2020-يىل 22-دېكابىر

بىز تېخىچە ھېسسىي مىللەتمۇ؟

By Oychan

ئويچان

 

ئۇزۇندىن بۇيان، ئەقلىي بولمىغان بىر خىل شەكىلدە، سۈكۈت ۋە قورقۇنچ ئىچىگە بەنت بولدۇق. ئوخشاشلا يەنە ئەقلىي بولمىغان بىر خىل شەكىلدە، بۇ سۈكۈتنى بۇزۇشقا تېرىشىپ كەلدۇق. بىر بولسا، سۈكۈت دېڭىزىغا غەرق بولدۇق، يەنە بىر بولسا، ۋۇلقاندەك پارتلاپ چىقىپ، «تەۋەككۇل» دەرياسىغا ئۆزىمىزنى ئاتتۇق. شۇڭلاشقىمۇ، بىر ئۆمۈر خىتايغا ئىشلەپ، مىت قىلالماي دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، «بىلمەپتىمەن» دەپ شېئىر يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن «رەھبەرلىرىمىز»؛ ۋەتەننى خىتايغا تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ، ئافغانىستان، ئىراق ۋە سۈرىيەلەردە، بەدەنلىرىگە بومبىلارنى تېڭىپ، ئۆزىنى قۇشۇپ پارتلاتقان «ئوغلانلىرىمىز» بار.

ۋەتىنىمىز كومېنىست خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىر بولسا، شەرتسىز بويسۇنۇپ، سۈكۈت قىلدۇق. يەنە بىر بولسا، قەتئىي قارشى چىقىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ كويىدا بولدۇق. مەيلى سۈكۈت يولىنى تاللىغانلارغا بولسۇن ياكى قارشىلىق يولىنى تاللىغانلارغا بولسۇن، بىر خىل ھېسسىيلىق ھەمرا بولۇپ كەلدى. قورققانلار ياكى ئېھتىيات قىلغانلار، شۇ قەدەر سۈكۈت قىلدىكى، بۇ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئۇيغۇر ئەمەلدارلار، زىيالىلار ۋە ئۆلىمالار ئىچىدە،  ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن، ھەق گەپ قىلغان ۋە شۇ يولدا قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى سانىساق، ئون بارماق ئېشىپ قالىدۇ. قارشىلىق يولىنى تاللىغانلار ئىچىدىمۇ، تەكلىماكاننىڭ خىلۋەت بىر بۇرجىكىدە تۇرۇپ، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن خەۋەرسىز ھالدا،  بىر قوزغىلاڭ بىلەنلا دۆلەت قۇرۇش، ھەتتا «خىلاپەت قۇرۇش» ئارزۇسىدا بولغانلار ئاز ئەمەس. دېمەك، ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن، مەۋجۇت شارائىتتىن پايدىلىنىپ، غايە يولىدا تەمكىن ئىلگىرلەش ئورنىغا، بىر بولسا، خىتاينى ئالامەت چوڭ بىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھېچ ئىش قىلماي يېتىۋالدۇق. ھەتتا خائىنلىق ۋە مۇناپىقلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزدۇق. يەنە بىر بولسا، خىتاينى تۇنىماي، كۆزگە ئىلماي، ھە دېسە قاراملىق قىلدۇق.

بۇ سەۋەبتىن، ئىككى تەرەپتىن زىيان تارتتۇق. بىرى،  خەلقىمىزنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى بىلەن تۈۋەن قاتلىمى ئارىسىدا غايەت زور ھاڭ شەكىللەندى. قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھە دېگەندە، تۈۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ئەقلىي بولمىغان شەكىللەردە قاراملىق قىلىشى ۋە يۇقۇرىي قاتلامدىكىلەرنىڭ ئەقلىي بولمىغان شەكىلدە سۈكۈت قىلىشى بىلەن داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا، سانسىزلىغان پىداكار ياشلىرىمىز ئەمەلدارلىرىمىز، ئۆلىمالىرىمىز ۋە زىيالىلىرىمىزنىڭ قوللىشى ۋە يىتەكلىشىدىن خالىي ھالدا كۆرەش قىلىپ قۇربان بولدى. ئەمەلدار، ئۆلىما ۋە زىيالىي بىلەن ئاۋام، بولۇپمۇ پىداكار ياشلار ئارىسىدىكى بىر ئارىغا كىلەلمەسلىكنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولسىمۇ، بىراق، بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە ھېسسىيلىقنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇيغۇر ئەمەلدارلار، ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلارنىڭ خەلقىمىز ئۇچرىغان زۇلۇملارغا شۇ قەدەر  سۈكۈت قىلىشىنى ھېچقاچان ئەقلىيلىكتىن بولغان دېيەلمەيمىز. بۇ سۈكۈتنىڭ كەينىگە خىتايدىن قارغۇلارچە ئېھتىيات قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ تەقدىرىدىن ئەسەبىيلەرچە ئەنسىرەشتىن ئىبارەت بىر خىل ھېسسىيلىق يۇشۇرۇنغان. ئوخشاشلا، پىداكار ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ شۇ قەدەر جاسارىتى ۋە قاراملىقى ئالدىدىمۇ ھەيران بولماي تۇرالمايمىز. بۇ قەدەر جاسارەت ۋە پىداكارلىققا ئازراق ئەقلىيلىك قۇشۇلغان بولسا دەپمۇ قالىمىز. دېمەك خەلقىمىزنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر ئەقلىي بولمىغان دەرىجىدە سۈكۈت قىلىپ، تۈۋەن قاتلىمىدىكىلەر ئەقلىي بولمىغان بىر شەكىلدە سۈكۈتنى بوزۇپ بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق. يۇقۇرى قاتلامدىكىلەر مۇشۇنداق سۈكۈتنى تاللاش بىلەن «خائىن، مۇناپىق ۋە جان باقار»… دېگەندەك ناملارغا ئېرىشىپ كەلدى. تۈۋەن قاتلامدىكىلەر، بولۇپمۇ پىداكار ياشلىرىمىز ئۆز ئالدىغا سۈكۈتنى بۇزۇشنى تاللاش بىلەن «ئەسەبىي، تەنتەك ۋە قىززىققان»… دېگەندەك ئەيىپلەشلەردىن خالىي بولالمىدى. ئىشقىلىپ، خىتايغا قارشى ئۇمۇمىي بىرلىك سەپ ھاسىل قىلالمىدۇق. ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلالمىدۇق. نەتىجىدە، بار يوق پايدىنى خىتاي ئالدى. بىز قۇرۇق قالدۇق. ئەمەلدارلىرىمىز، ئۆلىمالىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز ھەتتا بايلىرىمىز تاتلىق جانلىرىنى شۇنچە ئاۋايلاپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا ئامان قالمىدى. خىتاي ئۇلارنى بىر-بىرلەپ، ئاستا-ئاستا يۇقاتتى. پىداكار ئەزىمەتلىرىمىز شۇنچە قۇربانلارنى بېرىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا ھالىمىزدا ھېچبىر ياخشىلىنىش بولمىدى. ئەكسىچە، كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ھەممىمىز ئەقلىمىزنى ئىشلەتمەي، ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، خىتايلار ھەر قاچان ئۆز يېغىمىزدا ئۆزىمىزنى قورۇپ كەلدى.

يەنە بىرى، نۇرغۇن تارىخىي پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. ھېسسىيلىقىمىز تۈپەيلىدىن 1930 ۋە 1940- يىللاردىكى تارىخىي پۇرسەتلەرنى تۈگۈل، 1980 لەردىن كېيىنكى نىسبىي پۇرسەتلەرنىمۇ تۇتالمىدۇق. مەسىلىلەرگە ھە دېسە ھېسسىيات بىلەن مۇتلەقلەشتۈرۈپ مۇئامىلە قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان نىسبىي ئىمكانلار كۆزىمىزگە كۆرۈنمىدى. بىر بولسا، مەۋجۇت رېئاللىققا تەلتۈكۈس تەسلىم بولدۇق. بىر بولسا، مەۋجۇت رېئاللىقنى قارا-قۇيۇق ئىنكار قىلدۇق. خىتاي ئۈچۈن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقانلىرىمىز بىلەن ۋەتەننى تاشلاپ ھىجرەت قىلىپ چىققانلىرىمىزغا قارىساقلا، بۇنى كۆرەلەيمىز. دېمەك، بىرىلىرىمىز مەۋجۇت رېئاللىققا تەلتۈكۈس تەسلىم بولدى ۋە ئىززەتنى خىتاينىڭ قوينىدىن ئىستىدى. يەنە بىرىلىرىمىز، مەۋجۇت رېئاللىقنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىززەتنى چەتئەلدىن ئىزدىدى. ھالبۇكى، ھەقىقىي ئىززەتنىڭ نە خىتاينىڭ قوينىدا، نە چەتئەلدە ئەمەس، ئۆز ۋەتىنىمىزدە ۋە چەكلىك بولسىمۇ شۇ ۋەتەندە قىلىۋاتقان كۆرەشلەردە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن. ياتئەلدىكى ھېچبىر مۇھاجىرنىڭ ۋەتەن تۈرمىلىرىدىكى بىر مەھبۇستىن ئەزىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. پەقەت شۇلارغا قارىغاندا، كۆپرەك ئىمكانىيەتكە ۋە ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنمىز، ئىززەتكە ئەمەس.

2016-يىلى يازدا تۈركىيەگە كەلدىم. قارىسام، ۋەتەندىن ئايرىلغىلى بىر قانچە يىل بولغان، بىر يەرلەرگە قاراپ ھىجرەتكە ئاتلانغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدا ياشاۋېتىپتۇ. بۇلارنىڭ تولىسى شۇنچە خەتەرلەرگە قارىماي، تايلاند ۋە مالايسىيا… دېگەندەك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن كىشىلەر ئىكەن. 2015-يىلى يازدا، ۋەتەندە پاسپورت قۇيۇۋېتىلگەندىن كېيىن، تۈركىيەگە كېلىپ بۇ سەپكە قۇشۇلۇۋاتقانلارمۇ خېلى بار ئىدى. بۇلار بىلەن ئاز-تولا ئارىلىشىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىم. بۇلار بەكلا ئېھتىياتچان ئىدى. ئالدىراپ باشقىلارغا ئىشەنمەيتتى. نامايىشقا چىقىشتىن، بولۇپمۇ كامېرالارغا چۈشۈپ قېلىشتىن قاچاتتى. گۇيا نەلەرگىدۇ كېتىپ، شاھادەت شەربىتىنى ئېچىپ، دۇنيادىن ئۈن-تىنسىز كېتىۋېلىشنى ۋە «ۋەدە قىلىنغان جەننەت»كە كىرىۋېلىشنى خىيال قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. بولمىسا، مەن تۇنۇيدىغانلىرى «نامايىش قىلىش خاتا» دەيدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى. ئەگەر بۇلار نۇرمال يوللار بىلەن ئۇقۇش، ساياھەت ياكى تىجارەت ئۈچۈن چىققان كىشىلەر بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا، بۇ خىل ئېھتىياتنى تامامەن توغرا چۈشۈنۈشكە بولاتتى. ھالبۇكى بۇلار شۇنچە خەتەرلەرگە قارىماي، ئاللاھ يولىدا مېلى ۋە جېنىنى تېكىپ ھىجرەت قىلىپ چىققان، ھەر ۋاقىت ئۆلۈمگە تەييار تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئىدى. سورىسام، ئائىلىسىدىكىلەرگە خەتەر يىتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن. بىراق، تولىسى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.  ئەينى چاغدا، بۇ خىل ئېھتىياتنىڭ ئەقلىيلىكىدىن گۇمانلانغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئۇلارنىڭ تۇلىسى نامايىشلاردا ئاكتىپ رول ئېلىۋاتىدۇ. كامېرالارغىمۇ چىقىپ بولدى.

2017-يىلى يازدا، «مىسىر ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ۋەقەسى» يۈزبەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ پىلانلىغان بۇ سۇيقەستنى دۇنياغا ئىلان قىلىش ئۈچۈن، تاراتقۇلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق. مۇخبىرلار تەييار ئىدى. مەيلى مىسىردا بولسۇن، مەيلى ئىستانبۇلدا بولسۇن، زىيارەتنى قۇبۇل قىلىدىغانغا تۈزۈك ئادەم تاپالمىدۇق. بالىلار قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، تۇلىسى كامېرالارغا چىقىش تۈگۈل، نامسىز ھالەتتە ئەھۋالنى سۆزلەشنىمۇ رەت قىلاتتى. مىسىردا قالغانلارمۇ، تۈركىيەگە ئامان-ئىسەن كېلىۋالغانلارمۇ، ئوخشاشلا ئۆزلىرىنى خىتاينىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئاران قايىل قىلغان بىر قانچە بالىلارمۇ تۇرۇپ يېنىۋالاتتى. خىتاينىڭ قولىدىن قېچىۋاتقان ياكى قېچىپ قۇتۇلۇپ بولغان بۇ بالىلارنىڭ، يەنە شۇ خىتاينىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ كېتىشلىرى ماڭا ھېچ ئەقلىي تۇيۇلمىغانىدى. ئاخىرىدا، ناھايىتى ئاز ساندىكى بالىلارنىڭ «پىداكارلىق» قىلىشى بىلەن مەزكۇر ۋەقەنى پۈتۈن دۇنيا بىلگەن بولدى. ئەينى چاغدا، شۇنچە خىزمەت ئىشلىسەممۇ، زىيارەتنى قۇبۇل قىلىشقا ئۇنىمىغان بەزى بالىلار، ھازىر نامايىشلارنىڭ ئالدىنقى سېپىنى قولدىن بەرمەيدىغان بولۇپ كەتتى. يەنە بەزىلىرى ئاللىقاچان ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى. ھازىر چاقچاق قىلىپ «ئەمدى مۇخبىر تاپسىڭىز، نەگە دېسە شۇ يەرگە بېرىپ سۆزلەيتتۇق. قورقمايدىغان بوپ كەتتۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاخبارات قىممىتى تۈگىگەنىدى.

ھازىرمۇ ئەتراپىمدا مەن تۇنۇيدىغان بىر قىسىم بالىلار بار. ئائىلىسىدە ئەنسىرىگۈدەك ھېچكىم قالمىغان. تۇتۇلىدىغانلىرى تۇتۇلۇپ، بولغۇلۇق بولۇپ بولغان. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئەھۋاللارنى ئاشكارلاشنى خالىمايدۇ. نېمىشقا دەپ سورىسام، ئەقلىي بىرەر جاۋابىمۇ يوق. ئىشقىلىپ، تاراتقۇلارنىڭ بىلىشىنى خالىمايدۇ. «نۇمۇس» قىلامدۇ ياكى… بىلمەيمەن. ئۇزۇندىن بۇيان قورقۇنچ ئىچىدە ياشاپ كەلگەچكىمۇ، كۆپىنچىمىز مەيدانغا چىقىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قاپتىمىز. شۇڭا، ئەقلىي بىرەر سەۋەبى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، نېمىلەردىندۇ ئېھتىيات قىلىپ قالىدىكەنمىز. ئۇزۇن مەزگىللىك زۇلۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىك ئاسارەتتىن ئاسان قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمىز.

بۇ جەھەتتە، يېقىندىن بۇيان قازاقلارنىڭ دادىللىق بىلەن خىتايلارنىڭ زۇلۇمىنى پاش قىلىشى مېنى يەنە ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئەمەلىيەتتە، ۋەتەندىكى قازاقلار بۈگۈنگىچە، بىز ئۇچرىغانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ باققىنى يوق. مانا بۈگۈن، ئاز تۇلا زۇلۇمغا ئۇچراپ بولغۇچە، كەينى-كەينىدىن ۋېدىئولارغا چىقىپ شىكايەت قىلىشقا باشلىدى. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم. ئەجىبا بىز قازاقلاردىنمۇ بەكرەك قورقۇنچاقمۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەسكەنمىز بولمىسا. قارىسام، شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋاسىنى بىز قىلىۋېتىپتىمىز، قازاقلار ئەمەس. ئۇنداقتا، بىز نېمىشقا ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى دادىل ئېكرانلارغا چىقىپ پاش قىلىشتىن قورقىمىز؟ بىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئۇلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېىغىر تۇرسا. يەنىلا ئەقلىي بولمىغان بىر خىل ئەندىشە بىزنى تۇسۇپ قۇيۇۋېتىپتۇ. بەلكىم، قازاقلار تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق بىر مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولغاچ، دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقالىغاندۇ. بەلكىم بىز تۇلا ئوتتۇرىغا چىقىۋېرىپ، مىجىلىپ كەتكەن بولغاچ، سۈكۈت ئىچىگە چۆكمە بولۇپ كەتكەندىمىز. گەرچە زۇلۇم غۇرۇر ۋە ئىنكاس سىستېمىمىزنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل «ئۇلۇغ سۈكۈت» ھېچ ئەقلىمدىن ئۆتمەيدۇ. ئەقلىي سەۋەبى بارلارنى توغرا چۈشەنگۈلۈك، ئەمما ھېچ ئەقلىي سەۋەبى يوقلارنى نېمە دېگۈلۈك.

بىر-ئىككى ئاي ئىلگىرى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار سۈرىيە چېگراسىدىكى ھاتاي شەھىرىگە بېرىپ تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى. بۇ تۇلىمۇ ئەقلىي ۋە ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئىدى. بىراق، پائالىيەت جەريانىدا، بىر قىسىم «ئەزىمەتلىرىمىز» «شوخلۇق»  قىلىپ، تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرالى بىلەن خىتايغا «جەڭ ئىلان قىلدى». بۇ ۋېدىئو چاقماق تېزلىكىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تور سەھىپىسىنى بىر ئالدى. بەزى قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭ يامان تەسىرىدىن ئەنسىرەپ گەپ قىلسا، خېلى كۆپ كىشىلەر، ھەتتا خېلى «بىلەرمەن» كىشىلەر تەرىپىدىن «خائىن، خىتاينىڭ جاسۇسى»غا چىقىرىلىپ ئۆلگۈردى. بەزىلەرنىڭ ھاياجىنى يۇقۇرى پەللىگە چىققانىدى. ئاقىۋەت ئەنسىرىگەن ئىش بولدى. بۇ ۋېدىئۇ تۈركىيەدە يامان تەسىر پەيدا قىلدى. پۇرسەت كۆتۈپ تۇرغان خىتايلار بىلەن تۈركىيەدىكى سولچىلارغا ئوبدانلا باھانە بولۇپ بەردى. ئارقىدىن، بەزى چوڭلىرىمىزمۇ ئۇيغۇرلارنى «خىتاينىڭ سۇيقەستى»دىن ئاگاھلاندۇرۇشقا باشلىدى. ئىشقىلىپ، مۇنداقلا قىلىنغان بىر «شوخلۇق»، تۈركىيەنىڭ ئىچ سىياسىتى، خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن تارتىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى «سۇيقەست» ۋە «سۇيقەستتىن ئاگاھلاندۇرۇش» ماجرالىرىغىچە، بىر مۇنچە ئىشلارغا تەسىر كۆرسەتتى. مانا بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا، بۇ ئىش ئۈچۈن، ئەردۇغان شىجىنپىڭغا «چاي قۇيۇپ ئۆزرە ئېيتتىمىكىن» . ئىشقىلىپ، خىتاي بېسىم قىلدى بولغاي، «شوخلۇق» قىلغان «ئەزىمەتلەر» ھازىر قولغا ئېلىندى. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئاكىمىز تۇلا دەيدىغان بىر گەپ بار: ھەر  خاتانىڭ بىر بەدىلى بار.

 

بۇ قېتىم برۇكسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «5000 كىشىلىك نامايىش»تىن كېيىن، تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئاكىمىز بىلەن سالىھ خۇدايارنىڭ «سادالىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ فېيسبۇك سەھىپىلىرىنى بىر ئالدى. بۇنىڭغا بەك ھەيران قالمىدىم. قارىسام، تۇغلۇقكام ۋەتەنسىز ياشىنىپ قالغان بىر كىشى ئىكەن. سالىھ بولسا ۋەتەن دەردىدە پەرۋانە بولغان بىر يىگىت ئىكەن. بۈگۈنكىدەك، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان يۇقۇرىي بېسىملىق زۇلۇم ئاستىدا، پىسخىك جەھەتتىن ساغلام ئۇيغۇرلار ئاز دەپ ئويلايمەن. (راستىمنى ئېيتسام، ئۆزۈممۇ پارتلىيالماي قالغانلاردىن بىرى  ئەسلىدە). شۇڭا، ئۇ كىشىلەرگە، ئۇ ۋېدىئولارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھادىسىلەرگە باھا بېرىپ ئولتۇرمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاممىۋىي پائالىيەتلەردە بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئانچە ھەيران قېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بىراق، بۇ ئىشقا بولغان قىزىقىش، بۇ كىشىلەرگە تۇتۇلغان پوزىتسىيە ۋە مەزكۇر ۋېدىئولارغا بىرىلگەن باھالار… مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. بەلكى چۆچۈدۈم دېسەممۇ بولىدۇ.

قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى. سالىھ خۇدايارنىڭ ئامېرىكىدىكى نامايىشتا چىققان «تاماشا»دىن كېيىن يوللىغان بىرىنچى ۋىدېئوسى بۈگۈن (يەنى 2018-يىلى، 06-ماي)غىچە 10 مىڭ قېتىم كۆرۈلۈپتۇ. 437 ئىنكاس چۈشۈپتۇ. 135 قېتىم ھەمبەھىرلىنىپتۇ. 308 باشمالتاق، 79 يۈرەك ئىپادىسى بېرىلىپتۇ. سالىھ خۇدايارنىڭ ئىككىنچى ۋىدېئوسى بولسا، كۆرۈلۈش قېتىم سانى: 11 مىڭ، چۈشكەن ئىنكاس: 571، ھەمبەھىرلەش: 184، باشمالتاق ئىپادىسى: 308، يۈرەك: 87… قاتارلىق سان-سىفىرلار بىلەن بۈگۈنگە ئۇلىشىپتۇ.

ئەمدى، تۇغلۇقكامنىڭ نامايىش مەيدانىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن توردا تارقاتقان ئۈچ دانە ۋىدېئوسىغا قاراپ باقايلى. نامايىش نەق مەيدانىدا تۇرۇپ سۆزلىگەن بىرىنچى ۋېدىئو بۈگۈنگىچە 6800 قېتىم كۆرۈلگەن. 141 دانە ئىنكاس يېزىلغان. 86 قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن. 183 باشمالتاق ۋە 30 يۈرەك ئىپادىسى قالدۇرۇلغان. نامايىشتىن كېيىنكى، تۇنجى «ھەقىقەتنى سۆزلەش» ۋېدىئوسى بولسا، بۈگۈنگىچە 4800 قېتىم كۆرۈلۈپ، 190 ئىنكاس، 34 ھەمبەھىرلەشكە نائىل بولغان. قالدۇرۇلغان ئىپادىلەرنىڭ 158 نى باشمالتاق، 31 نى يۈرەك ئىپادىسى تەشكىل قىلىدۇ. تۇغلۇقكامغا بولغان قىزىقىش، ئىككىنچى «ھەقىقەتنى سۆزلەش» ۋىدېئوسى بىلەن تېخىمۇ ئاشقان. ئىككىنچى سان «ھەقىقەتنى سۆزلەش» ۋىدېئوسى بولسا، 6200 قېتىملىق كۆرۈلۈش، 179 ئىنكاس، 58 ھەمبەھىرلەشكە ئېرىشىپتۇ. يەنە بۇ ۋىدېئوغا، 175 باشمالتاق، 62 يۈرەك بېرىلىپتۇ. ئادەتتە، ئىلمىي ياكى مۇھاكىمە ماقالىلىرى تۈگۈل، خېلى-خېلى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنچىلىك «ئالقىش»قا سازاۋەر بولۇشى تەس. (ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى چاچماسلىق ئۈچۈن، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ھادىسە ۋە ۋىدېئولارغا ئائىت تور ئۇلىنىشلىرىنى بۇ يازمىغا قىستۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. قىززىققۇچىلار ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ).

مانا بۇ، تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىش ۋە بىزنىڭ بۇ ئىشقا قايتۇرغان ئىنكاسىمىز. «جىدەل چىقىپتۇ» دېسە يۈگۈرەيدىغان ئادىتىمىز باتتى. شۇڭا كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى توغرا چۈشەندىم. ئەمما، بۇ ۋىدېئولارغا ياغقان ئالقىش، بىرىلگەن باشمالتاق ۋە يۈرەكلەرگە قاراپ گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدىم. گۇيا ئىككى ئارتىس ئۇيۇن قۇيۇۋاتقان، نۇرغۇن كىشىلەر تاماشا كۆرۈۋاتقاندەك تۇيۇلدى. قارىسام، بۇ ئالقىش ياغدۇرغان، باشمالتاق ۋە يۈرەك ئىپادىسىنى باسقانلار ئىچىدە، خېلى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزمۇ بار ئىكەن. بەلكىم بىر يەرلىرى كۆڭلىگە ياققاندۇ دەپ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ، ئىنسان بىر ئىشنى تۇلۇق توغرا دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر تەرىپىنى توغرا دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. بىراق، ئامېرىكىدىكى خېلى «سەۋىيىلىك» ئىككى ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئوينالغان، ئامېرىكا-ياۋرۇپا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر مۇنچە «سەۋىيىلىك ۋە سەۋىيىسىز» ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «قىزغىن ئالقىش»قا ئېرىشكەن بۇ ئويۇنلار مېنى يەنە بىر قېتىم ئويغا سېلىپ قويدى. نەتىجىدە، بىر ئويچانلىقىمنى ئىككى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، يەنە ئويلاپ قالدىم. بىز تېخىچە ھېسسىي مىللەتمۇ…؟

 

2018-يىلى، 06-ماي، تۈركىيە