جاسارەت يەنە قاچتى. تەشۋىقات ۋارىقىنى سومكامدىن چىقىرىپ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تەڭلىيەلمىدىم. خىجىل بولدۇم. رەت قىلىنىشتىن قورقتۇم. تۇرۇپ ئۆزۈمدىن قاخشايتتىم: «يارىماس، شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالماي، قانداق چوڭ ئىش قىلىسەن؟…». تۇرۇپ ئۆزۈمنى بەزلەيتتىم: «بۇ دېگەن ئۇنچىۋالا يۇغان ئىش ئەمەس، ئۆزۈڭنى زورلاپ نېمە قىلىسەن؟ تارقاتقۇڭ كەلمىسە، ئۆيگە ئاپىرىپ تاشلاپ قويمامسەن بۇ قەغەزلەرنى، بۇنچىلىك تەشۋىقات ۋارىقى ئىمزاغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەتتى؟ بۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى قىلساڭ بولىدۇغۇ؟ بۇ دېگەن ئادەتتىكى كىشىلەر، كېچىك بالىلار قىلىدىغان ئىش تۇرسا…».
ئەنە شۇنداق ئىرماش-چىرماش خىياللار بىلەن مېترو بالگاتقا يېقىنلاشتى. مېترودىن مىللىي كۈتۈپخانا بىكىتىدە چۈشۈپ قالدىم. بىكەتتىن چىقىپ ئۆيگە مېڭىشقا كۆڭلۈم ھېچ ئۇنىمىدى. ئىچىمدە بىرى گەپ قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پىچىرلاشتىم:
_ بەك كەچ بوپ كەتتى، ئۆيگە قايت.
_ ياق، بۇ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتماي تۇرۇپ ئۆيگە قايتمايمەن.
_ ئەتە بىر گەپ بولسۇن.
_ بۈگۈن تارقىتىش كېرەك.
_ يا تارقىتالمىساڭ، تارتىنىپ يا خەققە تەڭلىيەلمىسەڭ؟
_ بۇ مەندىكى پىسخىك ئاجىزلىق، بۇنى چۇقۇم يېڭىشىم كېرەك. بۇ دېگەن ئەڭ ياخشى چېنىقىش پۇرسىتى.
_ ئەمىسە، مىللىي كۈتۈپخانىنىڭ ئالدىدا بىر سېناپ باق، بۇ قېتىم غەلىبە قىلساڭ، ئەجەپ ئەمەس.
_ بولىدۇ، قېنى بىر ئۇرۇنۇپ باقاي.
شۇنداق قىلىپ. مىللىي كۈتۈپخانىنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدىم. كۈتۈپخانىدىن چىقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىش ئۇيۇم باتتى. مىللىي كۈتۈپخانىنىڭ ئالدىغا باردىم. بەك كەچ بولغاچ تۈزۈك ئادەم كۆرۈنمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراڭغۇ ئىدى. «بۇ يەرمۇ بولمايدىكەن» دەپ كەلگەن يولۇمنى بويلاپ ئارقامغا قايتتىم. بىكەتكە يېقىن يەردىكى تۆت كۇچا ئېغىزىنىڭ بىر بولۇڭىدا توختىدىم. چىراقلارنىڭ نۇرىدا يۇرۇپ تۇرىدىغان بىر يەر ئىدى. يولدىن ماشىنىلار ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. مەن پىيادىلەر يولىنىڭ ئوتتۇرىسىىدا ئىدىم. ئىككى تەرىپىمدىن كىشىلەر ئالدىراش ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. يەنە ئوخشاش تۇيغۇ. ھېچكىمنىڭ ماڭا قاراشقا چولىسى باردەك قىلمايتتى. بىردەم ئادەملەرنىڭ كېلىش-كېتىشلىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. «ما يەردە تارقىتايمۇ-يا، ئا يەردە تارقىتايمۇ-يا» دەپ يۈرۈپ، كېچىككىنە 50-60 مېتىرلىق دائىرە ئىچىدە ئىككى-ئۈچ پىقىرىدىم. ئاران غەيرەتكە كېلىپ بىر-ئىككىيلەنگە تەڭلىسەم، قارىماي كېتىپ قالدى. ئەرۋاھىم ئۇچتى. «بولدى، كىتەييا» دەپ ئون قەدەم سېلىپ بولۇپ يەنە ئارقامغا ياندىم. بۇ قېتىم ئاچچىقىم كەلگەنىدى…
_ باكارمېسېنېز،_ ئۇۇۇف، خۇداغا شۈكرى ئاخىرى بىر كىشى قۇلىغا ئالدى.
_ نە بۇ؟
_ ئوكۇرسۇنۇز بىلىيورسۇنۇز، ئوكۇيۇپ، بى ئىمزا ئاتمانېزې ئىستىيورۇز.
_ ئېي ۋاللا.
شۇنداق قىلىپ، ئۆتكەن-كەچكەننىڭ ئالدىغا تەڭلەپ ئاپىرىۋەردىم.
_ باكارمېسېنېز،
_ باكارمېسېنېز،
_ باكارمېسېنېز
_ …….
بەزىلەر قاراپمۇ قويمايتتى. بەزىلەر چىرايلىقچە «تەشەككۈرلەر» دەپ رەت قىلاتتى. قىززىق يېرى بىرى ئالسا، ئۇنى كۆرگەن بىر مۇنچە كىشى ئالاتتى. بىرى ئالمىسا ھېچبىرى ئالمايتتى. ھەتتا بەزىلەر ئالدىغا تەڭلەنگەن تەشۋىقات ۋارىقىغا نەزەر سالماي ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىش بىلەن ماڭا نوچىلىقىنى ھېس قىلدۇرۇۋاتقاندەك بىلىنەتتى.
بىراق مەن ئەمدى رەت قىلىشلارغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. چىرايلىق مۇدا قىزلاردىن تارتىپ، سالاپەتلىك ئەرلەرگىچە ھەر كىمنىڭ ئالدىغا تەشۋىقات ۋارىقىنى ئۇزىتىۋېرەتتىم. ئالمىغانلارغا «ئالمىسىڭىز ئالماڭ، ئىچىدە نېمە يېزىلغانلىقىنى بىلمەيسىز-دە، بولمىسا چۇقۇم ئالاتتىڭىز» دەپ كۆلۈپ قۇياتتىم. تەشۋىقات ۋارىقىنى ئوقۇغاندىن كېيىن كەينىگە يېنىپ كېلىپ، قۇلۇمنى چىڭ سېقىپ «ئاللاھ ياردېمجېنېز ئولسۇن، ئىيى ئولۇر ئىنشائاللاھ» دېگەنلەرمۇ بولدى. قانداقلا بولمىسۇن، رەت قىلىنىشتىن خورلۇق ھېس قىلىش ئورنىغا، ئىللىق كۆلۈپ قۇيىدىغان بولدۇم. بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدۈم. قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ «مەن يەڭدىم» دەپ پەس ئاۋازدا توۋلاپ قۇياتتىم. تېخى نەق مەيداننى قىسقا بىر ۋېدىئوغا ئېلىپ، ھېسسىياتلىرىمنى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پىداكارلارغا رەھمەت ۋە سالام يوللاپ، فېيسبۇكتا ھەمبەھىرلەپمۇ ئۆلگۈردۈم.
قۇلۇمدىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرى ئاستا-ئاستا ئازلاۋاتاتتى. «ھەممىنى تۈگەتمىگۈچە قايتمايمەن» دەيتتىم ئۆزەمگە. قوللىرىم لەرزان ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. مېترودىكى تارتىنچاقلىقتىن ھېچبىر ئەسەر يوق ئىدى:
_ باكارمېسېنېز،
_ باكارمېسېنېز،
_ باكارمېسېنېز،
_ …
تەشۋىقات ۋاراقلىرى بىر-بىرلەپ قۇلۇمدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى. ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تەشۋىقات ۋارىقى قۇلۇمدىن چىقىشى بىلەن بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدۈم. بىر خىل خۇشاللىق ۋە لەززەتنىڭ تەمىنى تېتىدىم. ئاخىرى غەلىبە قىلغانىدىم، ئۆزۈمدىكى پىسخىكىلىق ئاجىزلىق ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنىدىم.
ئەمدى ئۆيگە قايتسام بولاتتى. ئەمدى ئۆيگە قايتسام ئارامخۇدا ئۇخلىيالايتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ كېتىۋاتىمەن. پۇت-قوللىرىم لەرزان ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ. ۋۇجۇدۇم بىردىنلا يەڭگىللەپ قالغانىدى…
2018- يىلى، 11- ئۆكتەبىر، ئەنقەرە