سىياسىي ساھەدە ئامماپەرەسلىك
ئويچان بىر سىياسەتچى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە ئوتتەك ھېسسىياتنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما يىتەرلىك ئەمەس. چۈنكى خىلۋەتتە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بىر زاھىدنىڭ ياكى تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەن بىر راھىبنىڭ ئېتىقادى ۋە ھېسسىياتى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە تېخىمۇ چىن. بىر سىياسەتچىدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى جەمئىيەتتىكى چېچىلغان كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئالدىغا نۇقۇل ئېتىقاد ۋە ھېسسىياتنى كۆتۈرۈپ […]