مۇھەببەت ـ ئۇ نېمە؟
ئويچان
ئېھتىمال، سىزمۇ مۇھەببەت ئىزدەۋاتقانسىز، تېخى بەزىدە مۇھەببەت دېگەن زادى نېمىدۇ دەپ، سۇراپمۇ قالىدىغانسىز. شۇنداق، دۇنيادا مۇھەببەتكە ئىنتىلمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق، ھەممە ئادەم سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى ئىستەيدۇ، مۇھەببەت قەدىمدىن ھازىرغىچە جەلىپكارلىقىنى يۇقاتماي كەلگەن تىما.
قاراڭ، قانچىلىغان شائىر-يازغۇچىلار مۇھەببەت ئۈچۈن نەزمە قاتتى؛ قانچىلىغان ئاشىق-مەشۇقلار مۇھەببەت ئۈچۈن دەرت تارتتى؛ قانچىلىغان ۋاپادار ئۇغۇل-قىزلار مۇھەببەت ئۈچۈن جاننى بەردى. بىراق، مۇھەببەت ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوبىكتىگە قاراپ پەرىقلىنىدۇ. تۈرلۈك-تۈمەن مۇھەببەتلەر ئىچىدە تىپىك بولغىنى دىين-ئەقىدە مۇھەببىتى، ۋەتەن-مىللەت مۇھەببىتى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، دوس-يار مۇھەببىتى ۋە قىز-يىگىت مۇھەببىتى… قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.
بىلەمسىزكىن، ھەممە مۇھەببەتتە ئاشىق-مەشۇق بولىدۇ، پەقەت قىز-يىگىت مۇھەببىتىدىلا ئاشىق-مەشۇق بۇلامدىكىن دەپ، ئويلاپ قالماڭ. مۇھەببەت ھەرخىل بولغاندەك ئاشىق-مەشۇقلارمۇ بىرخىل بولمايدۇ، مەيلى قايسى خىل مۇھەببەتتە بولمىسۇن، مۇھەببەت ئاشىقتىن مەشۇق ئۈچۈن تاماسىز قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، مۇھەببەتلىك ياشايمەن دەيدىكەنسىز مۇھەببەت ئۈچۈن مىننەتسىز ئەجىر قىلىشىڭىز كىرەك. غەرەزلىك قىلىنغان خەير-ساخاۋەت مەشۇق ئۈچۈن تۈلەنگەن بەدەل بۇلالماس.
توغرا، مۇھەببەت ياخشى كۆرۇش، بىراق، كىمنى، نېمە ئۇچۈن ياخشى كۆرۈش؟ ئۇنتۇپ قالماڭ، مۇھەببەت تارىخىنى يالغۇز پەرھاد-شىرىن، غېرىب-سەنەم، تاھىر-زۆھرەلەر ياراتقان ئەمەس. سىز ئاڭلىغانمۇ، مۇھەببەت تارىخىدا تالايلار تەڭرى سۆيگۈسى ئۈچۈن شەھىد بولغان، تالايلار ئەركىنلىك-ھۆرلۇك ئۈچۈن پىدا بولغان، يەنە تالايلار ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن قۇربان بولغان. ئىنسان ھامان ئۆلىدۇ، ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۆلۈم مۇددىتىنى ئۇزارتىشقىمۇ ئىنسان قۇدرىتى يار بەرمەيدۇ، بىراق چەكلىك ھاياتنى چەكسىزلىك مەنالىرىغا ئىگە قىلىش مۇمكىن. نېمە بىلەن؟ يەنە شۇ مۇھەببەت بىلەن-دە! بۇنداق مۇھەببەتنى ھۇقۇققا تايىنىپ ئىگىلىۋالالمايسىز، مال-دۇنياغا تايىنىپ سېتىۋالالمايسىز، پەقەت ساغلام تەبىيئىتىڭىز بىلەن غەرەزسىز تەپەككۇر قىلغىنىڭىزدا، ئۇ قىممەت قاراش سۈپىتىدە قەلب تۆرىڭىزدىن ئۇرۇن ئالىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇنى قەدىرلەڭ، ئۇنىڭ ئۇچۈن قەلبىڭىزنى پاكلاڭ، ئىخلاس بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭ. شۇنى بىلىڭكى، ئخلاسسىز مۇھەببەت بولماس، ناپاك قەلىبكە مۇھەببەت ھەم سىغماس.
ئايانكى، ئىنسان، ھايات، كائىنات ھەققىدىكى تىرەن پىكىرلەردىن، ئۆزلۈك، ئۆلۈم، ئاخىرەت چۈشەنچىلىرىدىن دىين-ئەقىدە ئاساسىدىكى ئىلاھ سۆيگۈسى مەيدانغا كەلدى؛ ۋەتەن-مىللەتنىڭ تارىخى ۋە كەلگۇسى ھەققىدىكى ئىپتىخار ۋە ئىزتىراپلارنى، ۋەتەن- خەلقنىڭ ئىنسان گەدىنىدىكى ھەققى-ھۆرمىتى ۋە ئىنساننىڭ ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەت-مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇنۇشىدىن ۋەتەن-مىللەت سۆيگۈسى ئوتتۇرىغا چىقتى؛ ئىزگۈ-ياخشىلىق، ۋاپادارلىق، ھەمراھلىق، دوسلۇق ھەققىدىكى چوڭقۇر پىكرىي، يۈزەكى ھېسسىي قاراشلاردىن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، دوس-يار مۇھەببىتى روياپقا چىقتى؛ ئەرلىك جەسۇرلۇق ۋە ئاياللىق لاتاپەتكە بولغان تۇغما ئىنتىلىشلەردىن، جىنسىي غىدىقلاشلار بىلەن قۇشۇلۇپ، ئائىلە شاتلىقى، پەرزەنت ئارزۇسى، ئۈنسى-ئۈلپەت ۋە گۈزەل كەلگۈسى قۇرۇش ئىستەكلىرىدىن قىز-يىگىت سۆيگۈسى ئۆز جىلۋىسىنى كۆرسەتتى… خوش، ئەمدىغۇ مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەنسىز؟!
دېمەك، مۇھەببەت ـ يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ سۆيۈملۈك كونا دۇنياسىغا قىيالماي، ناتۇنۇش يىڭى دۇنياغا ھەيرانلىق بىلەن بېقىشلىرىدىن ھاسىل بولغان ئىڭەلەپ-قىقاسلاپ قىلغان نالىسى.
دېمەك، مۇھەببەت ـ بالىلىق-ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى گۈزەل-شىرىن، ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلاربىلەن خوشلىشىپ، ياشلىقنىڭ ئۈمۈتلۈك، جەلىپكار قاينىمىغا قەدەم تاشلىغان يىگىت ياكى قىزنىڭ ئىزگۈ تىلىكى.
دېمەك، مۇھەببەت ـ مۇشەققەتلىك ھايات مۇساپىسىدە ئۆزىگە يولداش تاپماق بولۇپ يۈرگەن قىز-يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىگە قىيا بېقىشلىرى، ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە سۈرۈشتە قىلىپ، قارشى تەرەپنى چۈشەنمەك بولۇشلىرىدا ئىپادىلەنگەن يۇشۇرۇن مەنا، ئىچكى سېزىم؛ شۇنداقلا يالقۇنلۇق ھېسىيات، ئوتلۇق بېقىش، ئىزگۈ تىلەك، كۈچلۈك ئىھتىياج… ۋاھاكازالارنىڭ تۈرتكىسىدە بىر-بىرىنى ئىزدەۋاتقان قىز-يىگىتلەرنىڭ سائادىتى ياكى قاباھىتى.
دېمەك، مۇھەببەت ـ جۈپلۈك ھاياتىغا قەدەم قۇيۈپ، ئائىلە قۇرغانلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا ھالال جۈپتى بىلەن قۇشۇلۇشنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان بالىسىغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى.
دېمەك، مۇھەببەت ـ يىمەي يىگۈزۈپ، كېيمەي كېيگۈزۈپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانا، بىللە ئۆسكەن، يار-يۈلەك بولغان ئۇرۇق- تۇققان، ئۈلپەت-سىرداش، روھى ھۇزۇر دوست-يار بۇرادەرلەرگە بولغان ئەڭ ئالى ئېھتىرام.
دېمەك، مۇھەببەت ـ باغرى ئىللىق ۋەتەن، مېھرى ئىسسىق خەلق ئارىسىدا ياشاش جەريانىدا، شاتلىقىدىن ئىپتىخارلنىپ، قايغۇسىدىن ئىزتىراپ چىكىپ يۈرۈپ، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرۇن ئالغان ۋەتەن-مىللەت سۆيگۈسى.
دېمەك، مۇھەببەت ـ «نېمە، نېمىدىن، كىم، قانداق، قاچان، قەيەردە، نېمىشقا…» قاتارلىق تۇغما ھەم پەلسەپىۋىي نىدالارنىڭ قىستىشى بىلەن قىلىنغان تىرەن پىكىر، چوڭقۇر سۈكۈنات نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئارىفلىق ماقامىدىكى ئويغىنىش ۋە ئارىفلىق ماقامىغا يەتكەن ئىنساننىڭ ھەقىقەت ئىزدەش يولىدىكى رىيازەتلىرىنىڭ سەمەرىسى بولغان يىگانە ھەق، ۋاجىبەل ۋۇجۇد، تۇنجى سەۋەب ئاللاھنى تۇنۇشتىن قوزغالغان ئىلاھى سۆيگۈسى.
دېمەك، مۇھەببەت ـ ئەجەلنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشتىن كېلىپ چىقىپ گۇناھىغا قىلىنغان تەۋبە، تەسىرلىك دۇئا-تىلاۋەت.
دېمەك، مۇھەببەت…
دېمەك، مۇھەببەت…
ۋاي-ۋۇي نېمىدىگەن كۆپ مۇھەببەت بۇ؟ ھەيران قالماڭ، مۇھەببەت ئەنە شۇنداق تالاي شەكىللەرگە ئىگە، ماھىيىتى بىر نەرسە، ئۇنىڭ تۈرلۈك- تۈمەن شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەيدىغىنى بىردەك «ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش» دېگەن مەنادۇر، ئەمما، مەن سىزگە مۇھەببەتنىڭ بىرخىللا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدۇم خالاس. خەير، ئامان بولغايسىز، مۇھەببەت سىزگە يار بولسۇن!
2010-يىلى، كەچ كۈز، سەھرايى خوتەن