Author: Oychan

2020-يىل 23-دېكابىر

يېڭى كىيىم

ئويچان   كېچىكلىكىمدىن ئائىلىمىزنىڭ ئەركە بالىسى ئىدىم. دادام نېمە دېسەم شۇنى ئېلىپ بىرەتتى. ئائىلەممۇ مەھەللىگە نىسبەتەن باي ئائىلىلەر قاتارىغا كىرەتتى. ئىشلەشتىمۇ تازا ئىشلەپ قۇياتتۇق. ئىشلىگەنگە چۇشلۇق پۇلنى خېلى ئازادە خەجلەيتتۇق. دادام تاپقان تەرگەننى يىغىدىغان كىشى ئەمەس ئىدى. پۇل دېسەك چۇپەيلىك قىلماي بېرىۋىرەتتى. بىزمۇ بەردى دەپ بۇزۇپ چاچمايتتۇق. تۇرمۇشتا ۋە دېھقانچىلىقتا قوللىنىلىدىغان پۈتۈن ئەسۋابلار بىزنىڭ ئۆيدىن تېپىلاتتى. ئۆيىمىزگە قۇلۇم – قۇشنىلارلا ئەمەس، باشقا مەھەللىلەردىنمۇ ئۇنى بۇنى […]

2020-يىل 23-دېكابىر

«ۋۇخەن» ۋىرۇسى: قانداق قىلغاندا ساقلانغىلى بولىدۇ؟

LAURIE GARRETT  (ئويچان تەرجىمىسى)   يېڭى بايقالغان ۋۇخەن تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ (coronavirus) خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا يامرىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئەندىشە ۋە قورقۇنچمۇ ئېشىۋاتىدۇ. ۋىرۇسنى تىزگىشلەش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋىي قاتناشنى توختىتىش ۋە سەپەر قىلىشنى چەكلەش… قاتارلىق بىر يۈرۈش قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇشى دائىرىلەرنىڭ ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مۇخبىرلار ۋە خىتايدىكى ئاممىۋىي سەھىيە خادىملىرى مەندىن «ئۆزىمىزنى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمىزنى قانداق قىلغاندا ۋىرۇستىن ساقلاپ قالالايمىز؟» دېگەندەك […]

2020-يىل 23-دېكابىر

نامايىش: ھاياجان ۋە قىزغىنلىق

-برۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «5000 كىشىلىك نامايىش» جەريانىدا ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم   ئويچان   2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەت تارىخىدا، ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر، ئەركىنلىك ئۈچۈن، ياۋرۇپانىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان بىلگىيە پايتەختى برۇسسېلغا يېغىلدى. بۇ قېتىملىق نامايىش ئۇيغۇرلار غەرب دۇنياسىدا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ نامايىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ نامايىش مەيلى […]

2020-يىل 23-دېكابىر

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتلىرى: كۆلەم، سۈپەت ۋە ئۈنۈم

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا   ئاساسىي مەزمۇن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە زۇلۇم-سىتەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى ۋە يۇقۇرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىدىغۇسىز بېسىملىرىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى تۇنۇپ يەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە داۋا سېپىگە قۇشۇلۇپ، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرەش سەپلىرىگە ئاكتىپ قېتىلىشى يىللاردىن […]

2020-يىل 23-دېكابىر

كونيا ساياھىتىدىن خاتىرىلەر

ئويچان   بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئەنقەرەدىكى بالىلار بىلەن كونياغا بىر كۈنلۈك ساياھەتكە بارغان ئىدۇق. ساياھەت ئاساسلىقى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن ئۆتتى. بۇ مەنىدىن بۇنى ساياھەت ئەمەس، «زىيارەت» دېسەكمۇ بولىدۇ. زىيارەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم بىلەن تارتىۋالغان بەزى رەسىملەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي. جالالىدىن رۇمىنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئىش- ئىزلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۆزۈممۇ رۇھىيەتكە مايىل بىرى بولغاچ، تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنى ياقتۇرىمەن. ماددىنىڭ پۈتۈن يۈكلىرىدىن […]

2020-يىل 23-دېكابىر

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى سايلام رىقابىتىنىڭ قۇربانى قىلىنماسلىقى كېرەك

ئويچان   تۈركىيەدىكى پارتىيەلەرنىڭ سايلام يېغىلىشلىرىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ بېرىش، تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە تەرەبدارلىق قىلىش مېنىڭ نەزىرىمدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈۋەن چۈشۈرگەنلىكتۇر. بىزنىڭ داۋايىمىز بىر دۆلەتنىڭ داۋاسى بولغانىكەن، سىياسىي پارتىيە رىقابىتىدىن يىراق تۇرۇپ، پارتىيەلەر ئۈسىتى سىياسەت يۈرگۈزۈش كېرەك. شۇڭا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت خارەكتېرلىق پائالىيەتلەردە ياكى پارتىيە ھالقىغان سىياسىي پائالىيەتلەردە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئۇيغۇن دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بۇ جەھەتتە ئىزچىل […]