مۇۋەپپەقىيەت بىر خىل تاللاشتۇر
ئويچان تەرجىمىسى
مۇۋەپپەقىيەت دېمەك تاللاش دېمەكتۇر. ئىنسان كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان خىرىسلار ۋە ئۇڭۇشسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەر قاچان ئۆزىنى كۈچەيتىپ تۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. ناۋادا بىز ھاياتتىن مۇكەممەللىك كۈتمىسەك، ئۇ چاغدا ۋاز كېچىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئاشۇ ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى نېرى تۇتالايمىز. بىراق سىز تۇرمۇشنىڭ ۋە خىزمەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلىگۈدەك كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا كۆتۈرۈپ قۇپالمىغۇدەك مۈشكۈلاتلارغا ھامان يۇلۇقىسىز. مەيلى ئۇ ئىقتىسادىي زىيان بولسۇن، دوستلىرىڭىزنىڭ ياكى سۆيگەنلىرىڭىزنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈش بولسۇن، ۋە ياكى تۇرمۇشىڭىزدىكى باشقا ئازابلىق ئىشلار بولسۇن، بۇ خىل ئۇڭۇشسىزلىقلار سىزنى ئۆزىڭىزدىن گۇمانلاندۇرىدۇ ۋە «بۇ ئىشلار بىر كۈنى ئوڭشىلىپ كىتەرمۇ» دېگەن خىياللارغا پاتۇرىدۇ.
قىيىنچىلىق ھامان يۈز بېرىدۇ، ئۇ ھەممىمىزنىڭ بېشىغا كېلىدۇ. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىر قىسىم چوڭ قىيىنچىلىقلار بىزگە قاراپ كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. كىم بىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم قىيىنچىلىقلار بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا بىزنى ساقلاۋاتقاندۇ. قىينچىلىقنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىش ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىنى ئالداشقا تەسلىم بولغانلىقتۇر.
بىراق شۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەككى، تارىخ، ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، بەدىنىنى يەر ئاستىغا تىقىۋەتكۈدەك زور تۇسالغۇلارغا يۇلۇقۇپ تۇرۇپمۇ، بۈيۈك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ئىنسانلارنىڭ مىساللىرى بىلەن تولغان. مۇسا (ئەلەيھىىسسالام) كىكەچ ئىدى، بىراق ئۇ خۇدانىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللاندى. ئابراھام لىنكولىن كۈلپەتلىك بالىلىق چاغلىرىنىڭ، چۈشكۈنلۈكنىڭ، ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ۋە ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدىكى تۈگىمەس مەسخىرە قىلىنىشنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ئاخىرى بۈيۈك پرېزىدېنتقا ئايلاندى. خېلېن كىلېر تۇغما گاس، گاچا ۋە قارغۇ بولۇشىغا قارىماي، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى. فرانكلىن رۇزۋېلىت بالىلار پارالىچى ئىدى.
يەنە سان-ساناقسىز مىساللار بار. بۇلار پەقەت جاپا-مۇشەققەت تارتىپلا قالماستىن، بەلكى قىيىن شارائىتلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە قىممەتلىك ساۋاقلارغا ئىگە بولغان ۋە ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالىغان كىشىلەردۇر.
2018- يىلى 18- سىنتەبىر، ئىستانبۇل