بىز كىم
ئويچان
مۇشۇ كۈنلەردە بەزىلەر ئۇيغۇرنى تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىق خۇسۇسىيىتىدىن تامامەن ئايرىپ «ساپ» ئۇيغۇر قىلىشنىڭ ئويىدا؛ يەنە بەزىلەر بۇ «ساپ» ئۇيغۇرلارنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان قىلىشنىڭ كۇيىدا. بۇنىڭ ئورنىغا ۋەتەندىكى قىرغىنچىلىقنى سۆزلىسەكچۇ؟ ئىچكى نىزا ۋە تاپا-تەنىگە ئاجراتقان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى خىتتاينىڭ زۇلمىنى پاش قىلىشقا ئىشلەتسەكچۇ؟
باشنى يارغان بىلەنمۇ ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تۈرك، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن مۇسۇلمان بىر مىللەت. ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي داۋاسىنى پان تۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزمدىن يىراق تۇتۇش كېرەك. بىراق تىل ۋە دىن جەھەتتىنمۇ تۈركلۈك ۋە ئىسلامنى ئىنكار قىلىش قۇياشنى ئىتەك بىلەن ياپماقچى بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرنى تۈركلۈكتىن ۋە مۇسۇلمانلىقتىن ئايرىپ «ساپلاشتۇرۇش» دېگەنلىك ماھىيەتتە ئۇيغۇرنى يۇقۇتۇش دېگەنلىكتۇر. خىتتاي ۋەتەندە ئۇيغۇرنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن دەل مۇشۇنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تۈركىي مىللەت بولۇشى ئاللاھنىڭ تەقدىرى، مۇسۇلمان بولۇشى ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى، رەھمىتى. بۇنىڭ تانغۇدەك نەرى بار؟
مەن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ باققان ئىدىم. فورمۇلا مۇنداق ئىدى:
يۇقۇرىدىن تۈۋەنگە: ئىنسان- مۇسۇلمان- تۈرك- ئۇيغۇر- ئىنسان.
تۈۋەندىن يۇقۇرىغا: ئىنسان- ئۇيغۇر- تۈرك- مۇسۇلمان- ئىنسان.
قارىساڭلا، ھەر ئىككى رەتنىڭ بېشىدىمۇ، ئاخىرىدىمۇ ئىنسان دېگەن سۆز بار. دېمەك، ھەممىدىن بۇرۇنمۇ، ھەممىدىن كېيىنمۇ ئىنسانكەنمىز.
ئۆزىگە ئىشىنىش ماھىيەتتە ئۆزىدىكى قىممەتلەرگە ئىشىنىشتۇر. ئۆزىگە ئىشىنىش يىمىرىلگەندە، ئىنسان ئۆزىدىكى قىممەتلەرنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئەسلى-ۋەسلىدىن تېنىشقا باشلايدۇ. تارىختا قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلىقىمىز ئەمەلىيەتتە تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىق ئاساسىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىمىزدىن تەشكىل تاپقان. بۇ ئىككى ئاساسنى يوق قىلىپ، «ساپ» ئۇيغۇرلۇقنى بەرپا قىلىمەن دېيىش خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزىنى ياراتماي كېسىۋېتىپ، گۈزەل يۇپۇرماقلىرىنى ساقلاپ قالىمەن دېگەندەكلا ئەخمەقلىق.
ھەر قاچان ئوڭچىللىق سولچىللىقنى، سولچىللىق ئوڭچىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، رادىكال دىنسىزلىق رادىكال دىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۈگۈن بولسا رادىكال دىنچىلىق رادىكال مىللەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، رادىكاللىق خاتا ۋە زىيانلىقتۇر. بىز ئەرەبلەشمەي مۇسۇلمان بولالىغاندەك، مۇسۇلمان بولۇپمۇ ئۇيغۇر بولالايمىز.
قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ھەم تۈرك ھەم مۇسۇلمان بىر مىللەت. شەخس بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتەلەيسىز. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكى ئۆزگەرمەيدۇ. تۈركىي تىللىق خەلق ئىكەنلىكىڭىزنى ئىنكار قىلىشىڭىز ئىمكانسىز. چۈنكى كوللېكتىپ كىملىكنى تاللىغىلى بولمايدۇ.
باشقىلار نېمە دېسە دېسۇن ، مەن ئۇيغۇر، مەن تۈرك، مەن مۇسۇلمان. بىراق، مەن پان تۈركىست ئەمەس، پان ئىسلامىزمچىمۇ ئەمەس، بەلكى ھەممىدىن بۇرۇن ۋە ھەممىدىن كېيىن بىر ئىنسان.
2018- يىلى، 25- نۇيابىر، ئەنقەرە