2020-يىل 23-دېكابىر

كونيا ساياھىتىدىن خاتىرىلەر

By Oychan

ئويچان

 

بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئەنقەرەدىكى بالىلار بىلەن كونياغا بىر كۈنلۈك ساياھەتكە بارغان ئىدۇق. ساياھەت ئاساسلىقى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن ئۆتتى. بۇ مەنىدىن بۇنى ساياھەت ئەمەس، «زىيارەت» دېسەكمۇ بولىدۇ. زىيارەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم بىلەن تارتىۋالغان بەزى رەسىملەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي.

جالالىدىن رۇمىنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئىش- ئىزلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۆزۈممۇ رۇھىيەتكە مايىل بىرى بولغاچ، تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنى ياقتۇرىمەن. ماددىنىڭ پۈتۈن يۈكلىرىدىن قۇتۇلۇپ، مەنىۋىيەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ قۇيىدىغان ئادىتىممۇ بار. كۆڭلۈمنى فىزىكىلىق دۇنياغا تارتىپ ئەكىلىپ قويمىسام، تۇرۇپ – تۇرۇپ مېتافىزىكىلىق دۇنياغا قېچىپ كېتىدىغان خۇيىمۇ بار.

گەرچە مەن سۇپى بولمىساممۇ، تەسەۋۋۇپ مەندىن بەك يىراق ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىز يېقىن ئىدى. ئەمەلىيەتتە تەسەۋۋۇپ بارلىق دىنلاردا مەۋجۇت بىر خىل رۇھىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مەنىۋى تەرىپىنى تەكىتلەشتىن كېلىپ چىققان. شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن شەكلەن سۇپى بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇھىمى رۇھىي تىرەنلىك.

تەسەۋۋۇپ ۋە تەسەۋۋۇپ پىشۋاسى رۇمى بىلەن بولغان كۆڭۈل بېغىمىز تۈپەيلى كونيادا كۆرگەنلىرىم ماڭا بەك يېڭىلىق تۇيۇلمىدى. خۇددى بۇرۇن بىر كۆرگەن نەرسىنى قايتا كۆرگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئىمارەتلەرنىڭ مەنزىرە ۋە نەقىشلىرى تېخىمۇ تۇنۇش بىلىندى. خۇددى قەشقەر ياكى خۇتەننى زىيارەت قىلىۋاتقاندەك بولدۇم.

شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى دەپ قەدىرلەۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشمىز ئىكەن. بۈگۈن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يوق قىلىۋاتقان نەرسىلىرىمىز دەل تۈركىيەدە زىيارەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىكەن… رۇمىنىڭ مەقبەرىسى، رۇمى مۇزىيى دېگەندەك ئىمارەتلەردە ئۇچراتقان نەرسىلەر بۇلار ئۈچۈن مىڭ يىللىق ئاسار-ئەتىقە سانالسا، مەن ئۈچۈن قەشقەر، خۇتەننى ئەسلەتتى…

بىز پەقەتلا رۇمىنىڭ يادىكارلىقلىرىنى زىيارەت قىلىپ، باشقا يەرلەرگە بارالمىغاچقىمۇ بىلمىدىم، لېكىن مېنىڭ كۆزۈمگە كونيا پەقەت رۇمى بىلەنلا مەۋجۇت بولۇۋاتقاندەك، ئۇنىڭسىز بىر تاقىر شەھەردەك كۆرۈندى. مەشھۇر بىر ئىنساننىڭ بىر شەھەرگە ھۆسىن قۇشالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كونيا رۇمى بىلەن داڭلىق بوپتۇ. دۇنيا رۇمى تۈپەيلىدىن كونيانى بىلىدىكەن. ساياھەتچىلەر رۇمىنى دەپ كونياغا كېلىدىكەن. كونيا خەلقى ساياھەتچىلەردىن كىرىم قىلىدىكەن. دېمەك، رۇمى ئۆلگەن بىلەن پايدىسى ئۆلمەپتۇ. كونيالىقلار ئۇنى تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىمارەت ياساپ، ھەم رۇمىنى خاتىرلەۋېتىپتۇ؛ ھەم تۇرمۇشىنى قامداۋېتىپتۇ. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن رۇمىدەك داڭلىق بولۇش كېرەكمۇ يا….

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆز ئالدىمغا ۋەتەندىكى خاراپ قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز كەلدى. رۇشەن سېلىشتۇرما ئىدى.

كونياغا چەتئەللىك ساياھەتچىلەر خېلى كۆپ كېلىدىكەن. ساياھەتچىلەرنىڭ ئىچىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ كۆپلىكى دىققىتىمنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ساياھەتچىلەرمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرمۇ ئۇچرىدى. تاۋاپگاھ بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەلىكلەرمۇ كۆپ كېلىدىكەن.

چۈشتە تاماقنى كونيادىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا يىدۇق. ناتونۇش بىر شەھەردە تۇنۇش ئىمارەتلەرنى كۆرۈپ، تۇنۇش تارىخنى ئاڭلاپ، يەنە تۇنۇش لەغمەن – پولۇ يىيىش ماڭا خېلىلا ھۇزۇر بېغىشلىدى. مۇشۇ كۈنلەردىكى غېرىبلىقنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتتى.

كەچكە يېقىن بىر مەيدان «مەۋلانا ساماسىنى» كۆرۈۋېتىپ، رۇمى ھەزرەتلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە باغلانغان بىر باغچىنى ساياھەت قىلدۇق. باغچىنىڭ بىر يېرىدە بىزنىڭ بايرىقىمىز تامغا چاپلاقلىق تۇرىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ نەرىگە بارساق، تۇنۇش نەرسىلەر ئۇچراپ توردى. باغچىنى بىر قۇر ئايلىنىۋېتىپ كونياغا خوش دېدۇق…

ماڭا ئوخشاش بارغانلا يېرىدە، قەيىرى ئاۋات، قەيىرى تەرەققي دەپ ئەمەس ، قەيىرى كونا، قەيىرى خارابە دەپ سورايدىغان بىرى ئۈچۈن، كونيا بولىدىغان شەھەر ئىكەن. ئاللاھقا شۈكرى، مۇساپىرچىلىقتا تەقدىرداش بالىلار بىلەن خۇشال-خۇرام چاقچاقلىشىپ، بىر چاغلاردا ۋەتەندە نامىنى ئاڭلىغان بىر شەھەرگە بېرىپ ئويناپ كەپتىمىز.

ۋەتەندە مەۋلانانى مەنىۋىي ئۇستازى بىلىدىغان دوسلىرىم باتتى. كاشكى شۇلارمۇ مەن بىلەن بىللە بارغان بولسىچۇ! سەپەرنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى…

 

2018 – يىلى، 21- نۇيابىر، ئەنقەرە