2020-يىل 23-دېكابىر

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى سايلام رىقابىتىنىڭ قۇربانى قىلىنماسلىقى كېرەك

By Oychan

ئويچان

 

تۈركىيەدىكى پارتىيەلەرنىڭ سايلام يېغىلىشلىرىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ بېرىش، تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە تەرەبدارلىق قىلىش مېنىڭ نەزىرىمدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈۋەن چۈشۈرگەنلىكتۇر. بىزنىڭ داۋايىمىز بىر دۆلەتنىڭ داۋاسى بولغانىكەن، سىياسىي پارتىيە رىقابىتىدىن يىراق تۇرۇپ، پارتىيەلەر ئۈسىتى سىياسەت يۈرگۈزۈش كېرەك. شۇڭا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت خارەكتېرلىق پائالىيەتلەردە ياكى پارتىيە ھالقىغان سىياسىي پائالىيەتلەردە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئۇيغۇن دەپ ئويلايمەن.

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بۇ جەھەتتە ئىزچىل خاتالىق سادىر قىلىپ كەلدى. مەسىلەن: 16- ئاپرېلدىكى ئاساسىي قانۇنغا ئاۋاز بېرىشتە تەشكىلات بۇيىچە تەرەپ تۇتتى. ئۆتكەن يىلقى رەئىسلىك سايلىمىدا ھەتتا بەزى ئۆلىمالار ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاق پارتىيەگە بىلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلدى. ھەر ئىككى قېتىمدا تەنقىدلەرگە پەرۋا قىلمىدى. كېيىن قانداق بولدى؟ بۇنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەپسۇسلىنارلىقى، يېقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ دېگەندەك، يەنە بۇرنىغا سۇ كىرمەستىن، ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلاۋاتىدۇ.

ئىككى يىلدىن بۇيان سۈكۈت قىلغان، بەلكى توغرىسى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن ئەردوغان ھۆكۈمىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تۈركىيە جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ خىتتايدىن جازا لاگىرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەردۇغاندىن ئۈمىد كۆتۈپ تاقىتى تاق بولغان ئۇيغۇرلار بىر ئاز تەسكىن تاپقان بولدى.

ئىككى يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەنقەرەگە تۇلا قاتراپ تاپىنى تېشىلىپ كەتكىنىنى ئوبدان بىلىمىز. ھەتتا كۆرۈشۈشنى تۇلا رەت قىلىپ يېقىن يۇلاتمىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز. دېمەك، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا ھۆكۈمەت ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، بۇ قېتىم نېمىشقا ئېغىز ئاچىدۇ؟ جاۋابى ئىنتايىن ئاددى: تۈركىيە خەلقىدىن سادا چىققىنى ئۈچۈن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قۇلىدا سايلام بېلىتى بار-دە.

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى چارىسىزلىقىنى نامايەن قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇيغۇرلار توغرا يولنى تاپتى. ئۇ بولسىمۇ: تۈركىيە خەلقىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. پەقەتلا تۈرك خەلقى قوللىغاندىلا، ئاندىن تۈرك سىياسەتچىلىرى كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تۈركىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ پەلەستىننى قوللىشى ھەرگىزمۇ ئەرەپلەرگە ئامراق بولغانلىقى ياكى پەلەستىننىڭ مۇقەددەس جاي بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقىلى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى دۆلەت داۋاسى. شۇڭا ئۇ پارتىيەلەر ئۈستىدە تۇتۇلۇشى شەرت. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىن باشلىغان بۇ لېنىيە كېيىنكى ۋارىسلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ، بىر دۆلەتنىڭ داۋاسى بولۇشتىن چىقىپ، پارتىيە جىدىلىنىڭ قۇربانى قىلىندى. بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى جان بېقىش قۇرالىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. كىم مەنپەئەت بەرسە، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن لەپىلدىتىپ بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى يېقىندا ئىزىغا چۈشۈپ، تۈركىيە خەلقىگە يۈزلىنىشكە باشلىدى. بۇ توغرا لېنىيە ئىزچىل داۋام قىلىشى كېرەك. بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ ھاياجانلىق قۇرۇق گەپلىرى ياكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىككى تۆت تال ئىئانىسى ئۈچۈن بايراق لەپىلدىتىپ بېرىش قايتا تەكرارلانماسلىقى، شەرقىي تۈركىستان داۋاچىلىرى ئۆزىنىڭ جېنىنى ئۆزى ئىشلەپ بېقىشى زۆرۈر. شەرقىي تۈركىستان بايرىقى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن لەپىلدەيدىغان بىر بايراقتۇر. سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قۇربانى قىلىنماسلىقى كېرەك. سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئۇيۇنچۇقى بولۇپ تۈرك خەلقىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە، ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنىمۇ ئويلىشىش لازىم.

ئاخىرىدا شۇنى دېمەكچىمەنكى، قىلغاننى بىلىش كېرەك، ياخشىلىق قىلغاننىلا ئەمەس يامانلىق قىلغاننىمۇ بىلىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، بۈيۈك داۋاچىغا لايىق روھى ئۈستۈنلۈكنى ساقلاش كېرەك. تەشەككۈر ئېيتىش ياخشى ئىش. بىراق تەشەككۈر ئېيتىشنى كەسپ قىلىۋېلىش لايىق ئەمەس. توغرا ئىش قىلىشلا مۇھىم ئەمەس، يەنە ئىشنى توغرا قىلىشمۇ مۇھىم.

 

2019- يىل، 11- مارت، ئەنقەرە