2020-يىل 27-ئۆكتەبىر
ۋەيران قىلىنغان ئائىلەم
مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا (گۇۋاھلىق) مېنىڭ ئىسمىم مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خۇتەن ناھىيە، سېغىزكۆل يېزا، ئورنۇش كەنتىدىن. مېنىڭ ئائىلەمدە نەۋرىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەتتە جان بار بولۇپ،ئۇلار دادام، ئانام، ئاچام، مەن ۋە قالغان تۆت ئۇكامدىن ئىبارەت. بىز ئالتە بالا بولۇپ، مەن بالىلارنىڭ ئىككىنچىسى. مېنىڭ بىر ئاچام ۋە تۆت ئۇكام بار. مەن ھازىر تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش شەھىرىگە جايلاشقان «سۈتچى ئىمام» ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ماگېستىرلىقتا […]